« رابىيە-سەيدىن» ئوپىراسى توغرىسىدا
ئۇيغۇر كىلاسسىك ئوپىراسى «رابىيە-سەيدىن»-مىلادى 18-ئەسىردىكى ئۇيغۇر شائىرى-ئابدۇرىھىم نازارىنىڭ «رابىيە-سەيدىن» داستانىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، بۇنىڭدا رابىيە بىلەن سەيدىن ئۆمۈرلۈك بىر جۇپ بولۇشنى ۋەدىلەشكەن بولسىمۇ لىكىن رابىيەنىڭ دادىسى-ياقۇپباي سەيدىننى كەمبىغەل كۆرۈپ، قىزىنى ھەمدەمبەگكە ياتلىق بولۇشقا مەجبۇرلايدۇ. چىن مۇھەببىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئامالسىز قالغان ئاشىق-مەشۇقلار رابىيەنىڭ ئانىسى-تىللا خېنىمنىڭ ياردىمى بىلەن يىراق يۇرۇتلارغا قېچىپ كېتىدۇ. بىراق بۇ قاراڭغۇ كونا جەمىيەتتە ئۇلارغا نەدىمۇ باش تىققۇدەك ئورۇن بولسۇن؟ ئۇلار يول ئۈستىدە باينىڭ يالاقچىللىرى تەرىپىدىن تۇتۇلۇپ، سەيدىن زىندانغا تاشلىنىدۇ. سەيدىننىڭ چىن مۇھەببىتىدىن تەسىرلەنگەن گۇندىپاي ئۇنى زىنداندىن قاچۇرىۋىتىدۇ. بىراق ئۇلار قېچىپ كېتىۋاتقاندا ئۇنى قوغلاپ كەلگەن گۇندىپايلار تەرىپىدىن ئۆلتۈرىلىدۇ. رابىيە ئاشىقى-سەيدىننىڭ ئۆلۈم خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن ئەلەمگە چىدىماي ئۆزىنى دەرياغا تاشلاپ ئۆلىۋالىدۇ. ئوپىرانى سەھنىلەشتۈرگۈچىلەر:مۇھەممەتئېلى زۇنۇن، ئابلىمىت توختى.رىژىسۇر:ئابدۇقادىرھاجى،ئابلىز ئايۇپ،يولۋاسخان ئىمىن. ئاساسلىق روللاردا: رابىيە-سالامەتقىز. سەيدىن-ئابلىكىم روزى. ياسىن مۇقام-ئابلىز ئايۇپ،ياقۇپباي-ئابدۇقادىرھاجىم. ھەمدەمبەگ-سەپەر ھۈسۈيىن، پالتا مىراپ-يولۋاسخان .زوھرا- رەشىدەم، گۈلنارخان-ھۆرىگۈل. تىللا خېنىم- بەھرىنسا قاتارلىقلار قەشقەر ۋىلايەتلىك سەنئەت ئۆمىگى 1983-يىلى ئورۇنلىغان. ئوپىرانىڭ مۇۋاپىقيىتى توغرىسىدا: ئوپىرادىكى ۋەقەلىك 19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا رابىيەنىڭ ئانىسى-تىللاخېنىمنىڭ دادىسى-مەخمۇت شەيدايىنىڭ قورۇسىدا يۈز بەرگەن. ئوپىرا يېزىلىش جەھەتتىن ئالغاندا مەزمۇنى ساغلام ئوپىرادىكى ناخشىلارنىڭ تىكىستلىرى توق قاپىيە شەكلىدە يېزىلغان. بولۇپ، شائىر، درامماتۇرگ-مۇھەممەتئېلى زۇنۇن تەشنايى ئوپىرانىڭ يېزىقچىلىقى جەھەتتە ئالاھىدە كۈچ سەرپ قىلغان. ئوپىرانىڭ ناخشىسى-12مۇقام ئاساسىدا ئۆزلەشتۈرۈپ ئىشلەنگەن بولۇپ، ئوپىرادىكى ھەربىر ناخشىنى ئاڭلىغان ھەر قانداق كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى چېكىدۇ. مەسىلەن: ئانام ئاھ دەيدۇ ئاھىمغا، دادام يەتمەيدۇ ھالىمغا. ساتسا مېنى زالىمغا، قالمامدۇ ئۇۋالىمغا. سەھنە بېزىلىش جەھەتتە ياخشى قۇراشتۇرۇلۇپ، دىكراتسىيىلەر مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولۇپ، 19-ئەسىرنىڭ باشلىرى قەشقەر يېڭىشەھەر ناھيە يامانيار يېزىسىنىڭ سۇبىھانەئاللا كەنتىدە يۈز بەرگەن «رابىيە-سەيدىن» تىراگىدىيىسى ئوبرازلىق ھالدا يورۇتۇپ بېرىلگەن. ئاساسلىق رول ئالغۇچى-رابىيە رولىدىكى سالامەتقىز ھېكىم بىلەن سەيدىن رولىنى ئالغان ئابلىكىم روزىلار ئاساسلىق رولنى تولىمۇ ياخشى ئالغان بولۇپ، ئەسەردىكى باش قەھرىمان رابىيە بىلەن سەيدىننىڭ ھەقىقىي ئوبرازىنى تولىمۇ يارقىن ئوبرازلىق ھالدا ئىپادىلەپ بەرگەن. سەلبىي رول ئالغۇچى-ياقۇپباي رولىدىكى ئابدۇقادىرھاجىم، ھەمدەمبەگ رولدىكى سەپەر ھۈسۈيۈن، پالتامىراپ رولدىكى يولۋاسخان ئىمىن قاتارلىق پىشقەدەم چولپانلار كونا جەمىيەتتىكى بەگ مۇشتۇمزورلارنىڭ پىسخىك ئالاھىدىلىگىنى رۇشەن ئىپادىلەپ بەرگەن. بۇ پىشقەدەم چولپانلارنىڭ شانلىق ئوبرازى خەلقىمىز قەلبىدە مەڭگۈ ياشايدۇ. يازغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەلشاھ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-4-8 12:44 PM
|