مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 627|ئىنكاس: 10

ساۋاقداش [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88712
يازما سانى: 135
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4977
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 161 سائەت
تىزىم: 2012-12-17
ئاخىرقى: 2013-8-8
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 03:49:23 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساۋاقداش

ساۋاقداشلار يىغىلىشغا ئاتاپ يازغان ئىدىم ، تەنقىدىي پىكىرلەرنى بېرىشىڭلارنى ئۈمۈد قىلىمەن


بىر تال كۆچەت باراقسان ئۆسۈپ مانا بولدى  چوڭ ،
سەبىي بۇۋاق تەمتىلەپ ئەقىل تاپتى ، بولدى ئوڭ  .
سۆيگۈ بېرىپ پەسىللەر ، ھەممە بەرسە بولدى  تەل  ،
بۇ ئايەملىك يىغىلىش ،دىدار پەيتى ، بولدى كەل  .
غۇلىچىڭنى كەڭ يايغىن ،كۆرىشەيلى ساۋاقداش .

ئون نەچچە يىل مۇقەددەم  ،يىغىلغانتۇق بۇ يەرگە ،
ئالىي ئۈمۈد ،ئارزۇنى پۈكۈپ دىلغا ، سەپەرگە ،
ياتاقلاردا قاينايتتۇق چۈشۈپ ساما . لەپەرگە ،
بىر مۇھەببەت سىڭەتتى  دىئالىكىتىك گەپلەرگە ،
خۇشاللىقتا بوزلىنىپ ، مۆرىشەيلى ساۋاقداش .

بەش يىل ئاپئاق نۇر ئەمدۇق ،ئالىي مەكتەپ بېغىدا ،
كۆز قاراشلار مايلاندى  ، ئىدىيەنىڭ يېغىدا ،
كۆچەت تىكتۇق ، گۈل تەردۇق مەرىپەتنىڭ تېغىدا ،
داخىل قىلدى بىر ۋوجۇت ، بۇ دەستۇرخان چېيىغا ،
ئەسلىمىلەر ئەسلىشىپ ، ئۇلىشايلى ساۋاقداش .

كۆز قىساتتى يىراقتىن دائىم بىزگە ئاشخانا ،
ئەجەپ ئىدى شاماللىق ناۋايخانا  ، چايخانا.
ئەمما نىسى بەرمەيتتى نەرسە – كېرەك مەيخانە ،
بارىمىزنى چىقارساق رەنجىمەيتتى سۇخانە .
ھېدىمىزنى قايتىدىن پۇرىشايلى ساۋاقداش .


ئاي ئاخىرى ئوروقلار ئانچە – مۇنچە تېنىمىز ،
توڭلاتقونى سېغىنىپ قېتىپ قالار نېنىمىز ،
دوستلار كەلسە تۇيۇقسىز ، بويۇن قىسار  يېنىمىز ،
تەۋەككۈلنى تاللايدۇ ، قايناپ تۇرغان قېنىمىز  !
ئۆتمۈشتىكى نىسىنى بېرىشەيلى ساۋاقداش .


قىزلار ياتقان ياتاقنى ، تېتانىكقا ئوخشاتتۇق ،
سەبىرى قىلىپ تىكەنلىك گۈل بەرگىنى يۇمشاتتۇق ،
ئويۇنلارغا بېرىلىپ ، دەرۋازىدىن تاقلايتتۇق ،
خاتالىقنى يۇشۇرۇپ ، تىرناق تاتىلاپ  ئاقلايتتۇق ،
بۈگۈن ئۇستاز ئالدىدا ئېڭىشەيلى ساۋاقداش .

يىرتىلمىدى كىر بولۇپ ، قىزلىرىمىز ئەخلاقى ،
غۇرۇرىنى ساقلىدى ئانا بولغۇچە تاكى ،
تۈنجىسىنى رەت قىلىپ كەلدى ئۇلار ھەتتاكى  ،
بىلەيلى ھەقىقەتنى، بۇ ھايات ئەمەس باقىي ،
بولغان چاغدا ئۈچ پۇتلۇق ، يۆلىشەيلى ساۋاقداش .

