مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 946|ئىنكاس: 13

سەرگەرداننىڭ مۇھەببىتى ۋە ئاچچىق ھايات كەچمىشى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94201
يازما سانى: 20
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 370
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 0 سائەت
تىزىم: 2013-4-1
ئاخىرقى: 2013-5-20
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 05:00:30 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
باھادىر قەلبىنۇرنى ساقلاپ يىرىم سائەتتەك تۇردى ،قەلبىنۇر كەلمىگەچ ئىككىنچى قەۋەتلەرنى ئايلاندى ،باھادىر پەسكە چۇشكەندە بولسا دىيشكەن ۋاقىتمۇ توشۇپ قالغاندى قەلبىنۇرمۇ كىلىپ بولغاندى باھادىر ،قەلبىنۇرنى كورۇپلا تونىۋالدى ،بىرىپلا ئۇنى مەن بالدۇر تونۋالسام ياخشى بولماس دەپ ئويلىدى باھادىر .قەلبىنۇر بولسا كىتاپ جازىلىرى ئارسىدىن ئوزىنى يۇشۇرۇپ باھادىرنى ئىزدەۋاتاتتى ،باھادىر تەمتىرىمەيلا قەلبىنۇرنىڭ يىنىغا باردى ،ۋە قەلبىنۇرنىڭ ئالدىدىن بىر كىتىاپنى ئىلىپلا كورۇشكە كىرىشتى ،قەلبىنۇر باھادىرنىڭ كورىۋاتقان كىتابىنى كورۇپ كۇلىۋەتتى ۋە سىز ئوغۇلبالا تۇرۇپ قىزلاغا ئائىت كىتاپلارنىمۇ كوردىكەن سىزھە ،
شۇنداق ئانچە مۇنچە كورۇپ قويىمەن سەۋابى كەلگۇسىدە سىز بىلەن توي قىلسام ھالىڭىزدىن خەۋەر ئىلىشىم ئۇچۇن پايدىسى تىگىدۇ ئەمەسمۇ ؟

قەلبىنۇرنىڭ شۇ زامانلا قاپاقلىرى تۇرىلدى دە سوزلەپلا كەتتى ،قانداق قاملاشمىغان تەربىيە كورمىگەن بالا سىز كىم سىزبىلەن تويقىلىمەن دەپتۇ .بىز تونۇشقان بولساقتى كاشكى قاملاشمىغان .ھازىر سىلەر ئوغۇللارغا گەپ قىلغىلىمۇ بولمايدىكەن .قەلبىنۇر ،باھادىرنى تونيالمىغان ئىدى ،

شۇنداقمۇ . ئەمسە مەن قەشقەرگە بىكارغىلا كەپتىمەندە قەلبىنۇر شۇنداقمۇ دىدى باھادىر ،

باھادىر قەلبىنۇر تاڭلا قالغاندى بۇسىزما ؟

قانداق ئوخشىمامدىكەنمەن. مەن شۇ سىزنى مەندىن بۇرۇن تونىۋالسۇن دەپ چاندۇرمايلا ئالدىڭىزغا كەلسەممۇ تونىيالمىدىڭىز مەن دەل سىز كورۇشكە تەشنا بولىۋاتقان باھادىرىڭىز ،يەنە تىخى سوزلەپلا كەتتىڭىز ئەمەلىيەتتە مەن ماڭا گەپ قىلغانلىكى قىزلارغا تۇي تەكلىپى قويىلىۋەرمەيمەن .

قەلبىنۇر سەل خىجىل بولدى كەچۇرۇڭ تونىماپتىمەن ،

ھىچقىسى يۇق مەن تونىۋالغان چىغى دەپ ئويلاپ قاپتىمەن .

يۇرۇڭ سىرتلارغا چىقايلى .ۋەدىڭىز بويىچە ماڭا قەشقەرنى ساياھەت قىلدۇرۇڭ .ئەتىگەندىن بىرى تاماقمۇ يىمىدىم قورسۇقۇم ئىچىپ كەتتى ئۇتتۇردىڭىز مىھمان قىلىڭ ئەمدى باھادىر ئارىدىكى خىجىلچىلىقنى توگۇتۇش ئۇچۇن شۇنداق دىدى .

بولىدۇ .يۇرۇڭ ئەمىسە

ئۇلار كىتاپخانا يىنىدىكى ئاشخانىغا كىرىپ تاماق يىيىشتى .ھىساۋات قىلىدىغان چاغداھىساۋاتنى باھادىر قىلىۋەتتى ،

بۇنىمە قىلغىنىڭىز بۇگۇن مەن مىھمان قىلىمەن دەپ تۇرۋالدى قەلبىنۇر ،

سىزنىڭ مىنىڭكى مىنىڭكى سىزنىڭ ئەمەسمۇ ،يەنە كىلىپ سىلەر ئوقۇغۇچىلارنىڭ باشقا تاپاۋىتىڭلار يۇق پەقەت ئاتا -ئاناڭلارنىڭ قولىغا قاراشلىق يىنىڭىزدىكى پۇلغا بۇگۇن مىنى مىھمان قىلىۋەتسىڭىز ئەتە نىمە يەيسىز ياتاققا بىنىۋىلىپ مەكتەپنىڭ تامىقىغىلا قارشلىق بوپقالىسىز باشقا ساۋاقداشلىرىڭىزنىڭ ئالدىدا بويۇن قىسىپ قىلىشىڭىز نى خالىمايمەن ،

مەن دىگەن ئوغۇلبالا پۇل تاپالايمەن ،ئەمما سىزچۇ قىز لار دىگەن پۇلسىز قالسا بولمايدۇ ،ماقۇل دەڭ بۇگۇنكى ھىساۋات مەندىن بولسۇن .سىزگە كىيىن مۇ پۇرسەت با ئۇچاغدا مىھمان قىلماي مەن دىسىڭىزمۇ ھەرگۇز ئۇنىمايمەن ،

باھادىرنىڭ سوزلىرى ئورۇنلۇق ئىدى دىمىسىمۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ بولۇپمۇ قىز ئوقۇغۇچىلار شۇنداق ،يەنە كىلىپ قىزلارنىڭ دۇشمىنى كوپ بولىدۇ شۇڭا قىزلارنىڭ يىنىدىن پۇل ئۇزۇلۇپ قالسا قەتئىي بولمايدۇ ،

قەلبىنۇر ئويلاپ قالدى نىمە دىگەن ئورۇنلۇق سۇزلەر ئۇبىزنىڭمۇ تۇرمۇشىمىزنى خىلى ئوبدان چۇشىنىدىكەن ئۇنۇڭ سوزلىرى ئادەمنى قايىل قىلىدۇ دىسە ،

نىمە تۇرۇپ كەتتىڭىز يۇرۇڭ قەشقەرنىڭ ئاۋات جايلىرىغا باشلاڭ ،

بولىدۇ شاھزادەم قەيەرگە بارغۇڭىز باركىن ؟

مەن قەشقەرنى ئانچە بىلىپ كەتمەيمەن .[بۇ يالغان گەپ ئىدى باھادىر ئىلگىرىمۇ قەشقەردە ئۇچ يىل تۇرغان تۇرسا ].شۇڭا سىز نەگە باشلىسىڭىز شۇيەرگە بارايلى ،

ھە بولىدۇ ئەمسە يۇرۇڭ قەلبىنۇر ئۇيەر بۇ يەرلەرنىڭ نامىنى دىگەچ باھادىرغا يول باشلاپ ماڭاتتى ،ئۇ ئىككىسى شۇنداق مىڭىپ قەشقەرنىڭ مەركىزى ھىتگاھقا يىتىپ كىلىشتى ھىتگاھتىن ھەممە نەرسە تىپىلىدۇ ،ۋاھ دەۋەتتى باھادىر نىمە دىگەن چۇڭ ئوزگۇرۇش بۇرۇنقىدىنمۇ چىرايلىق بوپ كىتىپتۇ ،

سىز قەشقەرگە كىلىپ باقمىغان دەۋاتمامتىڭىز ؟ شۇنداق دىدىمما چىنىپ قالدى ھە شۇنچە چاندۇرماي دىسەم بوپتۇ دەۋىتەي

بۇرۇن كەلگەن 3 يىل تۇرغان ،

نىمىشقىغانتىڭىز ؟

ھازەرقىغا ئوخشاش شۇ چاغلاردىمۇ قارا ئىشچى ئىدىم ئۇچاغلاردا ھىتگاھ بونداق ئەمەستى لىكىن ھازىرقىدىن چىرايلىق ئىدى .ھازىر بولسا مەيدانلار چۇڭايتىلىپتۇ گۇللۇكلەر سائەت مونارى ئانار گۇللۇك فۇنتان ۋە باشقا گۇللۇكلەر ئىلنىۋىتىپتۇ .گۇللۇكلەر ئازايتىلىپتۇ لىكىن تازلىقى ئامانلىقى بۇرۇنقىدىن ياخشىكەن .شۇنداق پۇتۇنلەي ئوزگەردى دىدى قەلبىنۇر .

ئۇئىككىسى بىرنەچچە پارچە خاتىرە سۇرەتكە چۇشۇشتى .ئاندىن كىيىن تاكسىغا چۇشۇپ شەرقى كول باغچىسىغا باردى .

بۇيەرمۇ ئوزگەرگەن ئىدى بۇرۇنقى قۇمۇشلىقلار يوقۇتۇلغان باغچا ھەقسىز قىلىپ ئىچىۋىتىگەندى .بۇجايلارمۇ ئوزگۇرۇپتۇ مانا بۇرۇن بەك مەينەتچىىلىك ئىدى بوجاي قەدەمدە بىر پۇق سۇيدۇكلەر ئۇچراپ تۇراتتى ھازىر مۇھىتى ياخشىلىنىپتۇ .يۇرۇڭ قولۋاق سەيلىسى قىلايلى دىدى باھادىر

بولىدۇ يۇرۇڭ

ئۇئىككىسى قولۋاق سەيلسىنى كوڭۇللۇك ئاخىرلاشتۇرۇپ خەلىق باغچىسىغا كىلشتى ۋاھ بۇيەرمۇ خەلىققە ھەقسىز قىلنىپ ئىچىۋىتىلىپتۇ ياخشى مۇھىتىمۇ بۇرۇن قىدىن ياخشىكەن ،

ئۇئىككىسى پاراڭلىشىپ مىڭىپ ئويۇنچۇق شەھەرچىسىگە كىرىپ قالدى . بۇ ئويۇنچۇقلارغا چوڭلاردىن تارتىپ كىچىكلەرگىچە چىقىشىپ كوڭۇللىرىنى شات ئىتىشەتتى ،يۇرۇڭ ئويۇنچۇق ئوينايمىز دىدى باھادىر

ياق بولدى مەن قوقايمان بەك خەتەرلىك بۇرۇن يالغۇز كەلگىنىمدە بەك قورقۇپ كەتكەنتىم شۇڭا ئوينۇغۇم كەلمەيدۇ

يۇرۇڭە يىنىڭىزدا مەن باغۇ ئەمدى قورۇقمايسىز ،

بولدىلا ئوينىمايلى

يۇرۇڭ دىگەندىكىن يۇرىڭە قوقانچاق قىز

ئۇ ئىككىسى نۇرغۇن ئويۇنچۇقلارغا چىىقىپ ئوينىدى بەزى خەتەرلىك ئويۇنچۇقلارغا چىققىنىدا قەلبىنۇر باھادىرنى چىڭ تۇتىۋالاتتى .ئالۋاستى شەھەرچىسىگە كىرگەندە قەلبىنۇر قۇرقىنىدىن باھادىرنى چىڭ قۇچاقلاپ تۇرۇپ يىغلاپ كەتتى ،ئۇيەردىن چىققاندىن كىيىن باھادىر قەلبىنۇرنىڭ ياشلىرىنى قولى بىلەن سۇرتۇپ تۇرۇپ ھا ھا نىمانداق قورقۇنچاق سىز قارىڭە كىچىك باللاردەك يىغلاپ كەتكىنىڭىزنى .

ئەسكى ئەسكىكەن سىز قورقۇپ جىنىم چىقاي دەۋاتسا كۇلىۋاتىىسىز غۇ قەلبىنۇر باھادىرغا شۇنداق ئەركىلەيتى ،

يۇرۇڭ بىردەم ئارام ئالايلى ئۇئىككىسى باغچا ئارقا دەرۋازىسىغا يىقىن جايغا جايلاشقان بوكباراقسان قارىغاي ئاستىغا ياسالغان ئورۇندۇق ئاستىغا كىلىپ ئولتۇرۇشتى .

سىز ئولتۇرۇپ تۇرۇڭ ئۇسساپمۇ كەتتۇق مەن بىرىپ ئۇسسۇلۇق ئىپكىلەي باھادىر بىرىپ ئىچىملىك ئەكەلدى بىر قۇتىنىڭ ئىغزىنى ئىچىپ قەلبىنۇرغا بەرگەندىن كىيىن يەنە بىرنى ئوزى ئىچتى

ئاندىن قەلبىنۇرغا قاراپتۇرۇپ ئۇزۇن بوپتىكەن بۇنداق ئىچىلىپ باقمىغىلى بۇگۇن سىزبىلەن بىرگە يۇرۇپ كوڭلۇم ئىچىلىپ قالدى

سىزنىڭچۇ ؟

مەنما ماڭىمۇ ئۇزۇن بۇلغان بۇنداق كوڭۇللۇك ئويناپ باقمىغىلى بۇگۇن كوڭلۇم ئىچىلىپ رۇھىممۇ كوتۇرلۇپ قالدى دىدى قەلبىنۇر

ھەي باھادىر بايام سىزگە دەيدىغان نۇرغۇن گەپلىرىم با دەۋاتمامتىڭىز قىنى دەڭە

باھادىر بىردەم تۇرۋالغاندىن كىيىن سىزگە راس دىمىسەم بولمايدۇ .كىيىن سىزنى ئالدىغان بوپقالىمەن مۇشۇ ئىش سەۋەپلىك خىلى كوپ ئازاپقا قالدىم . بۇ بەك ئۇزۇن ھىكايە شۇنداقتىمۇ باشتا دەۋالغىنىم ياخشى كىيىن سىزمۇ مىنى مۇشۇ ئىشلار تۇپەيلى تاشلاپ كەتسىڭىز تىخىمۇ ئازاپقا قالىمەن ، ھىكايەمنى ئاڭلاپ بولۇپ مىنى ياخشى كورىدىغان ياكى ياخشى كورمەيدىغالىقىڭىزنى بەلگۇلەڭ ،مەن قىزلارنى ئالداشنى خالىمايمەن، شۇچاغدا مىنى رەت قىلسىڭىزمۇ سىزدىن رەنجىمەيمەن، ،ئۇچاغدا دۇست بولۇپ ئوتسەكمۇ .ئاكا سىڭىل بولۇپ ئوتسەكمۇ،خالىمىسىڭىز بىر بىرىمىزنى تۇنىمىغان پىتىى ئوزيۇلىمىزغا كىتىۋەرسەكمۇ .بولىدۇ .مەيلى قانداق قارار چىقىرىڭ سىزدىن رەنجىمەيمەن . دەپ گىپىنى باشلىدى باھادىر ،

مەن 9 يىشىمدا ئاپامدىن ئايرىلىپ قالغان بىز 3 بالا ئىدۇق ئاچام 12 ياش مەن 9 ياش سىڭلىم 2 ياشتا ئىدى رەھىمسىز تەقدىر بىزنى كىچىكلا ئاپىىزدىن ئايرىدى .ئاپام ھايات چىغىدا ماڭا باشقا قىرىنداشلىرىمغا قارىغاندا بەكرەك ئامراقتى يالغۇز ئوغلۇم كوزۇمنىڭ قارىسى بالام دەپ بەك ئەتىۋارلايتى مەكتەپتىمۇ 3تە ئەلاچى ئوقۇغۇچىى بۇلۇپ ئوقۇيتۇم داداممۇ بەك ئامراقتى .تىخى ئاپاڭغا دىمە ئۇقمىسۇن دەپ ئاپامدىن ئوغۇرلۇقچە پۇل بىرەتتى باشقا قىرىنداشلىرىمغا بىرنى بارسە ماڭا ئىككىنى قىلىپ بىرەتتى .ئاپامغا دىسەممۇ ئانچا كارى يۇقتى بىراق بالىغا ئۇنچە كوپ پۇلبەرمەڭ يامان ئۇگوتۇپ قويىسىز .يا مەن بالامغا ئوگەي بولمىسام بەرسىڭىزمۇ مەن باريەردە بىرىڭ دەپلا قوياتتى ..ئاپام بىزنى قاچان تاشلاپ كەتتى دەرىسلەردىمۇ چىكىنىشكە باشلىدىم ،ئاپامنىڭ ئولۇمى مىڭەمگە بەكلا تەسىر قىلغانكەن .مەن ئاپامنىڭ قازا قىلغانلىقىنى تاغامنىڭ ئاغزىدىن ئاڭلاپلا ئاپا دەپ بىر چىقىراپلا ھۇشۇمدىن كىتىپتىكەنمەن .مەن ھۇشۇمغا كەلگەندە بولسا ئاپام ئاللىقاچان يەرلىكتە قويۇلۇپ بولغاندى ،ئاپام سۇقۇر ئۇچەي راكى بىلەن قازاقىلدى .بۇ چاغدا دادام سودا ئىشى بىلەن باشقا شەھەرگە كەتكەن ،ئاچام ئىككىمىز مەكتەپكە كەنكەن ئىدۇق سىڭلىم كىچىڭ ئۇ يىغلاشتىن باشقىنى بىلمەيتى .ئويدە ئاپامدىن ۋە 2 ياشلىق سىڭلىمدىن بولەك ھىچكىم يۇق ئىدى.قوشنىمىز نەرسە سوراپ كىرمىگەن بولسا ئاپامنىڭ جان .تالىشىۋاتقانلىقىنى ھىچكىم كورمەسكەن .قوشنىمىز ئاپامنى دوختۇرغا ئاپرىپتۇ ئەپسۇس قۇتقۇزۇش ئۇنۇم بەرمەي ئاپام بىزنى تاشلاپ كەتتى .دادام بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ قىلىۋاتقان سودا ئىشىنى تاشلاپ ئويگە كەلگەندە ئاپام يەرلىكتە قويلۇپ بولغاندى .ئاچام دادامنى ساقلايلى دىسىمۇ تاغام ۋە مۇللام بۇلمايدۇ جەسەت ئۇزۇن تۇرۇپ قالسا بولمايدۇ ۋاقتىدا بىرتەرەپ قىلمىساق پۇراپ قالىدۇ دەپ يەرلىكتە قويدۇرۋەتكەن ئىكەن .مەن ھۇشۇمغا كەلگەندە دادام مىنى باغرىغا بىسىپ يىغلاپ تۇراتتى ھوشۇمغا كەلگنىمدە بولسا دادام مىنى باغرىغا تىخىمۇ چىڭ بىسىپ كىچىك باللاردەك ئۇنسىلىپ يىغلاپ كەتتى .ھەي يىغلىدۇق قاخشىدۇق بىراق مىھرىبان ئانىمىز قايتىپ كەلمەيتى .شۇندىن بىرى دەرىسلەردە چىكىنىشكە باشلىدىم .ئاپام قازاقىلىپ بىر يىغىچە دادام بىزگە ئاتا ھەم ئانا بولۇپ ھالىمىزدىن خەۋەر ئالدى ئاپامنىڭ ئولۇمىمۇ دادام ئۇچۇن زور يۇقۇتۇش بولغاندى ئاپام ھايات چىغىدا كىيىملىرىگە كىر قۇندۇرمايدىغان . ساقال بۇرۇتلىرىنى كۇندە بىر قىرپ يۇرىدىغان دادام ئەمدى بۇلسا كىيىملىرى كىر ساقاللىرى ئوسۇپ كەتكەندى .بىر يىل ئىچىدىلا دادام 10 ياش قىرىپ كەتكەندەك كورنەتتى كونىلارنىڭ ئايال كىشىنىڭ تۇللىقىدىن .ئەركىشىنىڭ تۇللىقى يامان دىگىنى شۇ بولسا كىرەك .ئاخىرى تاغام ۋە باشقا چۇڭلارنىڭ نەسىھەت قىلىشى تونۇشتۇرۇشلىرى سەۋەبلىك دادام بىزگە يىڭى ئانا تىپىپمۇ بەردى .بۇ يىڭى ئانىمىزغادادام بىزنى بوزەك قىلدۇرمايتى . ئوگەي ئانىمىز قاچان دادامغا ئوغۇلدىن بىرنى تۇغۇپ بەردى .بىز بىلەن دادامنىڭ ئانچە كارى بولماس بولدى .بۇرۇنقىدەك كوپ پۇلمۇ بەرمەس بولدى . مىنىڭ كىيىملىرىمنى دەسلەپ ئوگەي ئانام يۇيۇپ بەرگەن بولسا .كىيىنچە ئاچام يۇيۇپ بىرىدىغان بولدى 12 ياشقا كىرگەن يىلىم ئوزۇمنىڭ كىيىملىرىنى ئوزۇم يۇيۇك كىيەلەيدىغەن بولدۇم .ئوگەي ئانىمىز كۇندىن كۇنگە بىزنى بوزەك قىلىدىغان بولىۋالدى .دادامغا دىسەك سەنلە ئاپاڭنى ئوگەيلەپ سەنلەرگە يەنە نىمە قىلىپ بەرسە بولىدۇ .دەپ بىزنى ئەيىپلەيدىغان ھەتتا ئۇرىدىغان قىلىقلارنى چىقاردى .بىچارە ئاچام قىز بالا بولغانلىقتىن بەك بوزەك بولاتتى .شۇ سەۋەپتىن بولسا كىرەك ئاچام بەكلا قورقۇنچاق چوڭ بولدى .سىڭلىم كىچىك بولغاچقا يىغلاشتىن ئويناشتىن بولەكنى بىلمەيتى .لىكىن مەن ئۇلارغا ئوخشىمايتىم .ئوگەي ئانام بىلەن تولا ئۇرۇشۇپ قالاتتىم .ئاپام بىرنى سالسا مەنمۇ بىرنى سالاتتىم ھەرگۇز بوزەك بولمايتىم مىنى تۇتىۋالمىسىلا ئۇرالمايتى .13 ياشقا كىرگەن يىلىم .ئويدىن چىكەتتىم داداممۇ مىنى ئىزدىمىدى .شۇچىكەتكەنچە 5 يىلغىچە ئويگە قايتمىدىم .بۇ 5 يىلدا نورغۇن نەرسىلەرنى كوردۇم ۋە بىللىۋالدىم .باشقىلارنىڭ ئازدۇرىشى بىلەن ئىچكىرى ئولكىلەرگە باردىم . ئۇيەردە نورغۇن ئوزۇم قىلىشنى خالىمايدىغان .ئشلارنى قىلىشقا مەجبۇر بولدۇ لىكىن ئامال يۇقدە ئويگە قايتىم كەلگىنىمدە ئاچامدىن بولەك ھىچكىم خۇش بولمىدى .دادامنىڭ مۇئامىلىسىمۇ ناھايىتى سوغۇق بولدى .ئويگە كىلىپ يەنىلا خۇشاللىق تاپالمىدىم .ئاپامنىڭ قەبرە بىشىغا چىقىپ قانغۇچە يىغلىدىم .ھەرقانچە يىغلىساممۇ ئاپام قايتىپ كەلمەيتى .بىر ھەپتىدىن كىيىن يەنە ئويدىن چىكەتتىم شىنجاڭدا بارمىغان شەھەررمۇ قالمىدى .نۇرغۇن يۇتلارغا باردىم خىلى كوپ بىلىمگىمۇ ئىگە بولدۇم .ئەڭ كوپ تۇرغان شەھەرئاقسۇ بولدى .ئۇيەردە بىر قىز بىلەن تونۇشۇپ مۇھەببەتلىشىپ قالدىم .ئۇنۇڭ ئىسمى گۇلشەن ئىدى .گۇلشەنمۇ مىنى ياخشى كورەتتى ،بىركۇن يۇقلاپ بارمىسام ،مىنى ئىزدەپ كىلەتتى .كۇنىگە نەچچە نۇۋەت كورۇشۇپ تۇراتتۇق،ساق ئىككى يىل ئارلاشتۇق .بىر بىرىمىزگە كونۇپلا قاپتىكەنمىز .شۇنداق بەختىيار يۇرىۋاتقان كۇنلەرنىڭ بىرىدە بىشىمىزدا چاقماق چاقتى .بىركۇنى كەچ مەن گۇلشەنىنى كىچىلىك كۇلۇپقا ئويناتقىلى ئەكىردىم .تاكى كۇلۇپ تاقالغاندە قەدەر ئويناپتىمىز كۇلۇپ تاقالغاندا قايتۇق .گۇلشەننى مەكتىپىگە ئاپىرىپ قويۇشۇم كىرەكتى .يۇلدا پاراڭلاچقاچ قولتۇتۇشۇپ كىتىۋاتاتتۇق بىر تاكسى ئالدىمىزنى توستى دە تاكسىدىن ئۇچ يىگىت چۇشتى ۋە ماڭا تەھدىت سىلىپ ھەي تاياق يىمەي دىسەڭ ئاۋۇ قىزنى قالدۇرۇپ يۇلىڭغا كىتىۋال ،بۇگەپنى ئاڭلاپ ئاچىقىم كەلدى ئەمدى گەپ قىلاي دىسەم گۇلشەن قولۇمدىن تارتىپ يۇرۇڭ ئۇلاربىلەن تەڭ بولماڭ كىتەيلى .دىدى ئاچچىقىم كىلىپ تۇرسىمۇ گۇلشەننىڭ گىپى بىلەن كەينىمگە ياندىم .تۇيۇقسىز پاتىڭىمغا تەككەن مۇشت بىلەن ئالدىمغا پاقىچىلاپ يىقىلدىم .مىنى ئۇرغان لۇكچەك گۇلشەننىڭ قولىدىن سىلكىپ تارتاتتى گۇلشەن بۇلسا مىنى قويىۋەت لۇكچەك دەپ ئۇلۇكچەكنىڭ قولىدىن يۇلقۇنۇپ چىقىشقا ئۇرناتتى مىنى چاقىراتتى .ئۇرنۇمدىن چاچراپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا قولسالدىم .ئىككىمىز يەككە ھالەتتە مۇشتلاشتۇق .ئۇ لۇكچەك يەرگە يىقىلدى ئاڭغىچە قالغان ئىككىسىمۇ كىلىپ ماڭا قولسالدى .بىر ئاددىي ئادەم قانداقمۇ ئۇچ ئادەمگە تەڭ كىلەلىسۇن دەيسىز ئۇ ئۇچى مىنى ئۇرۇپ كەتتى گۇلشەن ئوزىنى مىنىڭ ئۇستۇمگە تاشلاپ مىنى قوغدايتى ماڭا ئاتقان مۇشت پەشۋالار گۇلشەنگىمۇ تىگەتتى .دەل شۇ چاغدا ئاسماندىن چۇشكەندەكلا ئىككى دوستۇم پەيدا بوپقالدى تاياق يەۋاتقانلىقىمنى كورگەن دوسلۇرۇم چاپانلىرىنى سىلىشىپ ئۇ لۇكچەكلەر بىلەن ئۇرۇشۇپ كەتتى مەن مۇ دوسلۇرۇمغا قوشۇلۇپ ئۇ لۇكچەكلەرنى ئۇرۇشقا باشلىدىم. بىركەمدە ئۇلۇكچەكلەر تاياققا پايلىماي يالۋۇرۇشقا باشلىدى .بىزمۇ بولدى قىلدۇق .دوسلۇرۇمغا رەھمىتىمنى بىلدۇردۇم

