يۇمۇرلار
ئوخشىتىش
بىر ناتىق مۇنبەرگە چىقىپ سۆزلەپتۇ :
- ئەرلەر خۇددى باش بارماققا ئوخشايدۇ ، ئاياللار بولسا ، بەئەينى چىمچىلاققا ئوخشايدۇ .
كۈتلمىگەندە يىغىن زالى ۋاراڭ -چۇرۇڭ بۇلۇپ كېتىپتۇ . ئاياللار ناتىقنىڭ ئوخشىتىشىدىن قاتتىق نارازى بوپتۇ.
-خانىملار.- دوپتۇ ناتىق،-باش بارماق دېگەن توم ، دىقماق بولىدۇ ، چىمچىلاق بولسا ، ئىنچىكە ، ئوماق بولىدۇ . ئېيتىڭلارچۇ ، ئاراڭلاردا باش بارماققا ئوخشاشنى خالايدىغانلار بارمۇ ؟
بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئاياللار خۇش بۇلۇپ ، چاۋاك چېلىشىپ كېتىپتۇ .
ساقچى بولىمەن
بىر ئوغرى ئايالىنىڭ يالغۇز ئوغلىنى ئۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ سوراپتۇ :
-ئوغلىمىزنى نېمە ئۈچۈن ئۇرىسەن ؟
ئۇ ، << چوڭ بولسام ساقچى بولىمەن >> دەيدۇ .
ئامال تېپىش
قوشنىسى : ئايالىڭىزنىڭ چىشى ئاغرىۋاتقىلى بىر نەچچە كۈن بولدى ، بىرەر ئامال قىلمىدڭلارمۇ؟
جۇن : قىلدىم ، بۇ بىر نەچچە كۈندىن بۇيان قۇلىقىمغا پاختا تىقىپ يۈرىۋاتىمەن .
بىر سوم بېرىمەن
ئوغلى : ئاپا ، ماڭا پۇل بېرە !
ئاپىسى : بولمايدۇ .
ئوغلى : ئەگەر ساڭا دادامنىڭ ئايال خىزمەتكارلارغا نېمە دېگەنلىكىنى دەپ بەرسەم ، بېرەمسەن ؟
ئاپىسى : قېنى دەپ باقە ، بىر سوم بېرىمەن .
ئوغلى : << كىيىملىرىمگە دەزمال سېلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ >> دېدى .
بىلىپ قالىسەن
تام : قانۇندا نېمە ئۈچۈن بىر ئەر بىر خۇتۇنلۇق بولۇش بەلگىلەنگەن ؟
ھېنىرى : سەن تېخى بويتاق ، توي قىلساڭلا بۇ بەلگىلىمىنىڭ ئەرلەرنى قوغداش ئۈچۈن تۈزۈلگەنلىكىنى بىلىپ قالىسەن .
مەنبە : شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشىرىياتى نەشىر قىلىنغان . < سەرخىل يومۇرلار (1) > دېگەن كىتابدىن ئېلىندى .
داۋامى يەنە بار