ئاكتىپ ئەزا
ئانىلار
تىلىكىدىن بىر ئېرىق ئاقار تىللا ئانىلار ، ئىپادىسى تۇرمۇشقا مەڭگۈ لىللا ئانىلار ، يىڭنىسىدە توختىماي يېشەر سىرلار ئانىلار ، تۆھپىلەردە نوقسانسىز توغرا ئىملا ئانىلار، ۋاز كېچىشتە تاللىنار، پەقەت بىرلا ئانىلار . يەتتە ئەمەس يەتمىشكە بارار < يالغان سۆز> لىرى ، پۈكۈلمەيدۇ كەچمىشكە قوۋۇرغىسى ، تىزلىرى ، يۇلتۇزلاردەك يېلىنجار دائىم چولپان كۆزلىرى ، مىڭ شەرەپكە تۇتىشار ئۇنىڭ باسقان ئىزلىرى ، باياۋانغا تىكىلىگەن شەمشاد ، چىنار ئانىلار . قۇچاقلايدۇ ھاياتنى ، سەھەر ئۇنىڭ سىردىشى ، تىلەكلىرى ھېكىمەت ، باھاسى يوق قاشتېشى ، ئەۋلادىغا تۇتىشار، بالىلىقى – بەش تېشى ، تەڭپۇڭلىقنى ساقلايدۇ ،غورۇرىنىڭ گىر تېشى، بويۇن قىسقان بۇلۇڭغا بېرەر نۇرلار ئانىلار . قورسىقىدا ساقلىغان يەر شارىسى بېخەتەر ، چېچىپ تۇرار دىللارغا ئاي شارىسى مۇئەتتەر، شۇڭا سۆيگۈ باغچىسى شاد ئېچىلىپ پورەكلەر ، قەسىدىلەر ئەركىلەپ، ئەركىن سوقار يۈرەكلەر ، ھېكىمىتى بىر رومان ، ئەركىن قۇرلار ئانىلار . بوسوغىسى ئاپتاپلىق ، مۇقەددەستۇر مېھمىنى ، سۈكۈتىدە تولۇقلار موھتاجلىقنىڭ كېمىنى ، شور قىلمايدۇ بىھۇدە ئەنئەنىنىڭ تېمىنى ، لاۋۇلدىتار ئىشقىدا ھاياتلىقنىڭ شېمىنى ، جاۋاپكارلىق شەرەپتە ئالغا ئۇزار ئانىلار. چۈجىسىگە دان بېرەر ،مېغىزلارنى ھالاللاپ، بۇزۇلمايدۇ شۇڭلاشقا چەمبەرلىرى يامانلاپ ، سەبىرىسىگە سۇ كىرمەس ، كەلسە شەيتان قاماللاپ ، ئەۋلادىنى يېتەكلەر نەپىسىنى سامانلاپ ، يات ئەخلاقنىڭ ھەيكىلنى كەسكىن بۇزار ئانىلار . قەۋمى ئۈچۈن خىسلەتلىك باياۋاندا بۇلاق ئۇ ، ئېتىقانىڭ يىرتىلغان ئەستىرىگە ئۇلاق ئۇ ، ھالاۋەتنىڭ تەپتىگە يىقىنلاشماس ، يىراق ئۇ ، ئۇ ئەۋلادنىڭ بارلىقى ، بۇغداي بىلەن قوناق ئۇ ، مېھمان پانىي ئالەمگە بىر كۈن قونار ئانىلار. تاشلاپ كېتىپ ئاتىمىز، ئاق لېچەكتە قېپ قالدى ، ئۈندەشلىرى كۆپەرەك ۋەسىيەتنى ئېپ قالدى ، ۋاقىتلىرى يىرتىلغان يىڭنە بىلەن يىپ قالدى ، ئانا سۆزى ئۆزگىرىپ< ئەركەك > دىگەن تىپ قالدى ، جەڭگاھىدا بارىگاھ ئەپلەپ قۇرار ئانىلار. ئورۇن تۇتۇپ ياتسىمۇ، جىمجىتلىقنى چىللىماس ، شۈكرى قىلار رىزقىغا، خام –پۈچەكنى ئىلغىماس ، سىناق ئېغىر بولسىمۇ، ھەرگىز بويۇن تولغىماس ، ئاپئاق كېلىپ ئاق كېتەر، ئىمانىنى بۇلغىماس ، يۈز نومۇرلۇق ئەخلاقنى بىزگە سۇنار ئانىلار . داغ بولمايدۇ ھېچقاچان ئائىلىنىڭ كىرلىكى ، بۇزۇلمايدۇ ھېچقاچان ئۆم – ئىناقلىق بىرلىكى ، ناگاھ ،ئەجەل يىقىنلاپ كولانسىمۇ يەرلىكى ، نەۋرىلەرگە قىيالماي سوقۇپ تۇرار يۈرىكى ، تامچە ياشنى كىرپىكى تۇرۇپ تورار ئانىلار. ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن
پاش قىلىش
مەخەتجان
تەجىربىلىك ئەزا
يېتىلىۋاتقان ئەزا
قورسىقىدا ساقلىغان يەر شارىسى بېخەتەر
قورسىقىدا ساقلىغان
ئادەتتىكى ئەزا
نىمە يازىمەن
يىـڭى ئــەزا
ئىنكاس يوللاش ئىنكاس قايتۇرۇپ بولغاندا ئاخىرقى بەتكە قايتىدۇ