بۇ زامانغا نېمە دەي
نۇرشاھ شېئىرى
<< دىل ئازار ، خۇدا بىزار >> دەپ تۇرىمىز يۇ ، خۇدا دەپ تۇرۇپ ، دىلىغا ئازار بېرىپ قالىمىز ...
چېقىشمايدۇ ھەرىمۇ ، بىر كۆنەككە پېتىشىپ ،
ئېشەك سۆكەر دەرەخكە ، كەتسە بېشى قىچىشىپ .
ئادەملەرگە ھەيرانمەن ، ئەيىبىنى ئېچىشىپ ،
نە ئۆزئارا ئىتتىپاق ، ئەمما خەنجەر تىقىشىپ ..
يىغلاپ كەتتىم ئەر تۇرۇپ ، بۇ زامانغا نېمە دەي ؟!
بىرى مىنسە ئېشەكنى ، <<پۇتۇڭ يوقمۇ؟>> دىگۈدەك ،
ماڭسا قورقۇپ شۇ سۆزدىن،<<ئېشەك قېنى مىنگۈدەك؟!>>
يىتىلىسە ئامال يوق ، <<كاللىسى يوق ، ھەي گۆدەك!>>
ئامال يوقكەن ئويلىسا ، مىندۈرۈشتىن ھېچ بۆلەك ...
يىغلاپ كەتتىم ئاھ ئۇرۇپ ، بۇ زامانغا نېمە دەي ؟!
بىرى يازسا ئىككى قۇر ، تىللاپ يازار ، يۈز قىلىپ ،
نە بىلىمدىن خەۋەرسىز ، تاقا تۇقا سۆز قىلىپ .
پەخىرلىنىپ كېتەرمۇ ، دۈشمەنلەرنى ئۆز قىلىپ ،
كۆرمەي جاپا ئەجرىنى ، باھارىنى كۈز قىلىپ ...
يىغلاپ كەتتىم يالۋۇرۇپ ، بۇ زامانغا نېمە دەي ؟!
ئاق تۇرىدۇ ئاق پېتى ، قارا بولسا قارا ھەم ،
ئۆزۈڭ ئۈچۈن باش قاتۇر ، قىلىپ يۈرمە ئارتۇق غەم .
سەن تىللىساڭ قايتۇرۇپ ، تىللاش كەچۈر مەندە كەم ،
چۈنكى ئاللاھ بىلىدۇ ، شۇڭا يۈردۈم خاتىرجەم ..
ئەمما ساڭا ئىچىنىپ ، يىغلاپ كەتتىم ، زامانەي ؟!
بەندە ئاجىز ھۆكۈمگە ، دېمە بىرنى دىنسىز دەپ ،
قېرىنداشقا مۇسۇلمان ، قىلماس ھەرگىز ئاچچىق گەپ .
خاتالاشماس بەندە يوق ، تۈزىتىدۇ بىر - بىرلەپ ،
قورال قىلىپ ئىسلامنى ، تىللىۋالساڭ نېمە نەپ ؟!
يىغلاپ كەتتىم ئويلىنىپ ، بۇ زامانغا نېمە دەي ؟!
ئىزاھات: <<قورال قىلىپ ئىسلامنى ، تىللىۋالساڭ نىمە نەپ ؟! >> بۇ مىسرا مۇقەددەس ئىسلام دىنىمىزنى دەستەك قىلىپ باشقىلارغا ھاقارەت قىلىدىغانلارغا قارىتىلدى. چۈشىنىشلىك بولسۇن.
مەنبە : نۇرشاھ شېئىرى(ئۆزۈم)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-6-30 02:09 PM