ئاپتور جاۋابىنى بويلاپ kadiropھەم 2011-08-31 10:53 AMئەۋەتىلدى ھېيىتنى مۇنداق ئۆتكۈزدۈم :
1Kc{#+a^ خەيرىيەت ، يىلدا بىرقېتىم كىلىدىغان قۇتلۇق رۇزا ئېيى ئاخىرلىشىپ ، ھەممەيلەن خوشال - خۇراملىق بىلەن رۇزا ھېيىتنىمۇ ئۆتكۈزۋاتىمىز . ھەي...مۇشۇ ۋاقىتلاردىكى ھىسسىياتىمنى ئىپادىلەشكە ھەقىقەتەنمۇ ئاجىزلىق قىلىمەن .
!
$XO
U'n سەھەردىلا ئورنۇمدىن تۇرۇپ كەتتىم . ھەي ، نىمە ئىش قىلسام بۇلار ؟ ئۆيدە ئۆزۈم يالغۇز ، نىمىنى خالىسام شۇنى قىلىمەن . رۇزا مەزگىلىدىكى كۈنلەر بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىمدىن ئۆتۈشكە باشلىدى . ئەنە بىرى پىژقىرىم ئىسسىقتا گۈپۈلدىتىپ دوغ ئىچىۋاتىدۇ ، ئەجەپمۇ ئىچكۈم كەلدى ، رۇزا تۇتمىغان بولسام مەنمۇ قېنىپ - قېنىپ ئىچىۋالسامچۇ ؟ يامان يېرى رۇزا تۇتقان - دە ! ھەي..... ؛ يەنە بىرى تاماكىسىنى پۇرقىرىتىپ چىكىپ كىتىپ بارىدۇ ، ئەجەپمۇ تۇتتى بۇ خۇمار . خەپ ، كېلەريىلى رۇزا تۇتماي مەنمۇ تازا چېكىۋالمىسام ....؛ قايسىبىر كۈنى كەچتە ئىپتاردا ئىچىش ئۈچۈن دوغ ، يىيىشكە مېۋە - چېۋە ئېلىپ كىرەي دەپ سىرىتقا چىقىپ قايتاشىمدا ئىككى نەپەر تەڭتۇشلىرىم ‹‹ شىر ›› بوپتۇ ، ھەي ، ئادەتتىكى ۋاقىتلاردا ماڭا يەتمەيدۇ ، شۇنداقتىمۇ كەيىپ قىلغۇسى كەپتۇ - دە ؟ بوپتۇ ، يېقىن دوسىتلاركەن ، رۇزا تۈگىسۇن قېنى ، كەيىپ دىگەننى قانداق قىلىدىغانلىغىنى بىر كۆرسىتىپ قويمىسام ،مۇشۇ دادام - ئاپاملارمۇ - زە ، تۇلا تەربىيە قىلىپ مەجبۇرى رۇزا تۇتقۇزدى دىسە . ئاۋۇلارمۇ مەن بىلەن تەڭتۇشكەنغۇ ؟ شۇلارمۇ تۇتماپتىغۇ ئەنە..... خىيالدىن ئويغۇنۇپ قارىسام ۋاقىت بىريەرگە بېرىپتۇ ، نامازغا بارايمۇ ؟ بولدىلا ، كېلەريىلى بېرىۋالمامدىم ؟ بۇگۈندىن باشلاپ كوچىلاردا ئىچەمسەن ، چېكەمسەن ھىچكىمنىڭ كارى يوق ، بىركىمدىن خىجىل بولۇشنىڭ ھاجىتىمۇ يوق ، شۇنداق بولغاندىكىن ....
98 ayA$ ھاپىلا - شاپىلا كىيىمىمنى كەيدىم - دە ، سىرىتقا چىقتىم ، كوچىدا ئادەملەر شالاڭشىپ قاپتۇ ، قورا ئالدىدا ياشانغان بىر تىلەمچى ئايال ئۆتكەن - كەچكەنلەرگە تەلمۈرۈپ ئولتۇراتتى . مىنى كۆرۈپ قولىنى كۆتۈردى : ‹‹ ئامىن بالام ، ئۇلۇغ ئاللا تۇتقان رۇزىڭىزنىڭ ساۋابىنى بېرەر ، سىزنى خار قىلماس ، ئۇلۇغ ئايەم كۈنىدە ، قېرى ، ئاجىز ، مېيىپلارنى يوقلىغانلارنىڭ ساۋابىنى ئاللاھ نەچچە ھەسسە بېرەر . ئامىن بالام . ئامېن ...يولنىڭ ئۇ تەرىپىگە ئۆتۈپ بولغاچ ئۇ موماينىڭ گىپىنىڭ ئاخىرىنى ئاڭلىمىدىم . مەن ئائىللىك قورانىڭ قارشى تەرىپىدىكى تۇنۇشۇمنىڭ دۇكىنىغا كىرىپ بىر بوتۇلكا ھاراق ، بىرقاپ تاماكا ، سوغوق ئىچىملىك سېتىۋېلىپ ئۆيۈمگە كىردىم . رۇزا مەزگىلىدىكى ھېلىقى ئادەمنىڭ مەيلىنى تارتىدىغان كۆرۈنۈشلەر قايتا كۆز ئالدىمدا نامايەن بولۇشقا باشلىدى ، شۇنىڭ بىلەن ناشتىمۇ قىلماستىن بۇتۇلكىنىڭ ئاغزىنى ئاچتىم - دە ، تۇنجى رۇمكىسىنى ئىچىۋەتتىم . كومپىيوتېرنى ئېچىپ لىرىك مۇزىكىلارنى بولۇشىغا قۇيىۋەتتىم . مۇزىكىغا تەڭكەش قىلىپ ، ئىككنچى ، ئۈچۈنچى رۇمكىنىڭ كىرىپ كىتىشى بىلەن قانلىرىم قىزىشقا باشلىدى . ھەي ، مانا ھېيىت ، مانا خوشاللىق . نۇرغۇن كىشىلەر بار ، بىر ئاي قىينىلىپ رۇزا تۇتۇپ ، ھېيىتنى خوشال ئۆتكۈزەلمەيدۇ ، ياق ، خوشال ئۆتكۈزۈشنى بىلمەيدۇ ، ئەخمەق - دە ، ئەخمەق ...
`|NevpXY1 ئارىدىن قانچىلىك ۋاقىت ئۆتكىنىنى بىلمەيمەن ، تېلفۇنۇمنىڭ قوڭغۇرىقى ئۇيقۇدىن ئويغاتتى ، ئىشقا كېچىكىپ قالماي دەپ دەرھال چۆچۈپ ئورنۇمدىن تۇرۇپ قارىسام دادامدىن كەلگەن تېلىفون ئىكەن ، قانداق قىلىش كېرەك ؟ نەچچە سېكونىتلۇق قىسقا ئويلىنىشتىن كېيىن ، تېلىفوننى قۇلۇمغا ئېلىپ ، گەپ قىلماي تۇتۇپ تۇردۇم ، دادامنىڭ ئاۋازى ئاڭلاندى : ‹‹ ۋاي بالام ، بارمۇسەن ؟ نىمە بولدى ساڭا ، نىمانداق كېلىپ بولالمايسەن ؟ سەندىن باشقىلار كىلىپ بولدى ، تاماقلار تەييار بولدى ، يىلدا بىر كىلىدىغان قۇتلۇق ئايەم بولغاندىكىن ، ھەممەيلەن جەم بولۇپ ، ياخشىراق ئۆتكۈزەيلى ، چاققان كەل بالام ، ئاپاڭمۇ تۇلا يۇلۇڭغا قاراپ ، قولى ئىشقا بارمىدى ›› . ئەمدى قانداق قىلغۇلۇق ؟ مەن رۇزا ھېيىتنى تېخى ئەمدىلا ‹‹ ياخشى ئۆتكۈزگەن ›› تۇرسام ؟ يەنە كىلىپ بارغۇدەك ھالىممۇ يوق ؟ ھەي ...، ھاراق دېمەك نەس دېمەك دىگەن مۇشۇ ئوخشايدۇ ، قانداق قىلسام بۇلار ؟ تورداشلارنىڭ ماڭا ياخشى ئامال كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن .
>:fJhF@ [L)V(o)
v .......
uRs9}dzv