مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 299|ئىنكاس: 3

نەسىھەت [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 11018
يازما سانى: 252
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 10007
تۆھپە نۇمۇرى: 345
توردا: 3135 سائەت
تىزىم: 2010-9-21
ئاخىرقى: 2013-4-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-21 06:11:30 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

«سول قوۋۇرغا»لارغا ئىككى كەلىمە سۆز

ئالدى بىلەن ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇ- سانا، مەڭگۈلۈك ئۈلگىمىز مۇھەممەد سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەمگە ۋە ئۇنىڭ ئائىلە تاۋابىئاتلىرىغا، ئۇنىڭغا ئەگەشكەن بارلىق ساھابە كىرام، مۆئىمىنلەرگە تۈگىمەس دۇرۇت سالاملار بولسۇن.

ئىككى ئالەمنىڭ پەيغەمبىرى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ۋىدالىشىش ھەججىدە مۇسۇلمانلارغا ئاياللار ھەققىدە ئىنتايىن مۇھىم ھەم ئىككى ئالەمدە ئۇلارنى بەختكە ئىگە قىلىدىغان كۆرسەتمىلەرنى بېرىدۇ. ئاياللارنىڭ ئاللاھنىڭ ئامانىتى ئىكەنلىكى، ئۇلارغا ياخشى مۇئامىلە قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى تەكىتلەيدۇ. مۇقەددەس كالامىمىز «قۇرئان كەرىم» دىمۇ ئاياللار توغرىسىدا كۆپلىگەن ئايەتلەر بار. ئەر كىشى بىر ئائىلە ئۈچۈن پادىچىغا ئوخشاش بولۇپ، پادىچى پادىسى ئۈستىدىن سورالغاندەك قىيامەت كۈنى ئائىلىسى ئۈستىدىن سوراق قىلىنىدۇ.دېمەك بىر مۇسۇلمان ئەرنىڭ ئۈستىدە ئائىلىسىنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى يۈكلەنگەن بولۇپ، بۇ يەردە پەقەت ئايال كىشىنىڭ بۇرچى ۋە ئەرنىڭ مەسئۇلىيەتلىرى ئۈستىدە ئىككى كەلىمە سۆزلىمەكچى.

ئادەم ئەلەيھىسسالام يالغۇزلۇق ھېس قىلغاندا ئاللاھنىڭ رەھمىتى بىلەن جۈپ بولۇشقا يارىتىلغان ھەۋۋا ئانىمىز ئىبلىسنىڭ ئازدۇرۇشى بىلەن يولدىش چەكلەنگەن مېۋىنى يېگەندىن كېيىن پەرشكە چۈشۈرۈۋېتىلدى. زىمىندىكى ھەممىلا نەرسە يېڭىدىن باشلاندى. ھەممە نەرسە تەل بولغان جەننەتتىن زىمىندىكى مۇشەققەت ئۈستىگە چۈشۈرۈلۈشنىڭ سەۋەبى ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ ئادەم ئاتىنى مېۋىنى يېيىشكە قىزىقتۇرۇش نۇقتىسىدىن قارىغىنىمىزدا ئاياللارنىڭ ھېسسىيات تىپلىق ئىكەنلىكى ھەم ھېسسىياتتىن ئىبارەت يۇمشاق كالتەك ئارقىلىق ئادەم ئاتىنىڭ ئەقلىنى كونتىرول قىلىپ مەڭگۈلۈك ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىمىز. ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا پەرشكە چۈشكەندىن كېيىن 39 كۈن ئۇدا غەم- غۇسسە يامغۇرى ياغقان، دەپ رىۋايەت قىلىنىدۇ.



ئادەم ئاتا بىلەن ھەۋۋا ئانا پەرزەنتلىك بولدى. ئوغلى قابىل ھابىلنى ئۆلتۈرۈپ زىمىندىكى تۇنجى قاتىللىقنى ئىجرا قىلدى. ئىنسانىيەتنىڭ تۇنجى قېنى ئەنە شۇنداق تۆكۈلدى.« ھاۋايى ھەۋەس» تىكى ھاۋا بىلەن ھەۋۋا ئانىمىزنىڭ ئىسمىدىكى ئوخشاشلىقنى ئويلىساق تارىختىن بۇيانقى تۆكۈلگەن قانلار، ئاققان ياشلاردا ئاياللارنىڭ بىر كىشىلىك مەسئۇلىيىتى بارلىقىنى بايقاپ ئالىمىز. تىرويا ئۇرۇشى بىر ئايال ئۈچۈن بولغان بولسا، ئاتىللا بىر خوتۇن تەرىپىدىن قەتلى قىلىندى. ئاياللار خۇسۇسىي بۇيۇم ، دەپ قارىلىدىغان قەدىمكى زاماندىن، ئاياللار مۇنبەرلەردە قەددىنى كېرىپ نۇتۇق سۆزلەۋاتقان بۈگۈنكى كۈنىمىزگىچە ئەرلەرنىڭ قەلبى ھەسرەتخانىغا، كوچا- رەستىلەر پۇشايمانخانىغا ئايلىنىش، شۇنداقلا ئەنە شۇ ئاياللار سەۋەبىدىن دۇنيا گۈلىستانغا ئايلىنىشتەك رەڭدار ئۆزگىرىش باسقۇچلىرىنى بېسىپ ئۆتتى. ئاياللار قەددىنى قانچە كەرگەنسېرى ئەرلەرنىڭ بېشى شۇنچىلىك چۈشۈپ كەتتى. ئايالىنىڭ يات ئەر بىلەن قۇچاقلىشىپ تانسا ئوينىشىنى تاماشا قىلىپ تۇرغان ئەر بىلەن ئايالىنى رەسۇلىللاھتىنمۇ كۈنلىگەن ساھابىلەر ئوتتۇرىسىدا ئىككى ئالەملىك مۇساپە بار. ھەممىنى توغرا چۈشىنىپ «كۈنداشلىق زىيانلىق» دەپ كاسىلداۋاتقان ئەر بىلەن «ئايالىمنىڭ پاھىشىدىن پەرقى بولسۇن، ئۇ پاك نەسىل تۇغۇدىغان، قىيامەت كۈنىدە رەسۇلىللاھنى پەخىرلەندۈرىدىغان مۆئىمىن- مۆئىمىنەلەرنى يېتىشتۈرىدىغان ئامانىتىم، ئۇ ئاممىۋىي ئاپتوبۇس ئەمەس» دېگەننى ئويلىيالىغان ئەرنىڭ ئوتتۇرىسىدا بېيجىڭ بىلەن باغداتتەك مۇساپە بار.

ئەسلى «جەننەت ئانىلارنىڭ ئايىغى ئاستىدا.» ئىدى. قەلبى ئىمان سۈيى بىلەن ھەقىقىي سۇغۇرۇلغان ئايال تالاشمايتتى، تاكالاشمايتتى. جەننەت ئەرنىڭ ھەققىنى تونۇغان، ئۆزىنىڭ بۇرچىنى ئادا قىلغان ئايالنىڭ ئاستىدا ئىدى. ئاياللار ئىسلامدىكى بەش پەرزدىن باشقا پەقەت ئەرگە ئىتائەت قىلسا، فەرجىنى ھارامدىن ساقلىسىلا سەككىز جەننەتنىڭ خالىغىنىدىن كىرەلەيتتى. ئەمما ئىش ئويلىغاندەك بولماي قالدى. ھەۋۋا ئانىمىزنى ۋەسۋەسە قىلغان شەيتان ئاياللىرىمىزنىمۇ ئوڭۇشلۇق ھالدا ئۆز چاڭگىلىغا كىرگۈزۈۋېلىشقا باشلىدى. مۇبارەك پەيغەمبىرىمىز دەۋزەق ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ ئاياللار ئىكەنلىكى ھەققىدە بىشارەت بېرىدۇ. ئاياللار ئىبادەت مەسىلىلىرىدە ئەرلەردىن ئاشۇرۇپ، تەقۋادارلىق دەرىجىسىگە يېتەلەيدۇ، ۋاھالەنكى ئىتائەت، ئەرگە  بويسۇنۇش جەھەتتە ئۆلچەمگە چۈشىدىغان ئايال بارماق بىلەن سانىۋالغۇدەكلا.

بىر مۇسۇلمان ئائىلىسىدە مۇنداق ئىش بولغان ئىدى: ئىشتىن ھېرىپ كەلگەن ئەر ئايالىغا ئۇسسۇزلۇق ئېپكىرىپ بېرىشنى ئېيتىپ قويۇپ، ياتاق ئۆيىگە كىرىپ كەتتى. ئايال بالىسىنى ئېمىتىش ۋە باشقا ھەلەكچىلىكلەر بىلەن ۋاقتىنى سەل ئۆتكۈزۈپ قويدى. ئەرنىڭ يېنىغا كىرسە ئەر ئاللىقاچان ئۇيقۇغا غەرق بولغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئايال قولىدىكى ئۇسسۇزلۇق قاچىسىنى تۇتۇپ ئېرىنىڭ ئويغىنىشىنى كۈتۈپ تاڭنى ئاتقۇزدى. ئەر ئويغىنىپ سەۋەبىنى سورىدى. ئايالى ئېيتتىكى: - سىلىنى ئويغىنىپ قالسا ئىچىۋالارمىكىن ، دەپ ساقلاپ تۇردۇم، ئويغىتىشنى راۋا كۆرمىدىم.

كۆرۈڭ، بۇ ئايالدىكى ئىتائەتنى!

ئۇرۇش مەزگىلىدە بىر مۇسۇلمان ئەر ئايالىغا ئۆيدىن سىرتقا چىقماسلىقنى تاپىلاپ ئۇرۇشقا كەتتى. كۈنلەردىن بىر كۈنى ئايالغا ئاتىسىنىڭ ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر كەلدى. لېكىن ئەر ئايالىنى سىرتقا چىقماسلىققا بۇيرۇغان ئىدى. ئايال ئاتىسىغا بارالمايدىغانلىقى ھەققىدە خەۋەر ئەۋەتتى. ئاتىسىنىڭ كېسىلى ئېغىرلىشىپ، ئاخىرقى قېتىم قىزى بىلەن دىدارلىشىۋېلىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ ئادەم ئەۋەتتى. ئايال «ئاتام مەندىن رازى بولسۇن، مەن يولدىشىمنىڭ ئىجازىتىسىز بارالمايمەن.» دەپ ئۆزرە يەتكۈزدى. ئاتىسى ۋاپات بولدى. ئايال يەنىلا ئائىلىسىدە سەۋر قىلىپ ئولتۇردى. بىر كۈنى ئايالنىڭ يولدىشى ئۇرۇشتىن قايتىپ كېلىپ يۇقىرىقى ئەھۋاللاردىن خەۋەر تېپىپ، ئايالىغا ئىجازەت بەرمىگەنلىكىدىن پۇشايمان يەپ ئولتۇرغاندا، رەسۇلۇللاھتىن خۇشخەۋەر كەلدى.

ئايال ئېرىگە ئىتائەت قىلغىنى ئۈچۈن جەننىتى بولۇپتۇ. ئاتىسى قىزىدىن رازى بولغانلىقى ئۈچۈن ھەم جەننىتى بولۇپتۇ.

رەسۇلۇللاھتىن ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ سورىدى: - جەننىتى ئايال قانداق بولىدۇ، يا رەسۇلىللاھ؟

رەسۇلۇللاھ ئېيتتى: - پالانچى يەردىكى پالانچى ئايالدەك بولىدۇ.

ئائىشە ھېلىقى ئايالنى ئىزدەپ سوراپ تاپقان چېغىدا بۇ ئايال قولىغا بىر تاياق، تاماق ھەم چوڭ بىر قاپاققا سۇ ئېلىۋالغان ئىكەن.

ئائىشە سورىدىكى:- نەگە ماڭدىڭىز ئى پالانى؟

-         يولدىشىمغا تاماق ئېلىپ ماڭدىم.

-          قولىڭىزدىكى تاياق بىلەن يوغان قاپاققا سۇ ئېلىۋېلىشىڭىز نېمە ۋەجىدىن؟

-         يولدىشىم پادىچى، تاياقنى ئېلىۋېلىشىم يولدىشىمنىڭ ئالدىدا بىرەر ئىشنى خاتا قىلىپ قويسام ماڭا تەنبىھ بېرىشى ئۈچۈن، قاپاققا سۇ ئېلىۋېلىشىمنىڭ ۋەجى بولسا، يولدىشىم جاڭگالدا مال بېقىپ زېرىكىپ كەتكەن بولۇشى مۈمكىن، ناۋادا يولدىشىم چاقىرىپ قالسا جۇنۇبلۇقتىن پاكلىنىش ئۈچۈن سۇ لازىم بولىدۇ.- دېدى ھېلىقى ئايال.


ياراتقۇچىغا چەكسىز ھەمدۇسانالار بولسۇنكى، ئىنسانىيەت ئاپىرىدە بولغان شۇنچە ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان بۇ خىلدىكى نۇرانە سۈپەت ئاياللار ئۈزۈلۈپ قالماپتۇ. ئەرنىڭ ھەققىنى تونۇغان مۇشۇنداق ئاياللارنىڭ تۈپەيلىدىن داستىخانلىرىمىز بەركەتلىك، ئەرلەر ھىممەتلىك بولۇپ كېلىۋېتىپتۇ. «ئەگەر ئاللاھتىن ئۆزگە بىرسىگە سەجدە قىلىشقا توغرا كەلگەن بولسا ئايالنى ئەرگە سەجدە قىلىشقا بۇيرۇغان بولاتتىم» دېگەن مۇبارەك ھەدىسنىڭ روھى بويىچە ئايالنىڭ ئەقلى- ھۇشى جايىدا، ياخشى مۇسۇلمان ئېرىگە قانداقلىكى ئەھۋالدا بولمىسۇن ئىتائەت قىلمىقى لازىم بولىدۇ. بۇ ئىتائەت قۇللارنىڭ قۇلدارلارغا ئىتائەت قىلىشى مەنىسىدىكى ئىتائەت بولماستىن، ھۈرمەت – ئېھتىرامدىن پۈتكەن، ئىلاھىي بۇيرۇقنى ئورۇنداش ۋەجىدىن قىلىنغان ئىتائەتتۇر.

ھالبۇكى، بىز شۇنداق پىتنە ئاۋۇغان دەۋردە ياشىماقتىمىز، ياخشىلىق يوللىرى توسۇلۇپ، يامانلىق يوللىرى داغداملىشىپ كەتكەن. ئەل ئىچىدە ئاۋۇغان قاباھەت نادانلىق، يامان ئىشلارغا چىش يېرىپ ئىپادە بىلدۈرۈشتىن قورقۇپ تۇرىمىز. ئېشەك تىكىنى پەرۋىشسىزمۇ ئاينىپ كەتكەندەك جاھىلىيەت نادانلىقلىرى، گۇناھى كەبىرلەر شىددەت بىلەن ئاينىپ كەتكەن.

ئىمان ۋە پاكىزە ئەقىدە تەشتەكتىكى گۈلگە ئوخشاش ھالسىز ۋە غېرىب،پەرۋىش قىلىدىغان قولنىڭ ئازلىقىدىن قۇرۇپ قېلىشقا يۈز تۇتقان.

