قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى
2y8FP# ھېيتگاھ جامەسى قەشقەردىكى ئەڭ چوڭ جامە، ھېيتگاھ مەيدانى قەشقەردىكى ئاۋات سودا، مەدەنيەت مەركىزىدۇر، ئۇ قەشقەرگە كەلگەن كىشىلەرنىڭ دىققەت نەزەرىنى ئۆزىگە تارتماي قالمايدۇ. ئۇنىڭ كۈن چىقىش تەرەپكە ئېچىلغان چوڭ دەرۋازىسى، پەشتىقى، ئاق گۈمبىزى، ئىككى تەرەپتىكى نەقىشلىك مۇنارلىرى شەھەرگە ئالاھىدە كۆركەملىك بېغىشلاپ تۇرىدۇ.
جامەنىڭ قۇرۇلۇش سەنئىتى ۋە ئۇنىڭ گۈزەللىكى، بۇنىڭغا ئىشلىگەن تامچى ۋە سەنئەتكارلارنىڭ نەقەدەر ماھارەتلىك ئىكەنلىكىنى ئەكىس ئەتتۈرۈش بىلەن بىللە، ئۇيغۇر بىناكارچىلىقىنىڭ خېلى ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. ھەر يىلى ئىككى ھېيتتا چېلىنىدىغان ناغرا، سۇناي ئاۋازى كىشىلەرنى ئۆزىگە شۇنداق جەلپ قىلىدۇكى، بۇ قىزىقارلىق مەنزىرىدىن كۆز ئۈزۈپ ئايرىلغۇسى كەلمەيدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ كىلاسسىك مۇزىكىسى 12 مۇقام ناغرا سۇنايچىلارنىڭ تەرەننۇم قىلىشى بىلەن، بۇ ئۈچ كۈن ئىچىدە دېگۈدەك ئاۋام خەلق بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ. ئۆز زامانىسىدىكى ئەخمەت ئاكا سۇنايچى، روزى ئاكا (باشى) لار ئۆزلىرىنىڭ ماھارىتى بىلەن بارلىق ھېيت ئىشتراكچىلىرىنىڭ رەھمىتىنى ئالاتتى. شۇ سەۋەبتىنمۇ ھەربىر قېتىملىق ھېيتتا ئالاھىدە ئالقىشقا ئىگە بۇلاتتى. گىزى كەلگەندە بۇ ھېيتگاھ جامەسى ئالدىدا ئوينىلىدىغان ساما ئۇسۇلى ھەققىدىمۇ ئازراق سۆز قىلىپ ئۆتسەك يامان كەتمەس؛ قەشقەر خەلقى، ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلاشقا بەكمۇ خۇشتار، روزى ھېيت، قۇربان ھېيتتىكى ئالتە كۈنلۈك ئارام ۋە خۇشاللىق ۋاقتىنى ئاشۇ ناغرا، سۇناينىڭ يېقىملىق سادالىرى ئىچىدە ئۆتكۈزىدۇ. ھېيت كۈنلىرى ئۇمۇم كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ساما سېلىش بۇ يەردىكى خەلقنىڭ ياقتۇرۇپ شۇغۇللىنىدىغان ئەنئەنىۋى پائالىيىتىدۇر. ساما بىر خىل سەنئەتلىك ئۇيۇن بۇلۇپ، ئۇ ئادەتتىكى كۆڭۈل ئېچىشتا ئوينىلىدىغان ئۇسسۇلىدىن تۈپتىن پەرقلىنىدۇ. ئۇسسۇل ئادەتتە يالغۇز كىشى، ئىككى كىشى ياكى بىر قانچە كىشى تەرىپىدىن ئۇرۇنلانسا، ساما نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئىشتىراكى بىلەن ئۇرۇنلىنىدۇ. يۈزلىگەن كىشىلەر ئوتتۇرىغا چۈشۈپ ھەربىر كىشى ئۆز دائىرسىدە بىر خىل رەتلىك ئايلىنىدۇ. تاماشىبىن شۇنچە كۆپ كىشىنىڭ بىر خىل رەتلىك ئايلانغانلىقىنى كۆرگەندە گويا بىرلا كىشى ھەركەتلىنىۋاتقاندەك ھېس قىلىدۇ. ساما دا پەقەت ناغرا، سۇناينىڭ ئاھاڭ يۆتكىشى بىلەن رېتىم ئالمىشىدۇ. مەيدانغا چۈشۈپ ساما سالغانلارمۇ ناغرا- سۇناينىڭ مۇڭلۇق، يارقىن، يېقىملىق ئاۋازىدىن ئۆزىنى ئۇنتۇيدۇ. بۇ مەيدانغا يىغىلىپ ھېيت تەنتەنىسى قىلىۋاتقان جامائەتمۇ ۋاقىتنىڭ قانداق ئۈتۈپ كەتكەنلىكىنى بىلمەي قالىدۇ.بۇ ئىككى ھېيت مەزگىلدە ھېيتگاھ مەيدانىدا ھېيت تەنتەنىسىنى ئۆتكۈزىدىغانلار يالغۇز قەشقەر شەھرىدىكى ئۇيغۇرلار بۇلۇپ قالماستىن، قەشقەرنىڭ ھەرقايسى ناھىيىلىرىدىن ھەتتا چەت ۋىلايەتلەردىنمۇ كىشىلەر كېلىپ ھوزۇرلىنىدۇ. مانا مۇشۇ مەزگىللەردە قەشقەر شەھىرى خۇددى ئادەم دېڭىزىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ. كىشىلەر ئۇنتۇلغۇسىز خۇشاللىق ھېس قىلىشىدۇ.
تارىخىي خاتىرىلەر ۋە رىۋايەتلەرگە قارىغاندا، ھېيتگاھ جامەسىنىڭ ئورنى بۇندىن بەش ئەسىر بۇرۇن ئىچكىرىكى شەھەرنىڭ غەرب تەرىپىدىكى قەبرىستانلىق ئىدى. مىلادى 1442- يىلى قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان ھاكىم بەگ- ساقىت مىرزا ئۆزىنىڭ ۋاپات بولغان ئۇرۇق- جەمەتلىرىنى مۇشۇ قەبرىستانلىققا دەپنە قىلغان. ئۇرۇق- تۇغقانلارنىڭ قەبرىسىنى يوقلاپ كەلگەن كىشىلەرنىڭ ناماز ئوقۇشى ئۈچۈن ھازىرقى ئىچكىرىكى مەسچىت ئورنىدا بىر كىچىك مەسچىت سالدۇرغان. تۇنجى مەسچىت ياسىلىپ ئون يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، شۇ ۋاقىتتىكى قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى ئۇبۇل ھادى بەگنىڭ تاغىسى مىرزا ئەزىز ۋەلى دېگەن كىشى ۋاپات بۇلۇپ مۇشۇ ئۇرۇنغا دەپنە قىلىنغان. ھىجىرىيىنىڭ 944- يىلى (مىلادى 1558- يىلى) ئۇبۇل ھادى بەگ مەسچىتنى كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياساتقان ھەمدە بەش ۋاخ ناماز ئوقۇيدىغان ئادەتتىكى مەسچىتنى جۈمە نامىزى ئوقۇلىدىغان جامە قىلىپ ئۆزگەرتكەن. مىلادى 1787- يىلى (ھىجىرىيە 1201- يىلى) يىڭى شەھەر ناھىيە خانئېرىق يېزىسىدىن زۇلپىيە خېنىم مەككىنى تاۋاپ قىلىش ئۈچۈن توپلىغان پۇلنى سەرپ قىلىپ ھېيتگاھ جامەسىنى يەنىمۇ كېڭەيتىپ يېڭىباشتىن ياسىغان19-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا قەشقەرگە ھۆكۈمران بولغان تۇرپانلىق ئىسكەندەر ۋاڭ ھايات تۇرۇپ ئۆزىگە، ھىجىرىيىنىڭ 1224- يىلى (مىلادى 1809- يىلى) شەھەرنىڭ جەنۇب تەرىپىدىكى پايناپ يېزىسىغا ھەشەمەتلىك گۈمبەز ياساتقان. بۇ گۈمبەزنى خەلققە ئېغىر ئالۋاڭ سېلىپ ياساتقانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقى غەزەپكە ئايلىنىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرگەن. ئىسكەندەر ۋاڭ، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى پەسەيتىش ئۈچۈن، ھېيتگاھ جامەسىنى رېمونت قىلىپ كۆل چاپتۇرغان، ئېرىق ئېلىپ، سۇ باشلاپ كىرىپ ئورمان بىنا قىلغانھىجىرىيىنىڭ 1235- يىلى (مىلادىنىڭ 1820- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يامغۇر يېغىپ جامەنىڭ تورۇس- تاملىرى زور دەرىجىدە بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغاندا، نىدىر خوجا ئەبرىشىمكا دېگەن كىشى ئۇمۇميۈزلۈك رېمونت قىلدۇرغان. ھىجىرىيىنىڭ 1255- يىلى (مىلادىنىڭ 1839- يىلى) قەشقەرنىڭ ھاكىم بېگى زوھورىدىن بەگ قەشقەرنىڭ تاشقىرىقى شەھەر دەپ ئاتالغان قىسمىغا سېپىل سوقتۇرۇپ شەھەرنى كېڭەيتكەن. شۇ چاغدا جامەنى سۈپەتلىك قىلىپ رېمونت قىلدۇرغان19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىملىرىدا شىنجاڭغا ھۆكۈمرانلىق قىلغان بەدۆلەت (ياقۇپ بەگ) خەلقنىڭ ماھىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن جەنۇبىي شىنجاڭدا كۆپلىگەن مەسچىت، مەدرىس، مازارلارنى ياساتقان. شۇ جۈملىدىن ھىجىرىيىنىڭ 1290- يىلى (مىلادىنىڭ 1872- يىلى) ھېيتگاھ جامەسىنى كېڭەيتىپ باشقىدىن قەمىر قىلىپ ھازىرقى ھالەتكە كەلتۈرگەن. بۇ جامەنىڭ غەربىي تەرىپىنى مەسچىت، شەرق تەرپىنى مەدرىس قىلىپ ئىككى قىسىمغا بۆلۈپ، مەدرىس قىسمىنىڭ شىمال، شەرق ۋە جەنۇب تەرەپلىرىگە 24 قاتار 72 ئېغىزلىق ھۇجرا، شەرقىي شىمال تەرىپىگە 100 دىن ئارتۇق كىشى سىغىدىغان مۇنچا، مۇنار، گۈمبەز، پەشتاق، دەۋازا قاتارلىقلارنى ياساتقان. شۇنىڭ بىلەن ھېيتگاھ جامەنىڭ ھازىرقى ھالىتى شەكىللەنگەن،ھىجىرىيىنىڭ 1320- يىلى (مىلادىنىڭ 1903- يىلى) قەشقەردە قاتتىق يەر تەۋرەش ① زىلزىلىسى يۈز بېرىپ، جامەنىڭ تاشقىرىقى مەسچىت قىسمىغا خېلى دەرىجىدە زەخىم يېتىپ بەزى تاملىرى ئۆرۈلگەن، مۇنار زەخىملەنگەن ئىدى. لېكىن ھىجىرىيە 1322- يىلى (مىلادىيە 1905- يىلى) قەشقەرنىڭ ئاتاقلىق بايلىرىدىن ئاخۇن باي دەپ ئاتالغان تۇردى باي ھاجىم بىلەن كىرىم ئاخۇن بايۋەچچىلەر تەرىپىدىن قايتا رېمونت قىلىنغان.
ھىجىرىيىنىڭ 1352- يىلى (مىلادى 1934- يىلى) قەشقەرنىڭ مائارىپ ئىدارە باشلىقى ئابدۇكېرىم خان مەخسۇمنىڭ رىياسەتچىلىكىدە رېمونت قىلىنىپ، دەرەخلەر تۇلۇقلاپ قويۇلغان، كۆللەر قايتا چېپىلغان. كۆللەرنىڭ ئەتراپىغا رىشاتكىلار ئورنىتىلغان.ھىجىرىيىنىڭ 1354- يىلى (مىلادى 1936- يىلى) قەشقەردە ھئىسلامى مەدرسىھ- مەسچىت ھەيئىتى قۇرۇلۇپ، بىر قېتىم رېمونت قىلدۇرۇلغان. جامەنىڭ شىمال ۋە جەنۇب تەرىپىگە ئىككى يان دەرۋازا ئېچىلىپ، كىرىپ- چىقىش راۋانلاشتۇرۇلغان .ھىجىرىيىنىڭ 1355- يىلى (مىلادى 1937- يىلى) شەھەر كوچىلىرىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىدە جامەنىڭ شەرق تەرپىدىكى 24 ئېغىزلىق ھۇجرا بىلەن مۇنچا چېقىۋېتىلگەن. تام ئورنىغا سالاسۇنلۇق رىشاتكا بېكىتىلگەن.ئازادلىقتىن كېيىن جامەنىڭ يېڭى باھارى باشلاندى. پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت بۇ جامەنى ئاپتۇنۇم رايون دەرىجىلىك نوقتىلىق قوغدىلىدىغان ئۇرۇن قىلىپ بىكىتىپ بىر قانچە قېتىم چوڭ- كىچىك رېمونت قىلدۇردى. 1955- يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى قۇرۇلغاندا كۆپ مەبلەغ ئاجرىتىپ چوڭ كۆلەمدە رېمونت قىلىپ سىرلاپ، ئاقارتىپ تېخىمۇ گۈزەللەشتۈردى. 1983- يىلى 100 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ جامەنى چوڭ رېمونت قىلدى.جامەگە تازىلىق ئىشچىلىرى ۋە باشقۇرغۇچىلارنى بېكىتىپ، ئىگىدارچىلىقنى كۈچەيتتى.
ھازىر ھېيتگاھ جامەسى ۋە مەيدانى يالغۇز ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچى مىللەتلەرنىڭ دىنىي- مەدەنىي پائالىيەت مەركىزى بۇلۇپلا قالماستىن بەلكى دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىن كەلگەنلەرنىڭ ئېكىسكۇرىسىيە ۋە زىيارەت سورۇنىغا ئايلاندى.
قەشقەر شەھىرى ئېچىۋېتىلگەن ئوچۇق شەھەر قىلىپ ئېلان قىلىنغاندىن بىرى ئىسلام دۆلەتلىرىدىن كەلگەن دوستلار ۋە چەت ئەللەردىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەت مۇھاجىرلىرىنىڭ قەشقەرگە كېلىشى بىلەن ئالدىن زىيارەت قىلىدىغان ئورنى ھېيتگاھ جامەسى بولماقتا، بۇ جامەنىڭ ئورنى، ئابرويى تېخىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈلمەكتە
C5Fq%y{$.