مىسرانىم مۇنبىرى

كۆرۈش: 756|ئىنكاس: 12

ئاچچىق كۈلكىلەر [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 93439
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 1058
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 176 سائەت
تىزىم: 2013-3-17
ئاخىرقى: 2013-6-13
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 09:26:41 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

                              
                   ئاچچىق كۈلكىلەر
  


                        
                         شەھەرلىكلەرنىڭ تەتۈرلىكى


          ئىشىكتىن چىقىپلا تاكسىغا ئولتۇرىدۇ.  لېغىت بىلەن 7- قەۋەتتىكى چېنىقىش ئۆيىگە كىرىپ،  يۈگۈرتۈش ماشىنىسىدا قارا تەرگە چۆمۈلگىچە يۈگرەيدۇ.  
       ئاخشىمى تورخانا،  كارا  OK،  تانسىخانىلاردا ئويناپ،  ئەسنەپ ئېڭەكلىرى چۈشۈپ قالسىمۇ تۈن تەڭگىچە ئۇخلىمايدۇ.  ياتقاندا ئۇخلىيالماي ئۇيقۇ دورىسى ئىچىدۇ.  
       مەشۇقى ئۆز كومپىيوتىرىدا،  ئايالى خەقنىڭ كومپىيوتىرىدا.  
       ئاخشىمى ئۇخلاش كىيىمى كىيىپ ئۇخلايدۇ،  سۈرەتخانىلاردا يالىڭاچ تويلۇق سۈرەتكە چۈشىدۇ.  
       ئىشكاپتا توشقىچە ئېسىل كىتاپ ساقلايدۇ،  ھاراق سورۇنىدا بېزەپ-ئەپسانە گەپنىلا قىلىدۇ.

                       
                       قەغەز قوراللار دەۋرى

            
       يېڭى 60- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا جەسەتلەرنى تىرىلدۈرۈش تېىنىكىسى ناھايىتى ۋايىغا يىتىپ،  ئارخېئولوگىيە يەر شارىدىكى ئەڭ جەلىپكار خىزمەتكە ئايلاندى.  ياش ئارخېئولوگلار جەنۇبى قۇتۇپتىن بىر جەسەتنى قېزىۋېلىپ،  بۇنىڭ كونا 20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىدا ئۆلگەن كىشىنىڭ جەسىدى ئىكەنلىكىنى،  بۇ دەۋرنىڭ كونا ئىنسانلار باسقۇچى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلاپ چىقتى.  
       ئالىملار بۇ كىشىنى جەسەت تىرىلدۈرۈش تېخنىكىسى بىلەن «تىرىلدۈرۈپ» چىقتى.  شۇنىڭ بىلەن ئارخېئولوگلار ئۇنىڭدىن سۇئال سۇراشقا باشلىدى:  
           ــــ سىز ياشىغان دەۋردە كىشىلەر ئاساسەن نېمە ئىش قىلاتتى؟  
           ــــ پۇل تاپاتتى.
           ــــ نىمە ئۇ «پۇل» دېگەن؟
           ــــ بىر خىل ئالاھىدە قەغەز.
           ــــ پۇل تېپىشتىن باشقىچۇ؟  
           ــــ دىپلومغا چېپىشاتتى.  
           ــــ «دىپلوم» دىگەن نىمە ئۇ؟
           ــــ بىر خىل ئالاھىدە قەغەز.  
           ــــ كىشىلەر كۈندىلىك تۇرمۇشىدا نېمىلەرگە ئېھتىياجلىق بولاتتى؟  
           ــــ كىملىككە.
           ــــ قانداق نەرسە ئۇ «كىملىك» دېگەن؟
           ــــ بىر خىل ئالاھىدە قەغەز.  
           ــــ يەنىچۇ؟   
           ــــ نىكاھلىنىش گۇۋاھنامىسى،  شوپۇرلۇق كىنىشكىسى،  ئۇنۋان كىنىشكىسى...
           ــــ قانداق نەرسىلەر ئۇ؟  
           ــــ ھەممىسى ئالاھىدە قەغەزلەر.  
       سۇئال سوراش توختىدى.  ئارخېئولوگلار بۇ قەدىمكى جەسەت ياشىغان دەۋرنى «قەغەز قوراللار» دەۋرى دەپ ئاتاپ،  «يېڭى ئىنسانلارنىڭ پەيدا بولۇش تارىخى» دېگەن تېمىدا ئىلىم تەتقىقاتى ماقالىسى يېزىپ چىقتى.  ماقالىدا: قەغەز قوراللار دەۋرى كونا ئىنسانلار جەمىيىتىنىڭ ئاخىرقى دەۋرى بولۇپ،  قەغەز كەلتۈرۈپ چىققان بىر مەيدان ئاپەت كونا ئىنسانلارنى يەر شارىدىن يوق قىلغاندىن كېيىن، بىز يېڭى ئىنسانلار پەيدا بولغان،  دېگەن نوقتىئىنەزەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.   


                     
                      مۇتەخەسسىس قىزىق لىنيىسى
  

       كەچتە رادىيو ئاڭلىسام،  دەل ساغلاملىق ھەققىدە مەسلىھەت بېرىش پروگراممىسىغا توغرا كەپقاپتىمەن.  مۇتەخەسسىس تېلېفون قوبۇل قىلىشقا باشلىدى.  
       بىمار ئا:  «ۋەي،  دوختۇر،  سىلەرنىڭ دوراڭلارنى ئۈچ باسقۇچ ئىچكەندىن كېيىن خېلى ياخشى بوپ قالدىم» دىدى.  مۇتەخەسسىس قىزغىنلىق بىلەن:  «تولا ئوبدان،  سىزنى تەبرىكلەيمەن!  بىراق،  مەنچە بولسا يەنە ئۈچ باسقۇچ ئىچىڭ،  كېسىلىڭىز قايتا قوزغالمايدۇ، ئۆزىڭىزگىمۇ پايدىسى كۆپ» دىدى.  بىمار: «رەھمەت،  دوختۇر» دەپ تېلېفوننى قويىۋەتتى.  
       بىمار ب:  «ۋەي،  دوختۇر،  دوراڭلارنى ئۈچ باسقۇچ ئىچكەنىدىم،  ئانچە پايدا قىلمىدى،  بۇ نېمە ئىش؟» دېۋىدى، مۇتەخەسسىس تەمكىنلىك بىلەن:  «گەرچە ھازىرچە ئانچە پايدا قىلمىغان بىلەن،  نېمىلا بولمىسۇن ئاز-تولا پايدا قىپتۇ،  بۇ ھەر ھالدا بەلگىلىك ئۈنۈمى بولغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ.  مېنىڭچە،  ئاشقازىنىڭىز ئاجىز ئىكەن،  ياخشى ھەزىم قىلالمىغاچقا،  دورا ئۈنۈمىنى كۆرسىتەلمەپتۇ.  يەنە ئۈچ باسقۇچ ئىچسىڭىز،  چوقۇم ئوبدان پايدا قىلىدۇ» دېدى.  بىمار:  «ھە،  ئەسلىدە مۇنداق ئىكەن-دە.  رەھمەت،  دوختۇر.  مەن ئەتىلا يەنە ئۈچ باسقۇچ سېتىۋالاي»  
       بىمار س:  «دوراڭلارنى ئالتە باسقۇچ ئىچسەممۇ ھازىرغىچە ھېچقانداق پايدا قىلماي بەك قىلە بولدۇم.  شۇڭا مەسلىھەت سوراي دەپ تېلېفون قىلىشىم» دېدى نارازى تەلەپپۇزدا.   مۇتەخەسسىس:  «قارىغاندا ئاشقازىنىڭىز ئالدىنقى بىماردىنمۇ ئاجىز ئوخشايدۇ» دېدى.  بىمار س: «نەچچە كۈن ئىلگىرى ئىچكى كېسەللىكلەر بۆلۈمىگە بېرىپ تەكشۈرتكەنتىم،  ئاشقازىنىڭىز ئىنتايىن ياخشى ئىكەن دېدى» دېدى.  مۇتەخەسسىس يەنە: «قارىغاندا،  سىز ياشىنىپ قالغان ئوخشايسىز.  چۈنكى ياشانغانلارنىڭ ھەرقايسى ئەزاسىنىڭ ئىقتىدارى...»  بىمار س مۇتەخەسسىسنىڭ گېپىنى بۆلۈپلا: «ياق، مەن ئەمدى 30 غا كىردىم،  ئاۋازىم بومراق، خالاس» دېدى.  «چاتاق دەل موشۇ يەردىكەن.  30 ئەرلەرگە نىسبەتەن تازا قاملاشمىغان پەيت،  تۇرمۇش غېمى كۆپ،  خىزمەت بېسىمى ئېغىر،  دورا ئۈنۈمىنى كۆرسىتىش-كۆرسىتەلمەسلىكى روھى بېسىم بىلەن مۇناسىۋەتلىك...»   بىمار س: «مەن ئايالىمغا ۋاكالىتەن مەسلىھەت سورىغان...» دەپ تېلېفوننى قويىۋەتتى.    مۇتەخەسسىس ئەپسۇسلانغىنىچە: «ئاران ئۇلانغان تېلېفون يەنە ئۈزۈلۈپ كەتتىغۇ» دەپ قالدى


                           
                            ئاتنىڭ تىراگىدىيىسى


       تۈلكە دائىم ئاتنى ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى ئەڭ تىز يۈگۈرۈيدىغان ھايۋان، دەپ ماختاپ ئۇچۇرىدىكەن.  ئاتمۇ بۇ خىل ماختاشلاردىن ئىنتايىن خۇشال بولۇپ،  تۈلكىنىڭ سىزغان سىزىقىدىن چىقمايدىكەن.  
       بىر قېتىم بوبرا كىيىك ئېھتىياتسىزلىقتىن ئاتقا سوقۇلۇپ كېتىپتۇ.  ئاتنىڭ بۇنىڭغا بەكمۇ ئاچچىقى كېلىپ،  ئۇنى قوغلاپ تۇتىۋېلىپ،  قاتتىق بىر تەنبىھ بېرىپ قويۇش قارارىغا كەپتۇ.  ئەمما ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۇنى ئۇنى قوغلاپ تۇتالماي ھايۋاناتلار ئارىسىدا يۈزى چۈشۈپ كېتىپتۇ.  بۇنى ئاڭلىغان تۈلكە ئاتنى ئىزدەپ كېلىپ:  
ــــ ئات ئاكا،  سىز بۇ ئىشتا ئادەمنى ياردەمگە چاقىرىڭ.  ئۇ سىزگە ياردەم قىلىپ ئۆچىڭىزنى ئېلىپ، نامىڭىزنى ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بېرىدۇ، ــــ دەپتۇ.
       شۇنىڭ بىلەن ئات ئادەمنى تېپىپ ئۇنىڭدىن ياردەم سوراپتۇ.  ئەمما ئەپسۇسلىنارلىق يېرى شۇكى،  ئادەم ئاتقا مىنمىسە ئۇنىڭغا ياردەم بېرەلمەيدىكەن.  ئاتمۇ بۇ ئىشقا نائىلاج ماقۇل بوپتۇ.  
       دەرۋەقە،  بوبرا كېيىك ئۇزاق ئۆتمەي ئاتلىق ئادەمنىڭ يا ئوقىدا ئۆلۈپتۇ.  ئاڭلاشلارغا قارىغاندا،  بۇ بىزنىڭ ھازىر ئۇنى ئۇچرىتالماسلىقىمىزنىڭ سەۋەبى ئىكەن.  شۇنداق قىلىپ ئاتمۇ ئۆز مەقسىدىگە يېتىپتۇ.  ئەمما دەل شۇنىڭدىن باشلاپ ھايۋاناتلار دۇنياسىنىڭ ئەركىسى ھېساپلانغان ئات ئادەملەرنىڭ قۇلىغا ئايلىنىپ،  ئۆز ئەركىسىدىن مەھرۇم بوپتۇ.
  

                                    
                                     پارچىلار



                                       سودا دەۋرى  

       راست ۋە يالغان بەزىدە بەئەينى بىر جۇپ قوشكېزەك ئاچا-سىڭىلغا ئوخشايدۇ.  سىزنىڭ ياخشى كۆرىدىغىنىڭىز ئاچىسى،  ئەمرىڭىزگە ئالغىنىڭىز سىڭلىسى بوپقېلىشى مۈمكىن.
                                                            ــــ لياڭ شاۋشىڭ


     ئادەم ئىتنى چىشلىۋالسا يېڭىلىق بولىدۇ،  ئادەم ئادەمنى چىشلىۋالسا تارىخ بولىدۇ.
                                                            ــــ لى چىڭ

         ئەگەر بىر دۆلەتنىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى پەقەت بىر نەچچە كىنونىڭ مۇكاپاتقا ئېرىشىشى ۋە بىر بىر نەچچە داڭلىق تەنھەركەتچىنىڭ چىقىشى بىلەنلا گەۋدىلەنسە،  ئۇنداقتا بۇ پەقەت شۇ دۆلەت پۇقرالىرىنىڭ روھى جەھەتتە نەقەدەر ئاجىز ۋە گۆدەك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، خالاس.  
                                                             ــــ جى مۇ      


                                    تىلغا ئېلىنسا...  

        نوبېل تىلغا ئېلىنسا،  كىشىلەر ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى ئۇنىڭ ئىنسانىيەتكە قوشقان غايەت زور تۆھپىسى بولماستىن،  بەلكىم نوبېل موكاپاتى بولىدۇ.
       بىل گايتىس تىلغا ئېلىنسا،  كىشىلەرنىڭ ئالدى بىلەن ئويلايدىغىنى ئۇنىڭ كومپىيوتىر ساھەسىدىكى شانلىق نەتىجىلىرى بولماستىن،  بەلكى تۈگىمەس-پۈتمەس بايلىقى بولىدۇ.
  

                                ئېسىل پاراڭ

       ئەڭ مۇكەممەل مەھسۇلات ئېلاندا،  ئەڭ مۇكەممەل ئادەم تەزىيە نۇتقىدا،  ئەڭ مۇكەممەل مۇھەببەت ھېكايە-رومانلاردا،  ئەڭ  مۇكەممەل نىكاھ چۈشتە بولىدۇ.


       سىياسىنىڭ لوگىكىسى مۇنداق بولىشى كېرەك:  ئالدى بىلەن ھوقۇقنىڭ كۈچى ئارقىلىق ئەخلاقنى كونتىرول قىلىش،  ئاندىن ئخلاقنى دەستەك قىلىپ،  ھوقۇق-مەنپەئەتنى تارتىۋېلىش.  

       مەكتەپلەردە ئىددىيىنى بىرلىككە كەلتۈرۈشكە ئۇرۇنۇش خۇددى دۇنيادىكى بارلىق گۈلنى بىر خىل رەڭگە،  بىرخىل شەكىلگە كەلتۈرمەكچى بولۇش ھەمدە بىرلا ۋاقىتتا ئېچىلدۇرۇشقا ئۇرۇنۇشتەك بىمەنىلىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس.


       مەنبە: شىنجاڭ مەدەنىيىتى ژورنىلى
     
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەنـۋەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-3-21 09:30 AM  


ياخشىغا كۈن يوق

دائىملىق ئــەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 72402
يازما سانى: 1074
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 7306
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 769 سائەت
تىزىم: 2012-1-2
ئاخىرقى: 2013-6-18
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 12:16:40 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
  نۇرۇزغا ئاتاپ يېزىلغان يۇمۇرلاركەن دەپ بىلەيلى

ئادەم ئۇ گوياكى بىر ئۇچۇم تۇپراق،
كېتىدۇ ئەبەتكە كەلمەيدۇ بىراق،
شۇ ئۇچۇم تۇپراقتىن ئۈنەر قىزىل گۈل،
ۋە ياكى شۇمبۇيا ۋە ياكى يانتاق.

مەخەتجان

ئۈمىدلىك ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 63473
يازما سانى: 2490
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19527
تۆھپە نۇمۇرى: 647
توردا: 1947 سائەت
تىزىم: 2011-11-3
ئاخىرقى: 2013-6-19
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 12:23:58 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
تەتۈر تاناسىپلىق ئىشلار،
مەكتەپكە باھار بايرىمى مۇناسىۋىتى بىلەن باشلىقلار كەلمەكچى ئىكەن،شۇ سەۋەپتىن  مەكتەپ مەسئۇللىرى مەكتەپ ئىچىدىكى خالالارنى بىر كۈن ئاچماسلىقنى بۇيرۇپتۇ،بالىلار بىر كۈن خلاغا كىرمەي تۇرسۇن دەپتۇ.

كەاسسىد ەدااسھسققددھ  

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 87132
يازما سانى: 1602
نادىر تېمىسى: 2
مۇنبەر پۇلى : 3930
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 446 سائەت
تىزىم: 2012-11-12
ئاخىرقى: 2013-5-31
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 01:12:19 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەغەز قۇراللار دەۋرى .................................
ئاڭلىمىغان يېڭى يۇمۇرلاركەن تىما ئىگىسىگە رەھمەت .

قايغۇرماڭ ، باتۇرلارچە ياشاڭ ، ئاللاھ ھەرگىز كېرەكسىز ئادەملەرنى ياراتمايدۇ !

سۆيدۈرمىگۈچە سۆيگىنىڭنى بىلدۈر

تىرىشچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 6873
يازما سانى: 529
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 15094
تۆھپە نۇمۇرى: 2285
توردا: 618 سائەت
تىزىم: 2010-8-19
ئاخىرقى: 2013-6-15
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 01:26:07 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
رەھمەت  قىزقارلىق  يۇمۇرلاركەن...

قاقاقلاپ شوخ كۈلگەن بەلكىم ئەڭ غەمكىن،قەلبىدە مىڭ ئەلەم ۋايسىماس لىكىن....

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 66853
يازما سانى: 160
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 3403
تۆھپە نۇمۇرى: 90
توردا: 234 سائەت
تىزىم: 2011-11-25
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 01:46:10 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 91514
يازما سانى: 377
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 737
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 115 سائەت
تىزىم: 2013-2-11
ئاخىرقى: 2013-6-17
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 02:07:45 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
、ئانچە كۈلكىلك ھېس قىلمىدم

بار دەپ تۆكمە،يوق دەپ كۆپمە!

پائالىيەتچان ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 79
يازما سانى: 4034
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 19547
تۆھپە نۇمۇرى: 1591
توردا: 852 سائەت
تىزىم: 2010-5-20
ئاخىرقى: 2013-5-22
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-21 06:41:59 PM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قالتىس كۈلىۋەتتىم جۇمۇ...

ئىتلار قاۋاۋېرىدۇ،كارۋان يولىغا مېڭىۋىرىدۇ!

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92497
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 11:52:03 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
ھەم  كۈلكىلىك  ھەم  خلى  ئەملىيەتچانلىقى باركەن  .

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى: No. 92497
يازما سانى: 356
نادىر تېمىسى: 0
مۇنبەر پۇلى : 725
تۆھپە نۇمۇرى: 0
توردا: 73 سائەت
تىزىم: 2013-3-1
ئاخىرقى: 2013-3-29
يوللىغان ۋاقتى 2013-3-22 11:56:38 AM |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |
قەغەز قۇراللار دەۋرى  ھازىر بىزلەر ياشاۋاتقان  دەۋىرگە ئوخشاپ  قالامدۇ  قانداق  ھە  دوسلار.ھا    ھا  ھا  .

كىرگەندىن كىيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

مۇنبەر باش بېتىگە قايتىش|رەسىمسىز نۇسخا|يانفۇن|مىسرانىم مۇنبىرى
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For misranim.com ( 苏ICP备:11007730号 )
چوققىغا قايتىش