مۇنبەر مەدەنىيىتى ئۈستىدە دەسلەپكى قاراشلار
q@=#`74 6e TBLk+AR ئەلگە نەزەر
>G -?e! !&:.Uh ئەلمىساقتىن بۇيان داۋام قىلۋاتقان ھاياتلىق ،ئەجداتلارنى ئەۋلاتمۇ-ئەۋلات ئۇلاپ بۈگۈنكى ئېلىكتىرون دەۋرىگە ئۇلاشتۇردى.ئېلىكتىرونسىز شانلىق مەدەنىيەتلەرنى يارىتىپ،سەلتەنەت تەختىدە ئولتۇرۇپ قانچىلغان ئىمپىرىيە ،خاندانلىقنى تىكلىگەن ئەجداتلىرىمىز پار ماشىنىسىنىڭ بارلىققا كىلىشى بىلەن تەڭ پاسسىپ ئورۇنغا چۇشۇرۈپ قويدى. باشقا ئەللەرنىڭ تەرەققىيات، ۋەزىيەت ئەھۋالى ،ئورۈپ-ئادىتى ،سودا- سېتىق .........قىسقىسى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تۈگۈنى بولغان قەدىمى يىپەك يولىنىڭ خاراپلىشىشى تارىم ۋادىسىنى ماكان تۇتۇقان ئاۋام-ىەلىقنىڭ روھى غېرىپلىكىنى ئاشۇرۋەتتى. تالاي يىللار ئوتۇپ كەتتى.شاۋقۇن سۈرەنگە تولغان قانچىلغان شەھەر-بازار تەكلىماكان باغرىغا غەرىق بولدى.يىپەك يولىنى بويلاپتېنىمسىز ئوتۈپ تۇرۇدىغان توگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما سادالىرى قايتا ئاڭلانمايدىغان بولدى.تەكلىماكان گىرۋەكلىردىكى يېشىل بوستانلىقلاردا بىر مەھەل گۈللەنگەن قارا خانلار مەدەنىيىتى بىلەن تۇرپان ئويمانلىقىدىكى ئىدىقۇت مەدەنىيىتى تارىخنىڭ چاڭ-توزانلىرى ئىچىدە تارىم ئويمانلىكىنىڭ پىنھان سۈكۈتلىرىگە دەپنە قىلىۋېتىلدى.چىڭگىز قوشۇنلىرىنىڭ دەھشەتلىك ۋەھىمىسى بىلەن قارا قىتانلارنىڭ شەپقەتسىز ھۇجۇملىرى بىر مەھەل تېنىچ،مۇقىم بولغان تېرىم ھاياتىغا كونىككەن مىللىتىمىزنىڭ پىسخىك جۇغلانمىسىدىكى تەڭپۇڭلىقنى بۇزۇپ تاشلىدى.غەرىپتە دېڭىز مەدەنىيىتىنىڭ قايتا گۈللىنىشى قۇرۇقلىقتىكى يىپەك يولىنىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى بىكار قىلىپ،ئىچكى ئاسىيا رايۇننىڭ پاجىئەلىك تەقدىرىنى بەلگىلەپ قويدى.مەركىزى ئاسىيا چوللىكلىرىدە پېتىۋاتقان كەچكى قۇياشنى قوغلىشىپ ،ئۇپۇق چەمبىرىكىگە قاراپ تېنىمسىز ئۇزاپ تۇرۇدىغان توگە كارۋانلىرىنىڭ ئىزلىرى ئەمدى قايتا كورۇلمەيدىغان بولدى. شۈبھىسىزكى جۇغراپىيىلىك مۇھىت ۋە ياشاش شرائىتىنىڭ ئوخشىماسلىقى ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنىڭ ئوخشىماسلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئۇزاق تارىخى تەرەققىيات جەريانىدا مەلۇم بىر مىللەتنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىدا نۇرغۇن ئوزگىرىشلەر يۈز بەرسىمۇ،ئەمما شۇ مىللەتنىڭ ئىپتىدائى روھى ماھىيىتىگە ئۇرۇق بولىپ تېرىلغان پىسخىك جۇغلانما خۇددى پاختا ئىچىدىكى چوغدەك ھامان ساقلىنىپ كېلىدۇ. مەدەنىيەت ئىنسانشۇناسلىقى بىلەن سېلىشتۇرما مەدەنىيەتشۇناسلىقنىڭ گۈللىنىشى بىزنى مىللەتلەرنىڭ ئوخشاشمىغان مەدەنىيەت مۇھىتىدا ئىپادىلىگەن پىسخىك ماھىيىتىنى تولۇق ئوپىراتسىيە قىلىش ئىمكانىيىتى بىلەن تەمىن ئەتتى.ئىنسانىيەتنىڭ بۇگۇنكى ئىزدىنىشلىرىنىڭ ماددا دۇنيادىين روھى دۇنياغا-ئادەمنىڭ ئوزىگە مەركەزلىشىشى بىزگە كەلگۈسىدىكى ئىزدىنىشلەرنىڭ ئاجايىپ ئازاپلىق دەۋرىگە كىردىغانلىقىدىن دېرەك بەردى. دەرۋەقە بىز بۇ يەردە سوزلەۋاتقان مەدەنىيەتشۇناسلىق ئىنسانىيەت ياراتقان بارلىق ماددى ۋە مەنىۋى مەدەنىيەتلەرنى كورسىتىدۇ.ئۇنى ئىنچىكىلەپ تەھلىل قىلغاندا ،مەدەنىيەتنىڭ تاشقى قاتلىمى،ئوتتۇرا قاتلىمى،ۋە ئىچكى قاتلىمى دەپ بولىشكە بولىدۇ.مەدەنىيەتنىڭ تاشقى قاتلىمى-ماددى مەدەنىيەتنى،ئوتتۇرا قاتلىمى-ماددىلاشقان پىسخىكا بىلەن ئاڭلاشقان ماددىنى،يەنى ھەرىكەت ،نەزەرىيە ،تۈزۈملەرنى ئىچكى قاتلىمى-تاشقى قاتلام بىلەن ئوتتۇرا قاتلامنىڭ جۇغلىنىشى نەتىجىسىدە شەكىللەنگەن پىسخىك تىندۇرمىنى كورسىتىدۇ.بىزنىڭ مۇھاكىمە قىلماقچى بولغىنىمىز دەل مىللىتىمىزنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيىۋى ۋە تارىخى شارائىتىدا شەكىللەنگەن پىسخىكىنىڭ ئىچكى قاتلىمى.
)SO1P6 " kJWWR خوش ،ئەمدى ئوز گېپىمىزگە كەلسەك ؛ يوقىلىشقا باشلىغان ،ئۇنتۇلۇپ كېتىلگەن ،ۋە ياكى ھەر قايسى ئوخشىمىغان مىللەتلەرنىڭ بېرىكىشى جەريانىدا مىللى ئالاھىدىلىكىنى يوقاتقان شالغۇت مەدەنىيەتلەرنى يەنىلا شۇ دەۋىردە ياشىغان ئىنسانلارنىڭ ئوزلىرى يارىتىدۇ.بىز ئۈچۈن تولىمۇ يىراقتا قالغان خىرە تارىخىمىزغا نەزەر تاشلىغىنىمىزدا ئوخشاشمىغان مۇھىت ئوخشاشمىغان دەۋىرنىڭ تولىمۇ مۇرەككەپ قاتلاملىرىدا ئەجداتلىرىمىز ياراتقان مەدەنىيەت مىراسلىرىمۇ دەۋىرگە ماس بىر-بىرىدىن ئالاھىدە پەرىقلىنىپ تۇرۇدۇ.كوپ قۇتۇپلاشقان خەلقئارا لىق دۇنيا ۋەزىيىتىدە تەرەققىياتنىڭ ئەلمىساقتىن بۇيان كورۈلىپ باقمىغان يېڭى ئەندىزىللىرىدە بارلىققا كەلگەن ئېلىكتىرونلىق كەشپىياتنىڭ روياپقا چىقىشى،ئوخشىمىغان ئىرىقتىكى ئاۋام خەلىقنىڭ يېڭى مەدەنىيەت ئويغۇنىشىنى تېزلىتىپ،ئويلاپ باقمىغان مەدەنىيەت بىخ ھالىتىدىن پورەكلەپ مىۋە بېرىشكە باشلىدى. بەزى ئۈندۈرمىلە تاشقى مۇھىتنىڭ بوران چاپقۇنلىرىغا بەرداشلىق تاقابىل تۇرۇش ياكى ماسلىشىش ئىختىدارىنى يېتىلدۈرەلمىگەشكە بىر ئىزىدا توختاپ قالدى،ياكى جايىدا تۇنجۇقۇپ قالدى. مەدەنىيەتنىڭ كوپ خىللىقىدىن رەڭدارلىققا پۈركۇنگەن بۇ ھاياتلىقتا ،ھەر بىر ئاۋام-خەلىقنىڭ ئوزگىچە ياراتقان مەدەنىيەت ئىزنالىرى ھەممىگە ئايان.قايسى بىر ئىنسان قايسى بىر مۇھىت،قايسى زاماندا ياشىسۇن ئوز مىللىتىنىڭ يىراقتا قالغان تارىى كەچمىشى ۋە ياكى ئوز زامانىسىگە تەۋە بولغان مەدەنىيەتلىرىنى تەتقىق قىلىش،رەتلەش ،ئىسلاھ قىلىش مەسئۇلىيىتى بار ئەلۋەتتە. پېقىرمۇ بۇ ھەقتە بىلىمىمنىڭ چەكلىكلىگى ،نەزەر دائىرەمنىڭ تارلىقى ،يەپەككۇرىمنىڭ ئاجىزلىقىغا قارىماي مۇنبەرچىلىك ئۈستىدە ئۇقارمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىشنى ئويلاپ قالدىم.
x[,wJzp\6 f0s<Y ( 1 )
!t
[%'!v 3t}o0Ai9 ئېلىكترون كەشپىياتىنىڭ بارلىققا كېلىشى،ئۇچۇر تېخنىكىسىنىڭ شانلىق سەھىپىسىنى ئېچىپ بەردى.دۇنيا جامائەتچىلىكىنىڭ مەۋھۇملىق ئىچىدىن كېلەچىگىنى يارىتىشتەك ئېڭى يېتىلىپ ئېلىكترون تېخنىكىسىنىڭ ،بوسۇغىسىدىن ھالقىپ كىرىشىگە ئايۋان-سارايلىرىنىڭ ئىشىگىنى كەڭ ئېچىۋەتتى.مانا بىزمۇ شۇنىڭ جۈملىسىدىن بولۇپ، تالاي يىللار ئىلگىركى خېرە تارىخىمىزنى بۈگۈنگە ئۇلاشتۇرۇش مىللى مەدەنىيەتنى چۈشۈنۈش ، دىل، تىل بىردەكلىكىنى ھاسىل قىلىش ئۈچۈن يەنىلا مۇشۇ ئېلىكترون تېخنىكىىسىدىن پايدىلنىپ ئۇقارمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىۋاتىمەن.
"7u"d4h-:( 4Fht(B| ئوز گېپىمىزگە كەلسەك: نەۋائيىدىن كېيىنكى 500 يىل مابەينىدە ئىچكى ئاسىيادىكى بۇ سىرلىق بالا ياتقۇدا ھاياتى كۈچى تولۇپ تاشقان يېڭى مەدەنىيەتنىڭ تۆرەلمىللىتى بىخلىيالمىدى.بۇ يەردە شەرىق تېرىمچىللىرىدەك كىشىلىك مۇناسېۋەت ھەققىدە چىگىش ئىتنىكىلىق مەسلىلەر ۋە ئائىلە ،نەسەپ ئەھكاملىرى مۇھاكىمە قىلىنمىدى؛ ھىندىستانلىقلاردەك مېتا-فىزىكىغا باي،پانىي ئالەمنىڭ چەكسىزلىكىگە مەھلىيا بولىدىغان ئوي-خىياللار بولىنمىدى؛غەرىپلىكلەردەك شەخىسنىڭ قەدىر-قىممىتىنى ،ئەقلى يۈكسەكلىگىنى كەسكىن ئەمىليەتچانلىقىنى ئوز ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ مىزانى قىلىدىغان پەلسەپە تېخىمۇ ۋۇجۇتقا كەلمىدى.