نىمە ئۈچۈن داۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋى رەت قىلىندى
ئەخمەتجان جۈمە
جەمىيەتنىڭ تەرەققى قىلىشىغا ئەگىشىپ، تۈرلىك ساھە تۈرلىك كەسىپلەردە ئورتاقلىشىىش- شىرىكلىشىش ئاۋۇپ بارماقتا. بۇ بىر ياخشى كەيپىيات بولسىمۇ بىر قىسىم كىشلەرنىڭ ئوخشاش بولمىغان سەۋەنلىكى تۈپەيلى ئوخشاش بولمىغان قىسمەتلەرگە دۇچار قىلماقتا. بەزىلەر ئۆز سەۋەنلىكىدىن پۇشايماندىن ھەسرەت يۇتماقتا. توۋەندىكى دىلو مىسالىنى دىققىتىڭلارغا سۇنىمەن.
مەلۇم ناھىيەنىڭ مەلۇم يېزا مەلۇم كەنتىدىكى ئىرشات، ئىلغار، روزىمەت، جامال قاتارلىقلار يىقىن دوستلاردىن بۇلۇپ بۇلار بىر قىتىملىق مەسلىھەت بىلەن ئۆز-ئارا شىرىكلىشىپ تىجارەت قىلىش ھەققىدە پىلان قىلىدۇ ھەم شۇ يىلى 9-ئايدىن باشلاپ مەن(ئىرشات)، ئىلغار(جاۋاپكار)، روزىمەت (3-كشى)، جامال (3-كىشى) قاتارلىقلار شىرىكلىشىپ پاختا تىجارىتى قىلىدۇ. ئىرشات، روزىمەت(3-كشى)، جامال، قاتارلىق 3 كىشى بىرلىشىپ دېھقانلاردىن نەخ ۋە نىسى قىلىپ پاختا يىغىدىغان، ئىلغار بۇ پاختىلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ساتىدىغان، كىلىپ چىققان پايدا زىيانغا تەڭ ئىگە بولدىغان بۇلۇپ ئىغزاكى توختام ئىمزالاپ تىجارەت باشلايدۇ.بۇلار بىر مەزگىل تىجارەت قىلغاندىن كىيىن بۇلار ئارسىدا تالاش تارتىش يۈز بىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئىرشات خەلق سوت مەھكىمىسىگە دەۋا قىلىدۇ. ئۇ ئۆزىنىڭ دەۋا تەلىۋىدە:
«مەن(ئىرشات)،ئىلغار(جاۋاپكار)،جامال(3-كشى)،رۇزىمەت (3-كىشى) قاتارلىقلار شىرىكلىشىپ پاختا تىجارىتى قىلغان. جامال، رۇزىمەت(3-كشى)، جامال، قاتارلىق 3 كىشى بىرلىشىپ دېھقانلاردىن نەخ ۋە نىسى قىلىپ پاختا يىغىدىغان، ئىلغار بۇ پاختىلارنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلار بىلەن ئالاقىلىشىپ ساتىدىغان، كىلىپ چىققان پايدا زىيانغا تەڭ ئىگە بولدىغان بۇلۇپ ئىغزاكى توختام ئىمزالاپ تىجارەت باشلىغان ئىدۇق. مەن(ئىرشات)، رۇزىمەت (3-كىشى)،جاماللار ئىلگىر كىيىن بۇلۇپ 1-قىتىم 304002 يۈەنلىك پاختىنى ئىلغارغا ئۆتكۈزگەن. ئىلغار(جاۋاپكار) بۇ پۇلدىن 300000 بىرىپ قالغان 4002 يۈەننى بەرمىدى. پايدىسىنىمۇ بەرمىدى. 2-قىتىم 333173 يۈەنلىك پاختىنى جاۋاپكارغا ئۆتكۈزدىم. جاۋاپكار بىلەن رۇزىمەت بۇ پاختىنى ئاقسۇغا ئېلىپ بىرىپ 308 مىڭ يۈەنگە سىتىپ كەپتۇ. جاۋاپكار بۇ پۇلنى تەقسىم قىلىپ ئۆزىدىن باشقا ئۈچەيلەنگە 10000 يۈەندىن 30000 يۈەننى بۇرۇنقى تىجارەتنىڭ پايدىسىغا ھىساپلاپ تارقاتتى. 170 مىڭ يۈەننى جاۋاپكار بىلەن باشقا ئىككى شىرىك سالغان دەسمايىسى ئۈچۈن ئالدى. مەن پايدا بىلەن چىقىم قۇشۇلۇپ 38000 يۈەن ئالدىم. قالغان 80000 يۈەننى جاۋاپكار ئۆزى ئېلىۋالدى.دېھقانلارغا بىرىشكە تىگىشلىك بولغان 105 مىڭ يۈەنلىك نىسى پاختىنىڭ پۇلىنى جاۋاپكار بەرمىدى. ئۇنۇڭدىن باشقا ئۆزەمنىڭ 5090 يۈەنلىك پاختىسىنى نىسى بەرگەن. شۇڭا جاۋاپكاردىن نىسى پاختا پۇلى ئۈچۈن 114092 يۈەن، شىرىكچىلىكتىكى پايدا 65000 يۈەندىن ماڭا تىگىشلىك قىسىمى 16250 يۈەننى ئېلىپ بەرسە» دىگەننى ئوتتۇرغا قويدى.
جاۋاپكار ئىلغار «بىز تۆت كىشى شىرىكلىشىپ پاختا تىجارىتى قىلىغانلىقىمىز راس. مەن كىۋەز سىتىشقا مەسئۇل بولغان كىلىپ چىققان پايدا زىيانغا تەڭ ئىگە بولدىغان بولۇپ ئاغزاكى توختام ئىمزالاپ تىجارەتنى باشلىغان. مەن كېۋەزنى سېتىشقا مەسئول بولغان، ئىككى قىتىم سېتىپ كەلگەن كىۋەزدىن ئالغان64000 يۈەن پايدىنى تۆت شىرىك 16000يۈەندىن ئۇلشۇپ بولغان، كېيىنكى قىتىم ساتقان كىۋەزنىڭ تالۇننى مەن يۈتتۈرۈپ قويدۇم. شۇنىڭ بىلەن 65000 يۈەن زىيان بولدى. ھازىر دەۋاگەر مەندىن كىۋەزنى نىسىگە سىتىۋالغان دەپ 114090 يۈەنگە دەۋا قىپتۇ.مەن دەۋاگەرنىڭ ئالغان كىۋەزلىرىدىن خەۋىرىم يوق شۇڭا بۇ پۇلنى تۆلىمەيمەن»دەپ جاۋاپ قايتۇردى.
دەۋادىكى 3-كىشى جامال« بىز تۆت كىشى كىشى ئاغزاكى كىلىشىپ پايدا زىيانغا تەڭ ئىگە بولدىغان بولۇپ شىرىكلشىپ كىۋەزچىلىك قىلغانلىقىمىز راس.دەۋاگەرنىڭ ئەرزىدە ئوتتۇرغا قويغانلىرى توغرا.ئىلغار شىرىكچىلىكتىكى 65000يۈەن پايدا پۇلىدىن ئىرشاتقا بىرىشكە تىگىشلىك 16250يۈەن بىلەن بىزنىڭ تىگىشلىك ئۆلىشىمىزنى بىرىشى ۋە نىسى سىتىۋالغان كىۋەز پۇلىنى قايتۇرۇشى كىرەك» دەپ پىكىر بايان قىلدى.
دەۋادىكى 3-كىشى روزىمەت «بىز تۆت كىشى ئاغزاكى كىلىشىپ پايدا زىيانغا تەڭ ئىگە بولدىغان بولۇپ شىرىكلشىپ كىۋەزچىلىك قىلغانلىقىمىز راس. 2010-يىلى 11-ئايدىكى بىر قىتىملىق سودىدا 65000 يۈەن پايدا چىققان.راخمان بۇ پايدا پۇلىنى تالۇننى يوقۇتۇپ قويدۇم دەپ تەخسىم قىلغىلى ئۇنىمىدى.2-قىتىم قىلغان سودىدىن 25000 يۈەن زىيان چىقتى. بۇ زىياننى ئالدىنقى قىتىملىق پايدا پۇلىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ مەن ۋە ھەسەنگە قوشقان دەسمايىمىزنى قايتۇرۇپ ئالدۇق.ئاشقان پۇلنى دېھقانلارغا قايتۇرۇشقا تىگىشلىك ئىدى. ھىساۋاتنىڭ ئاخىرىغا كەلگەندە ئىلغار مېنىڭ ئىشىم بار دەپ ھىساۋاتنى ئۈزمىدى. ئىرشات بىزگە 5090 يۈەنلىك كىۋەزنى نىسىگە بەرگەن» دەپ پىكىر بايان قىلدى.
سوت مەھكىمىسى سوت قىلىپ ئىنىقلاپ«يۇقارقى تۆت كىشىنىڭ 2010-يىلى 9-ئاينىڭ بىشىدا كىشى ئاغزاكى كىلىشىپ پايدا زىيانغا تەڭ ئىگە بولدىغان بولۇپ شىرىكلشىپ كىۋەزچىلىك قىلغانلىقى، تەرەپلەرنىڭ كىلىشىمىدە ئىرشات ئۆزىنىڭ كۈچىنى چىقىرىپ كىۋەز ئېلىشقا مەسئۇل بولدىغان. ئىلغار 9000 يۈەن چىقىرىپ كىۋەز سىتىپ چىقىرىشقا، دەۋادىكى جامال 25000 يۈەن، روزىمەت 137000 يۈەن چىقىرىپ ئالغان كىۋەزنى جىڭلاپ ماشىنىغا بىسىپ دەۋاگەر ۋە جاۋاپكارلارنىڭ كىپەز ئېلىش ۋە سىتىپ چىقىرىش ئىشلىرىغا ياردەملىشىدىغان، پايدا زىياننى تەڭ كۆردىغان بۇلۇپ پۈتۈشكەن. تەرەپلەر ئۆزلىرىنىڭ كىلىشكىنى بۇيۇنچە دەۋاگەر ئىرشات
ئاپتۇر: قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە
تولۇقلىما مەزمۇن (2013-4-20 11:35 AM):
ئىرشات نەخ ۋە نىسى قىلىپ يۇرت مەھەللىدىن كىۋەز ئالغان ھەمدە ئۆز تەخسىماتلىرى بۇيۇنچە ئۆز ۋەزىپىلىرىنى داۋام قىلغان. ئىلغار بۇ كىۋەزلەرنى ئاقسۇغا ئاپىرىپ ساتقان. 2010-يىلى 11-ئاينىڭ بىشىدىكى بىر قىتىملىق سودىدا 65000 يۈەن پايدا پۇلى چىققان بولسىمۇ جاۋاپكار ئىرشات تاللۇننى يۈتتۈرۋەتتىم دىگەن باھانە سەۋەپ بىلەن شىرىكلىرىگە بۇ پۇلنى تارقىتىپ بەرمىگەن.2-قىتىملىق سىتىلغان 24 توننا 236 كىلوگىرام 333173 يۈەن قىممىتىدىكى كىۋەزنى جاۋاپكار ئىرشات بىلەن شىرىكى روزىمەت بىلەن بىرلىكتە ئاقسۇغا ئاپىرىپ ساتقان. بۇ سودىدا 25000 يۈەن زىيان كۆرۈلگەن.كىۋەزنى سىتىپ قايتىپ كەلگەندە تەرەپلەر ئۆز-ئارا ھىساۋات قىلىشىپ ئالدىنقى قىتىملىق ئىلىم سىتىمدىن قالغان پايدا پۇلىدىن بۇ قىتىمقى كۆرۈلگەن 25000 يۈەندىن شىرىكلەر تەڭ نىسبەتتە ئۈستىگە ئېلىپ تۇلۇقلاپ، پۇلنى333173 يۈەن قىلىپ ھىساۋات قىلىش نەتىنجىسىدە روزىمەت دەسمى سالغان پۇلدىن 137 مىڭ يۈەن. جامال 25000 يۈەننى قايتۇرۋالغان.ئىرشات كىۋەز ئېلىش جەرياىنىدىكى تۈرلىك چىقىملىرى ئۈچۈن 28000 يۈەن ئالغان. 40000 يۈەننى تەرەپلەر 10000 يۈەندىن پايدا ھىساۋىدا ئايرىپ قالغان پۇل 103173 يۈەننىڭ ھىساۋاتنى تۇلۇق قىلمىغان تەرەپلەر ئۆزىنىڭ قوشقان دەسمىسىنى قايتۇرۇپ ئېلىش بىلەن بىرگە بىر قىسىم پايدىنى ئايرىپ بولغان بولسىمۇ بىراق دەۋاگەر ئىرشاتنىڭ دېھقانلاردىن نىسى سىتىۋالغان كىپەز پۇلى ھىساۋاتى بىر تەرەپ قىلىنمىغانلىقتىن ئىرشات شىرىك تىجارەتتىكى پايدا ئۆلۈشى 16250 يۈەن بىلەن ئۆزىنىڭ ۋە دېھقانلاردىن نىسى سىتىۋالغان كىۋەز پۇلىدىن ھازىر قالغان 110006 يۈەننى جاۋاپكاردىن ئېلىپ بىرىشنى تەلەپ قىلغانلىقى، بۇغالتىرلىق قىلغان كىشى ھىساۋات ئىشلىرىدا خاتىرلەپ ماڭغان بولسىمۇ بىراق شىرىكلەرنى ھىساۋاتقا ئۇدۇللۇق تۇلۇق قول قويدۇرمىغانلىقى قاتارلىقلارنى ئىنىقلىدى.
سوت مەھكىمىسى مۇنداق قارىدى: قانۇنلۇق توختام مۇناسىۋىتى قانۇن تەرپىدىن قوغدۇلۇدۇ.ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە مۇناسىپ ھەق تەلەپ ھۇقۇق ئىقتىدارى ۋە ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارىغا ئىگە بۇلۇشى، ئالاقىدارلار توختام تۈزۈشتە يازما، ئاغزاكى ۋە باشقا شەكىللەرنى قوللانسا بۇلۇدۇ. قانۇن مەمۇرى نىزاملاردا يازما شەكىل قوللۇنۇش بەلگىلەنگەن بولسا يازما شەكىل قوللۇنۇش كىرەك. تەرەپلەر ئوتتۇرىسىدا ئاغزاكى تۈزۈلگەن شىرىكچىلىك توختىمىنى قانۇنلۇق توختام دەپ بىكىتىشكە بۇلۇدۇ. چۈنكى بۇ توختاملار تەرەپلەرنىڭ ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن تۈزۈلگەن. تەرەپلەرنىڭ تۇلۇق ھەق تەلەپ ھەركەت ئىقتىدارى ۋە ھۇقۇق ئىقتىدارىغا ئىگە بولغان. ئىش تەخسىماتى ئىنىق ئايرىلغان. بىر ئايدىن ئارتۇق كىلىشكىنى بۇيۇنچە ئىجرا قىلىنىپ كەلگەن توختام. دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىنى قانۇن دائىرىسدە مۇۋاپىق قوللاشقا تىگىشلىك بولسىمۇ بىراق تەرەپلەر ھىساۋات ئىشلىرىدا بۇغالتىرلىق قائىدىسى بۇيۇنچە پايدا زىياننى ئايرىماستىن ئەكسىنچە قانۇن بەلگىلىمىلەرگە خىلاپ ھالدا قوشقان مەبلىغىنى قايتۇرۇپ ئېلىش بىلەن پايدىنى ئايرىغان.دەۋاگەرمۇ شۇ قاتاردا 10000 يۈەن پايدا ئۆلۈشنى ئالغان. نەتىنجىدە دېھقانلاردىن نىسى ئالغان كىۋەز پۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ نىىسى بەرگەن كىۋەز پۇلى تۇلۇق ھىساۋات قىلىنمىغان. دېھقانلار ھۇقۇق بەرمىگەن ئەھۋالدا ئىرشات ئۆز ئالدىغا دېھقانلارغا ۋاكالىتەن شىرىكلەر ئىچىدىكى جاۋاپكار ئىلغارغا ئۆزى ۋە دېھقانلاردىن نىسى قالغان كىۋەز پۇلى بىلەن ئۆزىنىڭ پايدا ئۆلۈشنى تەلەپ قىلىشى دەۋا تەرتىۋىگە خىلاپ. شىرىكلەشكۈچى ھەممە كىشى شىرىكچىلىكتىن پەيدا بولغان زىيان ئۈچۈن سىرىتقا قارتا چاتما جاۋاپكارلىقنى ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى. ئىچكى جەھەتتە كىلىشىمدە پۈتۈشكەن قەرز تۆلەش نىسبىتى ياكى دەسمايە سىلىش نىسبىتى بۇيۇنچە ئايرىشقا تىگىشلىك شۇڭا دەۋاگەرنىڭ ۋە دەۋادىكى 3-كىشى جامال بىلەن روزىمەتنىڭ«بىزنىڭمۇ تىگىشلىك پايدا ئۈلۈشىمىزنى ئېلىپ بەرسە » دىگەن دەۋا تەلىۋىنى رەت قىلىش، دىلو قۇبۇل قىلىش ھەققىنى دەۋاگەر ئۈستىگە ئېلىش لازىم دەپ قاراپ، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇريىتى ھەق تەلەپ دەۋا قانۇننى ئۇمۇمى قائىدىسى»نىڭ 35-56-ماددىسى،«ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ ھەق تەلەپ دەۋا ئىسپاتى توغرىسىدىكى بىر قانچە بەلگىلمىسى»نىڭ 2-ماددىسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن دەۋاگەرنىڭ دەۋا تەلىۋىنى رەت قىلدى.