ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم. بۇ مەرىفەت مۇنبىرىدىكى قېرىنداشلار ئاللاھ رىزالىقى ئۈچۈن تەييارلىغان دەرسلىك بولۇپ، ئاۋازلىق ھۈججەت ئاساسىدا رەتلەنگەن ئىكەن. يوللاپ قويدۇم.
H "/e% دەرسىمىزنىڭ بىرىنجى ماۋزۇسىنى ئىخلاس ماۋزۇسى قىلىپ تاللىماقچىمەن ،چۈنكى ھەربىر ئەمەل ئاشكارسىدە قانداق كاتتا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر كۆرىنىشىدە قانچىلىك تىرىشچانلىق بولۇشىغا قارىماستىن ئۇنىڭ تېگىدە (ئۇ ئەمەلدە)ئىخلاس بولمىسا بۇئەمەل بىكار ئەمەلدۇر .ئەمما كۆرىنىشى كىچىك ئەمەل بولۇشىغا قارىماستىن ئۇنىڭ تىگىدە (ئۇئەمەلدە) ئىخلاس بولسا بۇئەمەل ﷲ سبحانە وتعالانىڭ ھوزورىدىكى مەقبۇل (قۇبۇل بولىدىغان)ئەمەلدۇر .شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بىز ياخشى چۈشەنمەكلىكىمىز كېرەككى ئىسلام دىندىكى موھىم ئاساسلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى ھەربىر قىلۋاتقان ئەمەللەردە(ئىبادەتلەردە) ﷲ قا ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلىش شەرتتۇر.ئىخلاسقا زىت بولغان نەرسىلەردىن پۈتۈنلەي ئېھتىيات قىلىش شەرتتۇر.
}T(q "Vf~ ku8Z;ONeH شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بەزى ئالىملار:مەن دىنغا ئالىم بولغان كىشىلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت ئادەملەرگە قىلۋاتقان ئەمەللىرىدە نىمىنى مەقسەت قىلىدىغاننى ئۆگىتىدىغان ئالىملار بولۇشىنى خالايتىم، ۋە نىيەت ئەمەللىرى ھەققىدە كىشىلەرگە دەرس بېرىدىغان مەخسۇس كىشىلەر بولۇشىنى خالايتىم .چۈنكى ئادەملەرگە كەلگەن ھەممە مۇسىبەت شۇ ئىخلاس سۈپىتىنى يوقاتقانلىقتىن پەيدا بولغان.- دىگەن ئىكەن. قەلب ئەمىلى :ئىخلاس قەلب ئەمىلى ئىنسان ئۇنى كۆرسىتىپ بېرەلمەيدۇ. لېكىن بۇ ﷲ سبحانە وتعالا بىلەن بەندە ئوتتۇرسىدىكى سىردۇر. ئەمەلنىڭ ئاشكارىسىنى بىز كۆرىشىمىز مومكىن .ئەمما بىز ئىخلاسنى كۆرەلمەيمىز. قەلب ئەمەلىنىڭ موھىملىقى شۇدەرىجىدەكى ئەھلى سۈننەت ۋەلجامائە ئىماننى تەرىپلەپ ئېيتقانىدىكى: ئىمان دىگەن نېمە؟ ئىمان تىل بىلەن ئىقرار قىلىش بۇ ئاشكارا بولىدۇ قەلب بىلەن ئېتقات قىلىش بۇ كۆرۈنمەيدۇ. شەرىئەت ئەركانلىرىگە ئەمەل قىلىش ،بۇھەم كۆرۈنىدۇ .قەلب بىلەن ئېتقات قىلىش مانا بۇ ئىخلاسدۇر . قەلبدە ئىخلاس تېپىلسا مۆمىن بولىدۇ. قەلبدە ئىخلاس تېپىلمىسا مۇناپىق بولىدۇ شۇقەلبتىكى ئىخلاس تېپىلماسلىقى بىلەن دوزاخنىڭ ئەڭ ئاستىدا بولىدۇ. تىل بىلەن ئىقرار قىلىپ شەرىئەت ئەركانلىرىغا ئەمەل قىلسا قەلبدە ئىخلاس تېپىلمىسا مۇناپىق ھالەتتە مۇسۇلمانلارنىڭ سېپىدە ياشاپ مۇسۇلمانلار قاتارىدا يۈرىۋېرىدۇ. شۇقەلبتىكى ئىخلاس تېپىلماسلىقى بىلەن مۇناپىق بولىدۇ ،تېپىلىشى بىلەن مۆمىنى كامىلغا ئايلىنىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئىخلاس سۈپىتىگە ھەربىر ئۇرۇندا ئېتبار بىرىشىمىز كېرەك.
