مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       17483 
  •    ئىنكاس 
       387 

سۆيگىنىڭىزنىڭ تويىغا قاتىنىشىشقا جۈرئەت قىلالامسز؟!

قەۋەت ئاتلاش
piranik.kiz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.53827

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   40 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   884 (سوم)
 ياخشى باھا:   69 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 587
 سائەت
دەرىجىسى:
587 سائەت 63 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-08-30
ئاخــىرقىسى:2011-10-28

                                                               سۆيگىنىڭىزنىڭ تويىغا قاتىنىشىشقا جۈرئەت قىلالامسز؟! #AUV&pI[  
   DZ5QC  aA  
         ناۋادا سىزنىڭ ئۆز-ئارا بىر-بىرىڭلارنى شۇنىچىلىك سۆيىدىغان، قەدىرلەيدىغان سۆيگىنىڭىز بولسا، بىراق تەقدىر  تۈپەيلى ئايرىلغان بولساڭلار، ئۇ توي قىلىپ قالسا،ئۇنىڭ تويىغا قاتنىشىشقا، ئۇنىڭ توي كىچىسىنى ئۆتكۈزىدىغان ھوجىرىسىنى كۆرۈپ بېقىشقا جۈرئەت قىلالامسىز؟! قىسقىسى بەرداشلىق بېرەلەمسىز؟!... *nc9 u"  
     ئاھ!!!...مانا مەن بۈگۈن مەن كۆرۈپ بېقىشنى، كېلىن بولۇپ كىرىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىغان ئۆينىڭ بوسۇغىسىدن ئاتلاپ، خىياللىرىمدا مەن  قىزىرىپ تۇرۇپ تارتىنىپقىنا«ئانا!» دەپ چاقىردىغان، مەن كېلنى بولۇشنى ئارزۇ قىلدىغان بىر ئانا(ئۇنىڭ ئانىسى) بىلەن، تىلفۇندا نەچچە قېتىم پاراڭلاشقان، ئوماق پەرزەنتلىرىنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ئۇنىڭ سىڭلىسى بىلەن يۈز يېقىشىپ كۆرۈشۈپ،ئۆزەم چىن قەلبىمدىن سۆيگەن مىنىمۇ ھەم چىن قەلبىدىن سۆيگەن تەقدىر تۈپەيلى ئايرىلغان يىگىتىمنىڭ تويىغا قاتناشتىم...دوختۇرخانىدىن يالغان ئىسپىراپكا ئېلىپ، سىنىپ باشلىقىغا تاشلاپ بېرىپ، بىر كىچە-كۈندۈزدىن كۆپرەك يول مېڭىپ، ئۇنىڭ تويىنىڭ ھارپا كۈنى ئۇنىڭ يۇرتىغا كېلىپ، مانا بۈگۈن ئۇنىڭ تويىغا قاتناشتىم،لىكىن، ئۇنىڭ قاتناشقىنىمدىن خەۋىرى يوق... Zz@wbhMV  
         بەلكىم،  بەزىڭلار مېنى ئەخمەقكەن، بەزىڭلار مېنى ساراڭكەن دىيىشىڭلار مۇمكىن... jz"-E  
