ئەسسالامۇ - ئەلەيكۇم، ئەزىز قېرىندالار:
مېنىڭ ئىسمىم ئاينۇر ياسىن بولۇپ، ھازىر تىيەنجىن شەھەرلىك مالىيە - ئېقتىساد ئۇنۋېرىستىتىنىڭ قانۇن فاكۇلتىتى 2011 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى. مەن ئىچكىرىي تولۇقنىڭ 3- يىللىقىدا ئوقۇۋاتقېنىمدا ئائىلەم كۈتۈلمىگەن قىسمەتكە دۇچار بولدى.شۇ يىلى دادام ياسىن ئەمەتكە ئاستا خارەكتېرلىك بۆرەك زەئىپلىشىش ،
ۋە سۈيدۈكتىن زەھەرلىنىش كىسىلى، تۆتىنجى دەرىجىلىك قان بىسىم خارەكتىرلىك يۈرەك كىسىلى،ئۆپكە يۇقۇملىنىش قاتارلىق كىسەللىك بار دەپ دىئاگنوز قويۇلدى.
ئۈچ يىلدىن بىرى ئىزچىل داۋالىتىپ كەلگەن بولساقمۇ ھېچ ئۈنۈمى بولمىدى. ئائىلە ئىقتىسادىي شارائىتىمىز ئانچە ياخشى بولمىغاچقا، مەن ۋە تولۇقسىزدا ئوقۇۋاتقان ئىنىمنىڭ ئوقۇش - تۇرمۇش خىراجەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ، ئائىلىمىز تېخىمۇ ئىغىر كېرزىسقا پاتتى. ئانام كىسەلچان ئايال بولۇپ، مۇقۇم كىرىم مەنبەسى يوق. بۇ خىل ئەھۋالدا بىز ئۆيدىكى پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ساتتۇق، ئاخىرىدا ئىلاجسىز، ئولتۇرىۋاتقان ئۆيىمىزنىمۇ سېتىۋەتتۇق. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇن قەرىزگە بوغۇلۇپ قالدۇق. ئۈچ يىلدىن بىرى قەشقەر ۋېلايەتلىك خەلىق دوختۇرخانىسدا ئىزچىل قان تازلاش ۋە بالنىستا ياتقۇزۇپ داۋالاش ئېلىپ بارغانلىقتىن، ئىلكىمىزدىكى بارلىق پۇلغا يارىغۇدەك نەرسىلەرنى ئىشلىتىپ بولدۇق. دادامنىڭ كېسىلى ئەكىسچە تېخىمۇ ئىغىرلىشىپ كەتتى. ئامالسىز ۋېلايەتلىك خەلىق دوختۇرخانىسىدىن ئاپتونۇم رايۇنلۇق تېببىي ئۇنۋېرىستىت قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىغا يۆتكىدۇق، بىراق بۇندىن كېيىنكى داۋالىنىش خىراجېتىگە پەقەت ئامال قىلالمىدۇق.
مەن بىر قىز بولۇش سۈپېتىم بىلەن، قانداق قىلىشنى پەقەت بىلەلمىدىم. دوسىتلىرىم ۋە بىر قىسىم قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردېمى بىلەن،مەكتىۋېمدىكى بارلىق ئوقۇغۇچىلاردىن ياردەم تەلەپ قىلدىم. ئەمما دوختۇرخانىنىڭ نۆۋەتتىكى داۋالاش خىراجەتلىرىنى قامداشقا ھەقىقەتەن ئامالسىز قالدىم. شۇ سەۋەپ، ئاخىرقى ئۈمدىم بىلەن بۇ مۇراجەتنامىنى قېرىنداشلىرىمغا سۇندۇم. قېرىنداشلىرىمنىڭ ياردەم قىلىشىنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمۈد قىلىمەن.
ئالاقېلىشىش تېلىفۇنى:13899139885
ياردەم قىلىشنى خالايدىغان قېرىنداشلىرىمىز تېببىي ئۇنۋېرىستىت قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانا بىرىنجى ياتاق بۆلۈمى يەتتىنجى قەۋەت بۆرەك كىسەل بۆلىمىگە بېرىپ ھەقىقىي ئەھۋالنى ئىگەللىسىمۇ، ياكى تۆۋەندىكى بانكا كارتىلىرىغا پۇل سېلىپ بەرسىمۇ بولىدۇ.
سودا -سانائەت بانكېسى: 阿衣努尔.亚生 622020302057400038
يىزا - ئىگىلىك بانكېسى: 阿衣努尔.亚生 6228210890002048214
پوچتا بانكېسى: 阿衣努尔.亚生 6221881100052784483
قۇرۇلۇش بانكېىسى: 阿衣努尔.亚生 4367420067160009627
مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار تۆۋەندىكىدەك:
قەشقەر ۋېلايەتلىك خەلىق دوختۇرخانىسىنىڭ دىئاگىنوز نەتىجىسى
ئاپتونۇم رايونلۇق تېببىي ئۇنۋېرىستىت قارمىقىدىكى 1- دوختۇرخانىنىڭ ئىسپاتى.
دادام ۋە مېنىڭ كېملىكىمىز
مېنىڭ ئوقۇغۇچىلىق كېنىشكەم
دادامنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالى.
ياردېمىڭلارغا تەلمۈرۈپ:
ھۆرمەت بىلەن ئاينۇر ياسىن
2013- يىلى 03 - ئاينىڭ 06 - كۈنى
ئىزاھات:
يۇقاردا ياردەمگە ئىھتىياجلىق كىشى مېنىڭ تولۇقتىكى ساۋاقدېشىم بولۇپ، بۇ ئەھۋاللارنىڭ ھەقىقىي شۇنداقلا ئىنتايىن ئىغىر ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايمەن. ئازراق بولسىمۇ ياردەم توپلاش مەقسىتىدە، بۇ مەزمۇنلار بلوگىمىزدا ھوزۇرىڭىزلارغا سۇنۇلدى. بىر ئاجىزەنىڭ بۇ ئوڭۇشسىزلىقلارنى يىڭىپ كىتەلىشى ئۈچۈن، بىر كىشىلىك ياردېمىڭلارنى ئايىماسلىقىڭلارنى چىن قەلبىمدىن ئۈمۈد قىلىمەن. دۇنيا پەقەت مىھرى - مۇھەببەت بولغاچقىلا شۇ قەدەر ئىللىق!
مەنبەسى:تەشنايى بلوگى
ئەسكەرتىش:بۇ قىز مىنىڭمۇ تولۇقتىكى ساۋاقدىشىم تەتىلدە بۇ ساۋاقدىشىم بىلەن ئالاقىلاشتىم شۇڭا بۇ ئىشنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلالايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا تەلقىنى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-3-6 09:51 PM