بىسمىللاھىر رەھمانىر رەھىم
57HMWlg @YT=
- مۆھتەرەم قېرىنداشلار! مۇبارەك رامزان ئېيى يېتىپ كەلدى. ھەممىمىزگە مەلۇم بۇ، كۈندۈزلىرى روزا تۇتۇلىدىغان، كېچىلىرى باشقا ئايلارنىڭ كېچىلىرىگە قارىغاندا نەپلە ناماز ئوقۇشقا ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىلىدىغان ۋە قۇرئان كەرىم كۆپ تىلاۋەت قىلىنىدىغان ئايدۇر.
_b#9^2o بۇ، مەسچىت-جامەلەر تائەت-ئىبادەتلەر بىلەن ئاۋاتلشىپ كېتىدىغان، ئۆيلەر زىكىر-تەسبىھلەر بىلەن جانلىنىپ كېتىدىغان، روزا تۇتۇش يېشىغا يەتمىگەن بالىلارمۇ ھاياجانغا تولۇپ تاشىدىغان ئايدۇر.
mX "z$ بۇ، پېقىر-مىسكىنلەرگە غەمخورلۇق قىلىنىدىغان، يېتىم-يېسىرلەرنىڭ بېشى سىلىنىدىغان ۋە غېرىپ-غۇرۋالارغا ياخشىلىق قىلىنىدىغان ئايدۇر. مىڭ ئايدىن ياخشى بولغان قەدىر كېچىسى بۇ ئايدا ئۆتىدۇ.
e"2 wXd_} قېرىنداشلار! بۇ ئايدا روزا تۇتۇش ئارقىلىق بىر تەرەپتىن نەپسىمىزنى پاكلىساق، يەنە بىر تەرەپتىن پېقىر-مىسكىن ۋە ئىگە-چاقىسىز كىشىلەرنىڭ ھەر كۈنى تارتىۋاتقان قىيىنچىلىقىنى تونۇپ يېتىپ، ئۇلارنىڭ دەردىگە دەرمان بولۇش ئۈچۈن قولىمىزدىن كېلىشىچە تىرىشىشىمىزكېرەك.
<'s1+^LC بۇ ئايدا يەنە دىلىمىز ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى ئۈستىدە پىكىريۈرگۈزۈش بىلەن، تىلىمىز ئاللاھغا ھەمدۇسانا ئېيتىش بىلەن مەشغۇل بولسۇن. قەلبىمىزنى شېرىك ئەقىدە، باتىل كۆزقاراش ۋە خاتا چۈشەنچەلەردىن پاكلايلى. كۆڭلىمىزدىن ئاداۋات، ھەسەت ۋە يامان نىيەت قاتارلىق ئىللەتلەرنى چىقىرىپ تاشلايلى!
> m5j.GP; پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ باشقا ئايلارغا قارىغاندا بۇ ئايدا بەكرەك خەير-ساخاۋەت قىلىشى، قۇرئان كەرىمنى كۆپ ئوقۇشى، نەپلە ئەمەللەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىشى، ئولتۇرسا-قوپسا ئاللاھغا يالۋۇرۇپ دۇئا قىلىشى بىز ئۈلگە ئېلىشقا تېگىشلىك ئىشلاردۇر.
M/B_-8B_D قېرىنداشلار! شۇڭا بىز دىنىمىزنىڭ ئەركانلىرىدىن بىرى بولغان رامزان روزىسىنى تولۇق تۇتۇشقا ۋە بۇ مۇبارەك ئاينىڭ پۈتكۈل ۋاقىتلىرىنى غەنىمەت بىلىپ ئىبادەت بىلەن ئۆتكۈزۈشكە تىرىشايلى!
=3& WH0 روزا تۇتۇش ماددىي جەھەتتىن يېمەك-ئىچمەكنى، مەنىۋى جەھەتتىن يالغان سۆزلەشنى ۋە خاتا ھەرىكەتلەرنى قىلىشنى تەرك ئېتىش بىلەن ئەمەلگە ئاشىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ «روزىدارتۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمىگەنلەرنىڭ يېمەك-ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە ئاللاھ تەئالا موھتاج ئەمەس»[1] دېگەن سۆزى بۇنى ئىپادىلەيدۇ
aY"qEH7] بۇ ئاينىڭ روزىسى توغرۇلۇق كەلگەن ئايەت ۋەھەدىسلەرگە قارايدىغان بولساق ئارتۇق سۆزگە كېرەك قالمايدۇ:
;9;.!4g/T ئايەتلەر:ئاللاھ تەئالا مۇنداق دەيدۇ:
EJL45R> (ئى ئاللاھ! مېنى قوغلاندى شەيتاندىن ساقلىسلا)
v[HxO?x^ «ئى مۇئمىنلەر! سىلەرگە روزا پەرز قىلىندى. بۇ، سىلەردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرگىمۇ پەرز قىلىنغان. روزىنى تۇتۇپ تەقۋادار بولغايسىلەر.
ko ~iDT ئۇ روزا ساناقلىق كۈنلەردە پەرز قىلىندى. سىلەردىن كېسەل ياكى يولۇچى بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىغانلار، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسۇن. ئۇنى تۇتالىغانلارنىڭ فىدىيە بېرىشى كېرەك. فىدىيە بىر مىسكىن تويغۇدەك مىقداردا تائامدۇر. كىم ئۆز ئىختىيارى بىلەن بۇنىڭدىن ئارتۇق بەرسە، ئۆزى ئۈچۈن ياخشىدۇر. ئەگەر بىلسەڭلار روزا تۇتۇشۇڭلار سىلەر ئۈچۈن ياخشىدۇر.
85nUR[)h ئۇ ساناقلىق كۈنلەر رامزان ئېيىدۇر. رامزان شۇنداق بىرئايكى، ئىنسانلارغا توغرا يولنى كۆرسىتىدىغان، توغرا يولنىڭ ۋە ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى ھۆكۈملەرنىڭ دەلىللىرى بولغان قۇرئان ئۇ ئايدا نازىل قىلىنغان. سىلەردىن كىم بۇ ئايغا يېتىشسە، ئۇنى روزا بىلەن ئۆتكۈزسۇن. كېسەل ياكى يولۇچى بولۇپ روزىسىنى تۇتالمىغانلار، باشقا كۈنلەردە بىر كۈنگە بىر كۈن تۇتسۇن. ئاللاھ سىلەرگە ئاسانلىقنى ئىرادە قىلىدۇ، تەسلىكنى ئىرادە قىلمايدۇ. ساننى تولۇقلىغايسىلەر2، سىلەرگە توغرا يولنى كۆرسەتكەنلىكى ئۈچۈن ئاللاھنى ئۇلۇغلىغايسىلەر ۋە شۈكۈرقىلغايسىلەر.
@.MM- بەندىلىرىم سەندىن مېنى سورىسا، بىلسۇنلاركى مەن، ئۇلارغا بەك يېقىن. مەن، ماڭا دۇئا قىلغۇچىنىڭ دۇئاسىنى ئىجابەت قىلىمەن. ئۇنداقتا ئۇلارمۇ مېنىڭ دەۋىتىمنى قوبۇل قىلسۇن ۋە ماڭا ئىمان ئېيتسۇن. شۇنداق قىلسا كامالەتكە يېتەلەيدۇ.