بىز ئىچىمىزنىڭ چۆلگە ئايلانغانلىقىنى ھېس قىلدۇق.

نىكاھنىڭ كۈچى بىلەن بىر- بىرىگە مېھرى باغلىنىپ ئۆمۈرلۈك جۈپ بولۇشقا ئەھدىلەشكەن ئەر- ئاياللارنىڭ شەيتاننىڭ قۇتراتقۇلۇقى بىلەن مەڭگۈلۈك رەقىپلەرگە ئايلانغانلىقىنى كۆرگىنىمىزدە ، ئېغىر بوپا- توقۇملارنى دۈمبىسىگە ئارتىپ بىر قەدەم بىر قەدەمدىن ئالغا قاراپ كېتىۋاتقان ئاجىز بىر قەۋمنىڭ پىغانلىرىنى تىڭشىغاندەك بولىمىز ھەم بىز دۇچ كەلگەن كىرىزىسنىڭ مىسلى كۆرۈلمىگەن بىر كىرىزىس ئىكەنلىكىنى ھېس قىلىمىز.

لۇت قەۋمى بەچچىۋازلىق قىلىپ ھالاك قىلىۋېتىلگەن ئىدى. فىرئەۋن قەۋمى زۇلۇمدا چېكىدىن ئېشىپ ئۇلۇغ سۇغا غەرق قىلىۋېتىلگەن ئىدى. ئۇيغۇر قەۋمى قۇلاق ئاڭلىمىغان، رىسالە تارىخنامىلەردە پۈتۈلمىگەن قەبىھ گۇناھلارغا چۆمۈلگەن ھالەتتە ئۆز كىملىكىنى ئىزدىمەكتە. ئاشنىسى بىلەن بىرلىشىپ ئېرىنى ئۆلتۈرگەن خوتۇن، قىزىغا باسقۇنچىلىق قىلغان ئاتا، ئانىسىغا چېقىلغان ئوغۇل، نارەسىدىگە باسقۇنچىلىق قىلغان ئەر... قىسقىغىنە ھايات يولىمىز پىتنىلەرنىڭ قورشاۋىدا تۇرماقتا. بىزگە لوقمان ھەكىمدەك مىڭ يىل ئۆمۈر ئاتا قىلىنمىغان ئىدى. ھەر بىر تىنىقىمىز ئۈچۈن ھېساب بېرەر ئىدۇق. بىزگە ئەقىل بىكاردىن بىكار بېرىلمىگەن ئىدى. بىز بىكار يارىتىلمىغان ئىدۇق.

كۆرۈۋاتىمەن، بىر ئايال ئېرىنىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، قولىنى شىلتىپ سۆزلىمەكتە. بىر ئەر بالكۇندا تاماق ئەتمەكتە. ئايالى كىرىسلودا پۇتىنى ئالماپ ئولتۇرۇپ، تىرنىقىغا لاك سۈرمەكتە. يەنە بىر ئەر ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلدى.

رېستۇرانغا يىغىلىشقان ئاياللار قەدەھلەرنى سوقۇشتۇرۇپ ئەركىنلىككە تەنتەنە قىلماقتا. ئىسلامغا مۇشەررەپ بولغىلى 10 ئەسىردىن ئاشقان ئۇيغۇردا بىز مەسخىرە قىلغان غەرب جەمئىيىتىدىكىدىنمۇ ئېغىر روھىي بۆھران يۈز بەرمەكتە ئىدى. بىز مۇسۇلمان دېدۇق، ھاراقتىن قول ئۈزەلمىدۇق. ئۆزىمىزنى ئەر دېدۇق، ئەرگە ئوخشىيالمىدۇق. ۋەتەن دېدۇق، ۋەتەننى چىن مەنىسى بىلەن سۆيەلمىدۇق. ئائىلىمىزگە ئىگە بولالمىدۇق. ئۇف! ھاياجانلىنىشتىن توختاپ ئەتراپىمغا نەزەر تاشلىدىم: ئاياللار ئەرلەر بىلەن باراۋەر خىزمەت قىلىش ئىمتىيازىغا ئېرىشىپتۇ. ئەمما چاتاقمۇ دەل مۇشۇ يەردىن باشلىنىپتۇ.

-         مەنمۇ ساڭا ئوخشاش ئىشلەۋاتىمەن، ساڭا ئوخشاش پۇل تېپىۋاتىمەن.- دەيدۇ ئايال سومكىسىنى كارۋاتقا تاشلاپ.

ئەر ئامالسىز، چۈنكى بۇ ھەقىقەت. يا ئۇ مەردانىلىق بىلەن «قۇشقاچلارغىمۇ ئاللاھ رىزىق بېرىۋاتىدۇ، بىزمۇ ئاچ قالماسمىز» دەپ ئايالىنى ئۆيىدە پەرزەنت تەربىيىلەشكە تۇتۇپ قالالمايدۇ ياكى ئائىلىدە ئەرلىك سالاھىيەتنى تىكلىيەلمەيدۇ. كالىدەك پۇشۇلداپ، تاشپاقىدەك مىسىلداپ، تالاي پۇشايمانغا تولغان ئائىلە ھارۋىسىنى سۆرەپ كېتىۋاتقان ئەرلەر ئارىمىزدا ھەقىقەتەن كۆپ. ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدا گاھىدا «ۋاللىدە» قىلىپ بىر جۇشقۇن روھنىڭ چاقمىقى چېقىپ قالىدۇ. لېكىن، رىئاللىقنىڭ كۆڭۈلنى ھېرىتقۇچى ئالامانلىرى ئىچىدە پىچىۋېتىلگەن قوچقاردەك ئولتۇرۇپ قالىدۇ. ئاياللارنىڭ قۇيرۇقى دىڭ، چۈنكى ئۇلار ئەيمەنگۈدەك ئەر يوق، ئۇلارنى ئەيمەندۈرگىدەك ئەر يوق، ئۇلارنى تەربىيلىگۈدەك ئەر يوق. بەلكى، ئۇلارنىڭ كاسىسىغا، يېرىم ئوچۇق كۆكسىگە شەھۋەت بىلەن تىكىلىپ تۇرغان ئەر خىزمەتداشلىرى بار.

بوۋام نەسىھەت قىلىۋاتاتتى:- قىزىم كۈن ئولتۇرغاندىن كېيىن سىرتقا چىقما.

لېكىن ، ئاياللار نەچچە يۈز كىلومېتىرلىق يوللارنى يالغۇز بېسىپ ساياھەت، كاماندىروپكىلارغا چىقالايدىغان بولدى.

مومام نەسىھەت قىلاتتى:- ئايال كىشى خۇشبۇي ئىشلىتىپ سىرتقا چىقسا، ئۇنى يات ئەر پۇرىسا، ئۇ ئايال كىشى زىنا قىلغان بولۇر.

يەنە نامسىز بوۋىلىرىم نەسىھەت قىلىۋاتاتتى:- ئايالىنى كۈنلىمىگەن ئادەم دەيۈز بولىدۇ. دەيۈزلەر جەننەتكە كىرمەيدۇ. جەننەتنىڭ ھىدىنىمۇ ھىدلىيالمايدۇ.

ۋاھالەنكى، مەن ئەتىر ھىدىدا مەست بوپقالاي دېدىم، ئۆتۈنۈپ قالاي، ئەي ناتونۇش ھەدە، پاچىقىڭىزنى ياپقان بولسىڭىز، ياقىسى پۈتۈنرەك كىيىم كەيگەن بولسىڭىز. ئۇ ئېرىڭىزگىلا تەئەللۇق نەرسىلەر ئىدىغۇ!

تۇيۇقسىزلا دەۋزەقتىن بىر ئايالنىڭ چىقىرىغان ئاۋازى ئاڭلانغاندەك ئەندىكىپ كەتتىم.

ساھابىلەردىن بىرى ئۇرۇشقا چىقىش ئالدىدا ئوغلى ئاغرىق ھالەتتە قالغان ئىدى. ئارىلىقتا ئوغۇل ئالەمدىن ئۆتتى. دەل شۇ كۈنى ساھابىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىك خەۋىرى كەلدى. ئايالى تىنىقى توختىغان ئوغلىنىڭ يۈزىنى يېپىپ قويۇپ، چىرايلىق ياسىنىپ، خۇشبۇي ئىشلىتىپ ئېرىنى پۈتۈن مېھرى – مۇھەببىتى بىلەن كۈتىۋالدى. ئەتىسى ئايال ئېيتتىكى:- ئەي ئېرىم. سىز بىراۋدىن قەرز ئالغان بولسىڭىز، قەرزنى قايتۇرۇپ بېرەمسىز؟

-         ئەلۋەتتە.- دېدى ساھابە بۇ سۇئالدىن ئەجەبلىنىپ.

-         ئاللاھ ئامانەتنى ئالدى. ئوغلىڭىز تۈنۈگۈن قازا قىلدى- دېدى ئايال. شۇ كېچە ئاللاھنىڭ ئىرادىسى بىلەن ئايالنىڭ بويىدا قالدى. ئوغلى شۇنچىلىق تەقۋادار، ئىلىم ئەھلى بولدى.

ئىمان قەلبكە قانچە چوڭقۇر ئۆزلەشكەنسېرى ئىتائەت شۇنچىلىك كۈچلۈك بولىدۇ. ئەكسىچە ئىمان قەلبىگە ئۆزلەشمىگەن ئايال ھىجاپلانغان تەقدىردىمۇ شەيتاننىڭ ھەمشېرىكىدۇر.

شۇڭا ئېيتىلىپتۇكى:- ئەقىدە بىلمىگەن ئالىم شەيتانغا ئەلدۇر،

                        ئىبادەت قىلسا گەر مىڭ يىل، ئۇ بەرىبىر يەلدۇر

مويسىپىتلار ئېيتىدۇ: ئايال كىشى شۇنداق بولۇشى كېرەككى، ئەر يامان ئىش ئۈچۈن كوچىغا ماڭسا ، باشقىلار بىلىپ قالمىسۇن ئۈچۈن ئېرىنىڭ ئىزىنى سۈپۈرۈپ ماڭىدۇ.

ئەگەر ياخشى ئىش ئۈچۈن ماڭسا ئىزىنىڭ ئۆچۈپ كەتمەسلىكى، خالايىقنىڭ بىلىشى ئۈچۈن ئۇ ئىزنى تۇمىقى بىلىپ باستۇرۇپ تۇرىدۇ.

ئەرنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن، ئاللاھ رازى بولغان ئايالنىڭ جەننەتتە يەنە يولدىشى بىلەن بىرگە بولىدىغانلىقى، ھەتتا بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئەمەللىرى ئۈچۈن ئېرىنىڭ جەننەتتىكى ھۈر ئاياللىرىدىنمۇ دەرىجە جەھەتتىن ئۈستۈن بولىدىغانلىقى ھەدىسلەردە تىلغا ئېلىنغان.
يامان ئىشتىن توسۇدىغان ئادەم يوق. لېكىن پاكىزە يولدا مېڭىشنى ئويلىغان ئادەمگە توسۇق كۆپ.

مۇبارەك پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەد مۇستاپا سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسسەللەم مەشھۇر ۋىدالىشىش نۇتقىدا مۇنداق دەيدۇ:

ئى خالايىق! زىممىڭلاردا ئاياللىرىڭلارنىڭ سىلەر رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك ھەققى بار. ئاياللىرىڭلارنىڭ زىممىسىدىمۇ ئۇلار رىئايە قىلىشقا تېگىشلىك سىلەرنىڭ ھەققىڭلار بار. سىلەرنىڭ ھەققىڭلار شۇكى، ئاياللىرىڭلار تۆشەكلىرىگە سىلەردىن غەيرى ئادەملەرنى يولاتماسلىقى، سىلەر خوپ كۆرمەيدىغان ئادەملەرنى سىلەردىن رۇخسەتسىز ئۆيگە كىرگۈزمەسلىكى ۋە پاھىشە قىلماسلىقى لازىم. ئەگەر ئۇلار شۇنداق قىلسا، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۇلارنى چىڭ تۇتۇشۇڭلارغا، ئۇلارنى ئۆيدىن چىقارماسلىقىڭلارغا، ئۇلار بىلەن بىر تۆشەكتە ياتماسلىقىڭلارغا، ئۇلارنى ئاستىراق ئۇرۇشڭلارغا رۇخسەت بېرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چەكلىنىپ سىلەرگە ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنى چىرايلىقچە ئاش- نان، كېىيىم - كېچەك بىلەن تەمىنلەڭلار. سىلەرنىڭ ئەمرىڭلاردىكى ئاياللار ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى ئىگە ئەمەس. ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئامانىتى قىلىپ ئالدىڭلار، ئۇلارنى نىكاھ ئارقىلىق ئۆزۈڭلارغا ھالال قىلدىڭلار. ئاياللار توغرىسىدا ئاللاھتىن قورقۇڭلار. ئاياللارغا ياخشى مۇئامىلىدە بولۇش توغرىسىدىكى ۋەسىيەتلەرنى قوبۇل قىلىڭلار. سىلەرگە تەبىلىغ قىلدىممۇ؟ ئى ئاللاھ گۇۋاھ بولغىن.
مەنبە   ئۈندىدار بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   galwang تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-4-21 06:12 PM  


ھازىرغىچە 2 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
YAZR + 45 نادىر يازما
KORURMANN + 10

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 55   باھا خاتىرىسى

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2375
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 18825
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1846 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
چوڭ ئانام ئانامغا مۇنداق نەسىھەت قىپتىكەن، بالام بالىنىڭ پوقىنى دادىغا كۆرسەتكەن ئانا لاياقەتلىك ئانا ئەس.
چوڭ دادام دادامغا مۇنداق نەسىھەت قىپتىكەن، ئانىغا بېسىم كەلتۈرگەن دادا  لاياقەتلىك دادا ئەمەس.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 95058
يازما سانى: 5
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 12
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 8 سائەت
تىزىم: 2013-4-19
ئاخىرقى: 2013-4-26
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2013-4-23 12:03 AM
چوڭ ئانام ئانامغا مۇنداق نەسىھەت قىپتىكەن، بالام بالى ...

ئەمما تۇرمۇشتا ئايالى يېپىق كىيىم كەيسە قېرى خوتۇندەك كىيم كەيمىگىن ،ياغلىق چەگسە ياغلىقىڭنى ئېلىۋىتىپ چىرايلىق ياسىنىپ يۇرگىن سەن ياش تۇرساڭ دەيدىغان ئاشۇ ئەرلەرگە قانداق قىلغۇلۇق؟

يەزر=ئۇيۇش=ئۇيغۇر!

مەستانە ئـــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 36940
يازما سانى: 1650
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 4902
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 1566 سائەت
تىزىم: 2011-4-8
ئاخىرقى: 2013-4-30
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەقىدە بىلمىگەن ئالىم شەيتانغا ئەلدۇر،
ئىبادەت قىلسا گەر مىىڭ يىل ، ئۇ بەرىبىر يەلدۇر...


ئۈلپىتىڭ قاغا بولسا يىيىشىڭ پوق !
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش