مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       104 
  •    ئىنكاس 
       1 

ھاياتلىقنى بوغمايلى

قەۋەت ئاتلاش
zohrabibi
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38379

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   147 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1810 (سوم)
 ياخشى باھا:   374 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   451  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1103
 سائەت
دەرىجىسى:
1103 سائەت 87 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-20

                                                         ھاياتلىقنى بوغمايلى \;9W.d1iU  
&0 \ ci9o  
                                            (كۆزۈڭنى ئاچ، ئۆزۈڭنى تاپ ئەركەكلەر ) E`;;&V q-  
nWYCh7  
  بىر بوۋاق ،ھاياتلىق ئىنسانغا نىسبەتەن كاتتا سوۋغا -مەرھەمەتتۇر .بالا ئەر -خوتۇنلارنىڭ سۆيگۈ دەرىخىنىڭ خۇش پۇراق چېچىكى . ئۇ نىكاھنى مۇستەھكەملەپ ،ئەر -خوتۇن ئارىسىدىكى سۆيگۈ زەنجىرىنى  تېخىمۇ چىڭىتقۇچى  ۋە ئەر-خوتۇنغا ، ئائىلىگە تېخىمۇ  ئورتاق تېما بەلگىلەپ بەرگۈچى خىسلەتلىك  نېئمەت  .شۇ مەنىدىن ، مەيلى بالىلىق بولمىغانلار بولسۇن ياكى بالىلىق بولۇپ بولغانلار بولسۇن ،ئەر-خوتۇنلار  ئارىسىدىكى يېقىنچىلىق ۋە شۇ ئارقىلىق ئاپىرىدە بولغۇسى يىڭى جان -يىڭى ھاياتلىققا  توغرا مۇئامىلە قىلغىنى تۈزۈك . &x d.Qi2  
جەمئىيەت ئۆزگىرىپ تۈرلۈك ئىجتىمائىي ،سىياسىي سەۋەبلەر  ئەر-خوتۇنلارنىڭ پەرزەنت كۆرۈش  ئىستىكىگە نۇرغۇن ياخشى -يامان  تەسىرلەرنى ۋە ئىمكانىيەت-چەكلىمىلەرنى  ئېلىپ كەلدى .پەرزەنتلىك بولماقچى بولغانلار بۇرۇنقىغا قارىغاندا تېخىمۇ ئەۋزەل تەكشۈرتۈش ، كۈتۈنۈش ، بېقىش مۇلازىمىتى ۋە ئىمكانىيىتىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ . ئەمما ئەر-خوتۇنلار  پەرزەنت مەسىلىسىدە ئۇچرايدىغان بېسىممۇ ئاز ئەمەس ،يەنە كىلىپ ئاز پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئىبارەت  ،تۈپ،قاتتىق قانۇن، خىزمەت ،ئىقتىساد بېسىمى ۋە تۇرمۇش، ئائىلە قارىشىدىكى ئۆزگىرىشلەر ئەر-خوتۇنلارغا نۇرغۇن باش قېتىنچىلىقى ،تۇغۇلۇش ئالدىدىكى ئەۋلادلىرىمىزغا ۋابا ئېلىپ كەلدى . w4};q%OBj  
بىز ئاغرىتماي ھامىلە چۈشۈرۈش  توغرىسىدىكى ئېلانلارنى ھەممە يەردە ئاڭلاپ تۇرىمىز . كەسپى ئەخلاق نوقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا ھەر قانداق ھامىلە ئاتا-دادا بولغۇچىنىڭ ھامىيلىقىسىز  چۈشۈرۈلمەسلىكى كېرەك . ئەمما بىزنىڭ پۇلنىلا تونۇيدىغان ‹‹قارا نىقابلىق چايان››لىرىمىز ئېرى بارمۇ-يوق ،نىمىشقا چۈشۈرۈش كېرەك ، چۈشۈرسە بولامدۇ -بولمامدۇ  پەرۋايى پەلەك ھالدا ھەتتا تۇغۇلۇشقا ھەپتە قالغان تىرىك جانلارنىمۇ بوغۇپ ئۆلتۈرۈۋېرىدۇ. مەن تۇنجۇقتۇرۇش ئۇكۇلى ئۇرۇلغاندىن كىيىنمۇ جېنى چىقماي داستىكى سۇغا تۇنجۇقتۇرۇلۇپ  ئۆلتۈرۈلگەن بوۋاقنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلىغان .ئەجەبا ،يېڭى جان نېمىگە ، قانچىلىك مەنپەئەتكە تاقاشتى ؟ قانۇن مەسىلىسىدە بىزدە ئامال يوق    . ئەمما ، قانۇنىي پىرىنسىپلارغا زىت كەلمەيدىغان ئەھۋال ئاستىدا قالايمىقان ھامىلە چۈشۈرۈش ،قىردۇرۇش، تۇنجۇقتۇرۇش جىنايەت ، رەزىللىكتىن باشقا نەرسە ئەمەس . دوختۇرخانىلارنىڭ  مەسئۇلىيەتسىز قاسساپلىقى بىزدە پاھىشىنىڭ ،زىنانىڭ ،بۇزۇقچىلىقنىڭ ئەڭ ئەۋج  ئېلىشىغا يېشىل چىراغ يېقىپ بېرىۋاتقان يەنە بىر ئامىلدۇر. E4%j.  
سىز توي قىلىپ بولغان ، ساغلام نىكاھ  ئاساسقا ئىگە  خوتۇنىڭىز بار ئەر سىز . دېمەككى ، خوتۇن بالىلىرىڭىزغا  ئىگىدارچىلىق  قىلىش سىزنىڭ مەجبۇرىيىتىڭىز . شۇنداق ئىكەن ، ئەر -خوتۇنچىلىق  تۇرمۇشىغا ھەر ئىككى تەرەپنىڭ  مەسئۇلىيىتى  نوقتىسىدىن چىقىپ مۇئامىلە قىلىڭ ، بولۇپمۇ پەرزەنت مەسىلىسىدە  ئەگەردە ئىمكانىيەت ، شارائىت  يار  بەرسە  ، ئاندىن بالىلىق   بولۇشنى ئويلىشىڭ ، ھەرگىزمۇ  قاراملارچە  ئىش قىلىپ  خوتۇنىڭىزنىڭ   قورسىقىنى تومپايتىپ  قويۇپ  ، ئاندىن  ئۇنى  ئالدۇرۇۋېتىشكە قىستايدىغان ناچارلىقنى قىلماڭ  .  دېھقانمۇ يەرگە بۇغداينى باشقۇرۇش ، باشقۇرالماسلىقنى چاغلاپ ئاندىن تېرىپ ، ئۈدۈرىدۇ . سىز دېھقاننىڭ  زىرائىتىنى ئاغدۇرۇپ ۋەيران قىلىۋەتسە ، ھەتتا  قالايمىقان دەسسەپ-چەيلىسە قانچىلىك ئازاپلىنىدىغانلىقىنى  كۆرگەنمىدىڭىز ؟ نىمىشقا بەزى ئەرلىرىمىز  خوتۇنلىرىنىڭ  ھەتتا تۇغۇلۇشقا ئاز قالغان بالىلىرىنى قىردۇرۇپ ، ئۆلتۈرۈپ چۈشۈرۈشىگە كۆزىنى مىتمۇ قىلىپ قويمايدۇ ؟ مەن بىر خىزمەتدىشىمىزنىڭ  خوتۇنىنىڭ توققۇز قىتىم بالا قىردۇرۇپ  چۈشۈرگىنىنى ئاڭلاپ ھەيرانلىقتىن  داڭقېتىپ تۇرۇپ قالدىم . مەن شۇ ئەردە قانچىلىك ئەرلىك ، ئەركەكلىك تۇيغۇسى بارلىقىغا  بىر نىمە دىيەلمەيمەن . ئەرەكلىك ئەڭ ئالدى بىلەن  مەسئۇلىيەت دېمەكتۇر . ئۆزۈڭ ئىگە بولالمايدىغان ئىشنى تېرىپ-باشلاپ  نېمە قىلىسەن ؟ سەن تىپىشنىلا بىلىپ  بېقىش بىلەن كارى بولمايدىغان ھاڭگا ئېشەك ئەمەسقۇ؟! X@wm1{!  
دوختۇرلارغا نىسبەتەن بالا چۈشۈرۈش ،قىردۇرۇش چوڭ ئىش ئەمەس .ئۇلار بۇنى  كىچىككىنە ئوپىراتسىيە قاتارىدا كۆزگە ئىلىپ كەتمەيدۇ . ئەمما بىز بىر ھاياتلىقنى  تۇنجۇقتۇرۇش ،ئۆلتۈرۈش نوقتىسىدىن قارىغاندا  ئۇ ئاددىي ئىش ئەمەس .‹‹مەن ھاياتلىققا سەمىمىي مۇئامىلە قىلمىغانلارغا نەپرەت كۆزى بىلەن قارىغۇچىلاردىن ››(ئاپتورنىڭ ‹‹شىنجاڭ مەدەنىيىتى›› ژورنىلىنىڭ 2005-يىللىق 5-سانىدا ئېلان قىلىنغان ‹‹ئەقىدە ئېھتىرامى›› ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن ). /n5n )P@L  
بالا چۈشۈرۈش ئاياللارنىڭ سالامەتلىكىنى نەزىرگە ئالغاندا ئىنتايىن ئىغىر بەدەلدۇر . ئاياللار ھامىلە چۈشۈرۈش جەريانىنى تۇغۇتتىن ئېغىر ،قىيىن ،جاپالىق  ۋە خەتەرلىك دەپ قارايدۇ .ئەمىلىيەتتىمۇ ھەم شۇنداق .ئەخلاق نوقتىسىدىن قارىغاندا ،بالا چۈشۈرۈش ، قىردۇرۇش ئىنتايىن ئېغىر ئەخلاقسىزلىق ،گۇناھ، جىنايەتتۇ . تۇغۇلمىغان بولسىمۇ  قورساقتا تۆرەلگەن  ھەر بىر جان مۇقەددەس ۋە بىباھادۇر، يەنە كىلىپ پاك ۋە ھىچقانداق نوقسان ، كەمچىلىكتىن خالىي ھالدا بىغۇباردۇر .كىم ئۇنى بىر جان قاتارىدا كۆرمىسۇن  ؟ بىر جاننى ئۆلتۈرۈش ،بوغۇش ئەجەبا يىرگىنىدىغان ،غەزەپلىنىدىغان ئەخلاقسىزلىق ، جىنايەت جۈملىسىدىن ئەمەسمۇ؟ . . . ]N)DS+V/  
