(8-مارت بايرىمىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن!)
قىز قەلبى،
تىترەپ تۇرغان ئاجىز ياپراق،
تۆكۈلۈپ كېتەر ئازار يەتسە.
يايرايدۇ ئالەمچە شادلىنىپ،
تەسەللىينىڭ شەپىسى كەلسە.
قىز قەلبى،
قىل كەبى تولغىنار لېۋەن ،
ئىشقىڭدا سۆيگۈ ئوتى كۆيسە.
قىز قەلبى
بىغۇبار،ئۇندا يوق ئېۋەن،
شاماللار لەۋ سۇنۇپ سۆيسە...
قىز قەلبى،
بىلىنمەس شۇنچىلىك پىنھان،
سۆزلەر كەچمىشىن ئوتلۇق كۆزلىرى.
يەتمىگەن ۋىسالچۈن چىكىدۇ پىغان،
پۈتۈلگەن ھەر تىنىققا شېرىن سۆزلىرى.
قىز قەلبى،
ئاق ئايدىڭ، تاڭلاردەك سۈزۈك.
مېھر يۈرىكى گوياكى ئاسمان.
قىز قەلبى
تاغلاردەك،زېمىندەك بۈيۈك،
ئىنساندا ئۇنىڭىسىز يارالماس ئارمان.
قىز قەلبى
بۆشۈككە بولىدۇ پايخان،
تەۋرىتىپ بىر قولدا ئۇشبۇ دۇنيانى!
تال-تال ئاق چاچلىرى گوياكى مانان،
كۆزۈڭدىن يىراق يولنىڭ پايانى...
قىز قەلبى،
زىمىستاندىكى ئاپئاق قار،
ئېرىيدۇ ئېغىزدىن چىققان ھورغا.
قىز قەلبى
شۇنچە ئىللىق، مىسالى باھار،
ھايات ئۇ بىلەن چۆمىدۇ نۇرغا.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا blackrose تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-8 03:03 AM