ئالىي مەكتەپ ئىمتىھامى ئالدىدا سالماق بۇلۇڭ!بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @( K# \' C# u$ P- G& S; \: }% h x
ئابدۇخېلىل قۇتتىكىن
ھەممىمىزگە مەلۇملۇق جۇڭگۇ مائارىپىدىكى ئەڭ چوڭ ئالاھىدىلىك بولسا 9 يىللىق مەجبۇرىي مائارىپنى تۈگەتكەندىن كېيىن،ئۆرلەپ ئوقۇشنى خالايدىغانلار ئۆزلىرى خالىغان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە ئۇقۇپ،ئۆز تىرىشچانلىقى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قات-نىشىپ ئۆزلىرى ئارزۇ قىلغان ئالىي مەكتەپلەردە بىلىم ئېلىش ئارقىلىق ئىقتىساس ئىگەسىگە ئايلىنىدۇ. بۇ 11-نۆۋەتلىك 3-ئۇمۇمىي يىغىن ئۇمۇمىي يىغىندىن كېيىن داۋاملىشىپ كىلۋاتقان مائارىپ تۈزۈمى. دېمەك ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەربىر كىشىنىڭ تەقدىرىنى بەلگىلەيدىغان مۇھىم بىر سىناق بۇلۇپ قالدى. ھەر يىلى دۆلىتىمىز تەۋەلىكىدە تالاي ئوقۇغۇچىلار بۇ ئىمتىھانغا قاتنىشىدۇ. بۇ ئىمتىھان بەلكىم بەزىلەر ئۈچۈن تولىمۇ چوڭ بىر بېسىم بۇلىشى مۇمكىن. چۈنكى ئاتا-ئانىلەرنىڭ،ئوقۇتقۇچى-ئۇستازلارنىڭ،ئۈمۈدى تولىمۇ زور. ئۆتەلمىسە ھەممە كىشى ئالدىدا يەرگە قاراپ قالىدىغان گەپ. شۇڭا بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلار گەرچە 3 يىل تەييارلىق قىلسىمۇ،يەنىلا ئىچىدە ئەنسىرەپ،غايەت زور بېسىم ئىچىدە تەمتىرەپ قالىدۇ. بەلكىم ئۆزىنى كونتىرول قىلالماي ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قالىدىغان ئىشلارنى قىلىپ قۇيىشى مۇمكىن.
ئەنۋەر مەلۇم تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىدى. ئۇ ئۈچ يىل تىرىشىپ ئۇقۇپ ئاخىرى تىرىشچانلىقىنىڭ مىۋىسىنى كۆرىدىغان ۋاقىت يىتىپ كەلدى. ئەپسۇس،دەل بىر ئاي ۋاقىت قالغان ۋاقىتتا ئۇنىدا ناچار پىسخىكا پەيدا بولدى،ئۇ باشقىچە بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالدى. يا دەرس خوش ئاقمايدىغان،يا ئىش خوشئاقمايدىغان بۇلۇپ قالدى. كىچىككىنە ئىشلارغا چېچىلىپ،خاپا بۇلىدىغان بۇلۇپ قالدى. سىنىپتا داۋاملىق ئوقوغۇچىلار بىلەن ئۇرۇشۇپ،سىنىپ كەيپىياتىنى بۇزدى.ئوقۇتقۇچى كۆپ نەسھەت قىلسىمۇ،
يەنىلا ئۈنۈمى بولمىدى.
مەلۇم بىر كۈنى، ئۇ ياتاقتا يالغۇز ئولتۇراتتى،تۇيۇقسىز ھاۋاقدىشى ئالىم كىرىپ كەلدى. ئۇ ئەنۋەرنىڭ پىسخىكىسىنى بىلسىمۇ، يەنىلا چاخچاق قىلماقچى بولدى. ئۇ كۈرۈشكەندىن كېيىن ئەنۋەرگە چاخچاق قىلدى. ئەمما ئەنۋەر ئۇنىڭغا قۇپال تەگدى. بۇنى قۇبىل قىلالمىغان ئالىم ئۇنىڭ ئانىسىنى تىلغا ئېلىپ تىللىدى. كىم بىلسۇن بۇ تىل ئىككى ساۋاقداشنى ئاجايىپ كۈلپەتكە دۇچار قىلدى. ئادىل ئاچچىقىدا ئالىمنى بىرنى ئۇردى. ئالىممۇ بوش كەلمىدى. ئۇرۇش تازا ئەۋجىگە چىقتى. دەل شۇ ۋاقىتتا باشقىلار ئۇلارنى ئايرىۋالدى. ئالىم سىرىتقا چىقىپ كىتىۋاتاتتى، ئاچچىقى بېسىلمىغان ئادىل دەرھال شىرە ئۈستىدىكى پىچاقنى ئېلىپ، ئالىمغا قاراپ ئېتىلدى. پىچاق ئۇنىڭ ئىڭكىگە تەگدى. باشقىلار دەرھال ئادىلنى تۇتىۋالدى. ھەمدە ئالىمنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى. شۇنداق قىلىپ ئادىل تاس قالدى قاتىل بۇلۇپ قالغىلى، بەختىگە يارىشا ئالىم بەك ئېغىر يارلانمىغانىدى.
بۇ ئىشنى مەكتەپ تىزلا بىلدى. مەكتەپ قائىدىسى بويىچە ئادىلنى مەكتەپتىن چىكىندۈردى ھەمدى ئۇقۇش نۇمىرىنى بىكار قىلدى. ئىمتىھانغا ئازغىغىنە بىر ئاي قالغان ئادىل ئىمتىھان بىرىش سالاھىيىتىدىن قۇرۇق قالدى. ئەمدى مىڭ پۇشايمان قىلغاننىڭ پايدىسى يوق ئىدى.
دېمەك يۇقىرىدىكى مىسالدىن شۇنداق ئاچچىق ساۋاقنى كۈرۈپ يېتەلەيمىزكى، ئەتراپىدىكى ئىشلارغا،بېسىمغا توغرا مۇئامىلە قىلمىغاندا، ئۇ كىشىدە ناچار پىسخىكا كەلتۇۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەمدە كىشىنى ئۆمۈرلۈك پۇشايمانغا قۇيىدۇ. شۇڭا ھەربىر ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىدىغان ئوقۇغۇچىلار تۈرلۈك بېسىملارغا توغرا پوزىتسىيە تۇتىشى، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى بېسىم ھىس قىلماي، ئۇنى خۇشاللىق بىلەن بىرىشى كېرەك.
ئاخىرىدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى بىرىدىغان بارلىق ئاكا ھەدىلىرىمنىڭ ئىمتىھاننى ياخشى بىرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.بۇ مەزمۇنلار پۈتۈنلەي مىسرنىم مۇنبىرىدىن كۆچۈرۈلگەن @+ A1 V9 q4 k: o1 k& F
2013-6-3
قەشقەر