قەددىمىزنى دەس قىلدى ، تەربىيەنىڭ قامچىسى ،
بولدۇق مانا ئاخىرى مائارىپنىڭ تامچىسى ،
ئارىمىزدىن يۇمدى كۆز مۇنبەرلەردە قانچىسى ؟
ھالال تەردە ياشايدۇ  بىزگە ئوخشاش ئاز كىشى ،
ئەجىرىمىزدىن قاھقاھلاپ كۈلىشەيلى ساۋاقداش .

30 ئىدۇق 100 بولدۇق بۇ تەخمىنەن مۆلچەر سان ،
روھى چاڭقاق ئېتىزدا داتلاشمىسۇن بۇ ساپان ،
ئىش ھەققىمىز يامغۇردىن ساقلايدىغان بىر چاپان ،
رەنجىمەيلى تەقدىردىن ،جەڭگاھىمىز بىر خامان .
پاكىز ئېلىپ تىرناقنى ، تىرىشايلى ساۋاقداش !

خاتىمە ئورنىدا


ئوقوتقۇچى _ تىراكتۇر، دىسەم ماڭا ئىشىنىڭ ،
ئۇستازلىرىم ياشاندى ، كۈچى بارمۇ چىشىنىڭ ؟
تېرىسىدە كۆكلىدۇق ، باھار ، يازنىڭ ، قىشىنىڭ ،
يىراقلاردىن كەلدىڭلار ، ئەركىن بولۇڭ ، يېشىنىڭ ،
<ئايرىلىش > نى قايتىدىن توۋلىشايلى ساۋاقداش !


ئاپتۇرى : ئا. مۇھەممەت باغۋەن

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bahwanbiz تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-8-5 03:51 PM  


ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 18433
يازما سانى: 88
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 6291
تۆھپە نۇمۇرى: 300
توردا: 284 سائەت
تىزىم: 2010-11-21
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 06:38:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى يېزىپسىز

كۆز كۆڭۈلنىڭ ئەينىكى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85950
يازما سانى: 190
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 1286
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 151 سائەت
تىزىم: 2012-10-11
ئاخىرقى: 2013-8-12
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 06:49:52 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى چىقىپتۇ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1487
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 5765
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 598 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 07:42:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بۇ شېئىرنى مىسرانىمدا كۆرگىنمىدىن خۇشالمەن

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 96045
يازما سانى: 128
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1020
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 142 سائەت
تىزىم: 2013-7-17
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:00:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يېزىلغان  شېئىركەن ،

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 86954
يازما سانى: 1067
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 5298
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 1030 سائەت
تىزىم: 2012-11-7
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:52:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بولدى بەس...

(ساۋاقداشلار)غا

  قاراخان

بىر سىنىپ ،بىر ياتاق ،بىر يول ئىچىدە،
دىلىڭغا ياق دېسە ئىلىمدىن چىراق .
تېرىقتەك تۈگۈننىڭ  ئەسىر ئىلكىدە ،
تاماكا تارتىشتۇق  يىرتىشىپ ۋاراق .
ئاق سالدۇق ئۇستازنىڭ ئىككى چېكىگە ،
كېسىلدى ساپ ئەقىل ،قېقىشىپ ھاراق.

قېرىنداش، ئۆچۈرگۈچ ،قەلەم، بور، دوسكا،
دەپتەرگە ،قەلبكە پۈتسىمۇ  مەسلەك.
ئوغۇزغا   نازلىنىپ  تالاشتۇق   سوسكا،
خۇمارغا ئايلاندى ئۇيقۇ  ھەر ئەسنەك.
كىم قىرلاپ دوپپىنى، كىم  ياقتى  ئوسما ،
‹‹ئاخىرقى دەرس››نى ئاڭلىدۇق مەستەك...

‹‹ئۆزلۈك››تىن غۇلىغان  بىر ساۋاقداشمەن ،
سۆھبىتىم قىززىماس ، يارۇ - يۆلەكسىز؟
مېڭىشىم ‹‹ئۆزگەرگەن›› بەڭگە بەڭباشمەن ،
ئىگەرلىك  ئېتىم  بار  ئۆزۈم    دېرەكسىز.
بىر دەڭسەپ كۆرگىنە كىمگە ئوخشاشمەن ؟
سەپ يارغان سەپتە كىم ئىكەن كېرەكسىز !

نە ئۈچۈن بوپقالدىڭ كۈلكە خوشياقماس ،
ئىچىڭنى تىڭشىسام ئەينى  بوش   تاغار .
تېنىڭمۇ  زەيپانە ، ياز   يا   قىش   ياقماس ،
باھاردەك چېھرىڭدىن ئۈششۈك  مۇز  ياغار .
خورلۇقتۇر -ھورۇنلۇق ،كەسپ ،كار ياقماس ،
كىم  چاچراپ  تۇرمىسا  يۈرىگىم   ئاغار.

‹‹قىرىق تال ئۇرۇق ››مىز قىرىق يەرگە خاس ،
‹‹چۈشى››گە، ئۇسسۇزنىڭ  كىرگەن  سۇ بەلكى.
پاك  چوڭقۇر   قۇدۇقمىز    قىلدىڭمۇ     قىياس ،
بۇلاقتەك  جۇش ئۇرماق  ھەركىمنىڭ   ئەركى.
تۈندە شام چىراقسەن ،  دېڭىزدا غەۋۋاس،
ئەل ئۈچۈن ئۆرتەنگىن بولساڭمۇ  تەركى .

سەن باسقان ئىزلاردىن گىياھ  ئۈنمىسە ،
كۆچەتلەر كۆك  تامان  تارتمىسا  تۈز  بوي.
سەن سوققان  قىرلارغا   ئېقىن   كۆنمىسە ،
كېلەچەك ،ئىستىقبال ئەپسانە بىر ئوي.
بۇرۇچقا ، نومۇسقا   ۋىجدان    ئۆڭمىسە ،
بولدى بەس ‹‹مىللىتىم ››دىگەن‹‹لاپ›› نى قوي!؟

    2010-يىلى 31-ماي


ئىنكاس ئورنىدا بۇ شېئىرنى يوللاپ قويدۇم ،باغۋەن ئۇستاز...

ئوقۇغۇچى

ئادەتتىكى ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92976
يازما سانى: 82
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 172
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 31 سائەت
تىزىم: 2013-3-9
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-5 08:54:30 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى يىزىپسىز...

ھاياتىم ئاناتىل بىلەن گۈزەل...

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 82621
يازما سانى: 202
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4196
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 128 سائەت
تىزىم: 2012-7-8
ئاخىرقى: 2013-8-14
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 12:20:24 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياحشى يءزىلىپتۇ ھارماڭ

نېمىلەرنى ئويلا

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 33034
يازما سانى: 1129
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7466
تۆھپە نۇمۇرى: 343
توردا: 789 سائەت
تىزىم: 2011-3-7
ئاخىرقى: 2013-8-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-8-6 06:04:25 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ساۋقداشلار

ھايات شۇنداق!!!!!!!!!!جىمى گۇناھ ئۈزەمدە!!!!!!!!!!!!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95988
يازما سانى: 8
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 43
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 6 سائەت
تىزىم: 2013-7-16
ئاخىرقى: 2013-8-11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
     86954  دوستۇم    ئۇ   شىئىرنى   بەك   ياخشى      يېزىپسىز   .      ھازىر   قىسمەن  ئۇقۇغۇچىلار   شۇنداق   بۇپ  كەتتى   

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش