ئاجراشقىنىم ئاجراشقان
ناخشا تېكىستى
بىر ئەركەكتىم تەقى - تۇرقۇم قاملاشقان ،
شۇڭا مەن سەن ئۆز-ئارا ھەم تاللاشقان ،
ئىككىمىزدىن ئالدى تەقدىر ئىمتاھان ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان .
ئون يىل بولدى ئۆي تۇتقىلى سەن بىلەن ،
كىچە - كۈندۈز بېشىم ئاغىرىپ غەم بىلەن ،
نۇمۇس قىلىپ چىداپ كەلدىم پەم بىلەن ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان .
ھېرىپ چارچاپ ئىشتىن كەلسەم ئاخشامدا ،
جىدەل قىلىپ قۇلۇڭ ئوينار ياقامدا ،
دۇمباق چالار گاھى نوغۇچ چۇقامدا ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان .
قاتار چاي ۋە ئولتۇرۇشقا مەيلىڭ بار ،
ھەر ئايدا بىر رېستۇراندا چېيىڭ بار ،
ئۆيدە باللار چۇرقىرىشار ئېچىنزار ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان .
دادام ئاپام يوقلاپ كەلسە نەگاھىم ،
سۇنار شۇ كۈن تۆت بەش چىنە يا قازان ،
ئېچىلمايدۇ چىرايىڭمۇ ھىچقاچان ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان .
ئالتۇن كۈمۈش ئۆي بىساتنى سېتىپ يە ،
ماڭا پەقەت ئۈچ بالاملا كۇپايە ،
مەيلى چالاي يوقسۇزلۇقتىن ساپايە ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان ،
ئال خېتىڭنى ئاجراشقىنىم ئاجراشقان .
ئالتۇن كۈمۈش ئۆي بىساتنى سېتىپ يە ،
ماڭا پەقەت ئۈچ بالاملا كۇپايە ،
مەيلى چالاي يوقسۇزلۇقتىن ساپايە ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان .
تاغدىن ئېغىر بولسىمۇ گەر گۇنايىم ،
سىنىڭدەكنى كۆرسەتمىسۇن خۇدايىم ،
قەسىمىمدۇر بۇ نالەمنى ئاڭلىغىن ،
ئەمدى سەندىن ئاجراشقىنىم ئاجراشقان ،
ئال خېتىڭنى ئاجراشقىنىم ئاجراشقان .
بۈگۈن كومپيوتىرىمدا ناخشا ئاڭلاپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىز بۇ ناخشا چىقىپ قالدى ، قىززىق تۇيۇلۇپ قايتا قايتا ئاڭلاپ كىتىپتىمەن ، ئەخمەت ئېلىنىڭ ناخشىسىكەن . تېكىستىنىڭ كىملىكىنى بىلەلمىدىم ، (ئۇسلۇبىدىن قارىسام مۇھەممەتچان راشىدىننىڭكىدەك قىلىدۇ ). سىلەرنىمۇ ئاڭلاپ باقسۇن دەپ مۇنبەرگە ئالغاچ كەلدىم .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا rahmansaykin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-10-17 04:26 PM