لىكىن، نىمىشقىكىن ئۇنىڭ تويىنى كۆرۈپ باققۇم كەلدى. شۇڭا، ئۇ مىنى تونۇشتۇرۇپ قويغان بىر يەڭگىسگە تېلفۇن قىلىپ، كەلگەنلىكىمنى ئيتتىپ، ئۇ ئاچىمىز بىلەن كۆرشتۈم.«شۇنداق چىرايلىق خانكەنلا، ھەجەپ بىر ئىشڭلار نىسىپ بولماي قالدى...» دەپ كۆزلىرگە ياش ئالدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭغا ھەم ئۇنىڭ ئايالىغا ئالغان سوۋغامنى ئۇ ئاچىمىزغا بېرىپ، ئەتە تويغا قاتنىشىش ئويۇمنىڭ بارلىقىنى...ئېيتتىم. ئاچىمىز قوشۇلدى. بۈگۈن چۈش سائەت 2 لەردىن ئاشقاندا نۇرغۇنلىغان كىشلەردىن سوراپ يۈرۈپ، نۇرغۇنلىغان كوچىلاردىن ئۆتۈپ مىڭ تەستە ئۆيىنى تېپىپ، ئاچىمىزغا تېلغۇن قىلدىم، ئۇ بۇ توينى ئاتا-ئانىسىنىڭ زورى بىلەن قىلىۋاتقانىلىقىنى ئۆزىنىڭ پەقەتلا رايى يوقلۇقىنى بىلگەچكە،ئۇنىڭ مېنى كۆرۈپ قالسا ئازاپلىنىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، ياغلىقنى ئوراپ چىگىپ، ماسكا ھەم كۆزەينەك تاقاپ،ئاچىمىزنىڭ باشلىشى بىلەن ئۆيگە كىردىم.ئۆينىڭ ئالدىغا كىلە-كەلمەيلا يۈرەكلىرىم سېلىپ پۇت-قوللۇرۇم كالۋالىشىشقا باشلىدى. ئۇنىڭ ئانىسى بىلەن يۈز يېقىشىپ كۆرۈشكەندە بولسا يۈرەكلىرىم تېخىمۇ سىلىپ كۆزلىرىمگە لىققىدە ياش كەپكەتتىكى، نۇمۇس قىلمىسام تاس قالىتىم «ئانا!» دەپ توۋلاپ سالغىلى...ھەي...بۈگۈنكى مۇشۇ ئۆيگە كىرىدىغان كىلىنچەك مەن بولسامچۇ؟!~....   ئۆيگە كىردىم، ئاپپاق گەزدە ئاقارتىلغان تاملارغا مېھراپ ئويۇلغان، مېھرابتا چىرايلىق چىنە-قاچىلار تىزىپ قويۇلغان. كەڭرى سېلىنغان داستىخاندا خىلمۇ-خىل قەن-گېزەكلەر...   h&j9'  
مىھمانلار كىلىشكە باشلىدى. ئوغۇللار بەلكىم، قوشنا ئۆيدە سورۇن تۈزەپ ئولتۇرغان بولسا كېرەك، تۇرۇپ-تۇرۇپ سازەندىلەر بىر-ئككى پەدىگە چېىلىپ قوياتتى، دېمەك، توي ئىسلامچە ئەمەس ئىدى...بۇرۇن ئىككىمىز شۇنداق پىلانلارنى تۈزىشەتتۇق: توينى چوقۇم ئىسلامچە قىلمىز،تويدا ئىسراپخورلۇق ھەم ئارتۇقچە ھەشەم قىلمايمىز، كىيىن سىز ئۆيدە ئولتۇرۇپ پەرزەنتلىرىمىزنى ھەققىقى ئىسلامىي تەربىيە بويىچە ياخشى تەربىيلەيسىز، مەن تېرىشىپ ئىشلەپ، جىق پۇل تىپىپ سىز ھەم پەرزەنتلرىمىزنى ياخشى شارائىتقا ئىگە قىلمەن. لىكىن، سىزنى بالا تەربيلەيسىز، تاماق ئېتىسىز دەپ، ئوچاق بېشىغىلا بەنىد قىپ قويمايمەن، بىز چوقۇم بىللە ئۆگىنىمىز، چەتلەرگە چىقىپ ئوقۇيمىز...دەيتى ئۇ دائىم. ئۇ بەك بىلىم خۇمار تېرىشچان ئىدى. ئەينى ۋاقىتلاردا قىيىنچىلىق  تۈپەيلى، گەرچە تولۇقسىزنىلا پۈتتۈرگەن بولسىمۇ، تېرشىپ ئىشلەپ ئۆزى ئىگلىك يارتىش بىلەن بىرگە ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىپ، تولۇق كۇرۇسنىڭ دىپلومىنى ئېلىپ بولغانىدى...   YqNI:znm-  
       ئولتۇرۋاتىمەن...ئولتۇرۋاتىمەن...خۇددى قوقاسنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرغاندەك، كۆزلىرىمنى ياش پەردىسى قاپلىغان، ئۇ ياشلارنى ئېقىتىۋەتمەسلىك ئۈچۈن، قانچىلىك دەرىجىدە غەيرەت بىلەن ئولتۇرۋاتقىنىمنى بىر خۇدا ئاندىن قالسا بىر ئۆزەم بىلىمەن... ".:]? Lvt  
__ ما ئۆيدە ئەر كىشى بولمىغاندىكىن، ماسكىللىرىنى ئېلىۋىتىپ، ئازادە ئولتراۋەسلە خېنىم_دېدى ياشقا چوڭراق كەلگەن بىر مىھمان ئايال. T }^2IJ]  
__ ھەئە، ئېلۋىتىپ ئولتاسلا ئىسسقتا... BFH=cs  
     ماسكامنى ئىڭكىمگە چۈشۈرۈپ قويۇپ ئولتۇرۋاتىمەن، كىرگەندىلا ئىشىكىنىڭ ئۇدىلىدىلا ئولتۇرۋالغان ئىدىم،ئىشكنىڭ سىرتى ھويلا ماڭا ئېنىق كۆرنىپ تۇرىدۇ، ھويلىغا ئاندا-ساندا ئەركىشلەر كىرىپ، بىرنەرسىلەرنى دەپ ۋە ياكى بىر نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىپ-چىقىپ تۇرىدۇ...ئۇنىڭ ئائىسدىكىلەرنىڭ رەسىمنى جىق كۆرگەن ئىدىم، شۇڭا قاراپلا تونۇدۇم. ئەنە ئۇنىڭ ئىنىسى نەچچە قېتىم كىرىپ-چىقىپ كەتتى، ئەنە ئۇنىڭ ئەڭ ھۈرمەتلەيدىغان، ئەڭ پەخىرلىنىدىغان دادىسىمۇ، كىرىپ-چىقىپ كەتتى...لىكىن، كۆزلىرىم توختىماستىن بىر سىمانى ئىزدەيتى، شۇنچە ئىزدەپمۇ، شۇنچە تەلمۈرۈپمۇ ئۇ سىمانى پەقەتلا چېلىقتۇرالمىدىم، كۆزلىرىمدە لىق ياش، يۈركۈمدىن بولسا قان ئىقىۋاتاتتى... تاماق تارتىلىشقا باشلىدى، گېلىمدىن زادى بىر نەرسە ئۆتەر ئەمەس...بىر چاغدا كىچىككىنە بىر قىز،مەن رەسىمنى جىق كۆرگەن، بىر نەچچە قېتىم تىلفۇندا ئاۋازىنى ئاڭلىغان، تېخى ئۈچ ياشقىمۇ كىرمىگەن قىزچاق، ئۇنىڭ سىڭلىسىنىڭ قىزى ئىشىك تۈۋىدە پەيدا بولدى، ئەتلەس كۆينەك كىيگەن شۇنچلىك ئوماق قىز، قولىدىن تارتىپ ئەكىلىپ قۇچقۇمغا ئولتۇرغۇزدۇم، قىزچاقمۇ مەندىن پەقەتلا يىترقىماي، قۇچقۇمدا بىخرامان ئولتۇرۇپ، مىنىڭ ئالدىمغا قويغان قورىمىنى يىيىشكە باشلىدى، شۇنچىلىك مەسلىگىم كەلدى ھەم يۈركىم تېخىمۇ ئېچىشتى، چۈنكى سىڭلىسىنىڭ ئوغلى تېخى كىچىك بولغاچقا، بىز توي قىلىپ بولغاندىن كىيىن، بۇ ئوماق قىزنى مەن بېقىپ بېرىدىغان بولغان... سىڭلىسىمۇ مىنىڭ رەسىمىمنى جىق كۆرگەن، ماسكىنى چۈشۈرۈپ، كۆزەينەكنى ئېلىۋىتىپ، قىزنى قۇچقىمغا ئېلىپ ئولتۇرغان ۋاختىمدا، قىزىنى تۇيۇقسىز چاقىرىپ قالدى، ئىخىتيارسىز  بېشىمنى كۆتۈرۈپ قاراپ قاپتىمەن، كۆزلىرىمىز ئۇچۇرشىپ قالدى، بەلكىم، مىنى تونۇپ قالدى بولغاي، چىرايى باشقىچە بوپ قالدى... Z|IFT1K  
         مىھمانلار ئۇزاشقا پەقەت ئولتۇرالمىدىم، يېنىپ چىقتىم،چىقىپ بىريەرلەرگە مېڭىپ كىيىن تاكسى توسۇپ كىتىپ بولۇپ، ئۇنى كۆرمىگەچكە يەنىلا چىدىيالماي،ھىلقى ئاچىمىزغا تېلفۇن قىلدىم، ئاچىمىز ھازىرلا قىزنى يۆتكەشكە بارىدىغانلىقىنى، تېزرەك بولىشىمنى ئېيتتى... شۇنىڭ بىلەن چۈشكەن يېرىمدىن يەنە تاكسى توسۇپ ماڭدىم، ئالدىرغاننىڭ بۇرنى قاناپتۇ دىگەندەك، تاكسىچى يولنى تاپالماي، مىنى باشقا بىر يەرلەرگە ئاپىرۋەتتى، كىيىن شۇنچىلىك تەستە شۇ مەھەلىنى تېپىپ كەلدىم، يىغلاپ ھالىم قالمىغانىدى، كىلىپ ئاچامغا يەنە تىلغۇن قىلدىم، ئاچام چىقىپ مىنى شۇ ئۆينىڭ يېنىدىكى بىر دالدىدا تۇرۇپ تۇرشۇمنى، ئۆزىنىڭ ئۇنى گەپ قىلماقچى بولۇپ ئىلىپ چىقىدىغانلىقىنى ئېيتتى.دىگەندەك ئاچامغا ئۇنىڭغا تىلفۇن قىلىۋىدى، ئۇ 10سىكونتقا قالماي چىقتى. چىقىشى ھامان، يۈركىم سېلپ، توك سوققاندەك بوپ كەتتى.تامنىڭ دالدىسىدا ماراپ ئۇنى يان تەرىپىدىن كۆرۈپ تۇردۇم، بېشىدىكى دوپپىسى ۋە كاستيۇم-بۇرۇلكىسى شۇنداق ياراشقان...ھەي... 0|D l/ 1  
      ئۇ بىر نەچچە مىنۇت ئاچىمىز بىلەن پاراڭلىشىپ تۇرغاندىن كىيىن كىرىپ كەتتى...ھەئە،ئۇ كىرىپ كەتتى، ئۇ ئۆزىلا ئەمەس مىنىڭ يۈركىمنىۇ ئېلىپ كىرىپ كەتتى... %^ g(2^  
     ئاچام بىلەن خوشلۇشۇپ، ئاپامنىڭ قاتتىق تەلەپ قىلىپ تۇرۋېلىشى بىلەن كەچ بولغىنىغا قارىماي، بېكەتكە بېرىپلا تاكسىغا ئولتۇرۇپ، 6 سائەتتە ئۆيگە يىتىپ كىلىۋالدىم. يول بويى ئازاپلىق ئەسلىملەر...ئۇنىڭ ئايالىغا ئالغان زىبۇ-زىننەت قۇتىسى ئىچىگە ھۇجىرسىغا كىرگەندە بىللە ئولتۇرۇپ يىسۇن توي كېچىسى ئالپىللادەك تاتلىق بولسۇن دەپ، لىق ئالپىللا بىلەن كىرىمىنىي توشقۇزۇپ قويغانتىم، ئۇلار يىگەندىمۇ؟!... ئۆيگە كىلىپلا، مانا بۇ يازمىنى يېزىشقا باشلىدىم...مانا ھازىر ئۇ ھوجىرىسدا باشقا بىرى بىلەن ۋىسال لەززىتى سۈرىۋاتقان مۇشۇ دەققىقلەردە مەن ئاچچىق ھىجىران ئازابى ئىلكىدە قىلدەك تولغۇنۇپ، كۆزلىرىمدىن تارام-تارام ياشلار ئاققۇزۇپ، ئۇنىڭغا بەخىت تىلەپ ئولتۇرماقتىمەن... m0_B[dw  
