ياشلىق ...
باھار كەلسە ئېچىلدى گۈللەر،
كەچكۈزدىلا توزۇشقا باشلاپ .
قولۇمدا گۈل تۇتتۇم ئاۋايلاپ ،
ياق -ياق ئۇنى مەھكەم باغاشلاپ .
توزۇپتۇ گۈل ياشلىقىممۇ ھەم ،
ياشارماپتۇ بىلسەم ئەسلىدە .
گۈل بىلەن تەڭ دەپتۇ ئەلۋىدا ،
گۈل توزىغان كەچكۈز پەسلىدە .
ياشلىقىمغا يانداش ھىسلىرىم ،
تۇنۈگۈنلا ئىدى بەك پارلاق .
ئەمدى مەندىن كېتىپتۇ يىراق ،
ياشلىق گۈلى چاچماس خۇشپۇراق.
ياشلىق بىر رەت كېلىدۇ تۇيماي ،
قايرىغىلى بىر تـال غۇنـچىـنى .
ئۆمۈر بەردى كۆردۈڭ شۇنچىنى ،
ياشلىق ئۈچۈن تۆكتۈڭ ئۈنچىنى .
قىزىلگۈلگە ئوخشامدۇ ياشلىق ،
بىر تال گۈلنى ئالدىم سىقىملاپ.
گۈل باھاردا كۈلەر ۋىلىقلاپ ،
ياشلىق كەلمەس مەڭگۈگە قىيداپ .
ياشلىق ئەمەس بىر تال قىزىلگۈل.
پەقەت ئوخشاش ئاڭلا بۇ خىتاپ.
نېمە دېمە قالما تېڭىرقاپ ،
جـاۋابىـدۇر(يىلـلارغـا جاۋاپ) .
مەنبەسى ئەپچىلەم