|
|
|
|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم مۇنبەردىكى ئەزىزلەر ياخشىمۇسىلەر؟ تۆۋەندە سىلەرگە بۈگۈن تاپشۇرۇپ ئالغان ماتىرياللارغا ئاساسەن تۆۋەندە بىمارنىڭ ئۆزى كەڭ جامەتچىلىكتىن ياردەم سۇراپ يازغان مۇراجەتنامىسىنى ھەرقايسىڭلارنىڭ دېققىتىگە سۇندۇم . ئەگەر ياردەم قىلىشنى خالايدىغان ئاق كۆڭۈل كىشىلىرىمىزنىڭ بۇ بىمارنىڭ ئەھۋالىنى بىلگەندىن كېيىن، ئاز تولا ياردەم قولىمىزنى سۇنساق دېگەن ئۈمۈتتىمەن . مۇراجەتنەما جەمىيىتىمزىدىكى بارلىق ئاق كۆڭۈل ساخاۋەتچىلىرمىزگە: مېنىڭ ئىسمىم رەيھانگۈل ئوسمان،قاراشەھەر ناھىيسى بايبنبۇلاق رايونى 2-رايون 116-1 ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، بۇ يىل 38 ياش. يولدىشىم قاتناش ھادىسىسىدە مەيىپ بولۇپ ھالىدىن ئۆزى خەۋەر ئالالمايدۇ. چوڭ قىزىم 15 ياشتا، ئوغلۇم 11 ياش. بۇ يىل 3-ئايدا مەندە ئېغىر دەرىجىدىكى بۆرەك ئاجىزلىشى كېسىلى پەيدە بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر ھەر كۈنى قانۇنىيەتلىك ھالدا قان تازلاش ئېلىپ بېرىۋاتىمەن، بۇنىڭ ئۈچۈن ھەر كۈنى 2000 سوم ئەتراپىدە پۇل كېتىۋاتىدۇ. بۇ پۇللارنى تۆلەش ئۈچۈن ئۆيدىكى ساتقۇدەك نەرىسىلەرنى سېتىپ بولغاندىن سىرىت يەنە نۇرغۇن قەرزگە بولغۇلدۇق. ئەگەر ئىككى بالامنى دېمىسەم ھاياتىم بىلەن خوشلاشقۇممۇ بار. دوختۇرنىڭ پىكىرىگە ئاساسەن ماڭا بۆرەك ئالماشتۇرسا بولىدكەن، ئەمما ھازىر مەندە بۇنداق چوڭ ئوپىراتسىيىنىڭ ھەققىنى تۆلىيەلىگۈدەك مەبلەغمۇ قالمىدى، شۇڭا بىردىن-بىر ئۈمۈدىمنى كەڭ جەمىيىتىمىزدىكى ئاق كۆڭۈل ساخاۋەتچىلىرمىزگە باغلىدىم. ياخشى كىشىلىرىمىزنىڭ ئازدۇر-كۆپتۇر ياردەم قولىنى سۇنىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈت قىلىمەن. ھۆرمەت بىلەن : رەيھانگۈل ئوسمان. 2013-يىلى 14-مارت.
بۇ رەيھانگۈلنىڭ كەڭ جامائەتچىلىككە يازغان مۇراجەتنامىسىنىڭ خەنزۇچە نۇسقىسى ...
رەيھانگۈلنىڭ دوختۇرخانىدىكى ھازىرقى ئەھۋالىدىن كۆرۈنۈشلەر ..
دوختۇرخانا ئىسپاتى ..
رەيھانگۈلنىڭ كىملىكى ....
رەيھانگۈلنىڭ بانكا كارتىلىرى ...
يوقارقىلار بۈگۈن مۇناسىۋەتلىك كىشىلەر تەرپىدىن تەييارلانغان رەيھانگۈلنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا مۇناسىۋەتلىك بارلىق ئۇچۇرلار، مەن تاپشۇرۇپ ئالغىنىم بويىچە ھەممىنى بۇ يەرگە يوللىدىم .بولسا ھەممىمىز ئاز تولا ياردىمىمىزنى ئايىمايلى .. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا attirgul تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-17 12:02 AM
|
|
|
|
|
|