بۇ تىما دەل جايىدا يېزىلىپتۇ...نەچچە كۈندىن بېرى خىزمەت ئىشىلىرىم بىلەن ئالدىراش مۇنبەرگە كىرەلمىگەن ئىدىم. مۇنبەرگە كىرىپ ئىنكاس يازغۇممۇ كەلمىدى. بىراق بۇ تىما دەل كۆڭلۈمدىكى گەپلەرنى قىلىۋالىدىغان جاي بۇلۇپتۇ.
My6]k?;}( N8L)KgM5#7 مۇنبەر دىگەن قانداق جاي؟
@|\s$L بىرىنجىدىن،مۇنبەر دىگەن ھەر مىللەت خەلىقى توپلىشىدىغان، پىكىر ئالماشتۇرىدىغان، جەمىيەتتە كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرغا قويۇپ مۇنازىرە قىلىدىغان پۈتۈن دۇنياغا يۈزلەنگەن ئالاقە سورۇنى.
UQji7K } AVevYbucB مۇنبەرنىڭ رولىچۇ؟
QLpTz"H تورداشلارنى جەمىيەتتە بۇلىۋاتقان ئىشلاردىن خەۋەردار قىلىش، ھەقىقى بىلىم ئېلىش نىيتى بىلەن كىرگەن كىشىلەرنى نۇرغۇن بىلىملەرگە ئىگە قىلىش بىلەن بىرگە، جەمىيەتنى تەرەققى قىلدۇرۇش رولىغىمۇ ئىگە.
L/ICFa.G 1Z$99 مۇنبەرگە ئاساسلىقى قانداق كىشىلەر كىرىدۇ؟
n
nnA, H{tOCYyD تورداشلارنى بىلىمگە ئىگە قىلىپ، جەمىيەتتە كۆرگەن بىلگەنلىرىنى ئوتتۇرغا قويالايدىغان ۋە بەزى بىر تورداشلارغا ئۆزىنىڭ بىلىمىنى يەتكۈزەلەيدىغان بىلىملىك كشىلەر، تېخى ئانچە بىلىمگە ئىگە بولمىغان ، لىكىن بىلىم ئىگىلەشنى مەقسەت قىلغان كىشىلەر، ھارغىنلىقلىرىنى تۈگۈتىش مەقسىتىدە مۇنبەر ئارلاپ ئانچە مۇنچە تىما ۋە ئىنكاس كۆرۈپ قويدىغان كىشىلەر، مەخسۇس ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىش ئۈچۈنلا كرىدىغانلار(بۇنداقلار بەك ئاز ساننى ئىگىلىشى مۇمكىن) ، ھەتتا كىچىك ياشتىكى بالىلارمۇ كىرىشى مۇمكىن. بۇلارنىڭ ئىچىدە بەزىللىرىمىزنىڭ بىلىم سەۋيسىمىز ئەلۋەتتە باشقىلارنىڭكىدىن پەرىقلىنىدۇ. بەش قول تەڭ بولمىغىنىدەك، كىىشلەرنىڭ بىلىم سەۋيسى ۋە بىر نەرسىلەرنى تەپەككۇر قىلىش ئۇسۇلى ئوخشىمايدۇ ئەلۋەتتە. بىراق بۇ تور دۇنياسىدىكى ھەممە ئادەم چۇقۇم تەربىيە كۆرگەن ساپالىق كىشىلەر. ھەممىز مەكتەپ تەربىيسى كۆرۈپ كەتمىگەن تەقدىردىمۇ چۇقۇم ئائىلە تەربىيسى، ئاتا ئانا تەربىيسى كۆرگەنلەر.
kmwrv -W Y;/=3T7An ‹غاجاش› بۇ نىمىگە خاس ھەركەت؟
#V9hG9%8 ~NW5+M(u بىز ئادەتتە غاجاش دىگەن بۇ سۆزنى ئىتقا قارتىپ ئېيتىمىز. ئادەتتە ئىنسانلار بىر سۆڭەكنى يەپ قالساقمۇ، ئاسانلىقچە ، ئەجەپ غاجاپ كەتتىڭ دىمەيمىز. چۈنكى بۇ سۆز ھايۋانلارغا خاستۇر.
j>Bk; f| YDzF( ']o: مەن بىر تىمىغا ئىنكاس يازغاندىن كىيىن مۇنبەرنىڭ قانداق جايلىقىنى بۈگۈن كىرىپ ھىس قىلدىم. ھەم مۇنبەرگە ئىنكاس يازماسلىق قارارىغىمۇ كىلىپ قالدىم. چۈنكى ، بۇنداق سورۇندا كىشى ئۆز ئويلىغىنىنى ئوتتۇرغا قويالمايدىكەن. ئوتتۇرغا قويدىمۇ، ئاندىن سىز دىگەندەك ‹ غاجايدىغانلار› چىقىدىكەن. ياق، مەن بۇلارنى غاجىلىغۇچىلار دىمەيمەن. بۇلارمۇ ماڭا ئوخشاش ، تەپەككۇر قىلىدۇ ئەلۋەتتە، ئۇلارنىڭمۇ ئۆز ئالدىغا كۆز قارشى بۇلىدۇ ئەلۋەتتە. لىكىن ، قارشى پىكىر بولغۇچىنى ، ھاقارەتلەش ۋە ئۇنى قانداقتۇر مەدىنىيەتسىز سۆزلەر بىلەن ئاتاش ئارقىلىق مۇنازىرە قىلىدىغانلار مىنىڭچە ئۇلار ، مۇنازىرە قىلىش ئۈچۈن ئەمەس ، بەلكى ئۆز كۆز قارشىنى مەجبۇرى تېڭىش ئۈچۈن كىرگەنلەر ئىكەن.
K/.hJ W-ND<=:Up مۇنبەردە تىما يازىدىغانلارنىڭ ئىچىدىمۇ ھەقىقى مىللەتپەرۋەر ۋە دىندىن خەۋىرى بار كىشىلەر ھەقىقەتەن مەۋجۇت. مەن شۇنداق ھىس قىلىمەن. ئەگەر سىز ئۇلارنى ياسالما دەپ ئويلىغان بولسىڭىز ، ئۆزىڭىزمۇ شۇنداق ئوخشايسىز. بۇ دۇنيادا ئىشەنچ بەك مۇھىم ، سىز باشقىلارغا ئىشەنمەيدىكەنسىز، باشقىلارنىڭمۇ سىزگە ئىشىنىشى ناتايىن. كىشى قانداق بولسا باشقىلارنىمۇ شۇنداقمىدۇ دەپ ئويلايدۇ. شۇڭا ئۆز كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قويۇۋاتقان كىشىنى ئەركىن پىكىر قىلىپ مۇنازىرە قىلغىلى قويۇڭ. ئۇنىڭ سىزنىڭكى بىلەن ئوخشاش بولمىغان پىكىرىنى كۆرۈپلا ئۇنى قانداقتۇر ھاقارەتلەپ ئۇنىڭ پىكىر قىلىشىدىن توسۇپ قويماڭ. ئەگەردە سىز مۇنبەرگە باشقا مىللەت كىشىلىرىمۇ كىرىدۇ، ئۇلارنى ئالدىدا مىللىتىمىزنىڭ يۈزىنى تۆكۈدىغان گەپ سۆزلەرنى قىلمايلى دەپ، مىللىتىمىز ئارسىدا بولۇۋاتقان ئىشلارنى ئوتتۇرغا قويۇپ ئۇنى تۈزىتىش ۋە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن تىرىشمىساق، بۇنىڭ ئۆزى، ئائىلىسىدە بىر تەرەپ قىلىشقا تىگىشلىك نۇرغۇن ئىشى بار بىر ئايالنىڭ، ئۇلارنى قىلماي تاشلاپ قويۇپلا ناھايتى چىرايلىق ياسىنىپ سىرىتقا چىقىۋالغىنىدەكلا بىر ئىش. ئەلۋەتتە بۇ ئىشلارنى سىرىتتا سۆزلەپ يۈرۈشكە بولمايدۇ، ئۇنىڭ ئابىرويىغا تەسىر يىتىدۇ. بىراق ئۇ بۇ ئىشنى چۇقۇم ھەل قىلىشى كىرەك، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنى ئەسكەرتىپ، ھەل قىلىش ئۇسۇلىنى بىرلىكتە مەسلىھەت قىلىشىدىغان بىر كىشىنىڭ بۇلىشى زۆرۈر . ئۇنداق بولمىغاندا ئاندىن سىزنى ئەتىراپتىكى قۇلۇم قوشنىللىرىڭىز مازاق قىلىدۇ.
;0X|*w1JO -{amzyvLE مەن ئىشەنمەيمەن، باشقا مۇنبەرلەر شۇنداق ئىلمىي ، بۇ يەردىكىدەك ئەمەس دىگەن گەپكە ھەرگىز ئىشەنمەيمەن. گەرچە باشقا مىللەتلەرنىڭ مۇنبەرلىرىگە كىرىپ باقمىغان بولساممۇ ، بىراق ئۇلاردىمۇ بۇ خىل ئىشلار مەۋجۇت، بىراق ئۇلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا تۇتقان پوزىتسىيسى ھەرگىزمۇ بىزنىڭكىدەك سەزگۈرلۈك دەرجىسىگە يىتىپ كەتىمىدى دەپ ئويلايمەن. باشقا مىللەتنىڭ مۇنبىرىگە كىرىپ باقىمىغىنم بىلەن ئۇ مىللەتلەرنى ئەتىراپىمدا كۆرۈپ تۇرىۋاتىمەن. بىز تور دۇنياسىدا ‹غاجىلىغۇچى› كۆرۈنىۋاتقان بولساق ، بىراق مەن ھەقىقى ئەتىراپىمدىكى راست ئادەملەرگە قارسام بىز ئۇنداق غاجىلىغۇچى ئەمەس ئىكەنمىز. باشقا مىللەتلەرچۇ؟ ئۇ ‹غاجىلىغۇچى› ئۇلارنىڭ ئارسىدىمۇ تۇرىدۇ. مەن كۆردۈم. تور دۇنياسىغا قاراپلا ئۆزىمىزگە باھا بىرىۋەتمەيلى...چۈنكى بىزنىڭ ئۈچتىن ئىككى نۇپۇسىمىز تېخى تورغا چىققىدەك دەرجىدە تەرەققى قىلىپ كىتەلمىدۇق.
)
ImIPSL }Yl8Q>t مۇنبەردە ھەرگىز غاجىلىغۇچى دەيدىغان كىشىلەر يوق. مىنىڭچە مۇنبەردىكى ئىنكاسلارغا قارتا ئىنكاس يېزىلىپ ۋە ئۆزى بىلەن ئۆزى تەتۈرسىگە مېڭىپ كىتىپ، يېزىلغان ئىنكاسلارنى چۈشەنمەي قېلىپ، ئاخىرغا بېرىپ، جىدەل خاراكتىرلىك ۋە شۇ كىشىنى ھاقارەتلەش خاراكتىرلىك ئىنكاسلار چۈشۈپ قالىدۇ. بۇنداقلار غاجىلىغۇچىلار ئەمەس، بىر توپ مەدىنىيەتسىز كىشىلەر. ئىنكاستا بۇلۇپمۇ بۇنداق مەۋھۇم دۇنيادا بىر كىشىنى ھاقارەتلەش بەكلا چوڭ ئەخلاقسىزلىق! قىزلار تورغا چىقسىلا تورخانىدىن تورغا چىقتى دىيىش، بىر كىشى ئىككى ئېغىز دىننى گەپ قىلغان بولسا، ئۇنى چالا موللىغا چىقىرىش، بىر كىشى مىللەتكە ئائىت بىر ئىككى ئېغىز ھەق سۆزلەپ قويسا ئۇنى ياسالما مىللەتپەرگە چىقىرىش، مانا بۇ بىز ئەڭ ئويلىنىشقا تىگىشلىك مەسىلە. مۇنبەردە بىر بىرىنى چەتكە قېقىشقا بولمايدۇ. مەلۇم تىمىدا مۇنازىرە قىلىپ قارشى پىكىر بۇلۇپ قالغان تەقدىردىمۇ يەنلا باشقا تىمىدا ئۇچىرشىپ قالسا، ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش خاراكتىرلىك ئىنكاس يېزىپ قويشقا بولمايدۇ.
N, +g/o\f ZxeE6M^w مۇنازىرە قانداق بۇلىدۇ؟
tlxjs]{0E Qc<O; # بۇنى دىمىسەممۇ ، مۇنبەرگە مۇشۇ ھەقتە ناھايتى ياخشى بولغان تىمىدىن بىرسى يوللاندىغۇ دەيمەن. ئەمسە مۇنازىرە دىگەن نىمە؟
>5},qs:lZ مەلۇم بىر تىمىغا نىسپەتەن ، شۇ تىمىنى كۆرگۈچى ئۆز كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قويىدۇ. ئۇ كىشنىڭ كۆز قارشى بىلەن ئەلۋەتتە ھەممە ئادەمنىڭ كۆز قارشىنىڭ ئوخشاپ كىتىشى ناتايىن. شۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە باشلىنىدۇ. بۇنى ‹غاجاش› دىسەك ، ئۇنداقتا تور دۇنياسى غاجىلىغۇچىلار بىلەن تۇلۇپ كەتكەن بۇلىدۇ.
)xy{[ K|M( EsxTBg تورغا ئالدىدا ئېيتقاندەك ھەرخىل ئادەم چىقىدۇ. مەلۇم بىر تىمىغا قارشى ئىنكاس يېزىلىپ قالغان بولسىلا ، ئۇنىڭغا قارتا ‹ھۇجۇم› خاراكتىرلىك ئىنكاسلار يېغىپ كىتىش، ئىلمىي ھالدا شۇ كىشىگە رەددىيە بىرىش، ئاخىردا قايىل قىلىش دىگەنلەر مۇنبەردە ناھايتى ئاز ئۇچىرايدىكەن.
;A'17B8 <EN[s بىر ئادەمنىڭ تەربىيلىنىش جەريانىدا جەمىيەتتىن ئالغان تەسىرى ئوخشىمايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ئۇ كىشىنىڭ كۆز قاراشلىرىمۇشۇ ئالغان تەربىيسىگە باغلىق ھالدا بۇلىدۇ. ئۆز كۆز قارشىنى ئوتتۇرغا قويۇۋاتقان كىشىنى ھاقارەتلەش، ۋە ئۇنى توردىكى ياسالما ...يەنە قانداقتۇر بىر نەرسىلەرگە چىقىرىپ ئۇنى ئىنكار قىلىش ۋە چەكلەش شۇ كىشىگە ۋە ئۇنىڭ كۆز قاراشلىرىغا ھۆرمەت قىلمىغانلىق.
..{^"`FQ v&,VC~RN-J ئەلۋەتتە مۇنبەردە يەنە قانداقتۇر بىر قىسىم تەربىيە كۆرمىگەندەك ئىنكاسلارنى يازىدىغانلار مەۋجۇت. (ئاز ساندا) بىراق بۇنداق ئىنكاسلارغا قاراپ شۇ كىشنىڭ ئەخلاقىغا باھا بەرگىلى بۇلىدۇ دەپ ئويلايمەن. شۇڭا مۇنبەردەك بۇنداق ئاممىۋى ئېچىۋىتىلگەن سورۇندا گەپ سۆزلەرگە بەك دىققەت قىلىش زۆرۈر.
(S 3kP5:F مىنىڭ ئاخىردا بىر سوئالنى سورىغۇم كىلىۋاتىدۇ. ئەگەردە سىز مۇشۇ تور دۇنياسىدا ، مۇنازىرە قىلىۋاتقان كىشى يۈزمۇ يۈز ئالدىڭىزدا بولسا، سىز مۇشۇ يەرگە يازغان ئاشۇ ‹ئىنكاس›لىرىڭىزنى ئۇنىڭ يۈزىدىن يۈزىگە دىيەلەمسىز؟ ئۇنى ئاشۇ ئىنكاسىڭىزدا يازغاندەك تىللاپ تۇرۇپ گەپ قىلالامسز؟ مىنى كۆرمىگەندىكىن نىمە دىسەم شۇ، دىگەندەك ئۇنىڭغا يەنە ئاشۇ باتۇرلۇقلىرىڭىزنى ئۇنىڭ بىلەن يۈزمۇ يۈز تۇرسىڭىز دىيەلەمسىز؟
I:)#U[tn0 \D k^\- ئەگەر مەن بۇ مۇنبەردىكى بەزى كىشىلەرنى يۈزمۇ يۈز مۇنازىرە قىلىشىنى ھەتتا ئويلاپمۇ يىتەلمەيمەن. ئۇلار چۇقۇم ياقا سىقىشىپ، ئۇرۇشۇپ كىتەرمۇ؟ سەن ماڭا قارشى چىقتىڭ دەپ ئۇنى تىللاپ ، ئۇرىۋىتەرمۇ؟ ياكى ئۇلار ئاشۇنداق يۈزمۇ يۈز بولغاندىلا ئاندىن بىر بىرىدىن ئەيمىنىپ، قورققان ئاساستا ئىلمىي مۇنازىرە قىلىشارمۇ؟ ياكى بۇ يەردە مۇنازىرە قىلىغان كىشىلەر بىر يەرگە كىلىپ قالسا، بۇ مۇنازىرلەرنى ئۇنتۇپ، قانداقتۇر باشقا تۇرمۇش ھەلەكچىلىكىنىڭ پاراڭلىرىغا چۈشۈپ كىتەرمۇ؟
t4W0~7 {YLJKu!M تامام!
n/Z =q?_ مۇشۇنىڭ بىلەن بۇ مىسىرانىم مۇنبىرىگە يازىدىغان ئىنكاسىم ئاياغلاشتى. اللاھ قا ئامانەت تورداشلار. بەلكىم تىما يېزىپ قالسام كىرەرمەن بولمىسا ، ئەمدى كىرمەيمەن. چۈنكى ، ئەزالاردىن شۇنداق كۆڭلۈم قالدى. مۇنبەر ئەسلى ئويلايدىغىنىم بىلىم ئېلىش، مۇنازىرە قىلىپ ئۆز بىلىمىنى تېخىمۇ موللاشتۇرىدىغان سورۇن دەپ ئويلايتىم . بىراق ئۇنداق ئەمەس ئىكەن. بۇ يەر مەخسۇس ئۆزىگە كۆڭۈل ئاغىرىقى تاپىدىغان ، ئۆزىگە ئۆزى قىپ قويدىغان سورۇن ئىكەن.
[ بۇ يازما Kunduz^_^ay تەرپىدىن 2011-08-30 12:17 AM ]