ھەر بىر ئادەم ئۆزنى ئەڭ چۇشىندۇ. باشقىلارنىڭ بىزگە قانداق باھا بېرشىدىن قەتئىنەزەر مېنڭچە ئۇلارنىڭ باھاسىدا ھامان كەمتۇكلۇك بار. بۇ يەردىكى ئۆزنى بىلىش ھەرگىزمۇ بىزنىڭ ئىسمىمز، يېشىمىز، بوي ئېگىزلىكىمىز، ساغلاملىقىمىزغا ئوخشاش بىر تالاي ماددى جەھەتتكى سانلىق مەلۇماتلارنى بىلشنى كۆرسەتمەيدۇ. ئەكسىچە ئۆزىمىزنىڭ ئەخلاق، ئېتىقاد-ئىمان،بىلىم سەۋىيەرىمىز،نېمە ئىشلارنى قىلالايدىغان-قىلالمايدىغانلىقمىزغا بولغان ھەقىقى بىلىشتۇر. پەقەت مۇشۇلارنى ھەقىقى بىلگەندىلا ھېچقانداق ساختلىق ۋە ماختانچاقلىق قىلمغان، تەكەببۇرلۇق ئارلاشمىغان ساپ تۇيغۇ-چۇشەنچلىرىمىز بويىچە ئۆزىمىزنى چوڭقۇر تونۇپ يەتكەندىلا ئاندىن بىز ئۆزىمزگە لايىق يولدا،توغرا ئىستقباللىق يولدا تەمتىرمەستىن ماڭالايمىز.
^mQfXfuL ئالدى بىلەن ئۆزەمنى مىسال ئالاي، مەن ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ياش بولساممۇ لىكىن خېلى ۋاقتىلارغىچە كۆپلىگەن ياش دوستلارغا ئوخشاش
xS1|Z|& خىزمەت تاپالماي يۇردۇم. ئۇ چاغدا مەن ھەمشە جەمئىيەتتىن ،ئاتا-ئانامنىڭ ماڭا كۆڭۈل بۆلمەسلىكىتىن قوشۇمچە تەقدىرمنىڭ كاجلىغىدىن
?F{xDfqw ئاغرىناتتىم. مېنڭچە بولغاندا ئالى مەكتەپنى پۇتتۇرگەن ئىكەنمەن چوقۇم خىزمەتكە چىقشىم كېرەك ئىدى. بىر قسىم شېركەتلەرگە قاتىراپ باققان
Mk?I} بولساممۇ لىكىن ئۇلارنىڭ سىمنا قۇشۇپ ئىشلەۋاتقان خىزمەتلىرنىڭ ساۋاتىسز كىشلەر تەرىپىدىن بىمالال تاماملىنۋاتقانلىقى رايمنى قايتۇردى. يۇقىرى
1A-EP@#
J تېخىكا تەلەپ قىلدىغان يەرلەرگە چامىم يەتمەيتتى. شۇنداق قىلىپ ۋاقىت چاقىدا چۆرگىلەپ يۇرۋەردىم.
n^#LB*q ئويلاپ باقسام ئەمەلىيەتتە مەن ئالى مەكتەپتىن قولۇمغا قۇرۇق دىپلومنى، مېڭەمگە بىر توقاي نەزەرىيۋى بىلملەرنىلا قاچىلاپ چىقپىتمەن. مەن ياشاۋاتقان جەمئىيەتكە كېرەك بولغىنى ھەقىقى بىلىم ،ئىجتىمائى مۇناسىۋەت ئىقىتىدارىغا يەنە مەن بىلمەيدىغان بىرمۇنچە ئىقتىدارلارغا زۆرۇر ئىكەن. شۇ چاغدا مەن تۇنجى قېتىم ئۆزەم توغرسىدا ئويلانغان بولدۇم. شۇ قەدەرنۇمۇس ھېس قىلدىم. نېمشقا ؟چۈنكى ئەمەلىيەتتە نۇرغۇن ساۋاقداشلرىم تەتىل مەزگىللىرىدە ۋە مەن ئويناپ ئۆتكۈزگەن دەم ئېلىش كۈنلىرىدە چەتئەل تىلى، كومپىيوتىر،ئىقتسادشۇناسلىققا ئائىت كۇرۇسلارغا قاتنشىپ ،زۆرۇر بولغان لىكسيە دەرسلەرنى ئاڭلاپ كەسپى دەرسلەرگە قارىغاندا زۆرۇر بولغان يانداشما بىلملەرنى ئىگەللەپ ماڭغان ئىكەن. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ھەقىقەتەن تېزلا خىزمەتكە چىقىپ كەتتى، بەزىلىرى تاشقى سودا بىلەن شۇغۇللىنىپ بېيىپ كەتتى. ئۇرۇمچىنىڭ ھەر قايسى تىل تەربىيلەش مەركەزلىرىدە مۇئەللىم بولغان ،چىگرا رايون مېھمانخانسىدا ھەقىقەتەن ياراملىق ساۋاقداشلىرىم بار. مەن نېمشقا ئۇنداق بولالمىدىم؟ مەن شۇقەدەر ھورۇن، بىلمگە ئېنتلمەسمۇ؟ پۇرسەتنى بىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە
[bJnl>A ئەمەسمۇ؟؟؟ ئۇنداق ئەمەس. ھازىر ئويلاپ باقسام ئەسلىدە مەندە ئۆزمگە بولغان بىر توغرا تونۇش يوق ئىكەن. ئەسلىدە مەن ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان
e]h'
ئۆزەمنى خېلى بىلىملىك ياش دەپ قاراىغان بۇنىڭغا قولۇمدىكى دىپلومنى ئىسپات قىلغان.
^iS:mt قايسى كۈنى ئالىي مەكتەپنىڭ تولۇق كۇرسىنى پۇتتۇرگەن بىر خىزمەتتىشم ئىككىلىك خەنزۇچە خەتنى تەرجىمە قىلالماي ئالدىمغا يۇگۇرۇپ كەپتۇ.
>
قارىسام‹بايلىق ئەۋزەللىكىنى جارى قىلىدۇرۇپ گۈزەل يۇرۇت ماكان قۇرۇپ چىقايلى.›‹ۋاكالەتەن مۇلازىمەت بېجىرىىپ خەلققە قولايلىق يارىتايلى›دېگەن I3Xh[% -!
جۈملە ئىكەن.تىزلا تەرجىمە قىلۋەتتم. خىزمەتتىشم ۋە ئەتراپتىكلەر ماختاۋىدى. ئۆزەمنى خېلى بىلملىكتەك ھېس قىلدىم. لىكىن دەرھال: ناۋادا بۇ جۈملىلەر ئى tC-KW~&
ئىنگلىزچە ياكى ياپونچە بولسا قانداق قىلاتتىڭ؟ نەچچەخىل تىل بىلدىغانلار ئالدىدا سەن نېمە؟ دېگەن پىكىر بىلەن ئۆزەمنى شۇ قەدەر نامرات ھېس قىلدىم،. [S+
-ovl
دېمەك بىزدە ئۆزىمىزنى تونۇش ھەر ۋاقىت ئۇنتۇلۇپ قالىدىكەن. بۇنىڭ مەنبەسى ئۆزگە تەنقىدى مۇئامىلە تۇتماسلىق، ئۆزگە تەماننا قويۇش،بىلمەي e}AJxBE
تۇرۇپ بىلملىك بولىۋلىش، ‹ھەممىدىن خەۋەردار زات›لارچە ئىدىيە. RNtA4rC>#
ئالىي مەكتەپنى پۇتتۇرگەن بىر ياش ئۆزنى ئىقتىساسلىق ئادەم دەپ قارايدۇ. ئاز -تولا پۇل تاپقان،تۇرمۇشى ئىللىپ قالغان ئادەملەر ئۆزلىرنى مىليونىردەك F:GKnbY
ھېس قىلىدۇ. ئىقتسادشۇناسلىق دىپلومىم بولمىسمۇ پۇل تاپالايمەن قانداق؟ !!! سەن نېمگە ھېساب دەيدۇ. پۇرسەت كېلىپ خوشنا دۆلەتلەرگە بېرىپ Gi4dgMVei
قالغان بىر ئادەم ئۆزنى دۇنيانى ساياھەت قىلىپ كەلگەندەك ھېس قىلىدۇ.باشقلارنى ھېچ نەرسە كۆرمىگەن نادان ھېسابلايدۇ. ئۇرۇمچى كەچلىك گېزىتىگە gi@ji-10
مۇشتەرى بولۇپ ،خەۋەر كۆرۇپ تۇردىغان ئادەملەر ئۆزلىرنى خەلقىئارا ۋەزىيەت مۇلاھىزچىسى دەپ قارايدۇ. بەش ۋاق نامازخان قېرىندشمىز ئۆزنى [{LnE:
ھەقىقى تەقۋادار كىشى دەپ قارايدۇ..ئۆزنىڭ يەنە قانداق ساپالارنى ھازىرلىشى كېرەكلىكنى ئۇنتۇپ قالىدۇ...... AiHf?"EVT
دوستلار بىز ئۆزىمىزنى ھەقىقى تونۇپ يەتمىدۇق... بارلىق ماختاشلارنى بۇگۇندىن ئېتىبارەت چۆرۇپ تاشلايلى ! ئەينەك ئالدىدا تۇرغان بىز ئۆزىمىز زادى كىم؟ بىزدە نېمە بار نېمە يوق؟ بىز نېملەرنى قىلشمىز كېرەك ؟ شۇنداق ئۆزىمىزنى توغرا ،ئىلىمىي ھالدا تونۇپ يەتسەك قانداق ياخشى ھە!!! ئەنە شۇچاغدا ئۆزىمىزنىڭ ئەقىلى ،ئەخلاقى .روھى جەھەتتە ھەقىقى ئادەم بولۇشقا تۇرمۇشتا مۇۋەپپىقيەت قازىنشىقا باشلىيالايمىز. >I~z7JS
})vr*[
>ImM~SR)
مەنبە: ئۆزەمنىڭ ئويلىغانلىرى(-سۆيگۇم) ~c$ts&Cl
[c[MQA0
#(g+jb0E
h^ $}1[
4
@iJ|l
MYSc*G
}Rxg E~F
*u;">H*BW
[ بۇ يازما soygum تەرپىدىن 2011-07-17 07:40 PM دە قا ]