-
تىزىم نۇمۇرى:43052
-
- تىزىم ۋاقتى:2011-06-03
- ئاخىرقى كىرگىنى2011-07-20
- تور ۋاقتى:559سائەت
-
-
بىلوگدوستلاشقورال
|
—
بۇ تېمىنى alafasy جەمئىيەتتىكى ئىشلار دىن بۇ يەرگە يۆتكەپ ئەكەلدى (2011-07-17)
—
|
|
|
|
سوئال: ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز! دىيارىمىزدا ئادەتتىكى قويلارنى ئېلىپ سېتىشقا ئوخشىمايدىغان مەكىت قويى سودىسى شەكىللىنىپتۇ. بۇ مەكىت قويىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى باشقا قويلاردىن پەرقلىنىدىغان بولۇپ، سۈپىتىگە قاراپ باھاسىمۇ ھەرخىل بولىدىكەن. ھەتتاكى بىر ئېسىل مەكىت قوچقىرىغا 10 مىليۇن يۈەن باھا قويۇلۇپتۇ. >*Sv0# 1. مۇشۇنىڭغا ئوخشىغان يۇقىرى باھالىق مەكىت قوچقىرى سودىسى جائىزمۇ؟ +6uOg,; 2. قىممەت باھالىق مەكىت قوچقىرىنى ئادەتتىكى قويلار بىلەن چاڭلاشتۇرغاندىن كېيىن، ئاشۇ ئادەتتىكى قوينىڭ قورسىقىدا ھامىلىنىڭ بولىشى بىلەن ئۇ ئادەتتىكى قوينىڭ باھاسى نەچچە ھەسسە ئۆسىدىكەن. بۇ سودىمۇ جائىز بولامدۇ؟ XpOCQyFnM
3. قىممەت باھالىق مەكىت قوچقىرىنى ئەدەتتىكى قويلار بىلەن چاڭلاشتۇرۇپ بەرگەنگە ھەق ئېلىش جائىز بولامدۇ؟ vsjM3= 4. ئەگەر مەكىت قوچقىرىنى يۇقىرى باھادا ئېلىپ-سېتىش جائىز بولسا، ئۇنىڭ زاكىتى قانداق ئايرىلىدۇ؟ ئۇستازدىن يۇقىرىقى سوئاللارغا تەپسىلى چۈشەنچە بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. #T
Z!#,q جاۋاب: EWSr@}2j
. ۋە ئەلەيكۇم ئەسسالام ۋە رەھمەتۇللاھى ۋە بەرەكاتۇھۇ: h)"'YzCt بىسمىللەھىرراھمانىرراھيم #cR57=M} بارلىق ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا، دۇرۇد-سالاملار رەسۇلى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا، ئائىلە-تاۋابىئاتىگە ۋە ساھابە كىراملىرىگە بولسۇن. U9bFUK/z 1. قوي ۋە باشقا ھايۋانلار سورتىغا، سۈپىتىگە قاراپ باھاسى ئوخشاش بولماسلىقى تەبىئىي ئەھۋال. مەكىت قويىدا سېتىۋالغۇچى قىزىقىدىغان ئالاھىدە سۈپەتلەر تېپىلسا، ئالدامچىلىقتىن، ساختىلىقتىن خالى بولغان ئەھۋالدا خالىغان باھادا ساتسا، ئالسا بولىدۇ. "sC$%D جانابى ئاللاھ قۇرئان كەرىمدە مۇنداق دېگەن: (ئاللاھ ئېلىم-سېتىمنى ھالال قىلىپ، جازانىنى ھارام قىلدى)( بەقەرە سۈرىسى 275-ئايەتنىڭ بىر قىسمى.) |.^^|@+ مەكىت قويىنى سېتىش تىجارەتتىن ئىبارەت بولۇپ، تىجارەت دېگەندە ھەركىم خالىغىنىچە باھا قويۇپ، سېتىۋالغانلارمۇ رازى بولغان باھادا سېتىۋالىدۇ. بۇنىڭدا كىشى ئەركىندۇر. GcPB'`!M مەكىت قويىغا ئوخشاش نەسىللىك كالا، ئېسىل ئەرەب ئاتلىرىمۇ شۇنداق سېتىلىدۇ. بۇنىڭدا چەكلىمە يوق. jc3ExOH يەئلا ئىبنى ئۇمەييە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەزرىتى ئۆمەر زامانىدا نەجران ۋالىسى ئىدى. ئۇ رىۋايەت قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: ئابدۇرراھمان ئىبنى ئۇمەييە (يەئلا ئىبنى ئۇمەييەنىڭ قېرىندىشى) بىر بايتالنى يۈز ياش تۆگىگە سېتىۋالغان ئىدى. ساتقۇچى پۇشمان قىلىپ ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئالدىغا بېرىپ: يەئلا بىلەن قېرىندىشى ئىككەيلەن مېنىڭ بىر بايتىلىمنى تارتىۋالدى، دەپ ئەرز قىلدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر دەرھال يەئلاغا: ھۇزۇرۇمغا كەلگىن، دەپ مەكتۇپ يازدى. ئۇ ئۆمەرنىڭ ھۇزۇرىغا كېلىپ بولغان ئەھۋالنى مەلۇم قىلىۋىدى، ئۆمەر: سىلەردە ئات مۇشۇ باھاغا چىقامدۇ؟ دەپ سورىۋىدى، يەئلا: بۇندىن ئىلگىرى بىرەر ئاتنىڭ بۇنداق باھاغا چىققانلىقىنى بىلىپ باقمىدىم، دېدى. شۇنىڭ بىلەن ئۆمەر ئۇنىڭغا: ئۇنداق بولسا قىرىق قويدىن بىر قوي زاكات ئېلىپ، ئاتتىن زاكات ئالمامدۇق؟ ھەر بىر ئاتقا بىر تىللا زاكات ئالغىن، دەپ بۇيرىدى. شۇنداق قىلىپ ھەر بىر ئاتقا بىر تىللادىن زاكات بەلگىلىدى.(ئابدۇرراززاق مۇسەننىپى 4/26 6889-نۇمۇر. بەيھەقى سۈنەن كۇبرا 4/117 ھاپىز ئىبنى ھەجەر دىرايە دېگەن كىتابىدا سۈكۈت قىلغان. 1/255) w;@`Yi.WQ يۇقىرىقى ۋەقەلىكتە ساھابە كىراملار ئېسىل ئاتلارنى يۇقىرى باھادا ئېلىپ-ساتقان، خەلىپە ئۆمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بۇنىڭغا ئېتىراز بىلدۈرمىگەن. 1OuSH+ 2.مەكىت قويى چاپتۇرۇلغان ئادەتتىكى ساغلىق قوي ھامىلە بولغاندىن كېيىن بۇ ئادەتتىكى ھامىلە ساغلىقنىڭ ئۆزىنى ھامىلە دەپ سېتىش جائىز. چۈنكى ھامىلە ئىكەنلىكى ئادەتتە بەزى بەلگىلەر بىلەن بىلىنىدۇ. FI80vV7
مۇھەززەبنىڭ شەرھىدە مۇنداق كەلگەن: "ئەسلىدە نامەلۇم سودا مۇشۇ ھەدىسكە ئاساسەن باتىلدۇر، بۇ يەردە ئېنىق نامەلۇملۇق بولغان، ساقلىنىش مۇمكىن بولغان سودىدۇر. ئەمما ئۇنىڭغا ئېھتىياج چۈشىدىغان، ساقلىنىش مۇمكىن بولمايدىغان مەسىلەن: ئۆينىڭ ئۇلى، قورساقتىكى ھامىلە بىر ياكى ئىككى ياكى ئەركەك ياكى چىشى بولۇش ياكى ئەزالىرى تولۇق ياكى كەم بولۇش ئېھتىمالى تۇرۇقلۇق ھامىلە ھايۋاننى سېتىۋېلىش، يەنە يىلىنىدا سۈت بار ساغلىقنى سېتىۋېلىش قاتارلىقلارغا ئوخشىغان نەرسىلەرگە كەلسەك، بۇلارنى بارلىق ئالىملارنىڭ ئىجمائى بىلەن سېتىش توغرا بولىدۇ".(تەكمىلەتىل مەجمۇئ 9/246). ':5U& مەكىت قويى چاپتۇرۇلغانلىقى، باشقا قوينىڭ چاپتۇرۇلمىغانلىقى، شۇنداقلا ھامىلىنىڭ ئاشۇ مەكىت قويىدىن تۆرەلگەنلىكى ئېنىق بولسا، بۇ ھامىلە ساغلىقنى ھامىلىسى سەۋەبىدىن يۇقىرى باھادا سېتىشقا بولىدۇ. بۇ ھەقتە ئىختىلاپ بولغان بولسىمۇ لېكىن سېتىشقا بولىدۇ، دېگەن قاراش كۈچلۈك. (تەكمىلەتىل مەجمۇئ 9/305-بەتكە قارالسۇن). ,"4X&>_f ئەگەردە ساغلىقنىڭ قورسىقىدىكى تۆرەلمىنىڭ ئۆزىنى يالغۇز ئايرىپ تۇرۇپ سودىلاشسا جائىز بولمايدۇ. شۇنداقلا ساغلىققا ئايرىم، تۆرەلمىگە ئايرىم باھا قويۇپ سودىلاشسىمۇ جائىز بولمايدۇ. يەنە تۆرەلمىنى ئېلىپ قېلىپ ساغلىقنى سودىلاشسىمۇ بولمايدۇ. (تەكمىلەتىل مەجمۇئ 9/307-بەتكە قارالسۇن). | |