 |
 |
 |
 |
ئىسرائىلىيە
The State of Israel
ئىلاھ جەڭچىسى
ئىسرائىلىيەنىڭ تولۇق نامى <ئىسرائىلىيە دۆلىتى >بولۇپ ،ئاسىيانىڭ غەربىدىكى پەلەستىن رايونىغا جايلاشقان.دۆلەت نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدا ئىككى خىل قاراش بار : بىرىنچى ،ئەسلى ئىبرايلار (يەھۇدىلار)قەبىلىسىنىڭ نامى بولۇپ،ئىسرائىل ئىلاھىنىڭ نامىدىن پەيدا بولغان،<ئىنجىل>دا ئېيتىلىشىچە،ياقۇپ يەھۇدىلارنىڭ ئۈچىنچى ئەۋلات ئەجدادى بولۇپ،ئۇ ئاسمان ئىلاھى بىلەن كۈچ سىنىشىپ يېڭىۋالغاچقا ، ئىلاھ <ئىسرائىلىيە>دىگەن نامنى ھەدىيە قىلغان،بۇنىڭ مەنىسى <ئىلاھ جەڭچىسى>ياكى <ئىلاھ بىلەن كۈچ سىناشقان>بولۇپ،ياقۇپنىڭ ئەۋلاتلىرى ئۆزلىرىنى<ئىسرائىلىيىلىكلەر>دەپ ئاتىغان،<ئىسرائىلىيە> دىگەن دۆلەت نامىمۇ شۇنىڭدىن پەيدا بولغان ؛ ئىككىنچى، ئەرەب ئالىملىرى ئىسرائىلىيە سۆزى گانەن تىلى بولۇپ،ئىسھاق ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغلى ئىبراھىم خەلىلوللانىڭ نەۋرىسى ياقۇپنىڭ باشقا ئىسمى، ئۇ <ئىسرا>(قۇل)بىلەن <ئىل> (ئىل ئىلاھى،يەنى بىردىنبىر ئىلاھ) سۆزىدىن تەركىپ تاپقان ،مەنىسى <ئىل ئىلاھىنىڭ قۇلى> بولىدىكەن دەپ قارايدۇ.تارىختىكى ئىسرائىللارنىڭ نامىغا مۇناسىۋەتلىك ئەڭ دەسلەپكى خاتىرە، مىلادىدىن ئىلگىرى 13-ئەسىردە مىسىر شاھى مىللوپوتاھىنىڭ جەڭ غەلىبىسى خاتىرە ئابىدىسى بولۇپ،بويسۇندۇرۇلغان مىللەتلەرنىڭ بىرى سۈپىتىدە تىلغا ئېلىنغان . ھازىرقى ئىسرائىلىيە دۆلىتى غەربىي ئاسىيادىكى پەلەستىن چىگراسى ئىچىگە قۇرۇلغان يەھۇدىلار دۆلىتى بولىدۇ .يەھۇدىلارنىڭ يىراق ئەجدادلىرى قەدىمكى زاماندىكى شام مىللىتىنىڭ تارمىقى بولغان ئىبرايلار بولۇپ،مىلادىدىن بۇرۇنقى 12-ئەسىردە ھەرقايسى ئىبراي قەبىلىلىرى مىسىردىن پەلەستىننىڭ جەنۇبىدىكى رايونلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، بۇ جايدا ئولتۇراقلىشىشقا باشلىغان ،مىلادىدىن ئىلگىرىكى بىرىنچى ئەسىردە رىم ئىمپىرىيىسى يەھۇدىلارنى بويسۇندۇرۇپ،ماككاۋى پادىشاھلىقىنى قۇرۇپ،1مىليوندىن ئارتۇق يەھۇدىنى قىرىپ تاشلىغان،قالغانلىرىنىڭ كۆپ قىسمى پەلەستىندىن ھەيدىۋىتىلىپ،دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقاپ كەتكەن ،1897-يىلى <دۇنيا يەھۇدىلار دۆلىتىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش تەشكىلاتى>قۇرۇلغان.1947-يىلى 11-ئاينىڭ 29-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى پەلەستىننى <بۆلۈپ> ئىدارە قىلىش قارارىنى ماقۇللىغان .1948-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى ئىسرائىلىيە دۆلىتى رەسمىي قۇرۇلغان.1967-يىلى ۋە 1973-يىلىدىكى ئەرەب - ئىسرائىلىيە ئۇرۇشىدىن كىيىن،سۈرىيىنىڭ گىلان ئېگىزلىكى ۋە مىسىرنىڭ سىناي يېرىم ئارىلىنى بېسىۋالغان.1979-يىلىدىكى داۋىد كېلىشىمىگە ئاساسەن سىناي يېرىم ئارىلى مىسىرگە قايتۇرۇپ بېرىلگەن.
ئىسرائىلىيىنىڭ1947-يىلىدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بېكىتكەن يەر مەيدانى15.2 مىڭ كۋادرات كىلومېتىر،ئاھالىسى 6مىليون100مىڭ. %80 يەھۇدىي،قالغىنى ئەرەبلەر ھىسابلىنىدۇ.ئىبراي ۋە ئەرەب تىلى ھۆكىمەت تىلى بولۇپ، ئىنگىلىز تىلىنىڭ ھەم مەلۇم تەسىرى بار . پايتەختى تېل-ئاۋىف ،يېروسالىم. پۇل بىرلىكى يېڭى شېكىل.
مەنبە : دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ نامىنىڭ كېلىش تارىخى .( شىنجاڭ ئۇنۋېرسىتىتى نەشرىياتى نەشىر قىلغان)
كۈندە بىر دۆلەت توغرىسىدا يوللىنىدۇ
|
 |
 |
 |
 |
|