بىزگە لۇشۈن كېرەكمۇ خاس ھاجىپمۇ؟
XTn{1[.O ئاپتورى: سۆيگۈم
,R9f;BR G){1`gAhNJ يېقىندا مىسرانىم مۇنبىرىدە بىر تورداشنىڭ ‹
ئۇيغۇر ئۆزىنى ماختىشى كېرەكمۇ ياكى سۆكۈشى كېرەكمۇ›دېگەن تېمىسىنى كۆرۈپ قالدىم. ئاپتورنىڭ بۇيەردە سۆكۈش دېگىنى ئەمەلىيەتتە_ تەنقىدلەش كېرەك، بىزدە تەنقىدلەش يېتەرلىك ئەمەس دېمەكچى ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم. ئاپتور تېمىسىدا يەنە خەنزۇلارنىڭ يېڭىلىققا كۆچۈش ئىدىيە ھەرىكىتى لۇشۇنگە ئوخشاش زىيالىلارنىڭ رولى ئارقىلىق مەيدانغا كەلگەن. جۇڭگولۇقلارنىڭ ئاخىر ئۆزىنى تونۇپ يەتكەنلىكى ۋە ئورنىدىن دەس تۇرۇپ تەرەققي قىلغانلىقىنىڭ سەۋەبى لۇشۈن ۋە لۇشۇنگە ئوخشاش يېڭىلىق تەرەپدارلىرى بولغانلىقىدىن. شۇڭلاشقا بىزدىنمۇ بىرەر لۇشۈن ئەپەندى چىقسا ئۇ ئۇيغۇرنىڭ ئاكىيۇسنى سىزىپ چىقىپ چىقسا ئاندىن توختىماستىن تەنقىدلەپ تۇرسا، بىزمۇ ئېڭىمىز ئېچىلىپ، يىپ يىڭى بىر مىللەتكە ئايلانساق دېگەندەك ئوي خىيالى، گۈزەل ئارمان بار ئىكەن. بارىكاللا قېرىنداش! مەيلى قانداقلا بولسۇن ھەر نېمە بولسا مىللەتنىڭ تەقدىرى ئىستىقبالى ھەققىدە ئويلىنىپ تۇردىغان ياشلىرىمىز باركەن.
Wf&G9Be?8 تارىخىمىزدا نۇرغۇن زىيالىيلىرىمىز ئۆتۈپ كەتتى. ل مۇتەللىپ ،ئابدۇخالىق ئۇيغۇرى قاتارلىق خەلقپەرۋەر زىيالىلار مىللەت ئۈچۈن ئېچىنىپ تەنقىدلىدى. ھازىرمۇ يېتىشپ چىققان زىيالىلار تەنقىدلەۋاتىدۇ. ئەختەم ئۆمەر ئىجتىمائىيىتمىز ھەققىدە چەتئەل تەسىراتى بىلەن تەنقىدلىگەندە خېلى ئۈنۈم ھاسىل قىلىدى. ئاندىن كېيىن مۇشۇ ھەقتە خېلى كۆپلىگەن تەنقىدلەش خاھىشى پەيدا بولۇپ بەلگىلىك تەسىر بەردى. لېكىن بىر مىللەت ئەتىدىن كەچكىچە ئۆزنى تەنقىدلەپ ئولتۇرسىلا كۇپايە قىلمايدۇ دە! بۇنىڭ ئۈنۈمى شۇ مىللەتنىڭ ئىجتىمائىيىتىگە تەسىر قىلىپ ئاز- تولا ئۆزىنى تونۇۋېلىش پۇرسىتى، ئۆزگىرىش، ئىسلاھات شامىلى ئېلىپ كېلىدۇ. لېكىن بىر پۈتۈن مىللەتنىڭ تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىپ كېتىشى ناتايىن. مىللەتنىڭ ساپاسى، ئۇنىۋرسال تەرەققىياتى ئەمەلىي پەن -تېخىنكا، يېڭىلىق يارىتىش كۈچى قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۇستىگە دۇچ كەلگەن مەسىلىلەر ئۈچۈن مەدەنىيەت جەھەتتىكى پەرقىنمۇ نەزەرگە ئالغان تۈزۇك.
`\/Wa h}I لۇشۈن _ خەنزۇلارنىڭ قەدىمكى فىئوداللىق جەمئىيەتنىڭ ئاسارىتىدىن تېخى قۇتۇلالمىغان مىللى ئاڭغا ئىگە بولمىغان خەنزۇلارنىڭ مەنىۋىيىتىنى كۆرۈپ يەتكەن زىيالى بولۇش سۈپىتىدە جۇڭگولۇقلارنى كونىلىققا يېپىشىۋالماي ھەممە جەھەتتە يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىشنى تەكىتلىگەن. شۇڭا قەدىمكىگە مەنسۇپ كۆپلىگەن نەرسىلەرنى مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدىكى پۇتلىكاشاڭ دەپ قارىغان. ئۇ چاغدا كۆپلىگەن جۇڭگۇلۇقلار ھەم فېئودال خۇراپاتلىقنىڭ ئاسارىتى ھەم جاھانگىرلىكنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىدەك ئېغىر ئەھۋالدا ئىدى. ئۆزى ھەققىدە قايتا ئويلىنىش دېگەنلەر ئۇخلاپ چۈشىگىمۇ كىرمەيدىغان جۇڭگۇلۇقلار جاھاندىن بىغەم ياشاۋەرگەن. بۇھال ھەقىقەتەن لۇشۈن قاتارلىق ئىلغار زىيالىلارنىڭ ئىچىنى ئېچىشتۇرغان. شۇڭا ئۇلار ئىسلاھات ئېلىپ بېرىش، مەيلى پەن جەھەتتە بولسۇن ۋە باشقا جەھەتتە بولسۇن ئومۇميۈزلۈك يېڭلىق قوبۇل قىلىشقا كۈچىگەن. ئۇنىڭغا بىر تەرەپلىمە ھالدا قالتىس ئىش قىلغان دەپ باھا بېرىۋىتىش توغرا ئەمەس. بۈگۈنكى كۈندە ئۇ تەنقىدلىگەن كۇڭزى، مىڭزىلارنىڭ ئىدىيىلىرىنى تولىمۇ كېچىكىپ ھېس قىلدى. لېكىن شۇ دەۋردە لۇشۈن ئۈچۈن شۇنداق قىلىشقا توغرا كەلگەن بولۇشى مۇمكىن. ھەتتا ئۇنىڭ ئۆزىمۇ پۈتۈنلەي توغرا قىلىۋاتىمەن دەپ قارىمىغان بولۇشى مۇمكىن.
5x L,~" ئۇنداقتا بىزگە لۇشۈن كېرەكمۇ ياكى خاس ھاجىپمۇ؟ b ffml مەن دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ دېگەن سۆزگە قارىغاندا پەيلاسوپى بار مىللەت يوقالمايدۇ دېگەنگە قوشۇلىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە دېھقانلارمۇ پۇل تاپىمەن دەپ يەرنى كۆتۈرەگە بېرىۋىتىپ شەھەرگە كىرىپ تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتىگە تايىنىپ جان بېقىش كۈنىگە قېلىۋاتقان،،، بۇنىڭغا ئوخشاش نادان دېھقانلارنىڭ كۆپلۈكى مېنڭ دېھقانلارنىڭ مىللەتكە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇقىغا بولغان ئىلگىرىكى چۈشەنچەمگەغۇۋا سايە تاشلايدۇ. مېنڭچە ھازىرقى دەۋرىدە خەلقىمىز ئسلاھات ئېلىپ بېرىلىۋاتقان، ئىشكىنى سىرتقا داغدام ئېچىۋەتكەن، 21-ئەسىردە خەلقىمىزنىڭ ئاڭ-سەۋىيسى ،تۇرمۇش سەۋىيسى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. دۇنيا بىلەن مەلۇم دەرىجىدە بىر گەۋدىلەشكەن زامانىۋى دەۋرىدە كىشلەرنىڭ ئاڭ-ئىدىيسى، ئاڭلىقلىقى ئېشىپ، ئۆزلۈكنى تونۇپ يېتىۋاتقان دەۋرىدە بىز يەنە لۇشۇنگە ئوخشاش قانداقتۇر تەرەپدارلىرىغا، كونىلىققا قارىشى تۇرىدىغان قانداقتۇر يېڭىلىق قوبۇل قىلىدىغان شەخسىلەرگە ۋە شۇنداق ئىدىيىگە موھتاج ئەمەس.
P$#}-15?|_ بىرىنچىدىن ، دەۋر ئۆزگەردى. بىز يېڭلىقلارنى توختىماستىن قوبۇل قىلىۋاتىمىز. زامانىۋالاشقان ھەم خېلى تەرەققى قىلىۋاتقان دەۋرىدە دۆلەتتە ياشاۋاتىمىز.
IEKX'+t' ئىككىنچىدىن بىز بىر دەۋر بۆلگۈچ دەۋرىدە پەلسەپىۋى ئاڭغا ،نەزەرىيىۋى ئاڭغا مۇھتاجمىز. قانداقتۇر مەسلەكلەرگە موھتاج ئەمەسمىز.ناۋادا لۇشۇننىڭ ئۆزى مۇشۇ دەۋردە ھايات بولغان بولسا ئۇ مەلۇم تەتقىقات ئاكادىمىيىسىدە باش چۆكۈرۈپ ئىشلىگەن ياكى ئۆزنىڭ تىببى ساھەدە كاتتا مۇتەخەسسىس بولغان بولاتتى.دۆلەتنىڭ تەرەققىياتىغا تۆھپە قوشۇش ئۈچۈن ئىشلگەن بولاتتى. ھازىر قەدىمنى تەنقىدلەش ئۇياقتا تۇرسۇن قەدىمنى ھازىر ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇرۇش دېگەندەك ئىلىمى كۆز قاراشلار تىكلەندى. خەلقىمىز قەدىمى مەدەنىيەتلىك مىللەت بىزنىڭ قەدىمىدە نۇرغۇن نەرسىلىرىمىز بار.بىزنىڭ ئېتىقادىمىز بار. ئۇنى قېزىپ چىقىشىمىز ئىلىمىي تەرەققىياتقا تۈرتكە بۇلۇشتەك شەرەپلىك ۋەزىپە يېڭى دەۋر ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنىڭ زىممىسىدە تۇرۇپتۇ.
?[|4QzR ھازىر بىز قانداق كرىزىس ئىچىدە تۇرۇپتۇق. ئىلىم پەن نامراتلىقى، ئۇنتۇلۇپ قېلىۋاتقان ئەقىدە -ئېتىقاد ، ئەخلاق كىرزىسى ۋە قوبۇل قىلىش بىلەن ئۆزلۈكنى ساقلاش قاتارلىق بىر قاتار مەسىلىلەردە يولۇقتۇق. بۇنىڭغا ناھايىتى سۇغۇققانلىق كېرەك. بىز كىم ؟ قانداق تەرەققى قىلشىمىز كېرەك دېگەندەك مەسىلىلەر مۇھىم.
'kONb پەلسەپىۋى ئاڭغا ئىگە بولىشىمىز نۆۋەتتە ئەڭ مۇھىم بولماقتا. 11-ئەسىردە ئۆتكەن مۇتەپەككۇر، ئالىم پەيلاسوپ يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ 21-ئەسىردىكى قىممىتىنى بىز ھېس قىلىپ يېتەلمىدۇق. ئۇنىڭ ئۆلمەس ئەسىرى___ قۇتادغۇبىلىكتىن ئىبارەت بەخت كەلتۈرگۈچى ئىلىمنىڭ قىممىتىنى ھېس قىلالمىدۇق.
U=*q;$L# ئەمەلىيەتتە بىزگە كېرەك بولغىنى قۇتادغۇبىلىكنىڭ ئۆزى ئەمەس. بەلكى بىزگە ھەقىقى كېرەك بولغىنى يېڭى زامان لايىق يۈسۈپ خاس ھاجىپ كېرەك.
,;-cz-, مۇھىمى ئۇنىڭدەك ئۆز قەۋمىنى، ئۇنىڭ مەدەنىيتىنى چىقىش قىلالايدىغان ئېتىقادقا ئىگە، ئىلغارلىققا ئىگە مۇشۇ دەۋرگە ماس پەيلاسوپلار كېرەك.
fVe-esAw .dq.F#2B; 2011.7.19 كەچرەك يېزىلدى.
7Bb@9M?i tYxlM! }jy7,+ [ بۇ يازما hokumran تەرپىدىن 2011-07-20 02:03 AM دە ]