ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم،مىسرانىم مۇنبىرىدىكى ئەزىزلەر ، ھەممىڭلار سالامەت تۇردۇڭلارمۇ؟مۇنبەردىشىڭلار مۇسىلىنەدىن سىلەرگە ئالىي ئېھتىرام، ھەممىڭلارنىڭ تېنى سالامەت بولسۇن، ئىشلىرىڭلار ئۇڭۇشلۇق بولسۇن، چېھرىڭلاردىن كۈلكىلەر ئۆچمىسۇن،باسقان قەدىمىڭلاردىن گۈللەر ئۈنسۇن. ئەمدى مەقسەتكە كەلسەك ،خىزمەتلەرنىڭ ئالدىراشلىقى،شەنبە –يەكشەنبە كۈنلىرى بولسا توي –تۆكۈن،قائىدە –رەسمىيەتلەرنىڭ كۆپلىكى تۈپەيلىدىن خېلى بوپتۇ مۇنەردە مۇشائىرە سورۇنى ھازىرلاپ باقمىغىلى،بۈگۈن مۇشائىرە سېغىنغانلار كۆڭۈل ئۈنچىلىرىمىزنى چېچىشقان ھالدا، مۇشائىرە قىلىشايلى دېگەن مەقسەتتە بۇ سورۇنىنى ھازىرلىدىم،قېنى ئەمسە،مۇشائىرەگە مەرھەمەت قىلايلى....
ئۇنتۇلدى سۆيگەن ،سۆيۈلگەن لەۋلەر، دىللارنى ئۆرتىدى ئاتەشلىك پىراق. ئۆتمۈشكە ئايلاندى شېرىن سۆيگۈلەر، يىراقلاپ كەتتى ،كەتتى بەك يىراق.
ئەركەكسەن ،ياشىغىن ھەقىقىي ئەردەك ، ۋىجدان ۋە غۇرۇرنى يار قىل ئۆزۈڭگە. قەلبىڭگە ئۇلۇغۋار مەقسەتلەر پۈكۈپ، ئىلگىرلە تېخىمۇ ئالغا مەردانە.
ئەسكەرتىش : يۇقارقى ئىككى كۇبلىت شېئىر ئايرىم مەزمۇننى ئىپادىلەيدىغان شېئىرلاردۇر، مۇشائىرە قائىدىسى كۇبلىتلارنىڭ ئاخىرقى مىسراسى باش مىسرا قىلىنىپ باشلىنىدۇ، ئىختىيارى قىلغانلار ئۆزلىرى خالىغان شېئىرلارنى قوشۇپ مۇشائىرەنى داۋاملاشتۇرسا بولىۋېرىدۇ، قېنى ئەمسە ، مەرھەمەت... مېنى نائۈمىتتە قويمىغايسىلەر....
مەنبە : كۆڭۈل ئۈنچىلىرىم بۇ يازمىنى ئاخىرىدا musilina تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-11-15 10:55 PM
|