مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 7849|ئىنكاس: 103

قىز-ئاياللارنىڭ نامازدىكى كىيىنىشى قانداق بۇلىشى كېرەك [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 89134
يازما سانى: 183
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 10502
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 56 سائەت
تىزىم: 2012-12-26
ئاخىرقى: 2013-9-10
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 12:02:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

قىز-ئاياللارنىڭ نامازدىكى كىيىنىشى قانداق بۇلىشى كېرەك



ناھايىتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن.


  ئەزىز قېرىنداشلار ئايال زاتىنىڭ كىيىنشى ھەقتە تالاي سۆھبەتلەر بۇلۇندى.ھەتتا مەنمۇ مۇشۇ كىيىنىش ھەقتىكى تىمىلارغا تۇلا پىكىر قاتناشتۇرۇپ بەزىلەرنىڭ نەزەرىدە غەيۋەتخور ئاتالغانمۇ بولدۇم.بىراق ھېچقىسى يوق.ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلىنىڭ كۆرسەتمىلىرىدىن بىر ھەرىپ بىلسەم شۇ بىر ھەرىپنى قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش ۋەزىپەم بار دەپ قارىغاچقا ،مۇشۇ ئەقىدە ھەقتىكى تىمىلارغا بەكلا قىزىقىمەن.ھەم مۇشۇنداق تىمىلارنى بەكلا يازغۇم كېلىدۇ.ئەلۋەتتە ئاللاھنىڭ مەدىتىسىز قۇلۇمدىن ھېچ ئىش كەلمەيدۇ.پاك ئاللاھىمنىڭ مەدىتى ۋە ياردىمى بىلەن بىر قىسىم تىمىلارنى سىزلەرگە سۇندۇم.ھەرقايسىڭلار ياخشى باھالارنى بەردىڭلار،ئەلۋەتتە گۈھەر ياتىدۇسايدا ،تۇنىمىساڭ نىمە پايدا »دېگەندەك مىسرانىمدىكى نۇرغۇن گۈھەرپۇرۇشلارنىڭ تۇنىشى ھېس قىلالىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۇرىشى بىلەن كەمىنە ھەمشىرەڭلارنىڭ يازمىلىرى سىلەرنىڭ قوللىشىڭلارغا ئېرىشكىنىدىن  كۆپ خۇرسەن بولدۇم.بۇمۇنبەردە  مەن تۇنىمايدىغان ئەمما تۇيغۇلىرىمىز تۇنىشىدىغان ،مەۋھۇم چىراي،تۇنۇش تۇيغۇلۇق قېرىنداشلىرىمنىڭ بارلىقىدىن تۇلىمۇ سۈيۈنىمەن!!!ئاللاھ ھەممىمىزنى ئۆزنۇرى بىلەن ئىككى دۇنيادا سائادەتمەن قىلغاي!!!!!