6
rmK_Y روزا تۇتقان كۈنلىرىڭلارنىڭ كېچىلىرىدە ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولۇش سىلەرگە ھالال قىلىندى. ئۇلار سىلەر ئۈچۈن بىر كىيىمدۇر، سىلەرمۇ ئۇلار ئۈچۈن بىر كىيىمسىلەر. ئاللاھ سىلەرنىڭ، نەپسىڭلارنى يېڭەلمەيۋاتقانلىقىڭلارنى بىلەتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن تەۋبەڭلەرنى قوبۇل قىلىپ، سىلەرنى ئەپۇ قىلدى. ئەمدى بۇنىڭدىن ئېتىبارەن كېچىلىرى ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەدە بولۇپ، ئاللاھنىڭ سىلەرگە تەقدىر قىلغىنىنى تەلەپ قىلىڭلار. تاڭنىڭ ئاق سىزىقىنى قارا سىزىقىدىن ئېنىق ئايرىغىنىڭلارغا قەدەر يەپ-ئىچىڭلار. ئاندىن روزىنى كېچىگە قەدەر داۋاملاشتۇرۇڭلار. مەسجىدلەردە ئېتىكاپتا ئولتۇرغان چېغىڭلاردا ئاياللىرىڭلار بىلەن بىر يەردە بولماڭلار. بۇلار، ئاللاھ بەلگىلىگەن چېگرالاردۇر؛ ئۇلارغا يېقىنلاشماڭلار. ئاللاھ ئىنسانلارنى زىيانلاردىن ساقلانسۇن دەپ ئۇلارغا ئايەتلىرىنى ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ»[3].
! 4i بەزى ھەدىسلەر:پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداقدەيدۇ:
@ZT2
5CD «رامزان ئېيىدا ئىشەنگەن ۋە ساۋاب ئۈمىد قىلغان ھالدا روزاتۇتقانلارنىڭ بۇرۇنقى گۇناھلىرى مەغپىرەت قىلىنىدۇ»[4].
jixU9] «روزا گۇناھلاردىن ساقلايدىغان قالقاندۇر. سىلەرنىڭ بىرىڭلارروزا تۇتقان كۈندە ناشايان سۆزلەرنى قىلمىسۇن، جېدەل-ماجرا تۇغدۇرۇپ چوقان كۆتۈرمىسۇن، ئەگەر بىرەر كىشى ئۇنى تىللىسا ياكى ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇشسا ‹مەن روزىدارمەن› دېسۇن. ئاللاھ بىلەن قەسەمكى، روزىدار ئادەمنىڭ ئاغزىنىڭ ھىدى ئاللاھ تەئالانىڭ دەرگاھىدا ئىپارنىڭ بۇيىدىنمۇ خۇش پۇراقتۇر. روزىدار ئادەمگە ئىككى تۈرلۈكخۇشاللىق بولىدۇ؛ بىرى ئىپتار قىلغاندا، يەنە بىرى پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولغاندا؛ ئۇ روزا تۇتقانلىق ئۈچۈن ئاللاھ تەئالا تەييارلاپ قويغان نازۇنېئمەتلەردىن خۇشال بولىدۇ»[5].
!fz`O>-mZ «روزىدار تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى ۋە يالغان سۆز بىلەن ئىش قىلىشنى تەرك ئەتمىگەنلەرنىڭ يېمەك- ئىچمەكنى تەرك ئېتىشىگە ئاللاھ تەئالا موھتاج ئەمەس»[6].
/$ L;m «جەننەتتە رەييان دەپ ئاتىلىدىغان بىر ئىشىك بولۇپ، قىيامەت كۈنى ئۇنىڭدىن پەقەت روزا تۇتقانلارلا كىرىدۇ، باشقىلار كىرەلمەيدۇ، روزا تۇتقۇچىلار قەيەردە؟ دېيىلسە، روزا تۇتقۇچىلار ئورنىدىن تۇرۇپ ئۇ ئىشىكتىن جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇ ئىشىكتىن ئۇلاردىن باشقا بىرى كىرەلمەيدۇ، ئۇلار كىرىپ بولغاندا ئۇ ئىشىك تاقىلىدۇ، باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدۇ»[7].