بۇ يەردە پەقەت قۇم بارخانلىرىنىڭ سۈررەڭ ،زېرىكەرلىك جىمجىتلىقىغا ئوخشاش چىدىغۇسىز سۈكىنات ؛پىنھان ئاندا-ساندا كورىلىپ قالىدىغان غۇۋا ھاياجان؛قۇرغاق،چاڭقاق ئىستەك؛ئاخىرقى نۇقتىغا يېتىشنى ئويلىمايدىغان سەۋېرسىزلىك ھوكىم سۈردى. تېخىمۇ توغرىسى،يېڭىدىن گۈللىنىشكە ئېرىشكەن ياۋرۇپالىقلار مەۋىج ئۇرۇپ تۇرغان ئاتلانتىك ئوكياندا ،تەۋەككۇلانە قەدەملىرى بىلەن شامال يۆلىنىشىگە قاراپ ئۈزۈپ كېتىۋاتقان كېمىللىرىنىڭ ئاپئاق يەلكەنلىرىگە يېڭى دۇنيانىڭ تارىخىنى يېزىشقا باشلىغان چاغدا ،تارىم ۋادىسى ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ ‹‹ۋاكئومى بەلبېغى›› غا كونا قۇرۇقلىقتىكى‹‹تەنھا ئارال ››غا يېقىن زامان تارىخىدىكى ‹‹ئۇنتۇلغان زونا›› غا ئايلىنىپ قالغانىدى.گويا زۇلمەتكە ئوخشايدىغان بۇ خىل مۇدھىش دەۋىر تاكى 20-ئەسىرنىڭ تاڭ نۇرى يېتىپ كەلگۈچە داۋاملاشتى.
J!gWRw5 x)Om[jZE ئۇيغۇرلار غەرىپكە كوچۇپ تارىم ۋادىسىدا مىللەتلەرنىڭ چوڭ قوشىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاندىن كېيىنكى 1000 يىلدىن ئارتۇق جەريان مىللىتىمىزنىڭ خارەكتىر ئالاھىدىلىكنى ۋە مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئاساسلىق دەۋىر ھىساپلىنىدۇ. دەرۋەقە بۇ جەرياندا مىللىتىمىزنىڭ مەدەنىيەت پىسخىكىسىنى شەكىللەندۈرگەن ئامىللار مۇرەككەپ ھەم كوپ خىلدۇر. ھالبۇكى،بىر مىللەتنىڭ مەلۇم مەدەنىيەت مۇھىيىتىدا شەكىللەندۈرگەن پىسخىك جۇغلانمىسى ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قانچە ئامىلنىڭ مۇھىم رول ئوينىشى ،باشقا قوشىمچە ئامىللارنىڭ مۇئەييەن تۈرىتكىسى نەتىجىسىدە ئىشقا ئاشىدۇ ئۇزۇن تارىختىن بۇيان بىزنىڭ ئاتا-بوۋىللىرىمىز تەكلىماكان چوللىكىدىن ئىبارەت بۇ سىرلىق بالا ياتقۇنى قۇچاغلاپ ياشاپ كەلگەنىدى.بۇ سىرلىق بالا ياتقۇغا مىللىتىمىز ئوز بېشىدىن كەچۈرگەن يالاي سەزگۈرەشتىلەر -خوشاللىقمۇ، ئازاپمۇ، ۋەھىمىلىكمۇ، گۈزەللىكمۇ يۇغۇرۇلغانىدى. تەكلىماكان ئۇلار ئۈچۈن ‹‹مېھرىبان ئانا›› ئىدى .ئۇلار ئۇنى ئۇلۇغلايىتتى ئۇ توغرىلىق گۈزەل رىۋايەتلەرنى توقۇيىتتى .ئۇنىڭ باغرىغا كومۈلگەن گۈزەل شەھەرلەردىن بەزى - بەزىدە ئاڭلىنىپ قالىدىغان مۇڭلۇق ناخشا سادالىردىن،توخۇلارنىڭ چىللاشلىرىدىن،تۇلپارلارنىڭ كىشنەشلىرىدىن،توگە كارۋانلىرىنىڭ كولدۇرما ئاۋازىدىن سۈيۈنىپ كىتەتتى. قەلبىدە مۇھاببەت ئويغانغان يىگىت - قىزلار گويا ئانىلارنىڭ ئەمچەكلىرىگە ئوخشايدىغان سانجاق - سانجاق قۇم بارخانلىرىنىڭ ئۈستىدە ئوڭدىسىغا يېتىۋېلىپ تولۇن ئاينىڭ كوتۈرۈلىشىنى كۈتەتتى.... خۇددى ئەلگە تۇنۇلغان ئەدىپلىرىمىزدىن مەمتىمىن ھوشۇر ئاكا ئېيىتقاندەك: ‹‹ چول ئۇلارنىڭ ۋەتىنى، ئانىسى، كوڭىل خوشى ئىدى. شۇڭا چولنىڭ گۈزەللىكىنى پەقەت چول پەرزەنىتلىرىلا بىلىدۇ......... بۇ يەردە تەبىئەت ھىچ بىر ھاياتلىقنى پەپىلمەيدۇ؛ ھەممە نەرسە ئوزىنىڭ قايىتماس ئىگىلمەس روھىغا تايىنىپلا مەۋجۇت بولىپ تۇرالايدۇ !.....››. دېمەك،مىللىتىمىزنىڭ خارەكتىرىنىڭ يېتىلىشى ۋە ئىچكى پىسخىك جۇغلانمىنىڭ تەركىبىدە تەكلىماكاندىن ئىبارەت بۇ سىرلىق جەزىرىنىڭ قۇرغاق، ئىنسان بىلەن تەبىئەتتىن تاشقىرى بىر ئىلاھى كۈچ ئوتتۇرسىدىكى باغلىنىشىنى ئوز ئىزدىنىشلىرىنىڭ مەقسىدى قىلىدىغان مەنىۋى ھالەت ئوز ئىزلىرىنى قالدۇرغان.
loVvr"&g }qX&*DU_@ قايسى بىر پەيلاسۇپ: ‹‹دېھقىنى بار مىللەت يوقالمايدۇ›› دەپتىكەن دەرۋەقە، نىسبەتەن مۇقىم بولغان تېرىم ھاياتى داۋامىدا دېھقانلار شۇ مىللەتنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنى ساقلىغۇچى ۋە ئەۋلاتتىن ئەۋلاتقا داۋاملاشتۇرغۇچى گەۋدە ھىساپلىنىدۇ. چۈنكى ئوز نېسىۋىسىنى ئۆز يېرىنىڭ ھوسۇلىدىن ئېلىپ ،‹‹ يەر ئالتۇن قۇزۇق›› دىگەن ئەقىدىگە قاتتىق ئېسىلىپ ياشايدىغان دېھقانلارنىڭ ۋۇجۇدىدا سۇ، ئوت مەنبەلىرىنيى قوغلىشىپ ، تېنىمسىز كوچۈپ تۇرۇدىغان چارۋىچىلارغا قارىغاندا جاھىل ،مۇقىم ،ئېغىر - بېسىق ، ئەنئەنە ئۇدۇملىرىنى ئۈزۈپ قۇيۇشنى خالىمايدىغان ، ئۆز نىسىۋىگە شۈكرى قىلىپ ياشايدىغان خارەكتىر ئۈستۈن ئۈرۈننى ئىگەللەيتى ، مىللىتىمىز تەكلىماكان چۈلىنىڭ ئۈزۈن ۋە زىرىكەرلىك تۈنلىرى بىلەن ئاتەش ئاپتاپلىرىنى دېھقانغا خاس سەۋرىچان جىسمىغا سىڭدۇرۇپ،يىراق تارىخنى بۈگۈنگە ئۈلىدى. ئەگەر بىر مىللەتنىڭ دىھقالىرى مەۋجۇتلا بولىدىكەن ، شۇ مىللەتنىڭ مەنۋى تىندۇرمىسىدىكى ماھىيەتلىك ئىنىرگىيە مەڭگۈ ئۈزۈلۈپ قالمايدۇ . ئۆز نۈۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ دىھقانلىرى سىرتقى مەدىنىيەتنىڭ غىدىقلىشى ۋە رادىئاتسىيەلىنىشىگە ئۆز ۋۇجۇدىدىكى جاھىللىقى بىلەن قارشىلىق كۆرسىتىپ ئىككى مەدىنىيەتنىڭ ئۇچۇرشىشىدىن كىلىپ چىققان تەڭپۇڭسىزلىقىنى تىنىچلاندۇرىدۇ.
Z["nY&.sI مۇنبەر مەدەنىتى -تىل سەنئىتى ۋە ئېلىكترون كەشپىياتىنىڭ قۇشۇلىشى بىلەن مەيدانغا كەلگەن چوڭ ئىستىلاسىدۇر.
544I#! z Clm'X/ تىل سەنئىتى- مۇنبەرچىلىكىمىزنىڭ ھاياتى كۈچىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم بولغان يادرولۇق قىممىتىگە ئىگە. تىل- تەڭرىنىڭ ئىنسانلارغا ئاتا قىلغان ئەڭ زور كاتتا سوغىللىرىدىن بىرى. يېزىق- تەڭرىنىڭ ئىنسانلارنى ھايات قايناملىرىدا چېنىقتۇرۇش جەريانىدا مۇھتاجلىقتا ئويغانغان تەپەككۇرىغا مەدەت بېرىپ ، ئىنسانلار ئارقىلىق روياپقا چىقارغان موجىزلىرىدىن بىرى. تىل ھەم يېزىق شۇنىڭ ئۈچۈن سۈيۈملىك ھەم قەدىرلىكتۇر. بۇ ھەقتە: تەڭرىنىڭ ئنسانلارنىڭ پەخرى بولغان ‹‹ ئادەم ئاتا ›› نى يارېتىش جەريانىدىكى پەرىشتىلەر بىلەن بولىنغان ‹‹ دىئالوگ ›› لاردىن چۈشۈنۈش ئانچە قىيىن ئەمەس. تىل - ئىنسانلارنىڭ مۇھىم بولغان ئالاقە قورالى .‹‹ ماركىزىملىق مىللەتلەر نەزەريىسى ›› پەلسەپە نۇقتىسىدىن ئېيىتقاندىمۇ تىل - يېزىق بىر مىللەتنىڭ ، مىللەت بولىپ شەكىللىنىشىدە كام بولسا بولمايدىغان توت ئاساسى پىرىنسىپنىڭ بىر بولىكىنى تەشكىل قىلىدۇ.تارىخى ماتېريالدا خاتىرلىنىشىچە ئەجداتلىرىمىز ،ئىپتىدائى دەۋىردىن بۈگۈنگە قەدەر 17خىل تىل 24 خىل يېزىقنى قوللىنىپ كەلگەنلىكى خاتىرلەنگەن بولسىمۇ ، بۇ توغرىسىدا كونكىرىتراق قىلىپ تەپسىلى تۇنۇشتۇرۇلغان تارىخى مەنبەئىلەرگە ئۇلۇشالمىدىم.
].+G-<.: aD`e]K ^L دىمەك، بىزدىكى كوپ قېتىملىق ئېتىقاد ئالماشتۇرۇشتىن كېلىپ چىققان قايتا قۇرۇش تۈنۈگۈننى ئۇنتۇپ بۈگۈننى يارىتىش پىسخىكىسى مىللىتىنىزنىڭ ئاسان قىزىپ تېز سوۋۇيدىغان ،ئۈزۈكلىك ئىچىدە چاقناشنى ئستەيدىغان،تېنىمسىز تەۋرېنىپ تۇرۇدىغان خارەكتىرىنى بەلگىلەپ قويدى. مىللىتىمىزنىڭ شامان،مانىي،بۇددىزىم،زورا ئاستىر،نېستورى ۋە ئىسلام قاتارلىق دىنلارنىڭ ھەممىسىگە بىر قېتىمدىن ئېتىقاد قىلىپ باققانلىقى،تالاي قېتىم يېزىق ئالماشتۇرغانلىقى ،ئوز تىلىدا نۇرغۇن تىللارنىڭ ئېلىمىنىتلىرىنى ساقلىيالىغىدەك تارىخى پاكىتلار ئۇلارنىڭ مۇرەككەپ كوپ قىرلىق خارەكتىرىنى ئېنىق كورسىتىپ بېرىدۇ.
#NxvLW/
x
a,LV توردىكى تىل قەھەتچىلىكى
Y2$`o4*3
ZuV ئانا تىل - مۇقەددەس ھەم سويۈملىكتۇر. بىر مىللەت سۈپىتىدە پۇت تېرەپ تۇرۇشنىڭ ئاساسىدۇر. ئانا تىلىمىز - چىن مېھرىمىز بىلەن سۈيۈشكە، سويۇلىشكە تەپەككۇر قۇشلىرىمىزنى كەڭ قۇيۇۋېتىپ ، تەتقىق قىلىشقا ، رەتلەشكە، ئىسلاھ قىلىشقا مۇھتاج.
T1TZ+\ zL{@LHP بۇ ھەقتە 12 خىل يېزىقتا ئەسەر يازالايدىغان 20 نەچچە خىل تىلدا راۋان سوزلىشەلەيدىغان روسىيەلىك بىر تىلشۇناسنىڭ تىل توغرىسىدا ئوتكۈزۈلگەن خەلقئارالاق مۇھاكىمە يىغىنىدا سوزلىگەن نۇتقىدا ،تىل توغرىسىدا توختۇلۇپ: ‹‹ھەر قانداق بىر ئادەم ،ئوزىگە يات بولغان بىر تىلنى ئۈگۈنىمەن دەيدىكەن ،ئوز ئانا تىلىغا مۇكەممەل بولماي تۇرۇپ ئىككىنچى بىر تىلغا مۇكەممەل بولالمايدۇ .باشقا تىللارنى ئوگۈنىشتىن ئىلگىرى ئانا تىلىنى مۇكەممەل ئوگۈنىشنى ئالدىنقى شەرىت قىلىشى كېرەك.›› دەپ ئېنىق كورسەتكەنىدى.مەن بۇ قۇرلارنى ئون نەچچە يىل ئىلگىرى ئۇقۇۋاتقىنىمدا قانچىلىك سويۈنىش ھەم ھاياجان ئىلكىدە .ئوقۇپ چىققانلىقىم ھېلىھەم ئېسىمدە. ئاشۇ ئىككى كەلىمە ھىكمەت لىك سوزلەرنىڭ ئىلھامى بىلەن ئۇيغۇر تىلى گىراماتىكىسى ھەم ئۇيغۇر تىلىغا دائېر ماتىرياللارنى نەچچە يىل قولىمدىن چۈشۈرمىگەنىدىم. ئەتراپىمىزغا نەزەر سالساق پىيادىلەر يولىدا ، قايناق ئاشپۇزۇللاردا،دوستلار يىغىلىشىدا ،توي - توكۈنلەردە ،ئاۋازلىق چايخانىلاردا،ھەتتا QQ توپىدا ئوز مىللىتىگە يات تىلدا سوزلىشىشنى مەدەنىيەت ھىساپلايدىغان كىشىلەرنى دائىم ئۇچۇرتۇپ تۇرۇمىز. ئەسلىدە ئوزىمىزگە يات بولغان تىلنى ئوگۈنۈش شەرەپلىك ھەم ياخشى باشلىنىش.ئۇ پەقەت ، باشقا ئەللەر بىلەن ئىلىم،مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇش،سودا - سېتىق،تەرەققىيات ئەھۋالى، ئورىپ - ئادىتى، مەدەنىيىنى چۈشۈنىش ئۈچۈن مۇھىم بولغان كوۋرۈكلىك رولىنى ئوينايىتتى.ئەجىبا بۈەۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئوز مىللىتىگە ئوز تىلىدا چۈشەنچە بېرەلمەي،باشقا تىلغا مۇراجىئەت قىلىشتەك ئەھۋاللارنىڭ كۈنسايىن ئېشىپ بېرىشى، ھەر بىر ۋىجدان ئىگىسىنى ئويغا سالىدۇ.ئەنە شۇنداق كىشىلەرنىڭ شالغۇت پىسخىكىسىدا شەكىللەنگەن ئەسەبىلىك قاراشلىرىنىڭ ‹‹ ئانا تىل ›› ئورنىغا ، يات تىلنى دەسسىتىشكە ئورۇنۇشلىرى كۈندىن كۈنگە غېرىپلىقى ئېشىپ بېرىۋاتقان ئانا تىل نىڭ چوڭ خىرىسقا دۇچ كېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى ئانا تىل نى ئۇنتۇش نىھايەت چوڭ گۇناھ ھىساپلىنىدىغان تۇرسا ، ئانا تىلنى شالغۇتلاشتۇرۇشنىڭ نەقەدەر چوڭ جىنايەت ئاسىيلىقتىن ،كۇپرىلىقتىن دېرەك بېرىدىغان ۋىجدانسىزلىق ،پەسكەش قىلمىش ئىكەنلىكىنى ئويلاپ بېقىشمىدى.مەركىزى كومتېتنىڭ ‹‹ئاز سانلىق مىللەتلەر ئوز - ئارا ئوز تىل يېزىقىنى قوللىنىش ھەم تەتقىق قىلىپ ئوز مەدەنىيەتلىرىگە ۋارىسلىق قىلىش كېرەك ››دىگەن چاقىرغىقىغا ئۇرۇن قويمىدى .مەرھۇم بوۋىمىز ،مۇتەپپەككۇر ئالىم ،پەيلاسۇپ تىل تەتقىقاتچىسى مەھمۇت قەشقىرى ‹‹تۇرك تىللار دىۋانى›› دا يۈكسەك ئارمانلار بىلەن ئۆز مەخسىتىنى بايان قىلىپ : ‹‹.....تۈرك تىلىنىڭ ئەرەپ تىلى بىلەن بەيگىگە چۈشكەن ئىككى ئاتقا ئوخشاش تەڭ چېپىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ......ئەبەدىي يادىكارلىق ۋە پۈتمەس - تۈگىمەس بايلىق بولۇپ قالسۇن دەپ ....... بۇ كىتاپنى تۈزۈپ چىقتىم ۋە ئۇنىڭغا ( دىۋانە لۇغەتتىك تۈرك ) دەپ ئات قويدۇم ›› دەپ ئەبەدىي پۈتۈكلەرنى يىزىپ قالدۇرۇشلىرى ئەلشىر نەۋايى ئۆز زامانىسىدا پارس تىلى بىلەن تىركىشىپ جان تەلپۇز قىلىۋاتقان تۈرك تىلىنى چۇڭقۇر تەتقىق ھەم ئىسلاھ قىلىپ ‹‹تۈركىي ھۈنەرىس›› (تۈركىي تىلى ھۈنەر -سەنئەت تىلى ) دەپ ئاتاپ ئۆتكۈر قەلەملىرى ئارقىلىق پۈتۈلۈپ چىققان ‹‹مۇھاكىمەتۇل لۇغەتەيىن ›› دىگەن كىتاپىدا : ‹‹.....بۇ سۆزلەردىن دۈشمەنلىرىم بىلەن مۇخالىپلىرىم مېنى ئۆزىنىڭ تەبىئىتى تۈركىي تىلغا مايىل بولغانلىقى ئۈچۈن بۇ تىلنىڭ تەرپىنى مۇبالىغا قىلىۋاتىدۇ ، پارس تىلى بىلەن ئانچە ئالاقىسى بولمىغاچقا ئۇنى رەت قىلىشتىمۇ گەپنى ھەددىدىن ئاشۇرۋەتتى دەپ گۇمان قىلىشمىسىۇن . ھالبۇكى پارس تىلى تەتقىقاتىدا ۋە پارسچە سۆزلەردىن پايدىلىنىشتا ھىچكىم تېخى مەنچىلىك ئىش قىلانىغىنى يوق بۇ تىلنىڭ ئارتۇق ۋە كەم تەرەپلىرىنى ھىچكىم مەندەك بىلمەس . تۈركىي سۆزلەرنى كۆپ ھاللاردا ئەڭ ئۇششاق ئۇقۇملار ئۈچۈنمۇ مۇبالىغا يولى بىلەن مەخسۇس سۆزلەرنى ھۇجۇتقا كەلتۇرگەن بۇنى شۇ تىلنىڭ ئىگىللىرى چۈشەندۈرۈپ بەرمىگىچە ،باشقىلار ئۇنىڭ تىگىگە يىتەلمەيدۇ . ›› دەپ يازغان تارىخى پۈتۈكلىرى توپا باسقان ھالەتتە قالدى. ياكۇپ كېرىمنىڭ : ‹‹بىر مىللەتمىڭ تىلى ئۆز نۆۋىتىدە شۇ مىللەتنىڭ تارىخىدۇر ›› دىگەن ھېكمەتلىرىمۇ ئۇلارنى ھىچ ئويغا سالدىغاندەك ئەمەس .
?Qp_4<(5 t`D@bzLC%