  قېرىنداشلار قۇيۇق ئەنئەنىۋى مۇھىتتا چوڭ بولغىنىم ئۈچۈنمىكىن مۇشۇ زامانىۋى مەدەنىيەتلەرتەسىرىدە ئەسلىدىن ياتلىشىپ ،كېتىۋاتقان ئاياللار توپىغا تۇلا نەزەر سالىمەن.بۇ ھەقتە گەپنى ئۇزارتماي بولدى..بۇ تىمىدا ئاياللارنىڭ سىرتتىكى قىياپىتى ھەقتە توختالمايمەن .ئاللاھ خالىسا باشقا كۈنى پىكىرلىشەرمىز. ئاللاھ مىللىتىم ئىچىدىكى  ھەر بىر ئايال ھەمشىرىلىرىمىزگە روشەن ھىدايەت،مۇستەھكەم ئىمان،ۋە تەقۋالىق ئاتا قىلغاي ئۆز گېپىمگە كەلسەم،ئاياللارنىڭ نامازدىكى كىيىنىشى  ھەقتە پىكىرلەشمەكچىمەن.بۇ تىمىنى مۇنبەردىكى ئايال ھەمشىرىلىرىم بىۋاستە كۈرەلىگەن بىلەن ،شىرمەت ئەرلەر بۇ تەۋسىيەنى ئەھلى-ئاياللىرىڭلارغا قىزلىرىڭلارغا ھەمشىرىلىرىڭلارغا يەتكۈزۈپ قويغان بولساڭلار پەقىر يانغىننىڭ  قەلەم تەۋرىتىش مۇددىئاسى يەنىمۇ  خۇرسەنلىككە ئىگە بۇلۇر ئىدى.چۈنكى بۇ مەن بىر شەخىسنىڭ بىلىمى ئەمەس بەلكى ئىسلام ئالىملىرىنىڭ كۆرسەتمىسى بولغاچقا ،قېرىنداشلارغا يەتكۈزۈش مەجبۇرىيىتىم بار دەپ قاراپ سىزلەرگە سۇندۇم.ئاللاھ ھەممىمىزگە رەھمەت قىلسۇن .ھەقنى تەۋسىيە قىلغان،يەتكۈزگەن،(يەتكۈزمىسىمۇ يەتكۈزگەنلەرنى ئەيىپلىمىگەن )ھەر بىر قېرىنداشلارغا زۇلجەلالىل ۋەلئىكرام بولغان ئاللاھ ئۆز رەھمىتى دائىرىسىگە كىرگۈزگەي!!!!!!
   قېرىنداشلار  مۇقەددەس قۇرئانىمىز ئاياللارنى ھىجاپلىنىشقا بۇيرۇدى.روشەنكى بۇ ئاياللارنى تېخىمۇ ئەزىزلەش ئۈچۈن ئىدى.خۇددى گۈھەر قات-قات يۆگەكلەر ئىچىدە تېخىمۇ قىممەتلىك بولغىنىدەك خەلقىمىز بۇنى ئۆز ھېكمەتلىرىدە«يېپىقلىق ئاياققا ھەممىنىڭ كۈزى چۈشىدۇ»دەپ ئىپادىلىگەن ئىدى. ئىشقىلىپ ئىسلامنىڭ ئاياللارغا قىلغان كەڭچىلىكى ۋە ئازادىلىكىنى ئىسلامنى ھەقىقى چۈشەنگەنلەرلا بىلەتتى..
    نۇرغۇن ناماز ئۇقۇيدىغان ھەمشىرىلىرىمنى ۋە ئۇلارنىڭ نامازدىكى قىياپىتىنى كۆردۈم.سىرتتىكى قىياپىتىنى (تەسۋىرلىسەم گېپىم تۈگىمەيدۇ) دېمەي بولدى.نامازدىكى تۇرقى ئۆلچەمسىز.ھەتتا كىچىكىدىن باشلاپلا يۈزىنى يۆگەپ چوڭ بولغان كۆپلىگەن خېنىملارمۇ يالاڭئاياق ناماز ئۇقۇيدىكەن .نورمال يۈرىدىغانلىرى بولسا چاچلىرىنى تۇلۇق ياپماي،بەزىدە تېخى ياغلىقىنى كەينىگە چىگىپ ،كۆكرەكلىرى ئۇچۇق،ھەر قېتىم سەجدىگە بارسا يوپكىسى تارتىشىپ بەل قىسمى ئوبدانلا كۈرۈنۈپ قالغان.ھەتتا بەزى سۇمبۇل چاچلار جەينامازدا يىلاندەك سويلانغان.يەنە تېخى بەزىلىرى ئىشتان بىلەن سېركول پاچاق ھالەتتە نىپىز گاز ياغلىقلار بىلەن (سۈزۈك،شايى رومال ئارتىشقۇ ياغلىق ئارتقانلىق ھىساپلانمايدۇ.چۈنكى چاچلارنىڭ يىلتىزىمۇ كۈرۈنۈپ تۇرىدۇ ئۇنداق نەرسىدە،ياغلىق ئارتىشتىن مەقسەت ئەۋرەت بولغان چاچلارنى ،بۇيۇنلارنى يېپىش ئۈچۈندۇر)ناماز ئۇقۇغان.كىيىملەر بەكلا تار،قىسقا .....ھەتتاتېخى بەزىلەر كالتە يەڭلىك كىيىم بىلەن ،چاچلىرىنى تومپايتقان ھالەتتە ناماز ئۇقۇۋاتقان. بەزىلەرگە گەپ قىلسام ئەمىسە پەلەيمۇ كىيەمدىم دەپ تەنە قىلغانلارمۇ بولدى.كىتاپلارنى كۆردۈم.بىراق ئاددى بىلىمىم ،يۈزەكى چۈشەنچەم بىلەن پىكىر قىلىش سالاھىيىتىم بولمىغاچقا ئايال كىشىنىڭ نامازدىكى كىيىنىشى ھەقتە ئالىملارغا  مۇراجئەت قىلدىم.مۆھتەرەم ئالىملىرىمىز-« ئايال كىشىنىڭ  نامازدا يۈزى ۋە بارماقلىرىدىن باشقا تىرناقچىلىك يېرى ئۇچۇق قالسا نامىزى ناماز ئەمەس يەنى ناماز ئۇقۇغان ھېساپ ئەمەس،مەيلى ئۇزۇن چاچ بولسۇن ،مەيلى قىسقا چاچ بولسۇن بىرتال چاچمۇ كۈرۈنۈپ قالماسلىقى كېرەك.ئەۋرەتلەرنى يېپىش ناماز ئىچىدە مەيلى ناماز سىرتىدا بولسۇن پەرىز.ئەۋرىتى كۈرۈنۈپ قالغان كىشىنىڭ دۇئاسى ئىجاۋەت ئەمەس»دەپ تەلىم بەردى.كەمىنەمۇ بىرەر يىل بۇرۇنقى پايپاقسىز ئۇقۇغان نامازلىرىمنى ئاللاھقا تاپشۇردۇم.بىراق ئەتراپىمىزغا قارىساق تۇلۇق ئۇرانغان خېنىملارنىڭ پايپاقسىز ھالدا، ساپما ئاياق بىلەنلا سىرتلاردا يۈرىشى دىلنى غەش قىلىدۇ.چۈنكى ئاللاھ بىزنى «ئىسلام دىنىغا پۈتۈنلەي كىرىڭلار،شەرىئەتنىڭ بەزى ئەھكاملىرىنى قىلىپ  بەزى ئەھكاملىرىنى  قىلمىساڭلار گۇناھكار بۇلىسىلەر »دەپ ئېيتتى.ئەمما كۇفرى ئۈستۈلۈكنى ئىگىلىگەن بۇ زاماندا نۇرغۇنلىرىمىزنىڭ چۈمپەردىسىزمۇ ،دىنىمىزنىڭ باشقا ئەركانلىرىنى ئادا قىلىشىمىزنىڭ ئۈزى كاتتا ئەجرە ئەزىمدۇر.چۈنكى قانداق زاماندا ،قانداق شارائىتتا ياشاۋاتىمىز،ھەممەيلەنگە ئايان.
    شۇڭا ھەمشىرىلىرىم نامازدىكى تۇرقۇڭلارغا رىئايە قىلىڭلار،كەڭرى كۆينەك(رۇكۇدا قۇرساق بەل كۈرۈنۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن) چاچنى تۇلۇق يېپىش ئۈچۈن بېشىڭلارغا لېچەك كىيىڭلار.كۆينەكنىڭ يېڭى ئۇزۇن بولسۇن.قول بېغىشىمىز ئۇچۇق قالمىسۇن.پۇتۇڭلارغا چۇقۇم پايپاق كىيىڭلار.ئىشتان بىلەن سېركول پاچاق بۇلۇپ،ئۇزۇن يەڭلىك بولسىمۇ بىراق،نېپىز سۈزۈك يەڭلىك كىيىملەر بىلەن ناماز ئۇقۇساق قەتئى بولمايدۇ.(ئەلۋەتتە كىيىمنىڭ پاكلىقى ۋە بەدىنىمىزنىڭ پاكلىقى بەك مۇھىم.كىيىم ئۇزۇن كەڭرى بولغان بىلەن پاكىزە بولمىسا ،ياكى بەدىنىمىزنىڭ تەڭگىدەك يېرىدە نىجاسەت بولسا –يەنى قۇچاقتا بالىسى بارلار بالىسى سىيىپ سالغان بولسا نامازنىڭ مەقبۇلىيىتىگە دەخلى قىلىدۇ.)چۈنكى بىز كائىناتنىڭ ياراتقۇچىسى بولغان رەببىمىزگە قۇللۇق بىلدۈرىمىز.ئادەتتە ئۆيدە كىيگەن كىيىملەر بىلەن سىرتقا چىقىشتىن ئۇيىلىمىز-يۇ(بەزىلىرىمىزدە بۇنداق ھېسيات يوق.ئۇخلاش كىيىملىرى بىلەن يوتقاندىن چىققان ھالەتتىكىدەكلا ئۆيىمىز ئەتراپلىرىدا نورمال يۈرىۋېرىمىز) ئەجىبا بىزنىڭ ئىگىمىز بولغان جانابىي ئاللاھتىن نىمىشقا ئۇيالمايمىز؟؟؟؟نىمىشقا سېركول پاچاق،كالتە يەڭ،ياكى قۇرساق بەللەر كۈرۈنۈپ قالغان،كۆكسىلىرىمىز ھەركەتچان ...،چاچلار كۈرۈنگەن ۋە بەزىدە تومپايغان نېپىز روماللار بىلەن  ھالدا ئاللاھىمىزغا پىچىرلاشتىن ئۇيالمايمىز. ؟؟؟؟؟نۇرغۇنلىرىمىز سىرتتىكى كىيىنىشىمىزدە ئۆزرىلىكمىز.(پەقەت چۈمپەردىگە-ھە!!!يالاڭباش،كالتە يوپكا ئۇچۇق پاچاقلىقىمىز،ئىشتان كەيگەن ئاچا تاياقتەك تۇرقىمىز قەتئى ئۆزرە ئەمەس گۇمراھلىق!)چۈنكى ئىسلامىيەتكە تىغ ئۇچىنى قاراتقان دىن دۈشمەنلىرى قۇترىماقتا.ئىسلام دىنى ئاللاھنىڭ دىنى ،ئاللاھ ئۈزىنىڭ مۈلكى بولغان پاك  دىنىمىزنى ئۈزى قوغداپ بەرگەي،ۋە  ئۈستۈنلۈككە ئىگە قىلغاي
  ئەي ھەمشىرىلىرىم،نامازدىكى تۇرقۇڭلارنى تۈزەڭلار.نامازدىكى تۇرقىنى تۈزىگەن ئايال چۇقۇمكى ئۇزاق ئۆتمەي سىرتتىكى تۇرقىنى تۈزىدۇ.چۈنكى نامازلار دەرگاھى ھەققە ئۆرلىگەندە ،بىز بىلىپ بىلمەي قىياپىتىمىزنى تۈزەيمىز.ئەي ھەمشىرەم بۈگۈندىن  ھازىرقى نامازدىن باشلاپ چېچىڭىزنى تۇلۇق يۆگەپ،چاچ قىسقۇچلارنى ئېلىۋېتىپ،چاچنى كۆينەك ئىچىگە تىقىپ،پايپاق كىيىپ،ھۇشۇقنى يېپىپ تۇرىدىغان كەڭرى پاكىزە  كىيىملەرنى كىيىپ ناماز ئۇقۇڭ،ئاللاھ خالىسا بىر ئايدا قانداقراق تۇيغۇدا بۇلىسىزكىن؟؟؟؟نىيەت –ئەمەللىرىڭىزدە قانچىلىك يۈكسېلىش بۇلىدۇكىن؟؟؟؟
   ئەمدى بەزىلەر سىرتقا چىققاندا ناماز ۋاقتى بۇلۇپ قالسا ،لېچەك كۆينەك قېلن پايپاقلارنى سومكىغا سېلىپ يۈرەمدىم؟؟دەپ قالارسىلەر؟؟؟؟ بىز سىرتقا ھەمىشە چىقمايمىز.ئىشلەيدىغىنىڭلار بولسا ناماز پىشىن چۈشلۈك دەم ئېلىشتا بۇلىدۇ.ناماز ئەسىر بولسا ئىشتىن چۈشكەندە بۇلىدۇ.قالدى نامازلارنىڭ ۋاقتى ئۆز قۇلىمىزدا .تاساددىبى سىرتتا بۇلۇپ قالساق سىز ناماز ئۈچۈن ئالدىراپ ئۆيگە قايتسىڭىز،چۇقۇمكى مەرھەمەتلىك ئاللاھىمىزمۇ سىزگە رەھمەت ،خاتىرجەملىك ئىشىكلىرىنى ئېچىپ بىرىشكە ئالدىرايدۇ.چۈنكى دىللار ئاللاھنى ياد ئېتىش بىلەن ئارام تاپىدۇ.
   ئەي ھەمشىرەم نامازدىكى تۇرقىڭىزنى جىددى تۈزەڭ!نامازنى تەئدىل ئەركان بىلەن ئۇقۇڭ.ئىككى سەجدىنى توخۇ دان چۇقۇغاندەك تىزلىكتە قىلماڭ.ئىككى سەجدە ئارىسىدا كەم دېگەندە ئۈچ قېتىم «رەببىغفىرلى»دەپ ئاندىن ئىككىنچى سەجدىگە بېرىڭ.نامازدا ئەسنىمەڭ.ئۇيەر بۇ يەرلىرىڭىزنى قاشلىماڭ .(ھەتتا ھەرە چاقسىمۇ ناماز ئىچىدە ئۈركۈتۈش نامازنى بىكار قىلىدۇ)ئۆزرىسىز يەرنى تايىنىپ قوپماڭ.قىيام،روكۇ سەجدىلەردىكى ھالىتىڭىزگە دىققەت قىلىڭ.ئاياللارنىڭ قىيامدىكى تۇرقى -ئوڭ قۇلىنى سول قۇلىنىڭ ئۈستىگە قۇيۇپ كۆكسىدە قويغان ھالەتتە ،ئىككى پۇتىنى بەك چوڭ ئاچماي(بىر مۇش پاتقىدەك)تۇرىمىز.بەزى ئاياللار قول باغلاپ ،پۇتلىرىنى كەرگەن ھالەتتە ناماز ئۇقۇيدىكەن.بۇ خىل ھالەتنى مۇجتەھىت ئالىملار قوللىمىدى.(بۇ توغرىلىق باشقا تىمىدا پىكىرلىشەيلى)يەنى بىز ئىنسان نامازنى تۈۋەنچىلىك بىلەن ئاللاھنىىڭ ئەزىمىتى ۋە كاتتىلىقىدىن ئەيمەنگەن ھالدا تەۋەززۇ ئۇقۇشىمىز كېرەك.
   ئەي ھەمشىرىلىرىم بۇ يازمىنى يوللاپ بەزىلەرنىڭ ئۆز ئارا تىللىشش سورۇنىغا ئايلىنىپ قالسا ،ئۈمۈدۈمنىڭ ئەكسىچە بولغان بۇلىدۇ.ئۈچۈرۈلگەن شۇنداق ياخشى بىر تىمامدىمۇ ياساۋۇلجان بىلەن كەلگۈنداخۇن ئەسىرلىك تىللىشىشلارنى ئېلىپ بارغان ئىدى.قېرىنداشلار ئۆزئارا زەھىرىمىزنى سانچىپ ياتلارنى خۇشال قىلىش ئىمانىمىزغا مۇخالىپ ئىشتۇر.شۇڭا ھەممەيلەن چىرايلىق پىكىرلىشەيلى .
   تۈگەنچە ؛-قېنى ھەمشىرىلىرىم ھەممەيلەن ئۈزىمىزدىن باشلايلى.چاچلار تۇلۇق يۆگەلسۇن،تومپايغان چاچلانى قۇيۇۋېتىڭ. كالتە يەڭ ياكى ئۇزۇن  نېپىز يەڭلىك كىيىملەرنى كەيمەي،ئۇزۇن قېلىن بەدەن كۈرۈنۈپ قالمايدىغان  كەڭرى كىيىملەرنى كىيىپ ،پۇتىمىزنى يۆگەپ، چاچ ۋە بۇيۇن تۇلۇق يېپىلىشى ئۈچۈن بېشىمىزغا  لىچەك كىيىپ،ئىشتانلىق سېركول پاچاق ھالەتنى قەتئى تۈزۈتۈپ، ناماز ئۇقۇڭ . ئاللاھ بىلەن قەسەمكى ،سىز نامازدىكى ھالىتىڭىزنى رۇستلاپ ئۇقۇسىڭىز،جەزمەنكى ئۇزاق ئۆتمەي ئوي-پىكرىڭىزدە چوڭ بۇرۇلۇش بۇلىدۇ.(ئەلۋەتتە تاھارەتنى كامىل ئېلىش بەك مۇھىم،تاھارەتتە مەسىلە بولسا يەنە نامازنىڭ مەقبۇلىيىتىگە دەخلى قىلىدىغان گەپ.ئاللاھ خالىسا تاھارەتتىكى پەرىز،سۈننەت ،مۇستەھەپلەر،نامازدىكى پەرىز،ۋاجىپ،سۈننەت ،مۇستەھەپلەر،مەكرۇھات ۋە مۇفسىدات توغرىسىدا ئايرىم تىما يوللايمەن.)