E<~/AReo «رامزان ئېيى كىرگەندە جەننەتنىڭ دەرۋازىلىرى ئېچىلىدۇ، دوزاخنىڭ دەرۋازىلىرى تاقىلىدۇ، شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنىدۇ»[8].
h=)Im) «ئاي كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاي كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ھاۋا بۇلۇتلۇق بولۇپ قالسا شەئبان ئېيىنى 30 كۈن قىلپ تاماملاڭلار»[9].
tT'd] «رامزان كىرىشتىن ئاۋۋال روزا تۇتماڭلار، ئاينى كۆرۈپ روزا تۇتۇڭلار، ئاينى كۆرۈپ ئېغىز ئېچىڭلار، ئەگەر ئاي بۇلۇتلۇق بولۇپ، يېڭى ئاينى كۆرگىلى بولمىسا شەئبان ئېيىنى 30 قىلىڭلار»[10].
x6F\|nb «زولۇق يەڭلار. چۈنكى زولۇقتا بەرىكەت بار»[11].
iiRK3m «زولۇق يېيىش ئەھلى كىتابنىڭ روزىسى بىلەن بىزنىڭ روزىمىز ئارىسىدىكى بىردىنبىر پەرقتۇر»[12].
BPi>SI0 «ئىپتارنى بالدۇر قىلغانلار مېنىڭ سۈننىتىم بويىچە ئىش قىلغان بولىدۇ»[13].
E1VCm[j2 «كېچە كىرىپ كۈندۈز كەتكەندە، كۈن پاتقاندا روزىدار ئادەم ئىپتار قىلسا بولىدۇ»[14].
fpoH7Jd V «بىرىڭلار ئىپتار قىلماقچى بولسا خورما بىلەن ئېغىزئاچسۇن، ئەگەر خورما تاپالمىسا سۇ بىلەن ئېغىز ئاچسۇن، چۈنكى سۇ پاكتۇر»[15].
^hbh|Du «روزىدار ئادەم ئېسىدە يوق يەپ سالسا ياكى ئىچىپ سالسا روزىسىنى بۇزماي تۇتۇۋەرسۇن. چۈنكى، ئۇنى ئاللاھ تەئالا يېگۈزگەن ۋە ئىچكۈزگەن بولىدۇ»[16].
}KZ/>Z;^ تىرىشچانلىق بىزدىن، مۇۋەپپەقىيەت ئاللاھدىندۇر.
u,oxUySeG ************************************************************************************************
'^P
Ud` o AQ92~b 6`+DBr YQ?|Vb
U [1]- بۇخارى رىۋايەت قىلغان
8vUP{f6 { [2]- رامزان ئېيىدا روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان، لېكىن سىلەر سەپەر مۇناسىۋىتى بىلەن رۇخسەتتىن پايدىلىنىپ بۇ ئايدىن روزا تۇتمىغان كۈنلەرنىڭ ئورنىغا سەپەردىن قايتقاندىن كېيىن بىر كۈنگە بىر كۈن روزا تۇتۇش ئارقىلىق روزا تۇتۇلۇشى پەرز بولغان كۈنلەرنىڭ سانىنى تولۇقلىغايسىلەر.
O<%U*:B [3]- بەقەرە 2/183-187.
sIELkF?. [4]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەتقىلغان.
-Fl3m [5]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
kfmIhHlYQ [6]- بۇخارىرىۋايەت قىلغان.
;$0za]x [7]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەتقىلغان.
W<9GwMU [8]- بۇخارى ۋە مۇسلىمرىۋايەت قىلغان.
;=e A2 [9]- بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
Rx'7tff%I [10]- تىرمىزى رىۋايەتقىلغان.
4wNxn
lP [11]- بۇخارى ۋەمۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
E!Ng=}G&_ [12]- مۇسلىم رىۋايەتقىلغان.
}D=h
"\_= [13]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
ltD:w{PO] [14]- بۇخارى ۋە مۇسلىمرىۋايەت قىلغان.
}B]FHpi [15]- ئەبۇداۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان.
-D
V;{8U4 [16]- بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.
q#WqU8~Y 0,/[r/=jT http://www.musulmanlar.com/?p=1390[ بۇ يازما alafasy تەرپىدىن 2011-07-17 12:39 PM دە ق ]