ئەي، مەسئۇلىيەتسىز ئەر .ئايالنىڭ ۋە ئائىلىنىڭ باشپاناھى .ھاياتلىقنى ئويلا،  ئۆلۈمنى ئەستىن چىقارما ،ئۆز پۇشتۇڭغا رەھىمسىزلىك قىلما . تۇنجى بالىنى ئورۇنسىز سەۋەپلەر بىلەن چۈشۈرۈپ ،ئالدۇرۇۋىتىپ تۇغماس بولۇپ قالغان ئاياللار ،پەرزەنتلىك بولالماي ھەسرەتتە  قالغان ئەرلەر ئارىمىزدا ئاز ئەمەس .بىر بىغۇبار بوۋاققا قىلىنغان رەھىمسىزلىكتىن  ئاسمان-زىمىن تىترەيمىش .شارائىتىڭنى ئويلاپ ئىش قىل . مەن ئەر-خوتۇنلارنى يىقىنچىلىق قىلماڭلار ، بالا تۆرىلىپ قالمىسۇن دېمەكچى ئەمەس . قانچىلىك يىقىنچىلىق قىلىش سىلەرنىڭ ھەققىڭلار -ھوقوقۇڭلار .ئەمما ھوقوقتىنكىيىنلا كىلىدىغان مەجبۇرىيەتنى ئۇنتۇپ قالماڭلار .بىز قانچىلىك تۇغسا ،قانداق تەربىيىلىسە بۇلىۋېرىدىغان زاماندا ياشىمايۋاتىمىز .مەسئۇلىيەتسىز ھەرىكەت تۈپەيلى  ھەر ئىككىڭلار جىنايەت ، قەرزدارلىق  تۇيغۇسىغا پېتىپ قالماڭلار . xTV{^=\rS  
ئىلمىي، ساغلام ئۇسۇل ئارقىلىق  ئۆز نەپسىڭلارنى جايىدا قاندۇرۇڭلار ۋە كەلگۈسى باش ئاغرىقلىرىدىن  ساقلىنىڭلار . مەن ھەقىقەتەنمۇ سىلەرگە  قانداق ئۇسۇل قوللىنىش  ھەققىدە كونكېرت، ئېنىق بىر نەرسە دەپ بېرىشكە ئاجىزمەن . ئەمما تىۋىپلار ، دوختۇرلار  ئارقىلىق بۇ مەسىلىنى لايىقىدا ھەل قىلىش مىنىڭچە مۇمكىن .مېنىڭ دەيدىغىنىم  ۋە دىيەلەيدىغىنىم : ھاياتلىققا سەمىمىي مۇئامىلە قىلىڭلار ، ئۆز پۇشتۇڭلارنى خەنجەر، پىچاقنىڭ ئالدىغا سۆرەپ ئاپارماڭلار . X` r* ob  
IyUdZ,ba  
Kuw^qX"  
          (نۇرمۇھەممەد ئۆمەر ئۇچقۇننىڭ‹‹ئەرلەرگە101تەكلىپ››ناملىق كىتابىدىن ئېلىندى.
تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-19, 11:23
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +100
koznak مۇنبەر پۇلى +100 ئۈلۈشكۈن 12:14 ئىنكاسنىڭ ئورنىغا
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
مىللەتنىڭ خار ۋە زەبۇن بولىشىنىڭ سەۋەبى نادانلىق ،نائىتتىپاقلىق ،تەپرىقە ۋە خىلاپتۇر.        ئابدۇقادىر داموللا
taghrim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4101

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   205 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   9465 (سوم)
 ياخشى باھا:   1017 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   1491  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 44
 سائەت
دەرىجىسى:
44 سائەت 6 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-16
ئاخــىرقىسى:2011-07-21
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 12:46

رەھمەت سىزگە     قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن  ،
اﷲ باردۇر ، بىردۇر ، اﷲ تىن باشقا ھىچ بەرھەق خالىق يوقتۇر .
مۇھەممەت ئەلەيھىسسالام اﷲنىڭ بىزلەرگە ئېبەرگەن بەرھەق پەيغەمبىرىدۇر . ئامىن .
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى