ئاچچىق كۈلكىلەر
(1)
قەغەز قوراللار دەۋرى
يېڭى 60- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا جەسەتلەرنى تىرىلدۈرۈش تېىنىكىسى ناھايىتى ۋايىغا يىتىپ، ئارخېئولوگىيە يەر شارىدىكى ئەڭ جەلىپكار خىزمەتكە ئايلاندى. ياش ئارخېئولوگلار جەنۇبى قۇتۇپتىن بىر جەسەتنى قېزىۋېلىپ، بۇنىڭ كونا 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىدى ئىكەنلىكىنى، بۇ دەۋرنىڭ كونا ئىنسانلار باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.
ئالىملار بۇ كىشىنى جەسەت تىرىلدۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن «تىرىلدۈرۈپ» چىقتى. شۇنىڭ بىلەن ئارخېئولوگلار ئۇنىڭدىن سۇئال سۇراشقا باشلىدى:
ــــ سىز ياشىغان دەۋردە كىشىلەر ئاساسەن نېمە ئىش قىلاتتى؟
ــــ پۇل تاپاتتى.
ــــ نىمە ئۇ «پۇل» دېگەن؟
ــــ بىر خىل ئالاھىدە قەغەز.
ــــ پۇل تېپىشتىن باشقىچۇ؟
ــــ دىپلومغا چېپىشاتتى.
ــــ «دىپلوم» دىگەن نىمە ئۇ؟
ــــ بىر خىل ئالاھىدە قەغەز.
ــــ كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولاتتى؟
ــــ كىملىككە.
ــــ قانداق نەرسە ئۇ «كىملىك» دېگەن؟
ــــ بىر خىل ئالاھىدە قەغەز.
ــــ يەنىچۇ؟
ــــ نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى، شوپۇرلۇق كىنىشكىسى، ئۇنۋان كىنىشكىسى...
ــــ قانداق نەرسىلەر ئۇ؟
ــــ ھەممىسى ئالاھىدە قەغەزلەر.
سۇئال سوراش توختىدى. ئارخېئولوگلار بۇ قەدىمكى جەسەت ياشىغان دەۋرنى «قەغەز قوراللار» دەۋرى دەپ ئاتاپ، «يېڭى ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى» دېگەن تېمىدا ئىلىم تەتقىقاتى ماقالىسى يېزىپ چىقتى. ماقالىدا: قەغەز قوراللار دەۋرى كونا ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى بولۇپ، قەغەز كەلتۈرۈپ چىققان بىر مەيدان ئاپەت كونا ئىنسانلارنى يەر شارىدىن يوق قىلغاندىن كېيىن، بىز يېڭى ئىنسانلار پەيدا بولغان، دېگەن نوقتىئىنەزەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.
(2)
ئاتنىڭ تىراگىدىيىسى
تۈلكە دائىم ئاتنى ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئەڭ تىز يۈگۈرۈيدىغان ھايۋان، دەپ ماختاپ ئۇچۇرىدىكەن. ئاتمۇ بۇ خىل ماختاشلاردىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ، تۈلكىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىكەن.
بىر قېتىم بوبرا كىيىك ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاتقا سوقۇلۇپ كېتىپتۇ. ئاتنىڭ بۇنىڭغا بەكمۇ ئاچچىقى كېلىپ، ئۇنى قوغلاپ تۇتىۋېلىپ، قاتتىق بىر تەنبىھ بېرىپ قويۇش قارارىغا كەپتۇ. ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى ئۇنى قوغلاپ تۇتالماي ھايۋاناتلار ئارىسىدا يۈزى چۈشۈپ كېتىپتۇ. بۇنى ئاڭلىغان تۈلكە ئاتنى ئىزدەپ كېلىپ:
ــــ ئات ئاكا، سىز بۇ ئىشتا ئادەمنى ياردەمگە چاقىرىڭ. ئۇ سىزگە ياردەم قىلىپ ئۆچىڭىزنى ئېلىپ، نامىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ، ــــ دەپتۇ.
شۇنىڭ بىلەن ئات ئادەمنى تېپىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپتۇ. ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى، ئادەم ئاتقا مىنمىسە ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلمەيدىكەن. ئاتمۇ بۇ ئىشقا نائىلاج ماقۇل بوپتۇ.
دەرۋەقە، بوبرا كېيىك ئۇزاق ئۆتمەي ئاتلىق ئادەمنىڭ يا ئوقىدا ئۆلۈپتۇ. ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، بۇ بىزنىڭ ھازىر ئۇنى ئۇچرىتالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبى ئىكەن. شۇنداق قىلىپ ئاتمۇ ئۆز مەقسىدىگە يېتىپتۇ. ئەمما دەل شۇنىڭدىن باشلاپ ھايۋاناتلار دۇنياسىنىڭ ئەركىسى ھېساپلانغان ئات ئادەملەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ، ئۆز ئەركىسىدىن مەھرۇم بوپتۇ.