بولدى ئاداش ھىچقىسى يۇق سەن ئەينى چاغدا بىزگىمۇ ياردەمدە بولغان ئەمدى تەڭلەشتۇق تۇزۇت قىلما .سەن گۇلشەننى ئىلىپ كەت بۇ ئەبلەخلەرنى بىز بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ قايتىمىز دىدى دوسلۇرۇم

ئەمسە سىلەر گە كوررەھمەت باشقا بىر كۇنى سىلەرنى ئودان كۇتىۋالىمەن دەپ ئوزرە ئىتىپ.تاكسىغا چۇشۇپ گۇلشەننى ئىلىپ كەتتىم .مەكتەپكەقاراپ يۇل ئالدۇق .گۇلشەن بەك قورقۇپ كەتكەن ئىكەن .مەكتەپكە بارغۇچە مىنى چىڭ قۇچاقلاپ يىغلاپ دىگۇدەك ئولتۇردى بىر ئىغىزمۇ گەپ قىلمايتى .كوزىدىن بولسا ياش قۇرىمايتتى .مەن ئۇنىڭ غا تەسەللى بىرىپ ماڭاتتىم .شۇ كۇنى گۇلشەن مەكتەپ ئالدىدا مىنى چىڭ قۇچاقلاپ خۇشلۇشۇپ كىرىپ كەتتى خۇددىي بىز ئەمدى قايتا كورىشەلمەيدىغاندەك ئىلگىرى ئۇنداق قىلمايتى بەلكىم بەك قورقۇپ كەتكەن بولساكىرەك دەپ ئويلاپ مەنمۇ ياتاققا قايتىپ ئارام ئالدىم .ئۇ ئىككى دوستۇم تىخى كەلمىگەن ئىدى ،ھاردىمۇ ياكى تاياق زەربىسىدىنمۇ تىزلا ئۇخلاپ قاپتىمەن .ئەتىسى ئورنۇمدىن تۇرغىنىمدا بولسا بەدەنلىرىم ئاغرىپ تۇراتتى .دوسلۇرۇم تىخىچە يۇق ئىدى .بەلكىم سىرتقا چىقىپ كەتكەندۇ دەپ ئويلاپتىمەن .مەنمۇ سىرتقا چىقىپ ناشتا قىلىۋالغاندىن كىيىن گۇلشەننى ئىزدەپ باردىم .ئۇ سىنىپتا ئىكەن چۇشلۇك دەم ئىلىشتا كورشىدىغان بولۇپ ياتاققا قايتىپ كەلدىم .ياتاق قا كىلىپ تۇرۇشۇمغا ئارقامدى ساقچىلار كىرىپ كىلىشتى

راست گەپ قىل، ئاخشام نىمە ئىش قىلدىڭ ،سوراقچى ساقچىلارنىڭ بىرسى توختىسا يەنە بىرسى سوراققىلاتتى .مەن يۇۋاشلىق بىلەن ئاخشام بولۇپ ئۆتكەن ئىشلارنى بىر-بىرلەپ راستىنى دىدىم .يالغان گەپ قىلما راست گەپقىلساڭ كەڭچىلىكە ئىرىشىسەن ،ناۋادا بىزنى ئالدىساڭ گۇناھىڭ ئىغىرلايدۇ .

راست ساقچى مەن راست گەپنى قىلدىم قىلغانلىرىمنى ئەينەن ئېيىتىتىم باشقىسىنى مەن بىلمەيمەن ›

بىرچاغدا بىرساقچى سوراقچىنىڭ قۇلىقىغا بوش ئاۋازدا بۇنىڭ ئىتقانلىرى دوسلىرىنىڭكىگە ئوخشاش مەنچە بۇنىڭ دىگەنلىرى راستمىكىن دەيمەن دىگەن سۆزلىرىنى ئاڭلاپ قالدىم .

ئۇ ئىككىسىنى ئەكرىڭلا بۇيرىدى سوراقچى باشلىق .

بىردەمدىن كېيىن دوستلۇرۇم كېرىپ كىلىشتى، ھەيران قالدىم پۇي -قوللۇرىدا كويزا كىشەن يۇزكۆزلىرى ئۇششۇق ،ئەھۋالدىن قارىغاندا ساقچىلار ئۇ ئىككىسىنى خىلى بەك قىيناققا ئالغاندەك تۇراتتى ،بۇ ئىككىسىنى تونۇمسەن ؟

ھەئە تونۇيمەن ئۇ ئىككىسى مىنىڭ دوستلۇرۇم ،ئاخشام ئۇلار ياردە م قىلمىغان بولسا مەن گۇلشەندىن ئايرىلىپ قالاتتىم دوسلۇرۇم ماڭا كۆپ ياردەمدە بولدى لېكىن ئۇلار بۇيەردە نىم ئىشقىلىدۇ

بىلگۇڭ باما ؟

ئەلۋەتتە.

ئاڭلا ئاخشام بۇئىككىسى سەن كەتكەندىن كىيىن ئۈچىڭ بىرلىشىپ ئۇرغان ھېلىقى ئۇچىنى بۇلاپتۇ ،ئۇنىڭدىن سىرت ئىككىسى ئىغىر يارلىنىپتۇ بىرسى ئۆمۇرلۇك مىيىپ بوپقالدى شۇڭا ئۇ ئىككىسىنى چارلىغۇچى ئەترەت تەرپىدىن نەقمەيداندا قولغا چۇشۇپ بىزگە تاپشۇرۇلدى ،ئۇ ئىككىسىنىڭ ئىقرار قىلىشى بىلەن سىنى تۇتۇپ كەلدۇق مانا مۇشۇلار .

لىكىن باشلىق بۇ ئىشلاردىن مىنىڭ قىلچىمۇ خەۋرىم يۇقكەن ،

خەۋرىڭ يۇقلىقىنى دوسلۇرۇڭمۇ دىدى ھەم چىڭ تۇردى ،لىكىن قانۇن بويچە سىنىڭمۇ مەسئۇلىيتىڭ بار ،باشلىق مەن بۇ ئىشلارنى بىلمىسەم نىمىشقا مىنىڭمۇ مەسئۇلىيتىم بولىدۇ ؟

سەۋەبى سەن دەسلەپ ماجرا تۇغدۇرغۇچى بۇلار ئەگەشكۇچى لېكىن كىيىنكى ئىشلەردا بولمىغىنىڭ تۇپەيلى قوشۇمچە ھەق تەلەپ جاۋاپكارلىقى ساڭا يۇكلەنمەيدۇ ،مۇھىمى سەن ئۇرۇشنىڭ باشلىنىشى ۋە يۇقارقى ئىشلارنىڭ كېلىپ چىقىشىدا سىنىڭمۇ مەسئۇلىيتىڭ بار شۇڭا ۋاقتىنچە توختىتىلىپ قويلىسەن ، بىزسىلەرنى تەپتىش مەھكىمىسىگە ئۆتكۇزۇپ بىرمىز ،ئۇلار سىنى گۇناھسىز دىسە قويۇپ بىرىدۇ بولمىسا سوتقا تارتىلىسەن ،ئەمدى ئۇچۇڭلارنى قاماقخانىغا ئاپرىۋىتىمىز .

شۇنداق قىلىپ .ساقچىلار بىزنى يالاپ قاماقخانىغا ئەكىلىپ تاپشۇرۇپ بەردى .قاماقخانا بەئەينى تىرىك دۇنيادىكى دەۋزەقنىڭ ئۆزى ئىدى .مەن دەك يىڭى كىرگەنلەرنى قاماقخانا خادىملىرى قاتتىق تەكشۇرگەندىن كىيىن كامىرلار غا سولاپ قويۇپ كونا مەھبۇسلارغا بۇنىڭغا ئوبدان قاراپ قۇيۇڭلار تۇزۇمنى ئۈگۇتۇپ قويۇشنى ئۇنۇتماڭلار دەپ قويۇپ چىقىپ كىتەتتى ،شۇنىڭ بىلەن كونا مەھبۇسلار مەندەك يېڭى كىرگەنلەرنى بىرقاتار نىمەئش بىلەن كېرگىنىمنى ساقچىلاردەك سوراق قىلۋەتكەندىن كىيىن تازا ئۇرۇپ پۇخادىن چىقىۋالغاندىن كىيىن ئۇزۇن بوپىتىكەن بىركىمنى ئۇرۇپباقمىغىلى خىلى چىداملىقكەنسەن ھە بۈگۈندىن باشلاپ كامىر تازلىقى ساڭا قالدى كامىرنىڭ ھەممە تازلىقىنى سەن قىلىسەن تاكى يېڭىدىن بىرسى كىرگۇچە چۇشەندىڭما ھە چۇشەندىم دىمىسىڭىز ياكى كۆزىڭىزنى يۇغانراق ئىچىپ قارسىڭىز يەنە ئۇرشاتتى ،ئاماليۇق

كۇنلۇرۇم ئەنە شۇنداق زۇلۇم ئۈستىگە زۇلۇم بولۇپ ئۆتىۋاتاتتى بۇ زۇلۇم ئازكەلگەندەك بۇيەرنىڭ تامىقىغا قورسامۇ تويمايدۇ

جان بەكمۇ قىينىلاتتى. ئارىدىن بىرنەچچە ئاي ئۆتۇپ تەپتىش مەھكىمىسى بىزنى سوتقا تارتتى ،مەن سوتقا چىقىشىمنى ئويلاپمۇ باقمىغان ئۆزۈمنى گۇناھسىز چىقىپكىتىمەن دەپلا ئويلايتىم .نەدىكىنى قارلىغۇچى جىنايەت ئۆتكۇزۇش سەۋەبىنى بىر-بىرلەپ سوتچىغا بايان قىلىدى .سوتچى بىزگە بىرقارىۋەتكەندىن كىيىن بىزگە ئۆزۇڭلارنى ئاقلاش سۆزقىلىڭلار دەپ ئۆزىمىزنى ئاقلاش نۆۋتىنى بىزگە بەردى ،ئۇئىككىسى ئۆزلىرىنى ئاقلىمايدىغان لىقىنى ئەيىپلىگۇچىنىڭ سۆزىگە قۇشۇلىدىغانلىقىنى بىلدۇرۇپ ،سوتچى باھادىر گۇناھسېز ئۇنى قويۋىتىڭلار ئۇنىڭ بۇ ئىشلاردىن قىلچە خەۋرى يۇق بۇ جىنايەتنى بىز ئۆتكۇزگەن بۇلاڭچىلىق ۋە زەخمىلەندۇرۇش ئىشىغا ئۇنى قوشۇپ قويماڭلار ئۇراسلا گۇناھسىز ،

شۇنداقمۇ؟بۇنى بىزقارار قىلىمىز ھە يەنە ئويلۇشۇپ بىقىشقا بولىدۇ .سەن قانداق قارايسەن باھادىر ئۆزۇڭنى ئاقلاش سۆزۇڭ يۇقمۇ؟

ئەلۋەتتە بار دوسلۇرۇمنىڭ دىگەنلىرى راس مەن پەقەت گۇلشەننى قوغداش ئۇچۇنلا ئۇ لۇكچەكلەر بىلەن سوقۇشقان باشقا ئىشلاردىن خەۋرىم يۇق كىيىنكى ئىشلار مەن گۇلشەننى مەكتەپكە ئىلىپ كەتكەندىن كىيىن يۇزبەرگەب بۇ ئىشلاردىن راستلا خەۋرىم يۇق

شۇڭا كەڭچىلىك قىلساڭلار ؟

بولىدۇ بىز مۇرەسسە قىلىش ئارقىلىق ئويلۇشۇپ كۆرەيلى ؟

بۇلارنى ئەپكەتسەڭلار بولىدۇ .شۇنىڭ بىلەن سوت ئاخىرلاشتى يەنە شۇ ترىك دەۋزاخ قاماقخانىغا قايتۇرۇپ كىلىندۇق ،ئازاپلىق كۈنلەر يەنە باشلاندى ،يا قوساق تۇيمىغان ھازىرغۇ كامىرداشلىرىم بوزەك قىلمايدۇ ئۇلار بىلەنمۇ ئاكا ئۇكىدەك بوپكەتتۇق ،بولۇپمۇ شىرئەلى ئىسىملىك كامىردىشىم بىز بەك يىقىن بوپكەتتۇق مىنڭ ئۆيۇمدىن يوقلاپ كېلىدىغان ئادەم بولمىغاچقا شىر ئەلىنىڭ ئۆيدىكىلىرى سىلىپ بەرگەن پۇلغا بىرگە تاماق ئىلىپ يەيتتۇق ،بۇيەردە ئۆيدىن كەلمىگەنلەر قورساقتىن بەكلا قىينىلاتتى كۈنىگە 3تال مۇما بىلەن بىر چۈمۈش كۆكتات شورپىسى بىرىلىدىغان بولۇپ تاماقلارنىڭ تازلىقى بەكلا ناچار بەزىدە كۆكتات شور پىلىرىدىن قۇرتمۇ چىقىپقالاتتى ئاماليۇق ئىلىۋىتىپ ئىچەتتۇق جەميەتتە بولسىڭىز بىر نەچچە كۈن ئاچقالسىڭىزمۇ يىمەيسىز ئادەتتە لېكىن ۋاققىتلىق بولسىمۇ ھاياتنى ساقلاپ قىلىش مۇھىمدە ئاماليۇق يەيمىز شۇنى .بۇ تاماق پەقەت بىزنىڭ ئۆلۇپ قالماسلىقىمىزنىڭ دورىسى بولالايتى خالاس ،سوتتىن قايتىپ كىرىپ 10 كۈن بولغان كۈنى سوت خادىملىرى ئىزدەپكەلدى .

مانا بۇ ساڭا چۈشۈرۈلگەن ھۆكۈم ئوقۇپ بىرەيلىمۇ ياكى ئۆزۇڭ كۆرىۋالامسەن

؟خىيالىم چىگىش ،گادىرماچ خىياللار ئىچىدە تىڭىرقاپ قالدىم قانداق جازا بەرگەندۇ شۇنداققىلىپ تۇرمىگە يول ئالامەنمۇ ؟ياكى؟

قويۋەتكەنمىدۇ ؟جازالىغان تەقدىردىمۇ .جازا مۇددىتىمنى جەميەتتە تۇگۇتۇش ھۆكمى بولغايدى ئىلاھىم شۇنداق بولسا گۇلشەن بىلەن بۇرۇنقىدەك ئەركىن كۆرشەلەيمەن ئۇمەكتەپنى پۈتتۈرسىلا خاتىرجەم توي قىلالايمىز،ئۇمۇ بۇيل مەكتەپ پۈتتۈرىدۇ .بىز شۇنداق ۋەدە بىرىشكەن ،قاچان گۈلشەن كەپتەپتىن چىقسىلا تويقىلاتتۇق .

گەپ قىل ،سوت خادىمىنىڭ قوپال مۇئامىىلىسى خىيالىمنى چىچىۋەتتى .نىمە دىيشىمنى بىلمەيتىم ،قانداق بىز ئوقۇپ بىرەمدۇق ،كۆڭلۇڭ يىرىم بولىۋاتىدۇ ،بۇنى بىزمۇ ھېس قىلىپ تۇرۇپتىمىز قىرىندىشىم ،لېكىن ئوغۇلبالىدەك گۇناھ ئۆتكۈزگەندىكىن ئوغۇل بالىدەك جازاسىنى تارتىشىڭ ھەقلىق ،كېم سىنى قالايمىقانچىلىق چىقارسۇن خەقلەرنى بۇلىسۇن ئۇرسۇن يەنە كېلىپ مەڭگۇلۇك مىيىپ قىلىپ قۇيسۇن دەپتۇ ھەي گۇي باشقىلاردا ئاناڭنىڭ ھەققى بامىتى بۇ جازامۇ ئازلىققلىدۇ سەنلەرگە .سوت خادىمىنىڭ قىرىندىشىم دىگەن گەپلىرى شۇنداق يىقىملىق بىلىنگەن بولسىمۇ كېيىنكى گەپلىرىگە چىدىمىدىم ،شۇنداقتىمۇ ئۆزۇمنى بىسىۋىلىپ ئەپەندىم سىز بولسىڭىزمۇ ماڭا تۆھمەت قىلماڭ ،توغرا باشقىلار بىلەن ئۇرۇشقىنىم راس بۇنى ئىنكار قىلمىدىم ،لېكىن باشقىلار لايىقىمغا پەسكەشلىك قىلماقچى بولسا قاراپ تۇرامدىم ئەجەبا مىنىڭ لايىقىمنى بولغۇسى ئايالىمنى قوغداش مەجبۇريىتىم ۋە ھوقۇقۇممۇ يۇقما ؟ناۋادا ئۇسىزنىڭ قىزىڭىز بولسا قانداق قىلاتتىڭىز ؟مىنىڭ ئورنۇمدا سىز بولسىڭىز قاراپ

تۇرامتىڭىز ؟باشقىلار سىزنىڭ قىزىڭىزغا پۇخۇرلۇق قىلسا ئۇنى كۆزئالدىڭىزدىن تارتىپ ئەكەتسە دادا بولغان ئەركەك بولغان سىزقول قوۋۇشتۇرۇپ قاراپ تۇرامىڭىز ؟دەۋىتىپتىمەن ئاچچىقىمدا ،

نىمە دىدىڭ ئۇ ئالدىمغا دىۋەيلەپ كېلىشى ئۇنىڭ بىلەن بىرگە كەلگەن ئايال خادىم ئۇنى تۇتىۋىلىپ ئۇلگۇردى ،

بولدى قىلىڭ ئۇنىڭ بۇيەردە تارتىۋاتقان دەرت- ئازابى ئازمۇ شۇمۇ يىتىپ ئاشدۇ، كېمنىڭ بۇيەرگە كىرىپ قالغۇسى بار ،ئۇنىڭ ئورنىدا نەقمەيداندا سىز بولسىڭىزمۇ شۇنداق قىلاتتىڭىز .ئۇ باشتىن ئاخىر لالىقىنى قوغداش ئۇچۇن باشقىلار بىلەن سوقۇشقانلىقىدا چىڭ تۇرۇپكەلدى بەلكىم ئۇنىڭ ئىىتقانلىرى راستۇ شىرىكلىرىمۇ شۇنداق دپ كىلىۋاتىدۇ ،مەنچە بولسا ئۇنى قەھرىمان دەپ تەبرىكلەيتىتىم ئەمما قانۇننىڭ بەزىدە كۆزى كۆرمەس بوپقالىدۇ شۇ سەۋەپتى گۇناھسىز ئادەممۇ گۇناھكار بوپقالىدۇ ،بەلكى ئۇ راسلا گۇناھسىزدۇ ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بەرمەڭ .

بۇپتۇ سىزنىڭ يۇزىڭىزنى قىلاي

يەنىلا ئانىلارنىڭ قەلبى يۇمشاق كىلىدۇ ئاۋۇ ئەر مىنى ئۇرماقچىدى ،بۇ ئايال خىزمەتدىشى مىنى قۇتقۇزۇپ قالدى .بىز بۇرۇن تونۇشمايتۇق بولمىسا .پەقەت سۇتقا چىقىش ۋە ئەكرىش جەريانىدىلا بىر نەچچە قىتىم كۆرۇشكەن خالاس .رەھمەت سېزگە ئانامنى ئەسلەتتىڭز بۇ ئايال 40 ياشلار ئەپچۇرىسىدىكى ئوتتۇرا ياشلىق ئايال ئىدى ،

ئەرزىمەيدۇ مىنىڭ مۇ سىنىڭ دەك باللىرىم بار ،قىنى ئىتە ئوقۇپ بىرەيمۇ ؟

بولدى ھەدە سىزنى ئاۋارە قىلماي ،ھۆكۇم ۋاراقچىسىنى ئىلىپ كامىرغا قايتىپ كىردىم ،كامىرداشلىرىم خۇددىي مىنى قويۋەتكەندەك خۇشال بولۇشۇپ مىنى ئورىۋىلىشتى ئاداش قانداق ھۆكۇم قىپتۇ قويۋىتەمدىكەن يا ئىلاھىم شۇنداق بولغىيتى ئاداش سەن بولساڭمۇ بۇ ئازاپ دۇنياسىدىن قۇتۇلۇپ ،ئەركىن جەميەتنىڭ ئەركىن ھاياتنىڭ پەيزىنى سۇر سەڭ بىزمۇ خۇش بولىمىز ئاداش .دىيشىپ كۆڭلۇمنى ئازراق بولسىمۇ خۇشقىلاتتى .بۇجايدا بەلكىم مۇھەببەت بار دىسە باشقىلار ئىشەنمەسلىكى مۇمكىن ئەمما ھەقىقى مىھىر -مۇھەببەت .ھەم رەزىللىك مۇ شۇشۇ يەردە بار .قىنى دىگىنە ئاداش قانداق ھۆكۇن چىقرىپتۇ قويۋىتەمدىكەن ،بىلمىدىم دوسلار بىلمىدىم مەن تىخى ئۇنەرسىنى كۆرۇپمۇ باقمىدىم .

ھۆكۈمىڭ چىقماپتىما ۋاھ ئاداش تەلىيىڭ باركەن ئۆتكەندە بىرسىگىمۇ شۇنداق بولغان ھۆكۈم چىقماي قويۋەتكەنتى سىنىمۇ قويۋەتكۈدەك ئاداش .

ئىلاھىم شۇنداق بولغاي دۇسلار لېكىن ھۆكۈم چىقىپتۇ مانا ئۇنەرسە مەن كۆرۇشكە جۈرئەت قىلالمىدىم ،

ئەكىلە ئاداش مەنلا ئوقۇپ بىرەي دەپ قۇلۇمدىكى رەسۋا خالتامنى .ئۇيەردە سوت ھۆكىمىنى شۇنداق ئاتايمىز ئەمەلىيەتتە ئۇ مەن ئۇچۇن رەسۋا خالتىسى ئەمەس مىنىڭ كەگۈسۈمنى بەلگۇلەيدىغان قەغەز ئىدى .تارتىپ ئالدى كامىردىشىم ھەممىنىڭ يىقىن دۇستۇم شىر ئەلىي [ شىر ئەلىي بىلەن ھازىرغا قەدەر ئىزدىشىپ ئۆتىۋاتىمىز ]ئاندىن ئۇ ئۈنلىك قىلىپ ئوقۇشقا باشلىدى جاۋاپكار باھادىر مەلۇم ئاينىڭ مەلۇم كۈنى دوسلىرى بىلەن بىرلىشىپ شەھرىمىزنىڭ مەلۇم رايۇنىدا بۇلاڭچىلى قىلىش قەستە ئادام يارلاندۇرۇش ھەم ئۆمۇرلۇك مىيىپ قىلىپ قويۇشتەك جىنايەتلەرنى سادىر قىلغان گەرچە جاۋاپكار بۇلاڭچىلىق زەخمىلەندۇرۇش قاتارلىق جىنايەتلەرگە بىۋاستە قاتناشمىغان بولسىمۇ ،بۇ ئۇرۇش ماجرانىڭ باشلىنىشىغا سەۋەپچى بولغان شۇ تۇپەيلى يۇقارقىدەك جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولشىدا مەسئۇلىيىتى بار دەپ قارلىپ دولىتىمىز ئاساسى قانۇنىغا ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنىغا ئاساسەن توۋەندىكىچە ھۆكۈم چىقاردۇق .

جاۋاپكار باھادىر باشقىلارنى بۇلاش مىيىپقىلىپ قويۇش قاتارلىق جىنايەتلەرگە بىۋاستە قاتناشمىغان بولسىمۇ يۇقارقى جىنايەتلەرنىڭ سادىر بولىشىدا ،مەسئۇلىيىتى بار، يەنە جەميەتنىڭ ئامانلىقىغا زىيان يەتكۇزگەن دەپ قارلىپ تۇۋەندىكىدەك جازا بىرىلدى .جاۋاپكارغا مۇددەتلىك 4 يىللىق قاماق جازاسى بىرلىپ قوشۇمچە جوشۇمچە 3000يۈەن جەرىمانە قويۇلسۇن .ئەگەر جازا قايىل بولمىسا 15 كۈن ئىچىدە نارازىلىق ئەرزى بەرسە بولىدۇ .تامام .

4 يىل بۇ گەپنى ئاڭلاپ بىشىمغا بىرسى بازغان بىلەن ئۇرغاندەك تاسلا قالدىم ھۇشۇمدىن كەتكىلى ،نېمىشقا شۇنداق بولىدۇ 4يىل ئاڭلىماققا ئىتماققا ئاسان لېكىن 4 يىلنى بۇنداق جايدا ئەركىنلىكتىن مەھرۇم ھالدا تۈگۈتىپ بولماق ئاسان گەپ ئەمەس .تۇرۇپ دۇسلۇرۇمغا ئاچچىقىم كەلدى .خوپبوپتۇمۇ دىدىم ئۇلارمۇ 15 ؛10 .يىللىقتىن كىسىلگەن ئىدى .تۇرۇپ ئۇلارنىڭ بۇ ھالغا قىلىشىغا مەن سەۋەپچىدەكمۇ ھېس قىلىپ قالدىم ئەمەلىيەتتە ئۇلار ماڭا ياردەم قىلىمىز دەپ ئاخىردا ماڭا ۋە گۇلشەنگە زىيانكەشلىك قىلغاندى ،مەن يا دوسلىرىمغا بىز كەتكەندىن كىيىن ئۇ لۈكچەكلەرنىڭ پۇت -قوللىرىنى سۇندۇرۋىتىڭلار ،دىمىگەن ئۇ ئىككىسى ماڭا ياردەم قىلىمىز دەپ ئاقىۋەت مىنى ئەركەنلىكتىن يەنە ھاياتىم بولغان تۇنجى سۆيگۈنىم گۇلشەندى ئايرىۋەتتى .يەنە بۇيەرگە سۆرەپ كىردى ،بىچارە گۈلشىنىم ئەھۋالىڭ قانداقراقتۇ ،مەن بۇيەرگەكىرىپ قالغان دىن بىرى سەنبىلەن كۆرۇشۇپ باقمىدىم ،

بولدى ئاداش كۆڭلىڭنى يىىرىم قىلما دىدى كامىردىشىم شىر ئەلى دوسلىرىڭ غا ئاچچىقلانما ئۇلارمۇ تىگىشلىك جازاسىنى تارتىپتۇ تىخى سىنىڭ ئازكەن 4 يىل تىزلا ئۆتۇپ كىتىدۇ گۈلشەن بىلەنمۇ كۆرشەلەيسەن غەيرەتلىك بول ،تۈرمىگە بىرگە كېتىدىكەنمىز 4 يىللىق جاپانى سە بىلەن بىرگە تارتىمەن ئاداش جاپادىمۇ ھالاۋەتتىمۇ بىرگە بولىمىز ،ئەركىنرەك بول .

قانداق ئەركىن بولىمەن ئاداش سەن مۇشۇ يەردە ئەركىنلىك ھېس قىلىۋاتامسەن ،ياق ئاداش مەن ئەرىز قىلىمەن ،قايتىدىن سوت ئاچسۇن بۇ ئادىللىق ئەمەس مەن قايىل ئەمەس .

