|
|
|
|
ئازغۇن
گۈزەل بىر باغدا رەڭمۇ-رەڭ گۈللەر، مامۇقتەك ئوت-چۆپلەر، مېۋىسى شىرنىلىكى بىلەن تىلنى يارىدىغان ھەر خىل مېۋىلىك دەرەخلەرگە مەپتۇن بولۇپ غەمسىز ئويناۋاتتىم. غوڭۇلداق ھەسەل ھەرىسى، چىرايلىق كېپىنەكلەر مېنىڭ ئايرىلماس دوسىتلىرىم ئىدى.
بىر كۈنى تۇيۇقسىز يىراقتىكى بىر تال گۈلنى كۆرۈپ قالدىم. بۇ گۈل مەن باغدا كۆرگەن ھېچقانداق بىر گۈلگە ئوخشىمايدىغان ئالاھىدە گۈزەللىككە ئىگە ئىدى. مەن قويۇق دەرەخ شاخلىرى، تىكەنلىك گۈللەر ئارىسىدىن ئۆتۈپ گۈلگە يېقىنلاشقاندا شۇنى بايقىدىمكى، ئۆز نازاكىتى بىلەن ئەتراپقا نۇر چېچىۋاتقان بۇ يىگانە گۈل پاتقاق بىلەن قورشالغان ئىكەن. مەن گاڭگىراپ قالدىم. ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋېرەي دېسەم، پاتقاقتىن قورقتىم. ئارقامغا ياناي دېسەم گۈل مېنى چاقىرىۋاتاتتى...
ئاخىرى گۈلنىڭ ئىشقىدا پاتقاققا كىرمەكچى بولدۇم. ئالدىمغا ئەمدى بىر قەدەم مېڭىشىمغا تۇيۇقسىز كۆكتىن سادا كەلدى:
- ئارقاڭغا قايىت، ئۇ دەل ئېزىتقۇ! سەن ئۇنىڭغا ئېرىشمەيلا ھالاك بولىسەن. ئۇ سېنىڭ روھىڭنى غاجاپ، ياشلىقىنى ئاقىۋەتتە ھاياتىڭنى نابۇت قىلىدۇ.
مەن كۆزۈمگە ياشلانغان ھالدا كەينىمگە ئۆرۈلدۈم. ئەمما يۈرىكىم ئازابتىن مۇجۇلماقتا ئىدى... مەن چىدىمىدىم، ئاشۇ گۈلنىڭ ھىجرانىغا بەرداشلىق بېرەلىگۈدەك كۈچ-ماغدۇر مەندە راسىت يوقمۇ ياكى ئۆزۈم كۆڭۈل رايىغا بويسۇنىۋاتامدىم بۇنى ئويلاش خىيالىمغا كىرىپ چىقمايتتى. شۇ تەرىقىدە پاتقاققا كىردىم.
مېڭىپ پاتقاقنىڭ ئوتتۇرىسىدىن ئۆتۈپ بولغاندا چۆكۈشكە باشلىدىم. يا ئالدىمغا ماڭالدىم، يا ئارقامغا قايتالمىدىم. بۇ چاغدا كۆكتىكى سادا مەندىن رەنجىپ قەيەرگىدۇر كېتىپ قالغان، گۈل بولسا مېنى مەنسىتمىگەن ھالدا ئاۋۋالقى گۈزەللىكىدە تۇراتتى...
مەنبە: ئۆزۈم
|
|
|
|
|
|