          سۆيگىنى بار دوسلار سىلەرگە شۇنى دىمەكچىمەن، سۆيگىنىڭلارنى قەدىرلەڭلار، ئۇنىڭ بىلەن ئۇچراشقان ھەر بىر قېتملىق ئۇچرىشىشنى، ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر بىر مىنۇت ھەر بىر سىكۇنتنىمۇ قەدىرلەڭلار، ھەر بىر قېتىم خوشلاشقاندا چوقۇم بىر-بىرىڭلارنىڭ كۆڭلىنى ئاغرىتىپ قويمايغان ئەھۋالدا خوشلىشىڭلار،ھىچ بىر ئادەم ئۆز تەقدىرىنىڭ كىيىن قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلمەيدۇ، ناۋادا كۈنلەرنىڭ بىرىدە تەقدىر سىلەرنى ئايرىۋىتىپ قالسا، ھەرگىزمۇ قارشى تەرەپنى پاك-پاكىز ئۇنتۇپ كەتمەڭلار، گەرچە ئىككىڭلار ئايرىلغان بولساڭلارمۇ،سىلەرنىڭ چوقۇم بىللە ئۆتكۈزگەن خوشال ھەم گۈزەل مىنۇتلىرىڭلار بولۇپ ئۆتكەن... بەلكىم،قېرىپ چاچلىرىڭىز ئاقارغان چاغدا تۇرۇپ-تۇرۇپ ئۇنى ئەسلەپ قالغان چېغىڭىزدا بەزىدە ئازاپلىنىشىڭىز، بەلكىم بىلىپ-بىلمەي ئۇنىڭ كۆڭلىگە ئازار بېرىپ قويغانلىقىڭىز ئۈچۈن، قاتتىق گەپ قىلىپ قويغانلىقڭىز  پۇشايمان قىلىشىڭىز مۇمكىن...يۈركىڭىز ئاغرىشى مۇمكىن... ۋە بەلكى ئازاپلىنىشتىن يۈركىڭىزنىڭ ئاغرىشىدىن قورقۇپ، ئۇ ئەسلىمىلەرنى ئەسلەشنى خالىماسلىقىڭىزمۇ مۇمكىن. RuuXDuu:VL  
   لىكىن، قورقماڭ، ئەمىلىيەتتە بەزى چاغلاردا  كونا ئەسلىمىلەرنى ئەسلەپ ئازاپلىنىشمۇ ئادەمگە بىر خىل بەخىت. چۈنكى، ئۇ يەنىلا سىزنىڭ ئەسلىمىلىرىڭىزنىڭ بىر قىسمىدۇر..... &RbT&  
       مەھرۇم بولغاندىن كىيىن، ئاندىن قەدىرگە يەتسىڭىز،بەكلا كىچككەن بولسىز!...شۇڭا، يىنىڭىزدىكى ئادەمنى ھەر ۋاقىت قەدىرلەڭ! ئۇنىڭ بىلەن ئۆتكۈزگەن ھەر مىنىۇت، ھەر دەققىقىنى.....  
                                   r,-9 ]?i  
Y%A KN  
                                   سىلەرگە چىن قەلبىمدىن بەخىت تىلەيمەن!     9 &p;2/H  
   *Qe{CE  
k 
  مەنبە: ئۆزۈم     ;?'=*+'>  
  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-10-02, 09:55
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 3 پارچە مۇنبەر پۇلى +211
cahra مۇنبەر پۇلى +100 10-26 -
parakande مۇنبەر پۇلى +100 10-10 -
رافىت مۇنبەر پۇلى +11 10-04 ئەسلەش شىرىن - ئۇنتۇش قىيىن
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
 
pak-nur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.60672

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   38 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   432 (سوم)
 ياخشى باھا:   125 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   149  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 18
 سائەت
دەرىجىسى:
18 سائەت 2 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-15
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 387- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 4سائەت ئىلگىرى

چوڭلارنىڭ تۇنجى كۆرۈشتۇرۇپلا توي ئىشىنى قىلىپ بىردىغان ئىشىمۇ ياخشىكەن.
 
ئىنسان قىغان ياخشى-يامان ئېشلىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرگۈچىدۇر.
gulpiya0902
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.63808

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   21 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 10
 سائەت
دەرىجىسى:
10 سائەت 10 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-11-06
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 386- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 4سائەت ئىلگىرى

ئىلگىرى مەن ئۇنىڭ توي باغىقىنى تاپشۇرۇپ ئالغاندا،ئۇنىڭغا بولغان نەپرىتىم تۇپەيلى قاتناشمىغان ئىدىم،لېكىن بۇ ئەسەرنى ئوقۇۋىتىپ،تۇرۇپلا ئويلاپ قالدىم،ئۆلۈپ كېتىدىغان جانغا نىمە قىلار بولغىيتىم-ھە؟ئۇنچىۋالا ئادەۋەت تۇتۇپ؟ ئەسلى بېرىپ ئولتۇرۇپ كەلسەم بوپتىكەن  نۇرغۇن تورداشلىرىمىز ياخشى ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ،بەزىلەر قوللىماپتۇ، باشقىلارنىڭ كۆز-قارشى قانداق بولسۇن،ئۇسىز ئۈچۈن بەرىبىر،بېرىپ توغرا قىپسىز،ئوغۇلبالدەك مەرت قىزكەنسىز،ئاللاھ مەڭگۈ بەختىڭىزنى بەرسۇن، سىزگە دەيدىغىنىم ھەرقانداق ئىنساننىڭ ئۆتمۈشى بولىدۇ، گەپ ئۇنىڭغا توغرا مۇئامىلە قىلشىڭىزدا،بۇمۇ سىزگە ساۋاق بولغۇسى،كېيىنكى تۇرمۇش مۇساپىڭىز نۇرلۇق بولسۇن،كونا ئەسلىمىلەر قاينىمىدا ياشاۋەرمەڭ،ئۇ پەقەت ئۆتمۈش،ئۆتمۈش قايتىپ كەلمەيدۇ،سىز تۈنۈگۈن ئۈچۈن ئەمەس بەلكى بۇگۈنىڭىز،شۇنداقلا كەلگۈسىڭىز ئۈچۈن ياشاڭ، ئېسىڭىزدە بولسۇن بۇكۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كېتىدۇ..........................
 
بەختىڭ كىشى بايلىقىدا ئەمەس بەلكى ئۆز قولۇڭدا،شۇنداقلا ئۆز ئىززەت،قەدىر-قىممىتىڭدە!
arkay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.15948

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   54 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   4170 (سوم)
 ياخشى باھا:   182 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   250  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2032
 سائەت
دەرىجىسى:
2032 سائەت 58 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-01
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 385- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 5سائەت ئىلگىرى

مەن ئۇنىڭ تويىغا بىر تال ياكى پۇلۇم بولسا 99 تال ئاپئاق ئەتىرگۈل ئىلىپ بېرىشنى خىيال قىلاتتىم ، ئۇنىڭغا گۈلنى سۇنۇپ قايرىلغىنىمدا بىر يىقىلغىنىمچە ئۇ مېنى مەڭگۈ كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قېلىشنى ئارزۇمۇ قىلغان....ھا ھا ھا ،.....ئۇنىڭ تويىنى ھەپتە ئۆتۈپ ئاڭلىدىم،ئۇ كۈنى شادلىق باغچىسىغا ئوينىغىلى بېرىپ راسا خوشال ئويناپ ئاندىن بىر ساۋاقدىشىم بىلەن ئۇرۇشۇپ قالغان كۈنۈمتى،تازا يىغلاپ دەردىمنى چىقىرىۋالارمەن دىسەم،يىشىم سەل جىق ئاقماي قويدى، بۇنىڭغىمۇ سەبر قىلىپ ،كىيىن يىغلىمىدىم....بۇداقىسىغىمۇ جىق يىغلىمايمەن ئىنشا ئاللاھ....(ئەمما ئىچىمدە بىلىمەن جۇمۇ....)
 
كۆنىسەن تەغدىرىڭ پۈتكەن قىسمەتكە،
ھەمراھىڭ بولىدۇ ناتونۇش بىرى .
ئۇسېنىڭ ،سەن ئۇنىڭ ،كۆڭۈل بۆلەكنىڭ ،
ياشايسەن ئۆزۈڭ نەق،مۇھەببەت نىسى .
yilalay
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13376

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   21 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5086 (سوم)
 ياخشى باھا:   181 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   250  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 12
 سائەت
دەرىجىسى:
12 سائەت 8 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-10
ئاخــىرقىسى:2011-11-08
ئاپتورنىڭلا 384- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 18سائەت ئىلگىرى

سىزگە كەلگەن ئۇ كۈنلەر يىقىندا ماڭىمۇ كىلدۇ لىكىن مەن قانداق قىلشمنى پەقەتلا بىلەلمىدىم.ئۆز سۆيىگنىنىڭ توينى كۆرۈش بەكلا ئازاپلىك ،بۇرۇن مەنمۇ سىزدەك تويغا كاتنىشىشنى ئويىلىغان بىراق ھازىر توي ۋاقتىنىمۇ بىلگىم يوق.
 
   ئادالەت ئىگىلىدۇ سۇنمايدۇ
eizinar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.57799

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5 (سوم)
 ياخشى باھا:   1 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-24
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 383- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 20:39

ئەگەر ئورنىڭىزدا مەن بولفان بولسام ھەرگىز بارالمىفان بولاتتم !سىز نىمە دىگەن جۇرئەتللىك ھە.....!!!
 
alogli1
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.61842

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   18 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   218 (سوم)
 ياخشى باھا:   47 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 4
 سائەت
دەرىجىسى:
4 سائەت 16 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 382- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 15:51

مەن جۈرئەت قىلالمەيمەن.
 
bahtim216
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.55983

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   48 (سوم)
 ياخشى باھا:   8 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 109
 سائەت
دەرىجىسى:
109 سائەت 31 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-11
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 381- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-04

ئۇنىڭغا بەخىت تىلەڭ ،ئۇلۇغ ئاللادىن سىزگىمۇ بەخىت تىلەيمەن!
 
مەڭگۈ بەخىتلىك بولۇڭ
نەزەر
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.18636

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   97 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3531 (سوم)
 ياخشى باھا:   183 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   250  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 367
 سائەت
دەرىجىسى:
367 سائەت 73 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-11-23
ئاخــىرقىسى:2011-11-04
ئاپتورنىڭلا 380- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-04

ياخشى يىزىپسىز ، بۇنداق تويغا بېرىپ قاتنشالايدىغانلار ئاز ئۇچرايدۇ، جۈرەتلىك ئىكەنسىز.........
 
01karagul
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.60434

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   23 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   115 (سوم)
 ياخشى باھا:   23 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 168
 سائەت
دەرىجىسى:
168 سائەت 32 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-14
ئاخــىرقىسى:2011-11-06
ئاپتورنىڭلا 379- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-03

ھەي.... ھاياتلىق نىمانچە ئەگىرتۇقاي تەقدىرشۇنداق مۇ... يابىز ئىنسانلار شۇنداق مۇ.......بەلكىم سەن  ئۇننى ھەققى ياخشى كور سەڭ ...ئۇمۇسىنى ياخشى كورسە .... چۇقۇم  سەن بىلەن توي قىلغان بۇللاتتى....؟؟؟؟ MI>_wG5P@  
ئويلىشىپ بىقىنڭلا؟؟؟؟
 
ئەگەر ھايات ئالدىسا سىنى،        
زەخمە چەكمە بولما بىئارام،
تىنىچلانماق لازىم ئۇيقىدا،
خۇشال كۇنلەر كىلدۇ ھامان!
mihinur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.62895

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   20 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 145
 سائەت
دەرىجىسى:
145 سائەت 55 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-10-30
ئاخــىرقىسى:2011-11-05
ئاپتورنىڭلا 378- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-02

manmu vtkvzmakqi bundak kvnni.
 
13565055525
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.56775

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   55 (سوم)
 ياخشى باھا:   11 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 143
 سائەت
دەرىجىسى:
143 سائەت 57 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-09-16
ئاخــىرقىسى:2011-11-07
ئاپتورنىڭلا 377- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 11-02

تەغدىرگە ئامال يوق.......
 
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى