مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       412 
  •    ئىنكاس 
       15 

ئاياللار ۋە بوسۇغا( ئابدۇقادىر جالالىدىن )

قەۋەت ئاتلاش
uygurogli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.12460

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   11 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5509 (سوم)
 ياخشى باھا:   279 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   407  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 38
 سائەت
دەرىجىسى:
38 سائەت 12 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-02
ئاخــىرقىسى:2011-07-18

X-K h(Z  
ئاياللار ۋە بوسۇغا  ncdKj}  
$6 9&O  
( ئابدۇقادىر جالالىدىن ) h"Q8b}$^)  
q!7ANib6O  
تىجارەت، مائارىپ، مەدەنىيەت ئىشلىرى مەھەللە، رايون ۋە دۆلەت چېگرىلىرىدىن ھالقىپ دۇنياۋى مىقياستا گىرەلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى كۈندە، بىر تۈركۈم ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيانىڭ داڭلىق مائارىپ، مەدەنىيەت مەركەزلىرىدە ئىلىم تەھسىل قىلىشقا باشلىدى. ئۇلارنىڭ ناھايىتى ئاز بىر قىسمى ئۆزلىرىنىڭ نەزىرىدىكى چەت ئەل تۇرمۇشىنى قەلەمگە ئېلىپ، ئانا ۋەتىنىدىكى يېڭىلىققا تەشنا خەلقنى تۈرلۈك ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەشكە باشلىدى. تەسەۋۋۇر ۋە ئىنتىلىشلەر ئاساسىدا قۇرۇپ چىقىلغان يات ئېقىملار بارغانسېرى رېئال تۈس ئېلىشقا باشلىدى. بۈگۈنكى ئۇيغۇر ياشلىرى دۇنيانى چۈشىنىش، تەتقىق قىلىش ۋە قۇرۇپ چىقىشقا ئۆزلىرىنىڭمۇ نېسىۋىسى بارلىقىنى ھېس قىلىشقا باشلىدى. بۇنداقلار كۆپەيگەندە، ئۆزىنىڭ ئانا خەلقىنىڭ ئېھتىياجىنى ھەقىقىي تونۇپ، خەلقنىڭ قەدرى قىممىتى ئۈچۈن كۆيۈپ، يانىدىغان ئەقىدىلىك ياشلارمۇ ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، ئەلۋەتتە. iy!=6  
شۇنداق، يەر شارىدا بىزمۇ بار، شۇنداق ئىكەن، قەدىر - قىممەت، شان - شەرەپ مۇنبەرلىرىدە بىزمۇ بولۇشىمىز كېرەك. بىر قىسىم ياشلارنىڭ دۇنيانى كۆرۈپ يازغان ساياھەتنامىلىرىدە مۇشۇنداق ئىستەك بار. 783,s_  
بىزنى يېڭى بىر كىملىكنىڭ بايقىلىشى كۈتۈپ تۇرىدۇ، بىز ئۇنى تاپقاندا، ھەقىقىي ئۆزىمىزگە ئايلىنالايمىز. ساياھەتنامىلەردىن قىز -ئاياللار يازغان بەزى ساياھەتنامىلەر كىشىلەرنى جەلپ قىلدى، ئاياللار ئايرىم تەرەپلەردە ئىنچىكە ھەم سەزگۈر كېلىدۇ، شۇنداقلا خېلىلا رومانتىك كېلىدۇ. C2I_%nU Z1  
ئارزۇ -ئارمانلار بىلەن سۇغىرىلغان يۇمران خاتىرىلەر قېلىپلىشىپ كەتكەن قاقشال، بىمەززە گەپلەردىن تويۇپ كەتكەن قەلبلەرنى سۆيۈندۈرمەي قالامدۇ ؟ ئايال ئوقۇرمەنلەر بۇنداق ئەسەرلەرگە خېلىلا ھېرىسمەن كېلىدۇ. ]:-mbgW  
تېز سۈرئەتتىكى شەھەرلىشىش ئۇيغۇرلارنىڭ ئەخلاقى قاراشلىرىنى شىددەت بىلەن ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، بازار ئىگىلىكى ئەمەلىي مەنپەئەتتىن باشقىنى نەزەرگە ئالمايدىغان قىلىۋەتتى. ئەنئەنىۋى ئىگىلىك شەكىللىرى خىرىسقا ئۇچراپ، ئىگىلىك ئەھلىنىڭ ئائىلىۋى تۇرمۇشىدىكى نورمال تەرتىپنى بىتچىت قىلىۋەتتى. ئەرلەر ئىش ئىزدەپ ياقا يۇرتلارغا چىقىپ كەتتى، ئۆيدە ئولتۇرۇشقا تاقىتى قالمىغان ئاياللارمۇ سودا قىلىش ئۈچۈن بوسۇغىدىن چىقىشتى. ئىشلەپچىقىرىش بىلەن ئائىلە ھاياتنىڭ بىرلىكىمۇ بەربات بولۇپ، ئەر ئايالنى باقىدىغان، ئايال پەرزەنتلەرنى باقىدىغان قۇرۇلما لىڭشىپ قالدى. ئەرلەرنىڭ سۆلىتىمۇ بۇرۇنقىدەك ھەيۋەتلىك بولماي قالدى. ئۇلارنىڭ نوپۇزى ساقال- بۇرۇتىنى پەش قىلاي دېسە، ئۇنىڭمۇ تايىنى قالمىدى، چۈنكى ساقال- بىلەن بۇرۇت مەسئۇلىيەت ۋە بۇرچ بىلەن بىرلەشمىسە، ئۇ پەقەت تۈكتىنلا ئىبارەت. n;_sG>N  
ئاياللارنىڭ بوسۇغىدىن چىقىپ كېتىشى بىزگە نۇرغۇن ئاقىۋەتلەرنى ئېلىپ كەلدى، بالىلارنىڭ تەربىيىلىنىشى باشقىلارنىڭ قولىغا قالدى، تەلىم - تەربىيە ئىشىنى بىر خىل ئەقىدە ئىشى دەپ قارىماي زىيادە تاۋارلاشتۇرۇۋەتتۇق، مائارىپنى پەقەت ئىمتىھاندىن ئۆتۈش ئىشى دەپلا قارىدۇق، بالىلىرىمىزمۇ ئاتا - ئانىلارنىڭ مېھىر سۈيىگە تۈزۈك قانمايدىغان بولۇپ قالدى. ئۇلار خۇددى ئانىسىنى بىلمەي چۇكۇلداپ يۈرۈشكە توك چۈجىسىگە ئوخشاپ قالدى، ئائىلە تەربىيىسى، يەسلى تەربىيىسى، جەمئىيەت تەربىيىسى دېگەنلەرنى باشقىلارغا ھاۋالە قىلىپ ئانىلار خىزمەت ھەلەكچىلىكىدە قالدى. _< V)-Y  
«ئەرلەر ئۆينىڭ تۈۋرۈكى!» مېنىڭچە بۇ گەپ ناھايىتى توغرا، ئەمما، بۇ گەپنىڭ سەلتەنىتىگە دەز كەتتى، شۇنىڭ بىلەن ئاياللارنىڭ يۈرىكىگىمۇ دەز كەتتى، چۈنكى، ئاياللار مەزمۇت ئەرلەردىن مۇستەسنا ھالدا ئۆزلىرىنىڭ ئاياللىقىنى يوقىتىپ، سەرسان بولۇپ كېتىدۇ، ئۇلار قەيسەر ئەرلەرنىڭ سايىسىدە ياشايدىغان سۇمبۇللار. |aS.a&vwR  
بىزنىڭ ئاياللىرىمىز بوسۇغىنىڭ ئىچىدىكى قىممەت بىلەن بوسۇغىنىڭ تېشىدىكى قىممەتنى سېلىشتۇرۇپ كۆرمىسە بولمايدىغان يەرگە كەلدى، ئوقۇغان ئاياللىرىمىزنىڭ ئىنكاسىدىن قارىغاندا ئائىلە ئىنتايىن مۇھىم، ئايالغا خاس تاكامۇللىقنىڭ كاپالىتى ئائىلىدە، ئۇلار بۇنى نەچچە يىللىق مۇساپىرلىقىنى ئىزغىرىن شاماللىرىدا تونۇپ يەتكەن، بىراق بۇنداق سادالار تازا ئومۇملىشىپ كېتەلمىدى، سەۋەبى، بىز ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى باشقىدىن چۈشىنىشكە ئۇرۇنۇپ باقمىدۇق، ئەكسىچە، ئۇنى مۇھىم ئەمەس دەپ قارىدۇق، مېنىڭچە ئائىلىنىڭ مۇقەددەسلىكىنى بىلمىگەن خەلق ئۈزۈل-كېسىل چۈشكۈنلەشكەن خەلق. -@2iaQ(5a2  
    ئوقۇۋاتقان قىزلىرىمىزنىڭ كۆپىيىشى كىشىنى خۇشال قىلىدۇ. بىراق، ئانىلىققا سەل قارىشى كىشىنى ئەندىشىگە سالىدۇ. بىزدە ئانىلىقنىڭ ئىللىق ھەم تاتلىق مەۋسۇمىدىن خەۋەرسىز ھالدا سولۇپ كەتكەن گۈزەل قىزلار ئاز ئەمەس، ئۇلارنىڭ لاتاپىتى چارچىغان يىگىتلەرنىڭ تەسەللىسىگە ئايلانسا، ساغلام بالىلارنىڭ خۇش ھاۋالىق باغچىسىغا ئايلانسا نەقەدەر ئوبدان بولاتتى-ھە! تەدبىردىن خالى ھالدىكى ئارزۇ پەقەتلا بىرخىل ئاجىزلىق. : *#-%0  
ئەي گۈزەل ئۇيغۇر قىزلىرى، ئوقۇڭلار، بىپايان جاھاننى چۈشىنىڭلار، لېكىن ئۆزۈڭلارنىڭ ئانا بولىدىغانلىقىڭلارنى ئۇنتۇپ قالماڭلار! AV]2 euyn  
    بۇرۇن بىر باتۇر يىگىت ئۆزىنىڭ شىرمەتلىكى بىلەن بىر شەھەرنى قوغداپ قاپتۇ. ئۇ جەڭدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، پادىشاھ ئۇنىڭغا: «مۇنداق ئۈچ نەرسىدىن بىرنى تاللىساڭ، تەڭرى ئۇنى ساڭا ئىنئام قىلغۇسى: ئۇلار، ئەقىل، گۈزەللىك، شەرمى-ھايالاردۇر.» دەپتۇ. باتۇر يىگىت ئازراق ئويلانغاندىن كېيىن: «ماڭا ئايال كېرەك» دەپتۇ. پادىشاھ ھەيران بولۇپ تۇرۇپ قاپتۇ، يىگىت:«ماڭا سىلى ئېيتقان ئۈچ نەرسىنى ئۆزىدە مۇجەسسەم قىلغان ئايال كېرەك» دەپ سۆزىنى تولۇقلاپتۇ، پادىشاھ قايىل بوپتۇ. Of#u  
باتۇرلۇق ھەرگىزمۇ قارا كۈچ ئەمەس، بەلكى ئەقىل-پاراسەت بىلەن كۈچنىڭ بىرلىكى. ئەقىل، گۈزەللىك ۋە شەرمى-ھايانى ئۆزىگە جەم قىلغان ئايالنىڭ پۇشتىدىن يەنىلا باتۇر تۇغۇلىدۇ. ئۇ مەيلى قىز ياكى ئوغۇل تۇغسۇن، بۇنداق ئانىلاردىن قەيسەر ئەۋلادلار يېتىشىپ چىقىدۇ، بۇ مەنىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا مۇكەممەل ئاياللىق دۇنياسىغا كىممۇ سەل قارىيالىسۇن، ئاياللارنىڭ قۇدرىتى ئەنە شۇ يەردە. b_taC^-l  
                                                 مەنبە: ( ئابدۇقادىر جالالىدىن ماقالىلىرى ) adcE'fA<_  
                                                                             Q3~H{)[Kq  
                                                       t{9GVLZ  

تېما تەستىقلىغۇچى : سەھرا ئوغلى
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-07-18, 12:22
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 2 پارچە مۇنبەر پۇلى +101
yogankoz مۇنبەر پۇلى +1 07-18 -
OTYAK مۇنبەر پۇلى +100 07-18 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
قەشقەر ئوغلى
OTYAK
دەرىجە:ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.13482

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1842 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   18642 (سوم)
 ياخشى باھا:   474 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   649  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 569
 سائەت
دەرىجىسى:
569 سائەت 81 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-11
ئاخــىرقىسى:2011-07-19
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

بۇ ماقالىنى ئوقۇپ، چۇڭقۇر ئويلاندىم. بولۇپمۇ ياشلار تىخىمۇ ئويلىنىشنىڭ مۇھىملىقىنى ھىس قىلدىم. تەربىيىۋى ئەھمىيىتى ناھايىتى زور  تىما .يوللانمىڭىزغا رەھمەت !
ubul0998
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7478

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   3051 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   148 (سوم)
 ياخشى باھا:   587 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   493  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5777
 سائەت
دەرىجىسى:
5777 سائەت 163 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-23
ئاخــىرقىسى:2011-07-19
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

ھەقىقىتەن ئويلانغىدەك تىمكەن.
ئادەمگەبىلىم كىرەك ،ياغاچقا يىلىم
Manggu77
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31333

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   170 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1935 (سوم)
 ياخشى باھا:   265 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   329  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1735
 سائەت
دەرىجىسى:
1735 سائەت 155 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-22
ئاخــىرقىسى:2011-07-20
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

    بۇ ھەقىقەتەن ئىسىل يازما ئىكەن.ھازىرقى زامان ياشلىرىدىكى نىكاھ ۋە بوسۇغاغا بولغان مۇئامىلىنىڭ تولىمۇ سۇسلىغى تۈپەيلىدىن ئاپەت خاراكتىرلىك كىرزىس پەيدا بولماقتا. R4d=S4 i  
‹‹ ئۆزىنى ئىزدەش بوسۇغۇسىدا ›› ناملىق كىتابتا ئاپتۇرنىڭ مۇنداق بايانى بار. xT2 PyI_:  
‹‹ بوسۇغا مۇقەددەس نەرسە.ئۇنىڭدىن قانداق ئادەمنى ئاتلىتىشنى بىلمىگەن ئۆينى خازان باسىدۇ››.
turkinaz0992
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36864

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   441 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2119 (سوم)
 ياخشى باھا:   129 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   6  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1676
 سائەت
دەرىجىسى:
1676 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-08
ئاخــىرقىسى:2011-07-20
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

ئائىلە مەڭگۈلۈك ۋە مۇقەددەس تېما . ھېچقانداق بىر ئادەم ئائىلىدىن مۇستەسىنا ياشىيالمايدۇ . ئاياللارنىڭ ئائىلىدىكى رولىنى ھەقىقەتەن سەل قاراشقا بولمايدۇ . ئائىلىگە ساداقەتمەن ، ساپالىق ، ھايالىق ئايال ئەرنىڭ دۆلىتى ، مىللەتنىڭ بەختى ،يۇرتنىڭ  پەخرى ! nQS|Lt_+  
ئابدۇقادىر جالالىدىننىڭ ئەسىرى بىلەن دىدارلاشتۇرغىنىڭىزغا تەشەككۈر ، ھارمىغايسىز !
ئەقىل ئىگىلىرىنى ئىككى ئىش ئەپسۇسلاندۇرىدۇ .بىرسى ،قابىلىيەتلىك كىشىلەرنى ئۆز كەسپىگە قويماسلىق ، يەنە بىرسى قابىلىيەتسىز كىشىلەرنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە تەيىنلەش .
oguzogli
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.39239

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   10 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   40 (سوم)
 ياخشى باھا:   6 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-30
ئاخــىرقىسى:2011-07-20
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك  تېما ئىكەن.شۇنداق،قىزلىرىنىڭ ئوقۇشىغا مەبلەغ سالمىغان  مىللەت مەغلۇپ بولىدۇ.  قىزلارنى ئوقۇتۇش كېرەك.بىز ساپالىق،ئەقىللىق،شەرمى-ھايالىق قىزلارغا مۇھتاج.  قىزلىرىمىزمۇ  ئوزىنىڭ  كەلگۈسىدە ئانا بولىدىغانلىقىنى ئويلىشى كېرەك.
pilsirat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44362

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   41 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 268
 سائەت
دەرىجىسى:
268 سائەت 2 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-14
ئاخــىرقىسى:2011-07-20
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

ھەقىقەتەن ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك بىر تىما يوللىنىپتۇ. مۇنبەرگە مانا مۇشۇنداق تىمىلار تېخىمۇ كۆپلەپ بىرىلسە بولاتتى.ھۆرمەتلىك ئابدۇقادىر جالالىدىن ئاكىمىزنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،ئىشلىرىغا ئەمىنلىك تىلەيمەن.
mehriyar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47563

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   35 (سوم)
 ياخشى باھا:   7 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 0
 سائەت
دەرىجىسى:
0 سائەت 20 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-12
ئاخــىرقىسى:2011-07-20
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

مۇتەپەككۇر ئابدۇقادىر جالالىدىنغا ھەم بىزنى بۇ يازما بىلەن يۈز كۆرۈشتۈرگەن  ئۇيغۇر ئوغلىغا كۆپ رەھمەت. مۇكەممەل ئايال بولۇش ئۈچۈن تىرشىۋاتقان شەرمى -ھايالىق قىز -ئاياللارغا مەدەت تىلەيمەن ھەم بۇ يازمىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
zohran1
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.26921

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   119 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2383 (سوم)
 ياخشى باھا:   166 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   203  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2809
 سائەت
دەرىجىسى:
2809 سائەت 181 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-19
ئاخــىرقىسى:2011-07-20
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

   مەن بۇ ماقالىنى بۇرۇن ئوقىغان ،بەكلا ئىسىل،يەنە قايتا كۆرگىنىمدىن بەك خوشالمەن.
lalizar0902
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.21499

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   138 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3597 (سوم)
 ياخشى باھا:   175 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   215  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1172
 سائەت
دەرىجىسى:
1172 سائەت 18 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-18
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

بەكمۇ پايدىلىق قىممىتىگە ئىگە تېما يوللاپسىز، رەھمەت سىزگە. خانىم -قىزلار ئوقۇشقا تېگىشلىك تېما ئىكەن. قىزلار ياخشى تەربىيلەنسە كەلگۈسىدىن ئۈمىد كۈتكىلى بولىدۇ. چۈنكى قىزلار كەلگۈسىنىڭ ئانىلىرى، بالا تەربىيلىگۈچىلەر.
SUKUT520
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36742

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   417 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   2559 (سوم)
 ياخشى باھا:   230 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   165  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 487
 سائەت
دەرىجىسى:
487 سائەت 53 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-07
ئاخــىرقىسى:2011-07-20
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

مەن بۇرۇن بىر قىتىم ئوقىغان ئىنتايان ياخشى يىزىلغان بىر ماقالە. ھەممىمىزنىڭ ئويلىنىپ بىقىشىغا ئەرزىيدۇ.
ئىشككە ئوڭلاپ مىنەلمەي تۇرۇپ،
دۇلدۇلغا ئىسىلما ئۆزۈڭنى ئۇرۇپ.
ھەر ئىشنىڭ يولى بار ئۆگىنش ئاتلىق،
بۇيولسىز زورۇقساڭ تۈگەيسەن قۇرۇپ.
gulxarihan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.47284

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   48 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   693 (سوم)
 ياخشى باھا:   78 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   50  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 68
 سائەت
دەرىجىسى:
68 سائەت 22 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-07-21
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 07-18

مۇشۇنداق تېمىلارنى ئۇقۇسام كەلگۈسدە بىر ئانا بۇلدىغانلىقىمدىن پەخىرلىنىپ كىتىمەن . qjdMqoOCjl  
ئاياللارنىڭ ، ئانىلارنىڭ ئۇلۇغلىقى دەل ئۇلارنىڭ ئائىلىگە كىيىنكى ئەۋلاتلارغا بولغان مەسئۇليىتىدە ، يۈزەكى« بېقىش،، چوڭ قىلىش » تىكى مەسئۇليىتىدە ئەمەس بەلكى قىممىتى بار ئادەم قىلىپ تەربىيلىشىدە ئىپادىلىندۇ . 2:7zG "$  
ئابدىقادىر جالالدىن ئەپەندىگە ،تىما ئىگىسىگە تەششەككۈر
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى