&]LwK5SR
ئاياللارغا زادى قانداق ئەر كېرەك؟ A^K,[8VX
Ep?a>\
ماقالە DGd&x^C
mSj[t
دىلمۇرات تۆمۈر
q #p)E=$ RoH :jUuw:\ ئىلاۋە: ئەدەبىياتىمىزدا ئارقا-ئارقىدىن يۈز بېرىۋاتقان چەتنەش خاھىشى، قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ 1-بېتىگە بېسىلىدىغان قاتىللىق، باسقۇنچىلىق، بۇزۇقچىلىق ھەتتا ئاتا-ئانا بىلەن پەرزەنت ئوتتۇرىسىدىكى ھايۋانى قىلمىشلارنىڭ ھەدەپ بازارلىق ئەسەر سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا تاشلىنىشى، خەلقىمىزنىڭ ساپاسىغا پەقەتلا ماس بولمىغان يولدىن چىققان تەسۋىرلەر مېنى«ئەخلاقنىڭ تېخى ۋاقتى ئۆتمىدى، خەلقىمىز تېخى جىنسى ئەركىنلىك تەسۋىرىنى قوبۇل قىلالايدىغان دەرىجىدە «ساپالىق، ئاڭلىق» بولۇپ كەتكىنى يوق» دەپ چۇقان سېلىشقا مەجبۇر قىلدى.
v
P
GuEfz جەمىيىتىمىزدە راستلا شۇنداق رەسۋا ئىشلار مەۋجۇت ، بىراق بۇلارنى تەشۋىقات سەھنىسىدە «جۇلالاندۇرۇش»نىڭ قىممىتى بارمۇ؟
;
zv nDo x بىزدە تىلغا ئالغۇدەك ياخشى ئىش-ياخشى ئادەم تەسۋىرلەنگەن، ئوقۇغانلارنىڭ يۇشۇرۇن ئېڭىدا «مەن بۇلاردىن ياخشى ئىكەنمەن» دەپ گۇناھقا كۆنۈش تۇيغۇسى ئەمەس بەلكى بۇ گۈزەل كىشىلىك پەزىلەتلەرنىڭ تەسۋىرىدىن قەلبىنىڭ چوڭقۇر قېتىدىكى ياخشىلىققا دالالەت قىلىنىدىغان ئىنسانى تۇيغۇلىرىنىڭ ئويغىنىشىغا تۈرتكە بولىدىغان رىيال ۋەقەلەرمۇ نۇرغۇنغۇ؟
u}:O[DG ; Q 6:# مەن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ ئەخلاق قارىشىدىن، ھەتتاكى مەشھۇر يازغۇچىلىرىمىزدىن ئەختەم ئۆمەرنىڭ بىر ئەدەبى ئاخباراتىدا «ئىنسان دىگەن ھاۋايى ھەۋەس، ئىشقىۋازلىقتىن خالى ئەمەس، يازغۇچى شائىرلار تېخىمۇ شۇنداق، ئەممە بۇنى بەك ئاشكارىلىساق خەلقنىڭ ئەيپلىشىگە دۇچار بولىمىز، شۇڭا مەخپىراق ئېلىپ ماڭغىنىمىز ياخشى» دىگنىدىن، مەمتىمىن ھۇشۇر ۋە باشقا نۇرغۇن كۆزگە كۆرۈنگەن قەلەم ئۇستازلىرىنىڭ نىكاھسىز مۇھەببەتكە ئوقۇغان مەدھىيىلىرى، ھۈسەيىن تاش قاتارلىق ئەدىبلەرنىڭ ھايۋانى قىلمىشلارغا بەدىئئى تۈس بېرىپ ئۇزۇندىن ئۇزۇن تەسۋىرلەشلىرىدىن-ھايا تۇرماق، ھالال-ھاراملىق تۇيغۇسىنى ئۇنتۇغانلىقىدىن چۆچۈدۈم. مەن مۇتەئەسسىپلەردىن ئەمەسمەن. ئەمما خەلقىمىزنىڭ 1000يىللاپ يېتىشتۈرگەن ئەخلاق-ھايا، گۇناھنى ئاشكارىلاش يەنە بىر قېتىم گۇناھ ئۆتكۈزگەنلىك بىلەن باراۋەر دەيدىغان ئەقىدىسىدىن ، بىزنىڭ مەۋجۇتلىقىمىزنىڭ ئەخلاقى قاراشلىرىمىزغا نەقەدەر تايىنىدىغانلىقىنى چۈشەنگەنلىكىمدىن بىر ئاگاھ توۋلاپ قويغۇنۇم.
SW; bE تەڭرىتاغ ژورنىلىدا ئېلان قىلىنغان تۆۋەندىكى ماقالىدە مەن ئويلىغان بەزى مەسىلىلەر ئەكس ئەتتۈرۈلدى دەپ قاراپ كۆپچىلىككە تەۋسىيە قىلدىم.(پىسخىكىسى بىنورمال بەزى كىشىلەر ماقالىدە قامچىلانغان ئەسەرلەرنى ئىزدەپ تېپىپ ئوقۇغۇسى كېلىپ كېتىشى مۈمكىن، تەۋسىيە شۇكى قامچىلانغان ئەسەرلەر ئوقۇشىڭىزغا ئەرزىمەيدۇ، ئەسەر ئوقۇغاندا ناۋادا ئەسەرنىڭ ماھىيىتى سىزنىڭ غول ئەخلاقى قارىشىڭىز بىلەن ماس كەلمىسە ئەڭ ياخشىسى ئۇنى ئوقۇماڭ، تەۋسىيەمۇ قىلماڭ. جامائەت پىكرى پەيدا قىلىش نۇقتىسىدىن سىزمۇ ئىككى قۇر ماقالە يېزىپ تەڭ قامچىلاپ قويسىڭىز بەلكى ھىچقىسى يوق).
IRU2/Y cg c:6w >: x$Oz0 [ YiJu48J جەمئىيەت، ئەخلاق ۋە ئەدەبىيات
\'EWur" چوڭلار بالىلارغا تەربىيە بەرگەندە داۋاملىق «ئەخلاق ئادەمنىڭ زىننىتى» دېگەن ماقال - تەمسىلنى دېيىشنى ئۇنتۇپ قالمايدۇ. توغرا ئەخلاق ھەقىقەتەنمۇ ئادەمنىڭ زىننىتى. ئادەم ئەخلاقلىق بولغانلىقى ئۈچۈنلا، ئادەم ھېسابلىنىدۇ. «ئادەم» دېگەن سۆزنىڭ ئوبرازلىق مەنىسىمۇ، ئەخلاق دېگەن سۆز بىلەن ئوخشاش. چۈنكى بىز مەلۇم دائىرىدە چۈشىنىدىغان ھەرقانداق بىر ئادەمنى كۆز ئالدىمىزغا كەلتۈرسەكلا ئۇنىڭغا قوشۇلۇپ شۇ كىشىنىڭ ئەخلاقىمۇ كۆز ئالدىمىزغا كېلىدۇ. راۋۇرۇس ئەخلاقلىق ئادەمنى «ھەقىقىي ئادەمكەن» دەيمىز. يەنە شۇنداق ھەقىقىي ئادەم سۈپىتىگە ئىگە ئادەمنى «ئەخلاقلىق» ئادەمكەن دەيمىز. ئۆز نۆۋىتىدە «ئەخلاق» بىلەن «ئادەم» بىر - بىرىگە شۇنداق يېقىن ئىبارىلەركى، ئەلمىساقتىن تارتىپ بۈگۈنگىچە ھەرقانداق كۈچ ئۇلارنىڭ ئۆز ئارا مۇناسىۋىتىگە باشقىچە تەبىر بېرەلمىگەن، شۇنداقلا تەبىر بېرىشىمۇ مۇمكىن بولمىغان.
JdRs=#X z
K(5&u يېقىنقى مەزگىللەردىكى بەزى غەرب ئەللىرىنىڭ ئەخلاقتىن چەتنىگەن ھالدا يولغا قويغان دىموكراتىيىلەشتۈرۈش سىياسەتلىرىنىلا ئالساق بۇ نۇقتىنى ئېنىق چۈشىنەلەيمىز. مەسىلەن: ئۇلار مەلۇم نىسبەتتىكى پۇقرالىرىنىڭ تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىغا يات بولغان بىرقىسىم ئەركىنلىكلەرنى قوللىغان ئىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ گەۋدىلىكى يەنىلا جىنسى ئەركىنلىك بولۇپ، تېخى نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلار ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئەركىنلىكىدىن پەخىرلەنگەن. ھەتتا بىرمۇنچە غەربلىكلەر ئەيمەنمەستىن، ئوخشاش جىنسلىقلار مۇھەببىتىنى قانۇن ۋاستىسى ئارقىلىق قوللاشنى تەلەپ قىلغان، دۆلەت باشلىقلىرى باش بولۇپ قوللىغان ۋە بۇنى دىموكراتىيەلىشىشنىڭ نامايەندىسى دەپ قارىغان.
UQR"wUiiV ]03ZrZ!
PM كۆز يۇمۇشقا بولمايدۇكى بەزى يەرلەردە بۇ ئىشمۇ ئاللىقاچان ئەمەلىيلىشىپ، خېلى كۆپ غەيرى نورمال مۇھەببەتداشلارمۇ پەيدا بولغان ئىدى. لېكىن بۇ ئەركىنلىك ئاخىرقى ھېسابتا شۇ كىشىلەرگىلا ئەمەس، پۈتۈن ئىنسانىيەتكە بالايى ئاپەت، قازايى - كارامەت ئېلىپ كەلدى. ئەخلاق، ئەدىمىيلىكنىڭ شەكلى ئۆزگىرىپ، ئەيدىسكە ئوخشاش نىجىس كېسەللەرنىڭ كېڭىيىشىگە سەۋەپ بولدى. نۇرغۇن بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ ھاياتىغا خەۋپ يېتىپ، سان - ساناقسىز نارىسىدىلەرنىڭ بىغۇبار ھاياتى نابۇت قىلىۋېتىلدى. ھىلىمۇ ياخشى ئاشۇ غەربلىكلەر باشقا يەرلەردىكى ئادەملەرگە قارىغاندا ساپالىق ئادەملەر بولغاچقا، ئۆزلىرىنىڭ كەتكۈزۈپ قويغانلىقىنى تېزلا ھېس قىلىپ، دەررۇ تەدبىر قوللىنىپ، بۇ ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تۇتۇش قىلىپ قايتىدىن ئەخلاق، ئادىمىيلىكنى تەشەببۇس قىلدى. ئۇلارنىڭ قولىدا زور مالىيە كۈچى ۋە مەدەنىيەتلىك پۇقرا بولغاچقا، قوللانغان چارە - تەدبىرلەر مەلۇم دەرىجىدە ئۈنۈم بېرىپ، بۇ يەرلەردە ياشاۋاتقان ئادەملەرنىڭ ھاياتى ئەزىزلەندى. ئەمما بارلىق زىيان ئۇلاردىن بۇنى ئاڭسىزلارچە يۇقتۇرىۋالغان ئۈچىنچى دۇنيا ئەللىرىگە بولدى. بۇ ئەللەردە قولىنى نەگە سۇنسا شۇ يەرگە يېتىدىغان مالىيە كۈچى، توغرا پىكىر قىلالايدىغان ساپالىق پۇقرا كامچىل بولغاچقا، كۆز ئالدىدىكى ئاپەتنى بىر تەرەپ قىلىشتا مىسلى كۆرۈلمىگەن قىيىنچىلىققا ئۇچراپ ئاچچىق تولغاندى. شۇنىڭ بىلەن بۇ ئەللەردىكى سانسىزلىغان ئادەملەر شۇنداقلا كىچىك بالىلار قۇربانلىققا ئايلىنىپ كەتتى. شۇ قاتاردا جۇڭگومۇ بۇنىڭ زىيىنىغا ئۇچرىدى.
&f yFU
g 10J*S[n1 بىراق جۇڭگونىڭ ئەھۋالى ئالاھىدە بولۇپ ئاشۇ باي دۆلەتلەرگە ئوخشىمايدۇ. نېمىشقا دېگەندە جۇڭگو پۈتۈن دۇنيادىكى نوپۇزنىڭ بەشتىن بىرىنى باقمىسا بولمايدۇ. جۇڭگولۇقلارنىڭ قورسىقى توق، كىيىمى پۈتۈن بولغىنى تېخى ئۇزۇن بولمىدى. پۇقرالارنىڭ زور كۆپچىلىكى نامرات دېھقانلار، نامرات بولغاندىمۇ ساۋاتسىزلىق ئەمدىلا تۈگۈتىلگەن رايونلاردا ياشاۋاتقان دېھقانلار. بۇنداق ئەھۋالدا ھۆكۈمەتنىڭ ئاپەتكە قارشى تۇرۇشتا قىيىنچىلىققا ئۇچرىشى ئېنىق. مالىيە جەھەتتە ئېشىنغان ھالەتتىمۇ، پۇقرالارنىڭ ساپاسى جەھەتتە ئامالسىزلىق ھېس قىلماي قالمايدۇ. چۈنكى ساۋادى ئەمدى چىققان ئادەمگە يوشۇرۇن ئاپەتنىڭ تەھدىتىنى چۈشەندۈرۈش تەس. ئادەملەرنىڭ ئەن - ئەنىۋى كۆز قارىشى ئۆزگەرگەن ئەھۋال ئاستىدا تېخىمۇ شۇنداق.
8bGq"!w- =c,gK8C يېقىنقى نەچچە ئون يىلدا جۇڭگو نامراتلىقنىڭ دەردىنى يەتكۈچە تارتقان بولسىمۇ ئەمما بۈگۈنكى كۈندىكىدەك ئەخلاق كىرزىسىغا ۋە ئۇنىڭدىن كېلىپ چىققان يامان تەسىرنىڭ زىيىنىغا ئۇچراپ باقمىغان. باشقا مىللەتلەرنى قويۇپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىلا ئالساق، ئۇيغۇرلار يۇقارقىدەك ئاپەتلەرنىڭ زىيىنىنى ۋايىغا يەتكۈزۈپ تارتتى ھەم تارتىۋاتىدۇ. نەچچە يىللار ئىلگىرى ئۇيغۇرلار ئۆزلىرىنىڭ ۋۇجۇدىدىكى گۈزەل ئەخلاق ئەندىزىسىنىڭ جىنسى ئەركىنلىكنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇۋاپىق بولمىغان سىرتقى تەسىرگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى ھېس قىلغان ۋە ئۇنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا كۈچىگەن ئىدى. ئەمما ئورۇق ئات جەڭگە يارىماپتۇ دېگەندەك كەلكۈندەك بېسىپ كېلىۋاتقان غەرب مەدەنىيىتىنىڭ تەسىرىدە ئامالسىز قالدى. شۇنىڭ بىلەن ئەسلىدىلا ئانچە ساپالىق بولمىغان زور بىرقىسىم ئۇيغۇرلار غەرب مەدەنىيىتىگە ئارىلىشىپ كەلگەن يامان تەسىرنىڭ بويسۇندۇرۇشىغا ئۇچراپ، ئۇلارنىڭ قارىماققا چىرايلىق كۆرۈنىدىغان تۇرمۇش ئەندىزىسىگە تەسلىم بولۇپ، بىلىپ - بىلمىگەن ھالدا ئاق بايراقلىرىنى كۆتۈرۈشۈپ شەرقتىكى غەلىتە غەربلىكلەرگە ئايلاندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار غەربلىكلەر ئۆزلىرى ئادەت قىلىپ ئۆزلىرى ئىستىمال قىلىشقىمۇ قادىر بولالماي كېلىۋاتقان، ئۇيغۇرلارغا يەت بولغان بۇ غەيرى نورمال مەدەنىيەت ھادىسىسىنى بىراقلا ئىستىمال قىلىۋېلىپ، جىق تاماق يەۋالغان ئادەم ئاشقازىنىنى بۇزۇۋالغاندەك، ئۆزلىرىنى بىراقلا بۇزۇۋالدى. بەزى يىراقنى كۆرەر زىيالىيلار بۇنىڭغا ئېچىنغان ھالدا قارشى تۇرۇپ، كۈچىنىڭ يېتىشىچە ئالدىنى ئېلىپ، كۆپچىلىككە بەش قولنى بىراقلا ئېغىزغا تىققىلى بولمايدىغانلىقىنى، باشقىلارنىڭ مەدەنىيىتىنىڭ ياخشى يېرىنى قوبۇل قىلىپ، ماس كەلمەيدىغان يېرىنى قوبۇل قىلىشنىڭ ياخشى ئەمەسلىكىنى، قوبۇل قىلىشقا توغرا كەلگەندىمۇ ئۆزىمىزنى دەڭسەپ بېقىپراق قوبۇل قىلىشىمىز كېرەكلىكىنى چۈشەندۈرسىمۇ، بۇنى ئاڭلايدىغانغا ئادەم ھامان ئاز چىقتى. تېخىمۇ يامان يېرى بۇلۇڭ - پۇشقاقلردا لاغايلاپ يۈرگەنلەرنى ئاز دېگەندەك جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ رولىنى قولىدا تۇتۇپ كېلىۋاتقان بىرقىسىم زىيالىيلارمۇ بۇ سەپكە قوشۇلۇپ ئۆز ئەمەلىيىتى ۋە بىرقىسىم نەشر - ئەپكارلىرىدىن پايدىلىنىپ، بۇنى قوللىدى ياكى قوللاشقا ئۇرۇندى. شۇنىڭ بىلەن ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەنئەنە بىلەن زورۇقۇپ قوبۇل قىلىنغان غەيرى يېڭىلىق ئوتتۇرىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ، نورمال تەرەققىيات، ھادىسە خاراكتېرلىك زەربىگە ئۇچرىدى. كىشىلەرنىڭ ئېڭى قالايمىقانلىشىپ، ئەخلاق بۇزۇلۇپ، پۈتۈن مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتىرىگە ئېغىر دەز كەتتى.
xAjQW= }j?S?= ;m= ھەممىگە مەلۇم، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ئائىلە - نىكاھ مۇناسىۋىتىگە تولىمۇ سەزگۈر نىكاھنىڭ پاكلىقىنى يۈكسەك ھالدىكى ئەخلاق ئۆلچىمى بىلەن ئۆلچەيدۇ. بۇ ئۆلچەمنى ئۇلار كىشىلىك غۇرۇرى بىلەن سۇغۇرۇپ، ئەڭ كاتتا ياشاش ئۆلچىمى، مىزانى قىلىدۇ. ھەتتا مۇشۇنىڭ ئۈچۈن جان بېرىپ، جان ئالىدۇ. مۇشۇنىڭ ئۈچۈن ئون يىللاپ تۈرمە ئازاۋى تارتسىمۇ، مېيىپ ناكا بولۇپ قالسىمۇ ئاغرىنمايدۇ. لېكىن بۈگۈنكى كۈندە نۇرغۇن كىشىلەر بۇنىڭغا ماداراچىلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىۋاتىدۇ.
LasH[:QQQ *lK4yI*%o يېقىندا مەن «تەڭرىتاغ» ژۇرنىلىنىڭ 2003 - يىللىق 3 - سانىدىكى يازغۇچى مۇھەممەت سالى مەتروزىنىڭ «ياشاپ باقە بەرنا» دېگەن پوۋېستىنى ئوقۇپ چىقتىم ۋە ئىختىيارسىز بۇنىڭدىن سەل بۇرۇن ئوقۇغان «تارىم ژۇرنىلى» نىڭ 2002 - يىللىق 8 - سانىدىكى گۈلنىسا جامالنىڭ «رېئاللىققا ئايلانغان چۈش» دېگەن پوۋېستىنى ئەسلىدىم ۋە بۇ ئىككى پوۋېستتىكى ئەخلاق كۆزقارىشى ئۈستىدە ئويلىنىپ قالدىم.
]~^/w}(K {K:Utdu($q «رېئاللىققا ئايلانغان چۈش» ئۇيغۇر پروزىچىلىقى نۇقتىسىدىن قارىغاندا ياخشى يېزىلمىغان ئەسەر دېيىشكە بولىدۇ. بۇنى ئەسەرنى ئوقۇغان ھەرقانداق بىر كىشى بايقىماي قالمايدۇ. چۈنكى ئەسەرنىڭ تىلىدا نۇرغۇنلىغان كېسەللىك ساقلانغان بولۇپ بۇ مەزكۇر ئەسەرنىڭ سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزگەن. ئەمما مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم ئەسەرنىڭ بۇ تەرىپى بولماستىن بەلكى ئەسەردە كۈچەپ كۆككە كۆتۈرۈلگەن غەلىتە ئەخلاق كۆزقارىشى بولۇپ، بۇ پۈتۈن ئەسەرنىڭ ھەربىر ئىنچىكە ھالقىلىرىغىچە تارقالغان، شۇنداقلا باشقىلارغا مۇشۇنداق ياشاشنىڭ توغرىلىقى ئۈستىدە ۋەز ئېيتىلغان. مەن پوۋېستنى ئوقۇپ چىقىپلا يازغۇچىنىڭ بۇنداق بالىلارچە ساددا پىكرىگە ئىچىم سېرىلدى ۋە ئۇنىڭ چاكىنا بەخت كۆزقارىشىغا، ئۇيغۇر ئەخلاق ئەندىزىسىگە بولغان يەڭگىل مۇئامىلىسىگە ھەيران قالدىم. چۈنكى ئۇ ئۆز قەلىمى ئاستىدىكى پىرسونازى «خەۋىلەگە» قاملاشمىغان بىر غايىۋانە بەختنى زورلاپ تېڭىشقا ئۇرۇنغان. ئەمما ئۇ بۇنداق ئۇرۇنۇشقا كۈچىگەنسىرى ئۆزىنىڭمۇ، ئەسەردىى باش قەھرىماننىڭمۇ ھالى خاراپلىشىپ ئاخىرقى ھېسابتا يازغۇچى يەتمەكچى بولغان مەقسىتىگە يېتەلمىگەن. توقۇلما دۇنياسىدىكى چىن ئىنسان خەۋىلەمۇ چاكىنا بىر شەخسكە ئايلىنىپ قالغان.
IR
LPUP ?I'-C?(t@1 ئەسەردە ئاپتور بالىلىرى، ئېرى بار بىر ئايالنى ھېسسىيات قاينىمىغا سۆرەپ كىرىش ئارقىلىق ئۇنىڭغا نىسىپ بولۇش ئىمكانىيىتى ناھايىتى ئاز بولغان چاكىنا بىر بەختنى تاڭىدۇ. يەنى خەۋىلەنى «ئاشنا» ھىساۋىدىكى مۇھەببەتكە ئېرىشتۈرۈپ، شۇ مۇھەببەتنىڭ ھۇزۇرىنى سۈرگۈزمەكچى بولىدۇ ۋە ئوقۇرمەنلەرنىڭ دىققىتىنى بۆلۈپ رېئاللىقتىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چاكىنا ئىشلارنى قوللاش مەقسىتىدە بولىدۇ. قوللاش مەقتىسىە بولدى دېيىلمىگەن ھالدىمۇ بۇ ئىشلارغا چوڭقۇر ھېسداشلىق قىلىدۇ. ئەسەردىكى بەختنى تاپقان ئاتالمىش بەختلىك پېرسوناژ خەۋىلە ئەسلىدە ئېرى، بالىلىرى بار بىر زىيالى، شۇنداقلا ئىقتىدارلىق كەسپىي خادىم. مۇشۇ سالاھىيىتى بىلەن ئۇ تامامەن بەختلىك ياشاشقا ھەقلىق. بىراق ئۇنىڭ بەختى يازغۇچىنىڭ قەلىمى ئاستىدىكى بەخت بولماسلىقى كېرەك ئىدى. ئۇ ھېلىقىدەك چېكىدىن ئاشقان رومانتىك خىياللاردىمۇ بولماسلىقى كېرەك ئىدى. بىراق ئۇ ئاشۇنداق خىيالدا بولىدۇ. يەنى ئاخىرى ئاشۇ خىيالىدىكى ئارزۇسىغا يەتكەنمۇ بولىدۇ. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ بالىلىرىنى، جەمئىيەتنى، تومۇرىدا كۈۋەجەپ ئېقىۋاتقان قىپقىزىل قېنىغا سىڭىپ كەتكەن ئەن - ئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىنى ئويلاپمۇ قويمايدۇ. ئويلىدى دېگەن بىلەنمۇ ئۇنىڭغا ئېرىنىڭ بۇزۇقچىلىقىنى ھېساب قىلىپ ئۆزىنىڭكىنى ھەقلىق قىلىدۇ.
HD{`w1vcN Xa@wN/"F ئەسەرنىڭ بېشىدىلا مۇنداق قۇرلار بار: «خەۋىلە ئۇنىڭ ھىدىنى پۇرىماقتا. ناھايىتى ئېنىقكى، ئۇ بوينىغا گىرە سېلىپ تۇرغان بۇ ئادەم ئۇنىڭ ئېرى ئەمەس. بۇ ئادەمنىڭ يەلكىسى كەڭ، بەدىنى شۇنداق كېلىشكەن، ئورۇق ئېگىز، موسكۇللىرى چىڭ، بۇغداي ئۆڭ ھەرىكەتلىرى ئىنتايىن مۇلايىم. خەۋىلە بېشىنى كۆتۈرۈپ ئۇنى كۆرۈپ باقماقچى بولدى، لېكىن بېشىنى كۆتۈرەلمىدى» بۇنىڭ ئاخىرى يەنى ژۇرنالنىڭ 57 - بىتىدە مۇنداق قۇرلار بار «ئۇ ئەر ئۆزىدىن خېلى ئېگىز، مۇسكۇللىرى شۇنداق چىڭ، خەۋىلە ئۇنىڭ ھەرىكىتى ئارقىلىق ئۇنىڭدىكى مۇلايىملىقنى ۋە قىزغىنلىقنى ھېس قىلماقتا. ئەگەر ئۇ مېنى ئويغىتىۋەتمىگەن بولسا (ئېرىنى دېمەكچى) ئاخىرىدا نېمە ئىشلار بولاتتىكىن تاڭ، ئۇ ئۆزىچە كۈلۈمسىرەپ بېشىنى چايقاپ قويدى» مانا بۇ خەۋىلەنىڭ چۈشى. ئەمما بۇ چۈش كېيىن رېئاللىققا ئايلىنىدۇ. يەنى ئۇ بىلىم ئاشۇرۇش مۇناسىۋىتى بىلەن ئۈرۈمچىگە كېلىدۇ ۋە چۈشىدىكى ھېلىقى ئاق ئاتلىق شاھزادىگە ئۇچرايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ يەنى ئېرى بار، بالا چاقىلىق بىر ئايال بىلەن، يېتىشكەن بىر زىيالىينىڭ سۈنئىيلىككە تولغان رومانتىك مۇھەببەت تارىخى باشلىنىدۇ. بۇ جەرياندا خەۋىلە پۈتۈن ئەسلى - ۋەسلىنى ھېلىقى ئادەمگە يەنى ئاتالمىش ئاياللار قەلبىدىكى مەبۇتقا تاپشۇرىدۇ. ئۇلار بىللە ساياھەت قىلىدۇ، بىللە تاماق يەيدۇ، ھەتتا بىللە يېتىپ غەربچە ھۇزۇر سۈرىدۇ. مۇنداقچە ئېيتقاندا قىسقىغىنا بىرنەچچە كۈنلۈك ۋاقىتتىمۇ ئۇلار ئەخلاق مىزانلىرىغا يات بولغان بارلىق ئىشلارنى قىلىشقا ئۈلگۈرىدۇ.
V]]qu:Mh8 !C#RW=h9 مەن يازغۇچىنىڭ مۇشۇ قۇرلارنى يېزىۋاتقاندا ئۆزىدىكى ئەخلاق كۆزقارىشى ۋە جەمئىيەتكە بولغان مەسئۇلىيىتى ئۈستىدە قانچىلىك ئويلانغانلىقىنى پەملەپ كۆڭلۈم يېرىم بولدى. ئەدەبى ئەسەر توقۇلما بولىدۇ. لېكىن ئۇ يەنىلا چىن نەرسە. باشقىچە ئېيتقاندا ئەدەبى ئەسەر تۇرمۇشنىڭ يەنە بىر شەكلىدە داۋاملىشىش. ئۇنىڭدىكى تۇرمۇش ئۇنىڭدىكى كىشىلىك مۇناسىۋەت ھامان رېئاللىقتىن كەلگەن. شۇڭا ئەدەبىي ئەسەردىكى تەسۋىرلەرنىڭ رېئاللىققا كۆرسىتىدىغان تەسىرىگە ھەرگىزمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. ھەرقانداق قەلەم ساھىبى قولىغا قەلەم ئالغاندا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نېمىنى يازماقچى ۋە يازغان نەرسىسىنى كېلىپ چىقىدىغان ئاقىۋەتنى ئويلىماي قالمايدۇ ھەم قانداق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشىنى خالىسا، ئۆزى كاللىسىدا نېمىنى ئويلاپ يۈرگەن بولسا قەغەزگە شۇنى يازىدۇ. يازغۇچى گۈلنىسا جامالمۇ قولىغا قەلەم ئالغان چاغدا بۇنى ئويلىغان بولۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئۇ ئاياللار دۇنياسى ئاشۇنداق بەختكە مۇھتاج دەپ قارىغان بولسا بۇنى چۈشىنىشكە بولىدۇ. ئەمما قوللاشقا ھېچكىممۇ قادىر بولالمايدۇ. چۈنكى دۇنيا تولىمۇ سىرلىق، ئۇ بەزىلەرگە بەرگەننى بەزىلەرگە بەرمەيدۇ. بەزىلەرنى ئېگىز قىلسا بەزىلەرنى پاكار قىلىدۇ. بەزىلەرنى ئۇلۇغ قىلسا بەزىلەرنى خار قىلىدۇ. بەزىلەرنىڭ بەخت تەلىيىنى ئوڭ تەرىپىدىن قىلسا، بەزىلەرنىڭ تەلىيىنى سول تەرىپىدىن بېرىدۇ. قىسقىسى بۇ دۇنيادا ياشىغان ھەرقانداق ئىنسان ھەممە نەرسىگە تولۇق ئېرىشتىم دېيەلمەيدۇ، ھەم دېيىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا بۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن ئىشلىرىغا سۈكۈت قىلىشقا قۇربان بېرىشكە توغرا كېلىدۇ. بولۇپمۇ ئائىلىۋى تۇرمۇشتا شۇنداق قىلماي بولمايدۇ. چۈنكى ئائىلە ئوخشىمىغان مىجەزدىكى، ئوخشىمىغان سۈپەتتىكى ئادەملەرنىڭ بىللە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدىغان قارارگاھى. بۇ قارارگاھتىكى ئادەملەرنىڭ بىر - بىرىگە ئوخشىمىغان ئارتۇق كام يېرى بولۇشى مۇمكىن. كىشىلەر ئائىلە قۇرغان دەسلەپكى چاغدا بۇنى سەزمەسلىكى مۇمكىن. ئەمما ئۇزۇن مۇددەت بىللە ياشاش جەريانىدا بۇنى سېزىدۇ. ئەنە ئاشۇ سەزگەن چاغدا ئادەملەر نۇرغۇن ئىشلاردا كېچىكىپ قالغانلىقىنى ھېس قىلىدۇ. جۆرىسىنىڭ باشقىلاردىن تۆۋەن تۇرىدىغانلىقىنى ھېس قىلىش ھەرقانداق ئادەم ئۈچۈن ئازاب بولۇپ بۇنى چۈشەندۈرۈش ئىنتايىن تەس. لېكىن مانا مۇشۇ ئائىلىلەردە يېڭىدىن پەيدا بولغان ئەزالار يەنى بالىلار ئادەمنىڭ بۇنداق ئەزاۋىنى يەڭگىللىتىدۇ ياكى پۈتۈنلەي يوق قىلىدۇ. بۇ ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ نۇرغۇن ئادەملەر بۇنى چۈشەنمەيدۇ. دەل مۇشۇ چۈشەنمەسلىك كىشىلەرنى تۇيۇق يولغا باشلايدۇ. يەنە بىر گەپنىمۇ دېمەي بولمايدۇكى ئائىلە قۇرغان ھەرقانداق ئادەم كەڭ قورساق بولمىسىلا ئۆزىنىڭ كۈتكەن نەرسىسىگە ئېرىشەلىگەنلىكىنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. بۇ ئادەملەردىكى ئومۇمى ئۆزگىچىلىك بولۇپ ئىنساننىڭ ئاچكۆز تەبىئىتى بىلەن ئوڭ تاناسىپلىق مۇناسىۋەتتە بولىدۇ. بىراق ئادەملەردە يەنە كەڭ قورساقلىق، نەپسىنى كونترول قىلىش تەبىئىتىمۇ بولىدۇ. مانا بۇ ئادەمنى ئۆزىنى چۈشىنىشكە زورلايدىغان ئۇلۇغ كۈچ. ئەگەر ھەرقانداق ئادەمدە بۇنداق كۈچ بولمايدىكەن ئۇ ھامان تاپتىن چىققان ئادەمگە ئايلىنىدۇ. شۇڭا ھەرقانداق ئادەم بۇ كېچىكىش نۇقتىسىنى ئىمكانىيەت يار بەرگەن ئەھۋال ئاستىدا قوبۇل قىلىش شۇنداقلا بۇ كېچىكىش نۇقتىسىنى يېڭى بىر باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ باشقا بىر خىل مۇھەببەتنى يەنى ئائىلە، بۇرچ، پەرزەنت مۇھەببىتىنى ئائىلىگە ئېلىپ كىرىشى، شۇنداقلا بۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئىشەلمىدىم دەپ قارىغان يەرلىرىنى بۇنىڭ بىلەن تولۇقلىشى كېرەك. قىسقا قىلىپ ئېيتقاندا ھەرقانداق ئادەم قۇربان بېرىشنىڭمۇ بىر خىل مۇھەببەت ئىكەنلىكىنى چۈشىنىش كېرەك. ئەمما يازغۇچى بۇ نۇقتىنى ئاستىن - ئۈستۈن قىلىپ، باشقىلارنى ئۆز كاللىسىدىكى خاھىشىنى چۈشىنىشكە، شۇ ئارقىلىق ئۆزى ياراتقان پېرسوناژلارنىڭ ئەخلاقسىز قىلمىشلىرىنى قوللاشقا ئۇرۇنۇپ، ئائىلىۋى تۇرمۇشنى ۋە ئۇنىڭ ئۈستىدىكى ۋالىلداپ نۇر چېچىپ تۇرغان ئەخلاقنى جىنسى سەزگۈنى ئاساس قىلغان چاكىنا مۇھەببەتنىڭ ئاستىغا كۆمۈپ تاشلىغان.
XKX,7 38rZ`O*D ئەسەردىكى يەنە بىر ئازابلىق خاتالىق يازغۇچىنىڭ خەۋىلەنىڭ ناشايان ئىشلىرىنى باھانە - سەۋەب بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن زورمۇ - زور توقۇپ چىقىرىلغان مۇختارنىڭ بۇزۇقچىلىقى بولۇپ، ھەرقانداق ئادەم ئەسەرنى ئوقۇپلا بۇنى ھېس قىلماي قالمايدۇ. يازغۇچى بۇ يەردە خېلى باش قاتۇرۇپ ئۇستۇلۇق قىلغان بولىسمۇ كەتكۈزۈپ قويغان. چۈنكى خەۋىلە باشتىلا رومانتىك چۈشلەرنى كۆرۈپ ئۆزىنىڭ مۇختاردىن چېنىشقا باشلىغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ. بۇنى ئاساسى سەۋەب دېمىگەن بىلەنمۇ نەدىمۇ بىر كىشى يولدىن چىققان بولسا يەنە بىر كىشىمۇ ئۇنىڭدىن ئۆچ ئېلىش ئۈچۈن يولدىن چىقىدىغان ئىش بولسۇن. ئەگەر بار دېسەك بۇ كىشى ئەزەلدىنلا يولدىن چىقىشقا، بۇزۇلۇشقا تەييار تۇرغان ئادەم بولۇشى مۇمكىن. چۈنكى ھەممە كىشىنىڭ ئەركى ئۆزىدە. ئەخلاق بىلەن ئۆلچىنىش دەرىجىسى ئۆزىنىڭ قولىدا. جۈملىدىن خەۋىلەمۇ شۇنداق. يازغۇچى ئۇنى مەيلى قانداق باھانە - سەۋەبلەر بىلەن تەمىنلىسۇن ئۇ ھامان بالىلىرىغا، نىكاھ ئەخلاققا مۇخالىپ ئىش قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنى بىرنەچچە كۈنلۈك ئۆگىنىش جەريانىدىلا ۋۇجۇدقا چىقاردى. ئۇنىڭ ئېرىدىن ئاجراشمىغان نىكاھلىق ئايال، بىر ئانا تۇرۇپ ئۆزنى يات ئەرنىڭ قوينىغا ئېتىشى، قەلبىنىڭ ئەزەلدىنلا چىرىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ. ئەسەردە يازغۇچى يەنە «يالچىن» دېگەن بۇ كىشىنى ناھايىتى سېھىرلىك قىلىپ تەسۋىرلەيدۇ ۋە ئۇنىڭ سېھرى كۈچىنى ئاياللارنىڭ ئىنتىلىش دائىرىسى ئىچىدىكى يىگانە مەبۇت قىلىپ، مۇشۇنداق ئەرلەرلا ئاياللارغا ھەقىقىي ھۇزۇر بېرەلەيدۇ دەپ قارايدۇ. ئەمەلىيەتتە بۇ چالا ئەجنەبىنىڭمۇ ئىلىم ساھەسىدىكى چىرىندى ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ قويىدۇ. چۈنكى ئۇ خەۋىلەنىڭ ئۇستازى تۇرۇپ ئۇنىڭ نىكاھ ئائىلە مۇناسىۋىتىنى دەپسەندە قىلىدۇ. چىرايلىق گەپ ۋە پۇرسەتلەر بىلەن خەۋىلەنى يولدىن چىقىشقا ئۈندەيدۇ. بىر يېتىشكەن زىيالى تۇرۇپ ئۆزى ۋەكىللىك قىلىۋاتقان مىللەتنىڭ مىللى ئەخلاقىغا داغ تەككۈزىدۇ. يىراقتىكى ئىككى نارەسىدىنىڭ سەبى يۈرىكىنى پاسكىنا قولى بىلەن مۇجۇيدۇ. مەن يۇرتۇمدىكى بىر دوستۇمنىڭ چىرايلىق ئايالىنى شارائىتى بار تۇرۇقلۇق، كۆپ قېتىم بىلىم ئاشۇرۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قويغىنىنى ئاڭلاپ ئەپسۇسلانغانىدىم. ئەمدى بىلسەم ئاشۇ بىچارە دوستۇم بىلىم يۇرتلىرىدىكى مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چىدىندىلەردىن ھەزەر ئەيلىگەن بولۇشى مۇمكىنكەن. دېمىسىمۇ ھازىر بەزى ئالىي بىلىم يۇرتلىرىدا مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئالاھىدە چىرىندىلەر خېلى كۆپ بولۇپ ئۇلار شارائىتى ۋە سالاھىتىدىن پايدىلىنىپ باشقىلارنى ئازدۇرىۋاتىدۇ. مەن يازغۇچىنىڭ «يالچىن» ئوبرازىنى يارىتىش ئارقىلىق مۇشۇنىڭغا ئوخشاش چىرىندىلەرنى خەلقى ئالەمگە ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتىمەن. يەنە بىر تەرەپتىن ئادەمنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك بۇنداق كىشىلەرنىڭ گۈزەل مىللىي ئەخلاق مىزانلىرىنى ئۆزىدىكى شەرت - شارائىتتىن پايدىلىنىپ تۇرۇپ ئاياق ئاستى قىلىۋاتقانلىقىدىن ئەپسۇسلىنىمەن.
5j,qAay9 U"+ ry.3` ئەسەرنىڭ تېخىمۇ كۈلكىلىك يېرى يالچىننىڭ خەۋىلەنى ئىزدەپ غۇلجىغا بېرىشى بولۇپ، يازغۇچى بۇنى سەمىمى - سادىقلىقنىڭ مىسالى قىلىشقا ئۇرۇنغان. لېكىن ئۇ بۇ يەردىمۇ ئەجەلىك خاتالىققا يول قويۇپ كۆزلىگەن مەقسەتكە يېتەلمىگەن. چۈنكى يالچىن خەۋىلەنىڭ بالىسى، ئېرى بارلىىنى بىلىدۇ، ئەكسىچە مۇختارنىڭ خەۋىلەگە ئەسكىلىك قىلىۋاتقانلىقىنى، ئاجراشقىنىنى بىلمەيدۇ. ئۇلار ئالاقە قىلمىغاچقا بىلىشىمۇ مۇمكىن ئەمەس. ئەمما شۇنداق تۇرۇقلۇق ئۇ يەنىلا خەۋىلەنى ئىزدەپ كېلىدۇ. ئۇ خەۋىلەنى نېمىشقا ئىزدەپ كېلىدۇ؟ ئۇنىڭ ئائىلىسىنى بۇزۇش ئۈچۈنمۇ؟ بىچارە نارەسىدىلەرنى يىتىم قىلىش ئۈچۈنمۇ؟ بۇنى ئەسەرنى ئوقۇغان ھەرقانداق ئادەم ئۆز ئالدىغا پەرەز قىلالايدۇ. ئەنئەنىۋى ئەخلاق مىزانلىرىمىز ۋە مىللىي خاراكتېرىمىز نۇقتىسىدىن قارىغاندا يالچىننىڭ غۇلجىغا خەۋىلەنى ئىزدەپ بېرىشى ئۈرۈمچىدىكى بۇزۇقچىلىقلارنىڭ داۋاملىشىشى، شۇنداقلا جانغا تاقىلىدىغان ئېغىر ئاقىۋەتلەرنىڭ چىقىشىدىن باشقا نەرسە ئەمەس بولۇپ يازغۇچى بۇ يەردە بەك ھاياجانلىنىپ كېتىپ مىللەتنىڭ مىللىي خاراكتېرىگە ۋە ئەخلاق چەكلىمىلىرىنىڭ كۈچىگە سەل قرىغان. غەربنىڭ كۆزقارىشى ۋە ئۆزىمۇ چۈشەنمەيدىغان يارروپا ئەخلاق مىزانلىرىنى ئەسەرگە سىڭدۈرۈشكە كۈچەپ ئۆزىنى پارىژ ياكى لوندون داچىلىرىدا ئولتۇرۇپ يېزىقچىلىق قىلىۋاتقان فرانسۇز ياكى ئىنگلىز يازغۇچىلىرىغا ئوخشىتىپ قالغان. ئەمما ئۆزى تەلپۈنىۋاتقان ئاشۇ غەرب ئەخلاق كۆزقارىشىنىڭ بارغانچە ئەنئەنىنى سېغىنىشقا مايىل بولۇپ، ئۆزلىرىنىڭ ئادىمىيلىكتە يوقىتىپ قويغان نەرسىلىرىدىن ئەپسۇسلىنىۋاتقانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ ھايا ئەخلاقىنىڭ ئىنسانىيەت دۇنياسى ئۈچۈن مۇھىم نەرسە ئىكەنلىكىنى ياخشى تونۇپ يېتىپ ئۇنى ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ياشاش مىزانى قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن.
\83A|+k 7f%Qc
%B +n[wkgFd uq4sbkP ئاياللارغا زادى قانداق ئەر كېرەك؟
cIvYfgIo9 AC:s4iacC d
?M!acB ئاياللار دۇنيادىكى ئەڭ ئۇلۇغ كۈچ. ئۇلارنىڭ مەۋجۇتلۇقى دۇنيانى ھاياتى كۈچكە ئىگە قىلغان. ئۇلار بولغاچقىلا ئەرلەر ئۆزلىرىنى بەختلىك ھېس قىلالىغان شۇنداقلا ئاياللار ئىنسان روھىنىڭ ئەڭ ساپ تۇزىنى ساقلاپ قالغۇچىلار، يەنى ھاياتلىقنى بىر - بىرىگە ئۇلاپ بارلىق مەۋجۇدىيەتنىڭ مەۋجۇدلۇقىنى تونۇتقۇچىلار. دۇنيادا ئاياللار بولغاچقىلا ئەرلەر كىيىم كىيىپ ياۋايىلىقىنى تاشلىغان ۋە ئۆزىنىڭ ئەركەكلىكىنى ھېس قىلىپ، ئەرلىك مەجبۇرىيىتىنى ئۈستىگە ئالغان ھەم ئۆزىنى قەدىرلەشنى ئۆگەنگەن. مانا بۇ ئادەم دەپ ئاتالغاندىن كېيىنكى ئۇزاق دەۋرلەردىن بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان ھەقىقەت.
Z'NbHwW} ھازىر بىز 21 - ئەسىردە يەنى يۈكسەك مەدەنىيەتلىك دەۋردە ياشاۋاتىمىز. تۇرمۇش ئۇسۇلىمىز، ياشاش قانۇنىيىتىمىز ئىجتىمائىيلاشقان، چۈشىنىش، بىلىش ئىقتىدارىمىز ۋە شەيئىلەرگە بولغان سەزگۈمىزدە زور بۇرۇلۇش بولغان، تۇرمۇش رىتىمىمىز تېزلىشىپ كەتكەن ھالدا ياشاۋاتىمىز. بۇ دەۋر ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋردىن مۇتلەق ئۆزگىچىلىكلىشىپ كەتكەن بولۇپ مەيلى ئادەم بولسۇن مەيلى باشقا شەيئىلەر بولسۇن بۈگۈنكى كۈندە ھامان رىقابەت ئېڭىنىڭ مەھسۇلى سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. رىقابەت ئېڭى جەمئىيەتنىڭ ھەر بىر ھۈجەيرىلىرىگىچە سىڭىپ كەتكەنلىكى، ھەر سائەت، ھەر مىنۇتتا يوقۇلۇش بىلەن پەيدا بولۇش، پۇت دەسسەپ تۇرۇش بىلەن جان تالىشىش تەڭلا مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ. كىم ياكى قانداق شەيئى مۇھىتقا ماسلىشالمىسا شۇ ھالاك بولىدۇ. ئەكسىچە مۇھىتقا ماسلاشقىنى ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلىقىنى ساقلايدۇ ياكى تەرەققىي قىلىپ كۈچىيىدۇ. بۇ پۈتۈن بىر دۆلەتكىمۇ، پۈتۈن بىر مىللەتكىمۇ، شۇ دۆلەت، شۇ مىللەت كاتوگورىيىسىدىكى ھەربىر شەخسكىمۇ ئوخشاش يۈكلەنگەن تەبىئىي ھادىسە. بىر دۆلەتنىڭ ياكى بىر مىللەتنىڭ شۇ دۆلەت، شۇ مىللەتنى تەشكىل قىلغان پۇقرالىرى ئاجىزلىشىپ رىقابەت، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش ئېڭى سۇسلاشسا شۇ دۆلەت، شۇ مىللەت خاراپلىشىشقا قاراپ يۈزلىنىدۇ ياكى يوقايدۇ.
; eF
4J ^i+z_%V بۇرۇنقى زامانلاردا يەنى ئات ئۈستى مەدەنىيىتى ياكى ئۇنىڭدىن كېيىنكى چاغلاردا ئۇيغۇرلار تۈرلۈك پائالىيەتلەر ۋە چۈشىنىش، بىلىش ئىقتىدارى ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى نامايەن قىلىپ، ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ كەلگەن ئىدى. مانا مۇشۇ چاغدىكى ئەرلەر ئات چاپتۇرۇپ جەڭ قىلىپ، ئەل يۇرتنى قوغدىغان. شۇ چاغدىكى ئاياللارمۇ ئاشۇ چەۋەندازلارنى، دۈشمەن قىلىچىدا يارىلىنىپ يۈز - كۆزى تاتۇق بولۇپ كەتكەن باھادىرلارنى قۇچاقلاپ سۆيگەن. بارلىق مېھىر - مۇھەببىىتىنى ئۇلارغا بېغىشلاپ، ئۇلارنىڭ كۈچىگە كۈچ قوشقان. ئايالنىڭ مېھرىگە ئېرىشكەن ئەر، ئەرنىڭ قوغدىشىدا خاتىرجەم بولغان ئاياللار مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلىپ دۈشمەننىڭ ئاغزى بۇرنىنى قان قىلغانتى. لېكىن بۇلار ھازىر ئاللىقاچان تارىخقا ئايلىنىپ كەتتى. ھازىرقى ئادەملەر يۈكسەك ھالدىكى ئىجتىمائىيلاشقان جەمئىيەتنىڭ تۈرتكىسىدە تۈرلۈك ئۆزگىرىشلەرگە ئۇچراپ، ئىلگىرىكى ئەجداتلاردىن زور دەرىجىدە پەرقلىنىپ كەتتى. شۇنداقلا ۋۇجۇدىغا سىڭدۈرىۋالغان بىپەرۋالىقى، مەسئۇلىيەتسىزلىكى بىلەن بۇرۇنقىلار قالدۇرۇپ كەتكەن ياخشى ئەنئەنىلەردىن ئۆزلىرىنى قاچۇردى. قېلىن كىتابلارنىڭ بەتلىرىدە ھازىرقى ئەۋلادلىرىغا مەسخىرىلىك قاراپ ياتقان ئاشۇ كىشىلەرگە نىسبەتەن، ئۆزىنىڭ زادى ئۇنداق ئەجداتلىرى بولۇپ باقمىغاندەك مۇئامىلە قىلىپ، بۈگۈنكى دۇنيانىڭ مەئىشەتلىرى ئارىسىدا قىمىرلىشىپ يۈرىۋەردى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئەۋلادلارنىڭ يېڭى خرىستلار ئالدىدا تەپەككۇر نىشانى قالايمىقانلىشىپ كەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئېتىقاد سۇسلىشىپ، مۇقەددەس ئەقىدە روپالارنىڭ كۇرسى چۈشۈپ، مەۋجۇدلۇقنىڭ ئاساسى بولغان بۈيۈك مېھىر - مۇھەببەتنىڭ باھاسى ئەرزانلاپ كەتتى.
7ml0 يازغۇچى مۇھەممەت سالى مەتروزى «ياشاپباقە بەرنە» دېگەن ئەسىرىدە بىر ئائىلىنىڭ ئەقىدە تىراگېدىيىسى ئارقىلىق كىشىلەرنى مۇشۇ مەسىلە ئۈستىدە ئويلىنىپ بېقىشقا دەۋەت قىلغان. دېمىسىمۇ بۇ ھەقىقەتەنمۇ ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مەسىلە. ھەتتا قاتتىق ئويلۇنۇشقا تېگىشلىك مۇھىم ئىش. بۇ ئەسەردىكى ۋەقەلەر توقۇلما بولسىمۇ لېكىن رېئال تۇرمۇشقا ناھايىتىمۇ يېقىن يەنە كېلىپ ئەتراپىمىزدا ياز بېرىۋاتقان ئىشلارغا ئۆز ئەينى ئوخشايدۇ. ئەسەرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك چىققان يېرى مۇشۇ بولسا كېرەك. مەن ئەسەردىكى بارلىق پېرسوناژلارنى يەنە بەرنا، قۇددۇس، كاتىپ ئايال ۋە ھېلىقى كۆڭول ئوغرىسى، ھەتتا كەچلىك بەزمىخانىلاردىكى قىز - يىگىتلەرنىمۇ تونۇيدىغاندەكلا ياكى ئۇلارنى قەيەرلەردىدۇر كۆرگەندەكلا قىلاتتىم. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ تەقدىرى ئۈستىدە خېلىدىن بېرى باش قاتۇرۇپمۇ يۈرگەنتىم. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ماڭا ئەڭ تونۇشى يەنىلا بەرنا بىلەن قۇددۇس ئىدى.
pR6A#DgB