بولدى قىلغىن باھادىر سەۋىرقىل باشقىلارمۇ بىر ئىغىزدىن تەسەللى بەرگەنمۇ بولدى ،بۇيەردەە ئەڭ يىقىن ئادىمىم يەنىلا شىر ئەلى ئىدى بىز كۆپ سىردىشاتتۇق يەنە بىر ئورۇندا يىتىپ قوپاتتۇق .نۆۋەتچىلىكتىمۇ بىرگە تۇراتتۇق ،ئۇمۇ جازا ھۆكىمىنى ساقلاپ تۇراتتى ،شىر ئەلىمۇ مەسلىكىدە باشقىلار بىلەن ئۇرشۇش جەريانىدا بۇلاڭچىلىق شەكىللەندۇگەن دەپ قارلىپ قولغا ئىلىنغان ئىدى ،

بولىدۇ ئاداش ئەرىز قىلىپ باققىن بەلكى پايدىسى بوپقالار ،

قايتا ئەرىزمۇ بەردىم ،لېكىن نەتىجىسى ئوخشاش بولدى يەنىلا 4 يىل ئىككىنچى قىتىملىق جازا ھۆكىمىنى ئىلىپ 12 كۈن بولغاندا ئەمگەك بىلەن ئۆزگەرتىش مەيدانى يەنى {劳改队} گە يۆيكەپ ئىلىپ ماڭدى بىرگە ماڭغانلار قاتارىدا دوسلۇرۇم مىنى سۆرەپ كىىرگەن دوستلۇرۇم .كامىردىشىم ئەڭ يىقىن دوستۇم شىر ئەلىمۇ باتى ،ماششىنىدا كىتىپ بارىمىز ھىچكىم بىر ئىغىز گەپمۇ قىلمىدى پەقەت بىزنى يالاپ كىتىۋاتقان ساقچىلارلا بىزگە تۇرمە ئەھۋالىنى سۆزلەپ يۇل كۆرسىتىپ ماڭاتتى .تۇرمىگە بارغاندىن كىيىن قائىدە تۇزۇمگە رىئايە قىلىڭلا ياخشى ئىشلەپ كەچچۇرۇم ئىلىپ بالدۇرراق چىقىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز ،ھەراس ئۇيەرگە بارغاندا تۈمە ساقچىلىرى قايسى يۇل بىلەن كەلدىڭلا بىلەمسىلە دىسە ياق بىلمەيمىز دەپ جاۋاپ بىرەسىلە بولمىسا سىلەرنى قاتتىق نازارە ئاستىغا ئالىدۇ ،بۇگەپلەرنىڭ ھېچقايسىىسى قۇلۇقۇمغا كىرمەيتتى قىچىپ كېتەيمۇ ؟بىچارەم، ھاياتىم ،گۈلشىنىم نىمقىلىۋاتقاندۇ ؟ئەھۋالى قانداقراقتۇ؟ مەنا توپ توغرا 6 ئاي بولدى سەن بىلەن كۆرشۇپ باقمىدىم ھالىڭ نىچۇك دەپ ئەھۋالمۇ سوريالمىدىم ،مىنى ئىزدەپ نەلەرگە بارغانسەن ؟،سەن سىز ياشىيالمايمەن سىنى يوقۇتۇپ قويۇشنى خالىمايمەن .ناۋادا مىنى تاشلاپ كەتسىڭىز ،چەتئەلگە چىكەتسىڭىزمۇ سىزنى ئىزدەپ تاپىمەن ،دەپ ۋەدىلەر بەرگەنتىڭ مىنى نەلەردە ئىزدەپ يۇرىدىغانسەن؟ جىنىم ،ياكى مەندىن رەنجىگنسەنمۇ؟ ياق سەن مەندىن رەنجىپ باقمىغان ھەم رەنجىپمۇ يۇرمەيسەن ،قانچىلىك ئازاپ تارتىۋاتقانلىقىڭنى بىلىپ تۇرۇپتىمەن ،6 ئايدىن بىرى سىنى ئويلىمىغان سىغىنمىغان بىر كۈنۈم بولمىدى بىرسىكىنۇت بولمىدى .ھەربىر تىنىقىم سىنى دەپلا سوقىۋاتىدۇ ،دىلىممۇ تىلىممۇ، سىنىڭ ئىسمىڭنى زىكىر قىلىۋاتىدۇ ،جىنىم مەن يىراققا كەتمىدىم مەن سىنىڭ يىنىڭدىلا .سەن مەنسىز ياشىيالمايسەن مەن مۇ ھەم شۇنداق ،تەغدىر بىزنى بىزنىڭ مۇھەببىتىمىزنى سىناۋاتىدۇ ، بىزگە بولمىغۇر چاقچاق قىلىۋاتىدۇ ،بەرداشلىق بەرگىن جىنىم بۇكۇنلەرمۇ تىزلا ئۆتۇپ كىتىدۇ مەن چوقۇم سەن ئۇچۇن ياشايمەن پەقەت سەن ئۇچۇن ›سۆزلىرىمنى ئاڭلاۋاتامدىغان سەن جىنىم نىدالىرىم ساڭا ئاڭلىنىۋاتامدىغاندۇ سەن چۇقۇم ئاڭلاۋاتىسەن ،ھەم ئاڭلىيالايسەن ،مەن تۈرمىگە بىرىپلا ساڭا خەت يازىمەن ئۆزۈڭنى كۆپ ئاسرا خەيىر ئاللاھتىن ساڭا ئامانلىق تىلەيمەن .!
http://www.tordax.com/index.php/article/15868.html
http://www.tordax.com/index.php/article/14882.html
تورداش تۇرىدىن ئۆزەمنىڭ يازمىسى








ھازىرغىچە 1 ئادەم باھالىدىمۇنبەر پۇلى يىغىش سەۋەبى
yoquk + 200 ماختاشقا تېگىشلىك

ھەممە باھا نومۇرى : مۇنبەر پۇلى + 200   باھا خاتىرىسى

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94686
يازما سانى: 21
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 44
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 10 سائەت
تىزىم: 2013-4-11
ئاخىرقى: 2013-5-6
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 09:26:52 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:31:08 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92791
يازما سانى: 646
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 2292
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 91 سائەت
تىزىم: 2013-3-6
ئاخىرقى: 2013-6-9
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 12:31:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى كەچتە ئۇقاي ئۇقۇپ بۇللامىدىم

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92913
يازما سانى: 318
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1263
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 271 سائەت
تىزىم: 2013-3-8
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 02:48:31 PM يانفوندا يوللانغان |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئاخىرنى تىزراق يوللارسىز قېرىندىشىم.

بۈگۈنكى خورلۇق  ئەتىدىكى ئىسيان

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2483
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19518
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1944 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 04:49:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ياخشى تىما ئىكەن ،ئاخىرنى بالدۇراق يوللارسىز،

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

مەنىسىز ھايات

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 49
يازما سانى: 1218
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7069
تۆھپە نۇمۇرى: 697
توردا: 6483 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 05:25:18 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
بەك تەسىرلىك ئىكەن،،ئىنسان قىسمىتى بەزىدە شۇنداق يىغلىتىدىكەن

مۇشت ئاتمىغان ئادەمنى كىم ئاجىز دەيدۇ؟بەلكىم ئۇنىڭ قوينىدا خەنجەر بولىشى مۈمكىن.

تىرىشىش+ئىرادە=مۇۋاپپىقىيەت

باش رەسىمى نىقابلانغان

سۆز چەكلەندى

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 83894
يازما سانى: 647
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 885
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 408 سائەت
تىزىم: 2012-8-13
ئاخىرقى: 2013-4-25
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 06:27:05 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ئەسكەرتىش : يوللىغۇچى چەكلەنگەن . مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئەسسالامۇئەلەيكۇم مۇنبەرداشلار  !
سالام دوسلۇقنىڭ يولىنى ئاچىدۇ .
سالامنى ئىلىك ئالغۇچى سالامەت بولىدۇ .
سالام قىلغۇچى كىشىگە ئامانلىق تىلەيدۇ .
سالام كىشىلەرنى يامانلىقتىن سالامەت ساقلايدۇ .
  يۈسۈپ خاس ھاجىپ

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3401
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 233 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 08:46:36 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 94394
يازما سانى: 26
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 131
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 52 سائەت
تىزىم: 2013-4-6
ئاخىرقى: 2013-6-16
يوللىغان ۋاقتى 2013-4-14 08:46:41 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

بەك تەسىرلىك ئىكەن، ئاخىرىنى بالدۇرراق يۇللاڭ . تازا ئوبدان يېرىگە كەلگەندە تۈگەپ كەتتى دېسە .                                       

دۇستۇم بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتىدۇ،كۈلۈپ ياشاڭ .
كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش