مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       67 
  •    ئىنكاس 
       2 

ئۇيغۇر مېۋىلىرى  (مۇخەممەس)

قەۋەت ئاتلاش
tohtamux
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31246

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   831 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9703 (سوم)
 ياخشى باھا:   1007 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1576  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2749
 سائەت
دەرىجىسى:
2749 سائەت 1 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-21
ئاخــىرقىسى:2011-07-20

ئۇيغۇر مېۋىلىرى  (مۇخەممەس)
ئاپتور:تۇرغۇن ئوبۇلقاسىم يىلتىز    
باغمۇباغ كۆزلەر جۇلاسى مېۋىلەر،
تاغمۇتاغ چاقنار زىياسى مېۋىلەر،
قىر-ئېتىز، تەكلەر لىباسى مېۋىلەر،
راھىتى جان، تەن داۋاسى مېۋىلەر.
مېۋە توغرۇلۇق جاھاندا بولسا گەپ،
نامىمىز بار «مېۋە-چېۋە يۇرتى» دەپ،
ئەلمىساقتىن بىزگە بەرسى مېۋە نەپ،
داڭق چىقاردۇق مېۋە تېرىپ، مېۋە يەپ،
ئەنئەنەم، بوۋام مىراسى مېۋىلەر.
ئۈجمە، شاتۇت − يەل يىمىشلەر ئەلچىسى،
تۇنجى رەت ئاغزىڭغا تەگكەي مەززىسى،
قانغا قان، بۆرەككە قۇۋۋەت شىرنىسى،
دورىدۇر قوۋزاقۇ يىلتىز... ھەممىسى،
قۇش-قاناتلار كۈي-ناۋاسى مېۋىلەر.
يېڭىسار، يەكەن، كۇچاردا شاھ ئۆرۈك،
چىشلىسەڭ راھەت، شېرىندۇر ھەم چۈرۈك،
گۈلە-قاق، بادام ئاجايىپ بىر مۈلۈك،
مېغىزىغا ئەھلى ئەر ئامراق، كۆنۈك،
روھ ۋە شوخلۇق تۇتىياسى مېۋىلەر.
قوغۇنى پىچان، قۇمۇل، لوپ، پەيزاۋات،
تېتىغاي ئاغزىڭغا بال، كەۋسەر، ناۋات،
خىسلىتى تېخنىكىدىن تاپقاچ ھايات،
بازارى دۇنياغا بولدى جۈپ قانات،
خۇش پۇراق سەھرا-دالاسى مېۋىلەر.
خېرىدارلار تىلىغا نەشپۈت مۇدام،
كورلىنى ماختاش بىلەندۇر سۆز-كالام،
ئىشقىنى نەشپۈتكە بەرگەن ئەل-ئاۋام،
بۇ ئۇدۇمنى ئەيلىدى ئەۋلاد داۋام،
مىللىتىمنىڭ كۆز قاراسى مېۋىلەر.
ئاتۇش ھەم تۇرپان ئۈزۈمدىن كەتتى پۇر،
سورتى ساپ، كۆپ، ئۆزگىچە، سەرخىل، پۇزۇر،
نە پۇزۇركى، بەخش ئېتەر خوشلۇق، ھۇزۇر،
بىر يېدىڭمۇ، ئوت كېتىپ جىسمىڭ تونۇر...!
بەك بەلەن سايە، ھاۋاسى مېۋىلەر.
ياخشىراقى غۇلجا، ئاقسۇ ئالمىسى،
قاغىلىق، خوتەن ياڭاق، ئەينۇلىسى،
بەشكېرەم ئەنجۈر، گىلاس ئالۇچىسى،
باي ئانارغا گۇمىنىڭ پىيالمىسى،
پەسلى كۈز قايناق ساماسى مېۋىلەر.
نامى «شاپتۇل» بولسىلا، شاپتۇل ئەمەس،
بۇيا، ئويتوغراقتا چىن شاپتۇل پەۋەس؛
ئوخشىغاي خاسىڭ، چىلان، ئاپتاپپەرەس،
جىگدە، ئامۇت، بېھىسىگە جىق ھەۋەس،
داستىخاننىڭ گۈل-راۋاسى مېۋىلەر.
يۇرتمۇيۇرتتا خىل مېۋىلەر، چەندان بۈگۈن،
قوينى يۇرتۇم جەننەتۇل رىزۋان بۈگۈن،
كۈيلىمەك باغۋەننى خوپ ئارمان بۈگۈن،
بارچە يىلتىزنىڭ تىلى خەندان بۈگۈن،
ئۇيغۇرۇم جاھاننەماسى مېۋىلەر.
( «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى  2005-يىل 4-سانىدىن)
مەنبە: «جۇڭگو مىللەتلىرى» ژۇرنىلى
e,UgTxZ  
[ بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرپىدىن 2011-07-20 11:29 AM ]

تېما تەستىقلىغۇچى : .tuz.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-20, 11:30
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +200
OTYAK مۇنبەر پۇلى +200 تۈنۈگۈن 11:42 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
ئوۋچىنىڭ ئوقياسى بولسا،كىيىكنىڭ خۇداسى يوقمىكەن!
دىل ئازار~~~خۇدا بىزار!!!
ئۇلۇغ ئاللادىن ئاۋال گۇناھىمىنى،ئاندىن بەختىمنى تىلەيمەن!
OTYAK
دەرىجە:ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13482

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1842 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18642 (سوم)
 ياخشى باھا:   474 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   649  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 569
 سائەت
دەرىجىسى:
569 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-11
ئاخــىرقىسى:2011-07-19
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 11:42

سىزنىڭ يوللىغان ئەسەرلىرىڭىزغا بولۇپمۇ ‹ مۇخەممەس› شەكلىگە دىققەت قىلىپ كېلىۋاتىمەن . مەن ‹ مۇخەممەس›نى بەكمۇ ياخشى كۆرۈپ ئوقۇيمەن . رەھمەت سىزگە ! مۇنداق ئىسىل يازمىلار بولسا يوللاپ تۇرارسىز.
1670154432
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.43241

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   401 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2598 (سوم)
 ياخشى باھا:   539 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   397  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 641
 سائەت
دەرىجىسى:
641 سائەت 9 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-05
ئاخــىرقىسى:2011-07-21
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 14:50

ئۇيغۇر مىۋىسى ھەقىقەتەن ،تەنگە داۋا ،ئاغرىققا شىپا ،ئۇزگە ئەلنىڭ ھىچ بىرسىدە تۇللۇق تېپىلمايدۇجۇمۇ.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى