ھايات ھەققىدە غەزەل
مەخمۇت ئاۋۇت ئۆڭمەس
ئامىتى قىسمەتكە قوشماق بۇ ھايات شۇنداق ئەنە،
تۆرۈلۈپ،ياشاپ جاھاندا بار كېلىپ-كەتمەك يەنە.
كەلگىنىڭدە بۇ جاھانغا تۆرىدىن تاپتىڭ ئورۇن،
ئۈنچە تۆكسەڭ مېھنىتىڭدىن داستىخان مولدۇر ئەنە.
كۆكىدە پەرۋاز قىلىشچۈن تەرك ئەمەس يامغۇرچە تەر،
بەس، بولۇپ شەيتانغا تەسلىم خارلىنىپ پىغان يېمە.
شۇڭغىساڭ سۈزمەك گۆھەر بوپ بۇ جاھان دەرياسىدىن،
تون قىلىپ ئەقلى- كالامنى، چىدامدىن ئوتلا يەنە.
رولنى مەھكەم تۇت بوشاشما مەنزىلىڭ سۆيمەي تۇرۇپ،
بول پەخەس كىتۇ-لەھەڭدىن بار ساڭا مۈشكۈل يەنە
.
گاھى تاج، گاھىدا جەندە كىيگۈزەر تەقدىر ساڭا،
گەر تەما قىلساڭ بەختنى چۈشسىكەن كۆكتىن دېمە.
بۇ ئۆمۈر چىقتى كىرەشتىن قاڭقىغان ئوقيا بولۇپ،
كەتسە ئۇ توختاش، يېنىش يوق قايتىلاپ كەلسە دېمە.
چاپتۇرار بولساڭ جاھاندا چىن ھايات تۇلپارىنى،
تويۇنۇپ ئىرپان-ئىلىمدىن كۈچكە تول،غەپلەت يېمە.
خۇشچىراي باقساڭ جاھانغا مېھرىدە كۈتكەي سېنى،
يەتكۈزەر ئۇ ئارمىنىڭغا تەر، ئەجىر تۆكسەڭ يەنە.
ئۆتمىگەي ئۆمرۈڭ ئەزەلدىن داشقازاندا قاينىماي،
تاۋلىنىپ پىشماق ئۇنىڭدا ساڭا تالىق ئەنئەنە.
كۈتىدۇ بىلسەڭ يەنە كۆپ سېنى يېڭى مۈشكۈلات،
تەقدىرىڭ ئۇ، نە ئامالدۇركېتىمەن كۆرمەي دېمە.
ياشىرىپ ئاينىيدۇ قانداق بۇ ھايات بوستانلىقىڭ،
سۇغۇرۇپ يۇرەك قېنىڭدا قىلمىساڭ پەرۋىش يەنە.
نۇر بېرىپ ئۆتسەڭ قۇياشتەك ئۆلمىگەي روھىڭ سېنىڭ،
ئىز پۈتۈپ كەتسەڭ ھاياتتىن قالغۇسى ئارمان نېمە.
مەنبە: ئۆز ئىجادىيىتىم.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ongmas تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-8-15 05:31 PM