ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم! ec[S?-
ئى مۇسۇلمان قېرىندىشىم، سىز جەننەتكە كىرىشنى ئارزۇ قىلامسىز؟ ھەقىقەتەن ئاخىرەتتە جەننەتكە كىرگۈڭىز بارمۇ؟ {j+w|;
dZF
مۇشۇ ئارزۇيىڭىز راستمۇ ياكى ئېغزىڭىزدىكى گېپىڭىزمۇ؟ .vj`[?T
قېنى تۆۋەندە ھەممىمىز ئاشۇ ئارزۇيىمىزنىڭ راست ياكى يالغانلىقىغا باھا بېرىپ باقايلى: iE, I\TY[
"GEJ9_a[
جەننەتنى ھېس قىلىش
}+h/2D k]!Fh^O~, 1-جەننەتنىڭ مەنپەئەتلىرى ۋە لەززەتلىرىنى ھېس قىلىش !s06uh سىزگە مەلۇم بىر كىشى ئۆزىنىڭ چىرايلىق بىر قىز بىلەن كۆرۈشۈشكە ۋەدىلەشكەنلىكىنى، لىكىن ئۇ قىزنىڭ بۇلۇتنىڭ ئۈستىدىكى مەلۇم بىر ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ئۇ قىزنىڭ قېشىغا ئايرۇپىلان بىلەن چىقالمايدىغانلىقىنى، ئۇ قىزنىڭ قېشىغا پەقەت ئۆلگەندىن كېيىنلا يېتىپ بارالايدىغانلىقىنى، دەپ بەرگەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. بۇ سىز ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئاجايىپ بىر ئىش بۇلۇپ تۇيۇلىشى مۇمكىن. سىز بۇنىڭدىنمۇ ئاجايىپ بولغان جەننەتتىكى ھۆر-ئەيىنلەرنىڭ بارلىقىنى بىر تەسەۋۋۇر قىلىپ باققىنىڭىزدا، قانچىلىك ھاياجانلىنىپ كېتەرسىز؟. چۈنكى سىز ئەمىلىيەتتە بىز ياشاۋاتقان دۇنياغا ئوخشىمايدىغان باشقا بىر ماكاندا تۇرىۋاتقان چىرايلىق قىزلار بىلەن ۋەدىلىشىپ بولغان. سىز پەقەت ئۆلۈپ جەسىدىڭىز تۇپراققا كىرىپ، ئۇ يەردە سىزگە يېڭى بىر روھ كىرىپ بولغاندىن كېيىنلا ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش ئۈچۈن ماڭىسىز.
8 sZ~3 ?~$0;5)QC -سىز چىرايلىق بىر قىزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئۇنىڭغا ئۈچرىشىشقا تەشنا بۇلىۋاتقان بىر كىشىنى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ئۇ نېمىنى ھېس قىلىۋاتقاندۇ؟. جەننەتتىكى ھۆر- ئەيىنلەر ئۇنىڭدىنمۇ گۈزەل، ئۇنىڭدىنمۇ چىرايلىق............ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇلار بىلەن ئۇچرىشىش خام-خىيال ئەمەس.......شۇنداق تۇرۇقلۇق سىز نېمە ئۈچۈن جەننەتتىكى ھۆر-ئەيىنلەرنىڭ مۇھەببىتىنى ھېس قىلالمايسىز؟. نېمە ئۈچۈن سىز ئۇلار بىلان ئۇچرىشىشقا ئىشتىياق باغلىمايسىز ۋە بۇ ھەقتە شېرىن خىياللارنى سۇرمەيسىز؟. نېمە ئۈچۈن سىز جەننەتتىكى ھۆر- ئەيىنلەردىن بولغان گۈزەل، نازاكەتلىك قىزلار بىلەن خىياللىرىڭىزنى پەرۋاز قىلدۇرمايسىز؟. شۇبھىسىزكى، ھەر قانداق ئاشىق مەشۇقى توغرىسىدا پىكىر يۈرگۈزىدۇ ئەمەسمۇ؟. ياكى بۇ ھۆر-ئەيىنلەر ھەقىقى ئەمەسمۇ؟. بۇ ھەقتە پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: (( جەننەت بىرىڭلارغا ئۇنىڭ ئاياغ بوغۇچىدىنمۇ يېقىنراق. دوزاخمۇ شۇنداق.)) ( بۇخارى نەقىل قىلغان 6567)، لايدىن ياسالغان ئاياللارنىڭ كەينىدە نۇرغۇن كىشىلەر شۆلگەيلىرىنى ئېقىتىشىپ، شۇ ئاياللار ئۈچۈن ياشاۋاتىدۇ. بۇ ئاياللار ئەگەر ھۆر- ئەيىنلەردى بولغان بولسا، ئەھۋال نېمە بۇلۇپ كېتىشى كېرەك؟. ھەر قانداق بىر ئىنساننىڭ جەننەتتە ياكى دوزاختا بىر ئورنى بولغان بۇلىدۇ. سىز ھۆر- ئەيىنلەرنىڭ ھازىر سىزگە ئىشتىياق باغلاۋاتقانلىقىنى، سىز بىلەن ئۇچرىشىشقا ئىنتىزار بۇلىۋاتقانلىقىنى ھېس قىلىپ باقتىڭىزمۇ؟. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن : (( بىر ئايال دۇنيادا ئېرىگە ئەرزىيەت بەرمىسۇن. ئەگەر ئەرزىيەت بېرىپ قالسا، بۇ ئەرنىڭ جەننەتتىكى ئۇنىڭغا ئەرزىيەت يەتكۈزمەيدىغان، ھۆر- ئەيىندىن بولغان ئايالى ئۇ ئايالغا: ئاللاھ ساڭا لەنەت قىلسۇن! ئۇ سىنىڭ يېنىڭدا خار بۇلۇپ قالدى. ئۇ سەندىن ئايرىلىپ بىزنىڭ قېشىمىزغا كېلەي دەپ قالدى، دەيدۇ. )) ( تىرمىزى نەقىل قىلغان، 1207)، دېمەك بىر يۇقىرىدىكى بايانلارغا ئۆزىمىزنىڭ ئەھۋالىنى سېلىشتۇرۇپ باقىدىغان بولساق، شۇنداق بىر خۇلاسە چىقىرىشىمىز مۇمكىن: (( ھۆر-ئەيىن)) دېگەن سۆز نۇرغۇن كىشىلەرگە نىسبەتەن ئىشەنچتە مەۋجۇد بولغان ۋە مۇستەھكەم ئورۇنلاشقان بولسىمۇ، لېكىن ھېس-تۇيغۇلاردا مەۋجۇد ئەمەس.
Q<3=s6@T (|I:d!>:U -سىز ئۇنىڭدا ئاياللار، شاراپ، ئويۇن-تاماشا ۋە يېمەك-ئىچمەك.........لەردىن ئىبارەت تۈرلۈك نازۇ -نىئمەت، لەززەتلەر بولغان بىر ماكاننى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭ. ( سىز چوقۇم بۇ يەرگە قىزىقىپ قالىسىز) ۋەھالەنكى، ئاخىرەتتىكى جەننەت بۇنىڭدىنمۇ ئاجايىپتۇر. لېكىن نېمە ئۈچۈن سىز جەننەتكە بولغان ئەمىلى قىزىقىشنى ھېس قىلالمايسىز؟ جەننەتنىڭ نازۇ-نىئمەتلىرىگە ئىشتىياق باغلىمايسىز؟ سىزدىكى جەننەتكە بولغان ئىشتىياق ۋە ھەقىقى قىزىقىش نەلەرگە كەتتى؟.
.p NWd Z|K+{{C -سىز يەنە شۇنداق بىر ئىساننى تەسەۋۋۇر قىلىپ بېقىڭكى، ئۇ قېرىلىقىدىن ياشلىقىغا قايىتقان، ئاغرىپ قالمايدىغان ، ئۆلمەيدىغان، ئۇنىڭ كۆڭلى جەننەتنىڭ نىئمەتلىرى بىلەن ھۇزۇرلىنىۋاتقان كىشىدۇر. نېمە ئۈچۈن سىز ئەشۇنداق كىشى قاتارىدىن بۇلۇشنى ياخشى كۆرمەيسىز؟ دۇنيا ئۈچۈن ياشايدىغان كىشىنىڭ نىشانى پەقەتلا يەپ-ئىچىش، تۈرلۈك راھەت- پاراغەتلەردىن مەنپەئەتلىنىشتۇر. ئاخىرەت ئۈچۈن ياشىغان ئىنسانمۇ يەپ- ئىچىشنى، تۈرلۈك راھەت-پاراغەتلەردىن مەنپەئەتلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ، لېكىن ئۇ قايسى خىل تائام، قايسى خىل مەنپەئەتنى ئارزۇ قىلىدۇ؟
o7)<