بىر يىلدىكى ئوتتۇز كۈنلۈك روزىنىڭ خاسىيىتى
روزا تۇتقان بىرىنچى كۈنى:
ئۇ كىشى بارلىق گۇناھلىرىدىن پاكلىنىدۇ، خۇددى ئانىدىن تۇغۇلغاندىكى ھالىتىدەك بولىدۇ.
روزا تۇتقان ئىككىنچى كۈنى: ياراتقان ئىگىسى ۋە بارلىق پەرىشتىلەر شۇ كىشىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
روزا تۇتقان ئۈچىنچى كۈنى: مەغرۇبتىن-مەشرۇققىچە بولغان بارلىق ئاۋلىيا-ئەنبىيالار شۇ كىشىدىن خۇرسەن بولىدۇ.
روزا تۇتقان تۆتىنچى كۈنى: كۈندۈزى-ئاخشىمى قۇياش بىلەن ئاي ئۇ كىشىگە مەدھىيە ئوقۇيدۇ.
روزا تۇتقان بەشىنچى كۈنى: قەبرە مەدھىيە ئوقۇيدۇ.
روزا تۇتقان ئالتىنچى كۈنى: پۈتۈن كائىناتتىكى دېڭىز-دەريالار، دەل-دەرەخ، گۈل-گىياھلار، ئۆي-ئىمارەتلەر شۇ كىشىگە دۇئا قىلىدۇ.
روزا تۇتقان يەتتىنچى كۈنى: ئاللاھ پەرىشتىلىرى شۇ كىشى ئۈچۈن يەتتە قەۋەت دوزاخنىڭ دەرۋازىسىنى تاقاشقا بۇيرۇيدۇ.
روزا تۇتقان سەككىزىنچى كۈنى: ئاللاھ شۇ كىشى ئۈچۈن پەرىشتىلەرنى سەككىز جەننەتنىڭ دەرۋازىسىنى ئېچىشقا بۇيرۇيدۇ.
روزا تۇتقان توققۇزىنچى كۈنى: خۇددى بىر ئالتۇن تاغ بىلەن بىر كۈمۈش تاغنى سەدىقە بەرگىنىدەك ساۋابقا ئېرىشىدۇ.
روزا تۇتقان ئونىنچى كۈنى: ئاللاھ شۇ كىشىنىڭ بۇ دۇنيا ۋە ئۇ دۇنيادىكى بارلىق تىلەكلىرى ئىچىدىن ئون تىلىكىنى ئىجابەت قىلىدۇ.
روزا تۇتقان ئون بىرىنچى كۈنى: ئاللاھ ئون مۆئمىن كىشىنىڭ ساۋابىنى شۇ كىشىگە بېرىدۇ.
روزا تۇتقان ئون ئىككىنچى كۈنى: ئاللاھ شۇ كىشىنىڭ جەننەتتىكى ئورنىنى تەييار قىلىپ قويىدۇ.
روزا تۇتقان ئون ئۈچىنچى كۈنى: ئاللاھ پەرىشتىلىرىگە شۇنداق دەيدۇ، سىلەر گۇۋاھ بولۇڭلاركى مەن بۇ بەندەمنىڭ بۇرۇن قىلغان، بۇنىڭدىن كېيىن قىلماقچى بولغان، ئاشكارا قىلغان ھەم يوشۇرۇن قىلغان گۇناھلىرىنىڭ ھەممىسىدىن ئۆتتۈم. روزا تۇتقان ئون تۆتىنچى كۈنى: ئاسمان-زېمىنلار شۇ كىشىنىڭ گۇناھىنى تىلەيدۇ.
روزا تۇتقان ئون بەشىنچى كۈنى: ئاللاھ ئۇ كىشىگە ئاسان ئۆلۈم بېرىدۇ. تېنىنى جېنىدىن ئاسان ئالىدۇ.
روزا تۇتقان ئون ئالتىنچى كۈنى: ئۇ كىشىنىڭ قەبرىسى جەننەتنىڭ بىر بېغىدەك كەڭرى گۈزەل بولىدۇ، قەبرە ئازابى بولمايدۇ، خۇددى بىر ئۇخلاپ تۇرغاندەكلا بولىدۇ.
روزا تۇتقان ئون يەتتىنچى كۈنى: قەبرىدىكى سوراق ئاسان بولىدۇ، مۇنكىر-نىكىرلەر ئۇ كىشىگە ھىممەت كۆرسىتىدۇ.
روزا تۇتقان ئون سەككىزىنچى كۈنى: ئاللاھ ئۇ كىشىنى قەبرىدە تىرىلدۈرىدۇ، بۇ چاغدا ئۇ كىشىنىڭ ھۆسنى ئون تۆت كۈنلۈك ئايدەك بولىدۇ.
روزا تۇتقان ئون توققۇزىنچى كۈنى: ئۇ كىشى ھەقىقەتەنمۇ 19 مالىك –پەرىشتىلەرنىڭ قورقۇتۇشىدىن قۇتۇلغۇچىدۇر، بۇ 19 پەرىشتىنىڭ ئىچىدىكى 10 پەرىشتە دوزاخ پارىشتىلىرىدۇر.
روزا تۇتقان يىگىرمىنچى كۈنى: ئۇ كىشىنىڭ روھىي كەچۈرۈم ۋە مەدھىيەلەر ئىچىدە ئەرشكە ئۆرلەيدۇ.
روزا تۇتقان يىگىرمە بىرىنچى كۈنى: ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ نام-ئەمەلىنى ئوڭ قولىغا بېرىشنى بۇيرۇيدۇ.
روزا تۇتقان يىگىرمە ئىككىنچى كۈنى: ئۇ كىشىنىڭ ساۋابلىرى تارازىدا ئېغىر كېلىدۇ.
روزا تۇتقان يىگىرمە ئۈچىنچى كۈنى: ئاللاھ ئىگەم ئۇ كىشىنىڭ ھېساب-كىتابىنى تولىمۇ ئاسان قىلىپ بېرىدۇ.
روزا تۇتقان يىگىرمە تۆتىنچى كۈنى: ئاللاھ ئۇ كىشىنىڭ دوزاختىن 24 ئەر مۇسۇلماننى قۇتۇلدۇرىۋېلىشىغا ۋەدە بېرىدۇ.
روزا تۇتقان يىگىرمە بەشىنچى كۈنى: قىيامەتتىكى سوراقتا ئاللاھ ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسى، بالا-چاقىلىرى ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تۇرغۇزىدۇ.
روزا تۇتقان يىگىرمە ئالتىنچى كۈنى: ئۇ كىشى پىلسىرات كۆۋرۈگىدىن خۇددى چاقماقتەك ئۆتۈپ كېتىدۇ.
روزا تۇتقان يىگىرمە يەتتىنچى كۈنى: جەننەت پەرىشتىلىرى ئۇ كىشىنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇپ ئېلىپ كېتىدۇ.
روزا تۇتقان يىگىرمە سەككىزىنچى كۈنى: ئۇ كىشى جەننەتنىڭ خالىغان ئىشىگىدىن خالىغانچە كىرىپ-چىقالايدۇ.
روزا تۇتقان يىگىرمە توققۇزىنچى كۈنى: ئۇ كىشى جەننەتتە مۇھەممەت سەللەلاھى ئەلەيھى ۋەسسەللام ۋە ئۇنىڭ چاھارىيالىرى بىلەن بىللە ئولتۇرۇپ قوپىدۇ.
روزا تۇتقان ئوتتۇزىنچى كۈنى: بۇ كىشىلەر ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە ئېرىشكەن پەيغەمبەرلەر، شېھىتلار، راست سۆزلىگۈچىلەر بىلەن بىللە ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدا بولىدۇ.