    قېنى ھەمشىرىلىرىم ،ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن نامازدىكى تۇرقىمىزنى ئۆزگەرتەيلى.بەزىلەر مەن ناماز ئۇقۇغىلى مانچە يىل بولدى دەپ ئويلارسىلەر.ئېسىڭلاردا بولسۇن قەدىردانلىرىم، ئەللىك يىل ئىبادەت قىلغان ئادەم بىلەن بەش يىل ئىبادەت قىلغان ئادەمنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىسى ئىبادەت قىلغان يىل سانى بىلەن ئەمەس بەلكى  مەقبۇلىيەت دەرىجىسى بىلەن ئۆلچىنىدۇ.ئەللىك يىل ناماز ئۇقۇغان ھېساپ ئەمەس،بەلكى بىر يىل  بولسىمۇ  نامازنى تەئدىل-ئەركان بىلەن ئۇقۇپ ،مەقبۇل بولغىنى ھېساپ!!!!!
   بىر ئۆمۈر ئىبادەت قىلغان بىرسىدىن بەلكىم ساناقلىق يىللا ئىبادەت قىلغان بىراق بەندىنىڭ ساۋابى كۆپ بۇلىشى مۇمكىن .چۈنكى بىز غەيىپنى بىلمەيمىز.ئاللاھ ھەممىگە ئالىمدۇر. پۈتۈن ۋۇجۇدى بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ ،ئاللاھنى چىن يۈرۈكىدىن تۇنۇپ،جان-تىنى بىلەن ئاللاھقا ئېسىلغان ،يۈرۈكىدە خۇنۇكلۇك ئەمەس تەقۋالىق گۈرۈلدەپ تۇرىدىغان ئەقلى بىلىش باسقۇچىدىكى بەندىنىڭ ئاللاھنىڭ ئالدىدىكى دەرىجىسى ،بىر ئۆمۈر ئىبادەت قىلغان،بىراق يۈرۈكىدە سىلكىنىش بولمىغان ئىلمان سۇدەك      سۇس ئېتىقادتا  باشقىلار ناماز ئۇقۇسا ناماز ئۇقۇپ،مەسچىتكە كىرسە مەسچىتكە كىرىپ خۇددى ئادەتلىنىشتەك بىر خىل ھېسسى بىلىش باسقۇچىدىن ھالقىيالمىغان  يوۋاش يۇمشاق ئۆز پايدا خۇنۇكلاردىن تەقۋالاردىن  كاتتا بۇلىشى مۇمكىن.
    ئەزىز ھەمشىرىلىرىم،ھېچقايسىمىز توققۇز ياشتىن باشلاپلا نامازنى تۇلۇق ئادا قىلغانلاردىن ئەمەسمىز.ھەتتا بەزىلىرىمىز تېخىغىچە ناماز باشلىيالمىغان بۇلىشىمىز مۇمكىن.ئەگەر شۇنداق بولسا نىمىگە ساقلايمىز؟؟؟كېيىنچە دەيدىغان بۇ سۆز شەيتاننىڭ بىزنى كىشەنلەيدىغان زەنجىرى.كېيىنچە دېيىشكە سالاھىيىتىمىز يوق.چۈنكى ئۈلۈم ياش-قېرى دىمەيدۇ.قېرىغىچە ھايات تۇرىمەن دەيدىغانغا ھېقايسىمىزنىڭ قۇلىدا ھۆججەت يوق!!!!شۇڭا بىر كۈن بولسىمۇ نامازنى تۇلۇق تەئدىل –ئەركان بىلەن،قىياپىتىمىز دۇرۇست ھالدا ئادا قىلىۋالايلى!!!!!ئەتە باشلايمەن دەپ كەينىگە تارتماڭ ھەمشىرەم،!چۈنكى ئەتە ھەقتە قۇلىمىزدا ھۆججەت يوق.بىر مىنۇت ھاياتكەنمىز ئاللاھىمىزغا قىياپىتىمىزنى رۇستلاپ بىر مىنۇت ئىستىغفار ئېيتىۋالايلى!!!!!!!! كېلىڭ ھەمشىرەم !!ئاللاھقا يۈزلىنەيلى !!!بىخوتلۇق،غاپىللىق ،گۇمراھلىق ئاسىيلىق  يىغلاپ قالسۇن،ئىبلىس،ۋە ئادىمى شەيتانلار  يىغلاپ قالسۇن.شۇندىلا پاك ئاللاھىمىز بىزدىن مەمنۇن بولغۇسى!!!!!ھەممىمىزگە پاك ئاللاھنىڭ رەھمىتى ۋە مەغپىرىتى بولسۇن!  ئامىن!


تەھرىردىن : كېيىنكى قېتىم تېما يوللىغاندا خەت چوڭلىقى 4-نومۇردىن چوڭ بولۇپ كەتمىسۇن. 4-نومۇردىن چوڭ بولۇپ كەتسە يانفۇندا تورغا چىققانلار كۆرەلمەيدىكەن. يۇقارقىدەك تېمىلارنى يوللىغاندا پايدىلىنىش مەنبەسىنى ئېنىقراق قىلىپ ئىزاھات بېرىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.
تورداشلارغا: مىسرانىم مۇنبىرىدە ئېلان قىلىنغان ئېتقادقا، سودىغا ئائىت تېمىلاردىكى ئۇچۇرلارنىڭ مۇتلەق توغرىلىقىغا مىسرانىم مۇنبىرى كاپالەت بېرەلمەيدۇ. ئۇچۇرنى ئاساس قىلىۋېلىشقا بولمايدۇ. مۇھىمراق مەسىلىلەرنى ئۆزىڭىز ئىشەنچىلىك كىشىلەردىن سوراڭ.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-6-16 02:04 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
nurjula + 200 ھەقىقەتەن كۈچ بەردى
ziyaratqi + 10 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 210   باھا خاتىرىسى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 88122
يازما سانى: 219
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 426
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 29 سائەت
تىزىم: 2012-12-5
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 04:49:22 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەخمەت ‹‹ئاللا››ئەجىرىڭزنى بەرسۇن

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 76363
يازما سانى: 1863
نادىر تېمىسى: 1
مۇنبەر پۇلى : 13296
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 712 سائەت
تىزىم: 2012-2-22
ئاخىرقى: 2013-9-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 04:57:28 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت قېرىندىشىم ئاللاھ ئاللاھ ئەجرىڭىزنى بەرسۇن

ھەر داۋام ھەر ئىشنى پەم بىلەن باشلا،
ھاۋايۇ-ھەۋەسنى سەن چۆرۈپ تاشلا،
بولمىسا قالىسەن بىر پۇشايماندا،
تۆكىلەر ئۇ چاغدا كۈزۈڭدىن ياشلا.

                                         _ ئۇيغۇر ئوغلى
http://www.hakaniye.com/forum.php

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 40576
يازما سانى: 175
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4091
تۆھپە نۇمۇرى: 189
توردا: 2097 سائەت
تىزىم: 2011-5-13
ئاخىرقى: 2013-9-4
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 05:05:06 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
نامازغا تۇرغاندا ئۆزىمىز ئەڭ ياخشى كۆرگەن دوستىڭىز بىلەن كۆرۈشكىلى بارغاندەك كىيىنىپ (شەرىئەتكە ئۇيغۇن ھالدا )، ئاندىن  شۇ نامىزىمىزنى ئوقۇشىمىز كېرەك .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 05:40:34 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
مىنىڭچە ئاللاھ بەندىللىرىنى ئۆزى ياراتقان،مەسىلە قانداق كىيىش ئەمەس قانداق ئىتىقاد قىلىشتا.چىڭڭىنى ئورۇنىۋىلىپ شەكىل بىلەن ناماز ئۆتىگەندىن بوش بولسىمۇ ئىتىقاد بىلەن ناماز ئۆتىگەن ياخشى.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87258
يازما سانى: 218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 576
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 149 سائەت
تىزىم: 2012-11-15
ئاخىرقى: 2013-9-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 05:41:29 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك ياخشى سوزلەرنى قىلدىڭىز ،ئاللا ئەجرىڭىزنى بەرسۇن قىرىندىشىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 05:49:04 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەر كىشىنىڭ ئالدىدا ئورۇنۇشنى نامەھرەملىك نۇقتىسىدىن ئىزاھلىساق توغرا چۇشەنسەم.ئاللاھنىڭ ئالدىدا قىلىن پايپاقتىن چۇمبەلگىچە ئورۇنۇشنى نىمە ئارقىلىق ئىزاھلىساق بولار.

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 3246
يازما سانى: 2372
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 42429
تۆھپە نۇمۇرى: 949
توردا: 14197 سائەت
تىزىم: 2010-7-3
ئاخىرقى: 2013-9-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 05:51:46 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kukhelal يوللىغان ۋاقتى  2013-6-16 05:40 PM
مىنىڭچە ئاللاھ بەندىللىرىنى ئۆزى ياراتقان،مەسىلە قان ...

«مىنىڭچە» دېگەننى سوزنى ئىسلام شەرىئىتىدىن باشقا يەردە ئىشلتىڭ ئەپەندىم ! ئىسلامدا قۇرئان ۋە ھەدىسكە ئاساسەن يول تۇتىلىدۇ .....

ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
bayhenim + 10 راس دەيسىز......................
nurjula + 10 توغرا!

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 20   باھا خاتىرىسى

سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79487
يازما سانى: 763
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 32705
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 423 سائەت
تىزىم: 2012-4-29
ئاخىرقى: 2013-9-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 05:54:09 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
kukhelal يوللىغان ۋاقتى  2013-6-16 05:40 PM
مىنىڭچە ئاللاھ بەندىللىرىنى ئۆزى ياراتقان،مەسىلە قان ...

ئېتىقادى ياخشى بولسا شەكلىمۇ ياخشى بۇلىدۇ(ھەم شۇنداق بۇلىشى كېرەك)ياخشى سۆزلىدىم دەپ باشقىلارغا خاتا چۈشەنچە بېرىپ قۇيىشتىن ساقلىنايلى!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 85889
يازما سانى: 930
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 4705
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 376 سائەت
تىزىم: 2012-10-9
ئاخىرقى: 2013-9-11
يوللىغان ۋاقتى 2013-6-16 05:56:43 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
.tuz. يوللىغان ۋاقتى  2013-6-16 09:51 PM
«مىنىڭچە» دېگەننى سوزنى ئىسلام شەرىئىتىدىن باشقا يەر ...

كەچۇرۇڭ ئەپەندى.
مەن قۇرئان ۋە ئاللاھنىڭ بىرلىكىگە ،مۇھەممەت ئەلەيھىسالامنىڭ پەيغەمبىر ئىكەنلىكىگە،ئىسلامنىڭ ھەق ئىكەنلىكىگە گۇمان قىلمايمەن.ئۇنۇڭدىن باشقا ھەرقانداق نەرسىگە گۇمان قىلىمەن.ھەقىقەت گۇمانلىنىشتىن چىقىدۇ.
قىنى قۇرئان كەرىمدىن،ئورۇنۇپ ناماز ئۆتەڭلار دىگەن گەپنى تىپىپ بىرىڭ.
تۇز ئەپەندى ئىتراپ قىلماي تۇرالمايسىز سىزنىڭ كاللىڭىز بەك قاتمال.
ئىتقادىڭىز كۈچلۈك،بۇنۇڭدا شەك يوق لىكىن كۈچلۈك ئىتىقاد بىلەن نىمىنى دەلىللەش سىز ئۈچۈن قاراڭغۇ بولسا كىرەك.

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش