|
|
|
|
روسىيە «كوممۇنىستىك ياشلار» گېزىتىنىڭ 22-ئاپرىل خەۋەر قىلىشىچە ، دانىيىدىكى بىر لاھىيلىگۈچىلەر ئەترىتى ھازىر بانكا خادىملىرى ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرى ئۈچۈن «خىزمەت كىيىمى» لاھىيەلەۋاتقان بولۇپ ، بۇ خىل ئالازىدە ماتىرىيالدىن ئىشلەنگەن كىيىمنى كېيگەندىن كېيىن يالغان سۆزلىسە ، كىيىمنىڭ رەڭگى تەدرىجى يوقاپ رەڭسىزلىشىپ بەدەن كۆرۈنۈپ قالىدىكەن . بۇ تۈرنىڭ مەسئۇلى بولغان دان.روسگېتنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە ، ئۇلار «ئالما»ماركىلىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تېلفۇننىڭ ئىكرانىدىن ئىلھامىغا ئېرىشىپ ، «ئىككىنچى تېرە» ياساپ چىقىش ئويىغا كەلگەن . بۇ خىل «ئىككىنچى تېرە» ئادەمنىڭ كەيپىياتىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئەگىشىپ رەڭگىنى سۇسلاشتۇرالايدىكەن .
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە ، لاھىيلىگۈچىلەر لاھىيلىگەن بۇ خىل كىيىمگە ئورۇبلاشتۇرۇلغان قان-تومۇر سىنزورى كىيىمنىڭ رەڭ ئۆزگىرىشىنى كونترول قىلالايدىكەن . دەل مۇشۇنداق «ئەقلىي ئىقتىدارلىق ماتېرىيال» بولغاچقا ، چۆچەكلەردىكى «پادىشاھنىڭ يېڭى كىيىمى» رىئاللىققا ئايلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋېتىپتۇ .
|
|
|
|
|
|