P>cJ~FM 8IcQpn# ﷲ سبحانە وتعالا بىزلەرگە دىننى پەقەت ﷲۇسۇبھانەھۇۋەتەئەلانىڭ ئۆزىگەخالىس قىلىشقا بۇيرىدى. «ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ﷲقا خالىس قىلغان ھەق دىنغا ئېتقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ﷲقىلا ئىبادەت قلىشقا بۇيرۇلدى.> . دىننىڭ مەناسى ئىبادەتنى پەقەت ﷲ سبحانە وتعالا نىڭ ئۆزىگە خالىس قىلىشدۇر.دىننىڭ مەناسى بۇنىڭدىن باشقا ئەمەس .بىزئىخلاسنى يەنىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن. مەسىلەن:دۇنيادىكى ئەڭ كاتتا ئەمەللەرنىڭ بىرى شەرىئەت ئىلمىنى تەلەپ قىلىشتۇر.شۇنىڭ قارشىسىدا پەس ئەمەللەردىن بىرى ئەمەلنىڭ بىكار بولۇشىغا سەۋەب بولىدىغان نەرسە ئىت بېقىش، كىم ئىت باقسا ئەمىلى بىكار بولىدۇ،دېگەن سۆزلەربار(ھەۋەس يەنى مەناسىز ئىتنى باقسا) ئوۋ ئوۋلاش، ھويلىغا قارتىش، پادا باقتۇرۇش ئۈچۈن ئىت باققۇچىلار بۇنىڭ سىرتىدا. .ئىت تەگكەن قاچىنى يەتتە قېتىم يۇيۇپ سەككىزىنجىسىدەتۇپراق بىلەن يۇيۇش كېرەك .شۇندىلا قاچا پاك بولىدۇ. شەرىئەت ئىلمىنى ئۆگنىش ئەڭ كاتتا مۇكاپات ئالىدىغان ئەمەلدۇر، ئەگەر شۇشەرىئەت ئىلمىنى ئۆگىنىشتە ئىنساندا ئىخلاس تېپىلمىسا شۇنىڭ بىلەن ﷲ سۇبھانەھۇۋەتەئەلانىڭ رازىلىقى تەلەپ قىلىنمىسا ئەڭ كاتتا ئازابقا سازاۋەر بولىدۇ. ئىتنى ئۇسسۇز ھالەتتە تېپىپ ئۇنى ئىخلاس بىلەن ھالاك بولىشىدىن ساقلىنىپ قېلىشغا سەۋەب بولسا ﷲ سۇبھانەھۇۋەتەئەلا ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى مەغفىرەت قىلىدۇ. بىز ئىخلاسنىڭ قانچىلىك موھىم ئىكەنلىكىنى بىلىۋېلىشىمىز كېرەك.
j7%%/%$o[ 8TM=AV پەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىس مۇبارەكلىرىنى كەلتۈرمەكچىمەن. ئىمام ئەبۇداۋۇد رىۋايەت قىلغان: مَنْ تَعَلَمَ عِلْمًا مِمّا يُبْتَغَى بِەِ وَجْەُ ﷲ عَزَ وَجَلّ لاَ يَتَعَلَمُەُ إِلاّ لِيُىِيبَ بِەِ عَرَضًا مِنَ الدُنْيَا لَمْ يَجِدْ عَرْفَ الْجَنّەِ يَوْمَ الْقِيَامَەِ ». يَعْنِى رِيحَەَا كىمكى ﷲ سۇبھانەھۇۋەتەئەلانىڭ رازىلىقى تەلەپ قىلىنىدىغان ئىلىمنى دۇنيانى مەخسەت قىلىپ (يەنى بەزى دۇنيا ئىلىملەرى باركى بۇنىڭ بىلەن دۇنيالىق كەسپىمنى توغرىلىۋالىمەن دىگەن ئەمەس )ئۆگەنسە مەخسىدى پەقەت دۇنيا تېپىش ئۈچۈن بولىدىغان بولسا جەننەتنىڭ بويىنى تاپالمايدۇ.جەننەتنىڭ ھىدى 500يىللىق مۇساپىدىن كېلىپ تۇرىدۇ. مىنھەجۇسسۈننەدە مانا بۇ ھەدىس شەرىفنى كەلتۈرگەنلەركى ھەممىمىزگە مەلۇم .شەرىئەتتە زىناقاتتىق گۇناھ بۇگۇناھ مەلۇم بولسا 4كىشى گۇۋاھلىق بەرسە تاش بوران قىلىپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. مانا مۇشۇنداق گۇناھنى ئۆتكۈزگەن ئايال ناھايىتى ئۇسسۇز ئىتنى كۆرۈپ ئايىقىدا سۇئېلىپ ئىتنى سۇغارغان .شۇ ئىتنىڭ ئۇسسۇزلۇقىنى قاندۇرۇش بىلەن(لېكىن شۇ خالىس ئىمان بىلەن بولغانلىقى ئۈچۈن)گۇناھى كەچۈرۈلگەن. ئەگەر خالىس ئىمان قەلبدە بولمىسا ئىتنى سۇغارغان ھەربىر كىشى بەلكى ئىنساننى سۇغارغان ھەربىر ئىنساننىڭ گۇناھى كەچۈرۈلمەيدۇ. بىز ئىخلاسنىڭ ئەمەللەردىن قانچىلىك موھىملىقىنى بىلدۈرمەكچىمىز .
z^a?t<+ lP
&%5y; ئەبۇ ھۆرەيرە رەزىيەللاھۇئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى ئۇ رەسۇلۇللاھنىڭ مۇنداق دىگەنلىكىنى ئاڭلىغان :قىيامەت كۈنى تۇنجى بولۇپ سوئال -سوراق قىلىنىدىغان كىشى، شەھىت بولغان كىشىدۇر.ئۇ ﷲ نىڭ دەرگاھىغا كەلتۈرلۈپ، ﷲ ئۇنىڭغا دۇنيادا بەرگەن نېئمەتلىرىنى ئەسلىتىدۇ ، ئۇمۇ ئەسلەيدۇ ﷲ سبحانە وتعالا «ئۇ نېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش يۈزسىدىن نىمىلەرنى قىلدىڭ؟»دەيدۇ. ئۇ كىشى<سېنىڭ يۇلۇڭدا كۆرەش قىلىپ شەھىت بولدۇم> دەيدۇ. ﷲ سبحانە وتعالا ئۇكىشىگە «سەن يالغان ئېيتتىڭ، سەن باتۇر ئاتىلىش ئۈچۈن كۆرەش قىلدىڭ ۋە ئاتالدىڭ»دەيدۇ ئاندىن ئۇ ﷲ نىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە يۈزى بىلەن دوزاخقا تاشلىنىدۇ. ئاندىن ئىلىم ئۆگەنگەن ۋە ئۆگەتكەن، قۇرئان ئوقۇغان كىشىنى كەلتۈرۈلىدۇ. ﷲ ئۇنىڭغا بەرگەن نئېمىتىنى تۇنۇتىدۇ، ئۇ تۇنۇيدۇ، ﷲ سبحانە وتعالا «بۇ نئېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش يۈزسىدىن نېمىلەرنى قىلدىڭ؟»دەيدۇ ئۇ<ئىلىم ئۆگەندىم ۋەئۆگەتتىم ،سىنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن قۇرئان ئۇقۇدۇم>دەيدۇ. ﷲ سبحانە وتعالا «يالغان ئېيتتىڭ سەن بولساڭ باشقىلار مېنى ئالىم دىسۇن دەپ ئۆگەندىڭ، قۇرئاننى قارى دىسۇن دەپ ئوقۇدۇڭ، شۇنداق دىيىلدىڭ»دەيدۇ ئاندىن ئۇ ﷲ نىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە يۈزى بىلەن سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ، ئاندىن ﷲ تۈرلۈك مال مۈلۈكلەرنى بېرىپ دۆلەتمەن قىلغان كىشى كەلتۈرۈلىدۇ، ﷲ ئۇنىڭغا بەرگەن نئېمىتىنى ئەسلىتىدۇ ئۇمۇ ئېتراپ قىلىدۇ ﷲ « بۇنئېمەتلەرگە شۈكۈر قىلىش يۈزسىدىن نېمىلەرنى قىلدىڭ؟»دەيدۇ ئۇ كىشى<مەن سېنىڭ رازىلىقىڭ ئۈچۈن سەن پۇل سەرىپ قىلىنىشىنى ياخشى كۆرىدىغانلىكى يوللارنىڭ ھەممىسىگە پۇل-مال سەرىپ قىلدىم>دەيدۇ[بۇرادەرلەر بىدئەتكە سەرىپ قىلغان ئەمەس،كۇفۈرگە سەرىپ قىلغان ئەمەس،شىرىككە سەرىپ قىلغان ئەمەس پەقەت ﷲ بۇيرىغان جايلارغا سەرىپ قىلغان ئەمما شۇنى سېخى دىيىلىشى ئۈچۈن سەرىپ قىلغان بىز ئەۋۋەلراق ﷲ يولىدا سەرىپ قىلالمايۋاتىمىز] ﷲ «يالغان ئېيتتىڭ. سەن بولساڭ كىشىلەر مىنى سېخىكەن دېسۇن دەپ پۇل-مال سەرىپ قىلدىڭ شۇنداق دېيىلدى»دەيدۇ ئاندىن ئۇ ﷲ نىڭ بۇيرۇقى بۇيىچە يۈزى بىلەن سۆرۈلۈپ دوزاخقا تاشلىنىدۇ (مۇسلىم رىۋايەت قىلغان)
k3eN;3#& xL#oP0d
مانا بۇ ھەدىستىن ئۆزىمىزگە خۇلاس چىقىرىپ ئالىمىزكى ئىخلاس بولمىغان ئەمەل ھەر قانچە كۆرۈنۈشى كاتتا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر ئۇقۇرۇق (ساۋابى يوق)ئەمەلدۇر .دېمەك ھەربىرمۆمىن كىشى ئۆزىنىڭ قىلۋاتقان ئەمىلىنىڭ كۆرىنىشىگە ئېتبار بەرگەندىن كۆرە توغرا كۆرىنىشىگە ئېتبار بېرىمىز . نېمە توغرىسىدا؟ كىتابى سۈننەتكە مۇۋاپىق بولوشىدا. شۇئىشنى ﷲ بۇيرىغانمۇ يوق. بۇنىڭغا ئېتبار بېرىشىمىز شەرتتۇر. لېكىن خۇددى شۇنىڭغا ئېتبار بەرگەندىن كۆرە كۆپراق ئىخلاس يەنى ﷲ نىڭ رىزاسىنىڭ ئۆزىنى مەقسەت قىلىشقا ئېتبار بېرىشىمىز كېرەك. بەزى ئۆلىمالار ئىخلاس نېمە؟ دىگەن سوئالغا تەئرىف (چۈشەندۈرگەن)بەرگەنكى. ﷲ قا ئىتائەت قىلغاندا (بويسۇنغاندا) پەقەت ﷲ نىڭ ئۆزىنى مەقسەت قىلىش) دىگەن. بەزى ئۆلىمالار ( ئىخلاس قەلبنى مەخلۇقلارنىڭ مۇلاھىزىسىدىن تازلاش) دىگەن ئىكەن. پالانچى نىمە دەيدۇ، دىگەن نەرسىلەردىن پۈتۈنلەي قەلبنى پاكلاپ ئونىڭغا ئۇرۇن بەرمەسلىك كېرەك . بەزىلەر ئىخلاسمەن كىشى كىم ؟دىگەن سوئالغا( باشقىلارنىڭ قەلبىدە ئۆزىگە نىسبەتەن ھۆرمەت تامامەن چىقىپ كەتكەن بولسا ھەم ئېتبارغا ئالمايدۇ. مانا بۇ ھەقىقى مۇخلىس ئادەم) دىگەن ئىكەنلەر .نېمىگە؟ ئۆزى بىلەن ﷲ نىڭ ئوتتۇرسىنى تۈزىتىشكە شۇقەدەر ئاۋارە بولغانكى قەلبىنى پۈتۈنلەي ﷲ بىلەن ئۆزىنىڭ ئوتتۇرسىنى تۈزىتىشكە ئېتبار بەرگەن. ئادەملەرنىڭ ئۆز ئەمىلىدىن كىچىككىنە بولغىنىنى ھەم كۆرۈپ قېلىشىنى خالىمايدۇ .مانا بۇ ئىخلاسدۇر .بىز ئىخلاسنى بىلىشىمىز ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەكسى بولغان بەزى ئەمەللەرنى بىلسەك تېخىمۇ چۈشىنىشلىك بولىدۇ. H`..)zL|
aPMM:RP`
بىرىنجى ئىخلاسقا زىت بولغان نەرسە رىيادۇر. رىيا_ئادەملەرنىڭ كۆرىشى مەقسىتىدە، ئادەملەر ماختىسۇن دەپ قىلغان ئىبادىتىنى كۆرسىتىشدۇر تەئزىيم(ھۆرمەتلىنىش) ماختىنىش، مايىل قىلىش ،چوڭ كۆرىنىش مانا مۇشۇلارنى مەقسەت قىلىدۇ. مانا بۇ رىيادۇر. شۇنىڭدىن ساقلىنىش ئىخلاسدۇر. ئىخلاسنىڭ يەنەبىر ئەكسى سۇمئە. ئادەملەر ئاڭلىسۇن دەپ قىلىش. مانابۇ سۇمئەدۇر .بۇنىڭ لوغىتى ئۆزبىك تىلىدا ئىستىمال قىلىنمايدۇ. ئەبۇھامىدىل غەززالى رەھىمەھۇللاھدىن ھىكايە قىلىنىدۇكى: ماڭا شۇ خەۋەريەتتىكى كىمكى ﷲ ئۈچۈن 40كۈن ئىخلاس بىلەن تىرىشىپ ئەمەل(ئىبادەت) قىلسا ئۇنىڭ قەلبىدىن تىلىغا ھېكمەت ئېقىپ چىقىدۇ، گەپ قىلغان سۆزلىرى ھېكمەت بۇلۇپ قالىدۇ، دىگەن سۆز يەتتى، مەن40كۈن قاتتىق ئىخلاس بىلەن ئەمەل قىلىپ يۈردۈم لېكىن بۇنەرسە ماڭا ھاسىل بولمىدى. ئاندىن بۇئىشنى بەزى دىننى ئالىملارغا ئېيتتىمكى« مەن مۇشۇنداق ئىشلارنى ئاڭلىغانىدىم 40كۈن شۇ نەرسىگە تىرىشتىم ئەمما ھېكمەت قەلبىمدىن تىلىمگە چىقمىدى» دىگەندە ئيتقانىكەنلەركى «سەن ھېكمەتنىڭ چىقىشى ئۈچۈن ھەركەت قىلدىڭ، ﷲ ئۈچۈن ھەركەت قىلمىدىڭ» دىگەنىكەن. شۇنچىلىك ئىخلاس بولۇشى كېرەك. بەزى كىشىلەردىن ئىخلاسنى ھاسىل قىلىش توغرىسىدا سورالغاندا مۇنداق دىگەنىكەن( بىرىنجى كۆرۈنمەيدىغان ئىبادەتلەرنى كۆپ قىلىش، كۆپ قىلىش بىلەن بىرگە ناھايىتى مەخپى قىلىش مەسىلەن :كېچىدە (كىشىلەر ئۇخلاپ ياتقانلىرىدا ) ئىبادەت بىلەن بىدار بۇلۇش كىم پالانچى كىچىلىك ئىبادەتتە بىدار دىسە ئۇنىڭ ئەكسىنى قىلىپ بىدار بولماسلىق . كېچىدە بىدار بۇلۇپ ئىبادەت قىلغانلىقىڭىزنى بىلدۈرمەسلىككە ھەركەت قىلىش ۋە مەخپى سەدىقىلەر بېرىش ھىچكىم بىلمەيدىغان مەخپى سەدىقىلەرنى قىلىش يالغۇز ۋاقىتلەردە ﷲ دىن قورقۇپ يىغلاشتۇر. مانا بۇنەرسە بىلەن كىشىدە ئىخلاس پەيدا بولىدۇ. y9mZQq
B(NL3WJ
ئۆمەرفارۇق رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئيتقانىكەنكى«كىشىنىڭ نىيتى ھەقتە خالىس بولسا ئۆزىنىڭ زىينىغا بولسا ھەم ھەقتە خالىس بولۇپ ئىش قىلسا ﷲ سبحانە وتعالا ئۇنىڭ بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىغا كۇپايە قىلىدۇ بۇئادەملەر بىلەن ئۇنىڭ ئوتتۇرسىدىكى كىلىشەلمىگەن ئىشلارنى ئۆزى ئوڭلاپ قويىدۇ»، ئادەملەر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئارىسىنى ياخشىلاشقا ھەركەت قىلماڭ بۇرادەر .بۇقىيىن نەرسە ئادەملەرگە ئەگەر 100يىل ئۆمۈر بېرىلسە ، بىركۈن كەم 100يىل خوشال قىلىپ ئاخىرقى بىركۈنىدە كۆڭلىنى ئالالمىسىڭىز شۇ كۈنى سىزدىن خاپابولىدۇ .ئەگەر ئادەملەر بىلەن ئۆزىڭىزنىڭ ئوتتۇرسىنى تۈزەتمەكچى بولسىڭىز ﷲ سبحانە وتعالا غا نىيتىڭىزنى خالىس قىلىشىڭىز كېرەك. ئۆزىڭىزنىڭ زىينىڭىزغا بولسا ھەم ﷲ سبحانە وتعالا سىز بىلەن ئادەملەر ئوتتۇرسىدا كۇپايە قىلىدۇ.ئەمما ئۆزىڭىزدە يوق سۈپەت بىلەن ئادەملەرگە كۆرۈنسىڭىز ئۆزىڭىزنى كېچە بىدار بولىدىغان كىشىگە ئوخشىتىپ ئۆزىڭىزنى رىياكارلىق بىلەن كۆرسەتسىڭىز ﷲ سبحانە وتعالا سىزنى ئەيىبلەيدۇ。 X0L{#U
'GT`%c k
سوئال:بەزى ئەمەللەردە بەندىگە ئېتبار بىرىش مۇمكىنمۇ ياكى ئەمەسمۇ ؟مەسىلەن: ئىمام نامازغا تۇرۇپ رۇكۇغا بارغاندا ئاياق تىۋىشىنى ئاڭلاپ كىشىلەرنىڭ بىرىنجى ياكى ئىككىنجى رەكەتكە يىتىۋېلىشى ئۈچۈن رۇكۇدا ئۇزاقراق تۇرۇپ قېلىشى ياكى شۇنىڭغا ئوخشىغان بەزى ئىبادەت ئۈستىدە باشقىلارغا ياردەم بىرىش ئۈچۈن ئادەملەرگە ئېتبار بىرىش رىيا بولامدۇ ئىخلاسقا زىتمۇ؟ دىگەن سوئال بۇلۇشى مومكىن. مەسىلەن، بەزى ئەمەللەرىمىز باركى بۇ ئەمەللىرىمىزدە باشقا بۇرادەرلەر ھەم ئىبادەتتە ياخشى بۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم بېرىشىمىزگە توغرا كېلىدۇ .شۇنىڭغا ئېتبار بىرىشىكە مۇھتاج بولىمىز بۇ رىيامۇ؟ ئىخلاسگە زىتمۇ يوق ؟ ج:- بىز ئېيتىمىزكى ياق دەيمىز .بۇنىڭغا دەلىل ئەنەس ئىبنى مالىك رەزىيەللاھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دىگەن«مەن نامازغا تۇرغاندا نامازنى ئۇزارتىشنى ئويلايمەن. لېكىن كىيىن كىچىك بالىنىڭ يىغلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالىمەن (مەۋزو سىرتىغا چىقساق مانابۇ ھەدىس ئاياللارنىڭ بەش ۋاق نامازغا كىلىپ تۇرغانلىقىغا دەلىل بولىدۇ. ئۇ بالا نامازدا ئەمەس ئەگەر ئىسلامى ھالەت بولىدىغان بولسا نامازغا كېلىدىغان ئاياللارنىڭ شۇ گۆدەك بالىلىرىنىڭ تۇرىدىغان جايى بولىدۇ) نامازنى ئۇزۇن ئۇقىماقچى بولغان نىيتىمنى بۇزىمەندە ئانىسىنىڭ جاپاسىنى يەڭگىللىتىش ئۈچۈن نامازنى يەڭگىل ئۇقۇيمەن»دىگەن، :O=Vr]Y8K
8zv6Mx
يەنە بىر ھەدىس ئەمىرلىككە ھەرىس بولماڭلار قىيامەت كۈن نادامەت بولىدۇ . لېكىن قۇرئان كەرىمدە«ئۇلار <ئى پەرۋەردىگارىمىز ! بىزگە ئاياللىرىمىز ۋە ئەۋلاتلىرىمىز ئارقىلىق شادلىق بېغىشلىشىڭنى (يەنى بىزگە ساڭا ئىتائەتمەن پەرزەنت ئاتا قىلىشىڭنى) تىلەيمىز، بىزنى تەقۋادارلارنىڭ پېشۋاسى (يەنى تەقۋادارلار نىڭ نەمۇنىسى ،ياخشىلىققا دەۋەت قىلغۇچى) قىلغىن> دەيدۇ. مۆمىن كىشى ئائىلىسىنىڭ قانداق بۇلۇشى بىلەن كۆزى خۇرسەن بولىدۇ ؟ ج: ﷲ نىڭ ھۆكمىگە بۇيسۇنۇپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈش بىلەن خۇرسەن بولىدۇ . ﷲ ئۆزىنىڭ ياخشى بەندىللىرىنى ماختاپ تەقۋادارلارغا پېشۋا بۇلۇشنى ﷲ سبحانە وتعالا دىن سورايدۇ دەپ ماختىدى. پاسىقلارغا پېشۋا بولسىڭىز قىيامەتتە سىز ئۇلارنىڭ پېشۋاسى بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن جاۋاپ بېرسىز ئۇلارنى ياخشىلىققا بۇيرۇپ يامانلىقدىن توسمىسىڭىز .ئەگەر ئەتراپىڭىزغا توپلاشقان كىشىلەر مۇتتەقى بولىدىغان بولسا قىيامەت كۈنى ھەممە سىزگە دۈشمەن بولغاندا ھەتتا ئاتا –ئانىلار ھەم سىزگە ساۋاب بېرەلمىگەن ۋاقىتتا سىزگە دوست بولىدۇ . بۇ ھەقتە قۇرئان كەرىمدە«بۇكۈندە دوستلار بىر-بىرىگە دۈشمەن بولىدۇ ،پەقەت(خۇدالىق ئۈچۈن دوستلاشقان)تەقۋادارلار(ئۇنداق ئەمەستۇر). شۇڭا مۇتتەقىلەرگە پېشۋا بۇلۇشنى سوراش ئىخلاسقا زىت ئەمەس. مانا بۇ ھەدىس شەرىپلەرنىڭ مەزمۇنىدىن ئۆزىمىزگە خۇلاسە چىقىرىۋالىمىزكى ھىچقاچان ئەمەل قۇبۇل بولمايدۇ، پەقەت ئىخلاس سۈپىتى بولغاندىلا ئاندىن قۇبۇل بولىدۇ . ﷲ سبحانە وتعالا ئىككى خل سۈپەتكە ئېگە بولغان ئەمەلنىلا قۇبۇل قىلىدۇ .بىرىنجىسى ئىخلاسدۇر. ئىككىنجىسى كىتابى سۈننەتكە مۇۋاپىق بولۇشى كېرەك .دېمەك ئىبادەت ﷲ نىڭ ئۆزىگىلا بولىشى كېرەك .ھەمدە ﷲ بۇيرىغان شەكىلدە بولۇش كېرەك. {[iQRYD0|
z
بۇ ھەقتە ﷲ سبحانە وتعالا مۇنداق دەيدۇ «ياخشى سۆز ﷲ نىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ ،ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ» بىز شۇنىڭدىن ئۆزىمىزگە خۇلاسە چىقىرۋېلىشىمىز كېرەككى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ھەدىسى بۇنىڭغا دەلالەت قىلىدۇ :-جەننەتكە ھىچكىم ئەمىلى بىلەن كىرەلمەيدۇ .(يەنى جەننەتتە بىرىلىدىغان مۇكاپاتقا لايىق ئەمەلنى قىلالمايدۇ )شۇندىلا ئەسھابلەر رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمدىن سوراشتىلەركى: سىزنىڭ ئەمىلىڭىز ھەم جەننەتكە ئېلىپ كىرىشكە يېتەرلىك بولمامدۇ دەپ سوراشقاندا رەسۇلۇللاھ:- مىنىڭ ئەمىلىم ھەم جەننەتكە ئېلىپ كىرەلمەيدۇ، لېكىن ﷲ ئۆزىنىڭ رەھمىتى بىلەن ئورىغاندا ﷲ نىڭ پەزلى بىلەن كىرىمەن دىگەن .چۈنكى ﷲ ئىلاھلىق سۈپەتتە بەندە قۇللۇق سۈپەتتەدۇر .قۇل خوجىسىنىڭ بۇيرىغىنى قىلىدۇ ئۇنىڭدىن مۇكاپات ئېلىش ئۈچۈن قىلمايدۇ. دۇنيانىڭ قۇللىرى مانا مۇشۇنداق ،بۇرادەرلەر قۇل خوجىسىنىڭ بۇيرىغىنى مۇكاپات ئۈمۈت قىلماستىن بۇيرۇقنى بىجىرىدۇ .بۇنىڭ ھېكمىتى ھەققىدە ھەم پىكىر يۈرگۈزمەيدۇ . خوجام بۇيرىدى قىلدىم دەيدۇ . مۇكاپاتنى تەلەپمۇ قىلمايدۇ . دېمەك ئىنسان ھەم ﷲ سبحانە وتعالا نىڭ قۇلى. ﷲ ئۇنىڭ ھەقىقى خوجىسى ﷲ تەرپىدىن بولغان بۇيرۇقنى ئۆز ئەينى قىلىش كېرەك . ئەمدى ﷲ سبحانە وتعالا نىڭ ئۇنى جەننەت بىلە مۇكاپاتلىشى رەھمىتى ۋەپەزلى بىلەن بولىدۇ. ئۇنىڭ ئەمىلى ﷲ سبحانە وتعالا تەرپىدىن بىرىلىدىغان جەننەتكە لايىق بولمايدۇ. 2?&ptN)`N
XAkl,Y
شۇنىڭ ئۈچۈن ھەم بىز ﷲ سبحانە وتعالا تەرپىدىن نىمە بىلەن مۇكاپاتقا سازاۋەر بولىمىز ؟ ج:ئىخلاس بىلەن بۇرادەرلەر مانا بۇ ئىخلاس پۈتۈن ئەمەللەرنىڭ ئاساسى دىننىڭ نىگىزى ۋە مېغىزىدۇر، ئەگەر ئىخلاس سۈپىتى تېپىلمىسا بۇ قىلىنىۋاتقان ئەمەللەرنىڭ ھەممىسى دۇنيانىڭ ئۆزىدە قالىدۇ . بۇرادەرلەر شۇنىڭ ئۈچۈن ھازىرقى بىرىنجى دەرسىمىزنى دىنىمىزنىڭ مېغىزى بولغان ئىخلاستىن باشلىدۇقكى ئەگەر بىز مانا مۇشۇ توغرا يولنى دەرسىمىزنىڭ قۇرلۇشىغا توغرا قۇيىۋالساق يەنى ھەربىر ئەمىلىمىزنى شۇئىخلاس ئاساسىغا قىلغاندىلا ئاندىن بىزنىڭ ئەمىلىمىز ﷲ تەرىپىدىن قۇبۇل بولىدىغان مەيدانغا چىقىدۇ. بولمىسا بىزنىڭ كېچىسى تۇرۇپ ئىبادەت قىلغانلىرىمىز ، ﷲ رازىلقى ئۈچۈن بولمىسا قىلىپ يۈرگەن ياخشىلىقلىرىمىز ﷲ رىزالىقى ئۈچۈن بولمىسا ئىخلاس بىلەن بىر قېتىم ئاددى ئەمەل قىلغان ئادەم بىزدىن ئەبزەل بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بەندە ئۆزىنىڭ ھەربىر قىلغان ھەركىتىنى ﷲ سبحانە وتعالا نىڭ رازىلىقى ئۈچۈن قىلىش كېرەك .تابىئىنلاردىن بىر كىشى مۇنداق دەيدۇ: مەن رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ ساھابىللىرىدىن 70كىشىنى كۆردۈمكى بۇلارنىڭ بارابىرىدە بىرەر كىشىنى تەڭ قىلغىلى بولمايدىغان كاتتا ساھابىلەر ئىدى. ئۇلار كېچە-كۈندۈز ئىچى بىلەن تېشىنى بىرخىل قىلىشكە ھەركەت قىلىشار ئىدىكى مۇناپىقلىقتىن قورقۇپ كۆپ دەرسلىرىمىزدە بايان قىلغانمىز ، ھۇزەيفەتۇبنۇل يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇئەلەيھى ۋەسەللەمنىڭ سىرلىرى دەپ ياد قىلىنار ئىدى . بۇ كىشىگە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم سىرلىرىنى ئېيتار ئىكەن .بۇ كىشىدە ﷲ بەرگەن بىر قابىليەت باركەنكى ھىچكىمگە بۇسۆزنى ئېيتماسكەن .بەزى ساھابىلەر سورىشاركەنكى ھەتتا ھۇزەيفەتۇبنۇل يەمانى رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ بىر جىنازىگە بارمىسا بەزى ساھابىلەر شۇكىشىگە قارىشىپ قالاركەن بۇكىشى ئۆزرىسىز بارمىغان بولسا رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەمدىن مۇناپىق ئىكەنلىكىنى ئاڭلىغانلىقى ئۈچۈن بارماسكەن. ئۆمەرئىبنى خەتتاب كۆپراق شۇھەقتە ئويلاركەن ھەتتا شۇزات ھەم نىفاقتىن قورقاركەنلەركى:- ئەي ھۇزەيفە ﷲقا قەسەم ئىچىپ سورايمەنكى رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مېنى مۇناپىقلاردىن سانىغانمۇ يوق ؟مىنى ئايىماستىن ئېيتقىن دىگەندە ياق، دىگەن شۇجاۋابنى بەرگەنىكەن. 6n g9 o6
yx4c+(J^8
ئىنسان ئۆزىنىڭ ئىخلاس سۈپىتىنى يوقىتىش بىلەن مۇناپىق سېپىگە كىرىدۇ .چۈنكى ئىمان نېمە؟ ئىمان تىل بىلەن ئىقرار قىلىش قەلب بىلەن ئېتقات قىلىش ۋە ئىسلامنىڭ ئەركانلىرىغا ئەمەل قىلش بۇ ئۈچىدۇر، مۇناپىقتا تىل بىلەن ئىقرار قىلىش تېپىلىدۇ ۋەئەركانلەرگە ئەمەل قىلىش تېپىلىدۇ بىزنىڭ قاتارىمىزدە يۈرۈپ نامازئۇقۇپ يۈرىۋېرىدۇ ھەتتاكى جاسوسلۇق قىلىپ مائاش ئېلىپ پەرزەنت تەربىيلەۋاتقان جاسوس ھەم سېپىڭىزدە ناماز ئۇقۇپ يۈرىۋېرىدۇ، تىلىدا لا الە الا اللە دەپ يۈرىۋېرىدۇ .ئەگەر تىل بىلەن ئىقرار قىلىپ قەلبتە ئېتقات قىلىپ ئەركانلارغا بويسۇنغان كىشى بىلەن تىلدا ئىقرار قىلىپ ئەركانلارغا ئەمەل قىلغان ئەمما قەلبتىكى ئېتقات تېپىلمىغان كىشىنىڭ مۇكاپاتى ئوخشاش بولىدىغان بولسا ئەڭ كاتتا مۇناپىق بىلەن ئەڭ كاتتا ئىخلاسمەن ئادەمنىڭ مۇكاپاتى ئوخشاش بولغان بولىدۇ .دېمەك شۇ ئىخلاس سۈپىتى تېپىلمىغانلىقى ئوتتوردىكى قەلب بىلەن ئېتقات قىلىش تېپىلمىغانلىقى ئۈچۈن ئۇ دوزاخنىڭ ئەڭ پەسكى قىسمىدا بولىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن بۇرادەرلەر بىز ئىخلاس سۈپىتىنى پەيدا قىلىشقا ھەركەت قىلماسكەنمىز، بىزنىڭ ئەمىلىمىز ھەممىسى بىكار بولىدۇ. }7^*%$
an@Ue7
ئايەت كەرىمەنىڭ مەنىسى شۇكى ۋەللاھۇئەئلەم بىز پەقەت تىلىمىز بىلەن ئىقرار قىلىشكە بۇيرۇلغان ئەمەسمىز ياكى كۆرىنىشىدە ئەمەل قىلىپ قۇيۇشقا بۇيرۇلغان ئەمەسمىز « ئۇلار پەقەت ئىبادەتنى ﷲ قا خالىس قىلغان ھەق دىنغا ئېتقاد قىلغان ھالدا (يالغۇز) ﷲ قىلا ئىبادەت قلىشقا بۇيرۇلدى.(سۈرە بەييىنە5-ئايەتنىڭ بىر قىسمى) دىننى پەقەت ﷲ قا خالىس قىلىپ ئىخلاس سۈپىتى بىلەن ئەمەل قىلىشقا بۇيرۇلغانمىز، ئەگەر بىز بۇ سۈپەتنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرمىسەك ﷲ سبحانە وتعالا نىڭ ئالدىغا بېرىپ تەلەپ قىلىدىغان مۇكاپات يوق بۇرادەرلەر. نېمىگە ؟ ئادەملەر ئۈچۈن بولسا ئادەملەر سىنى ماختىغان دەيدۇ .شۇنىڭ ئۈچۈن بەزى ۋاقتلاردا خېرىدارىڭىز بەك كۆپىيىپ كەتكەن ۋاقتتا ئۆزىڭىزنى بىر تەكشۈرۈپ كۆرۈڭ. خېرىدارىڭىز ئازلاپ كەتكەن ۋاقتتا ئەلھەمدۇلىللاھكى شۇۋاقتتا ھەم ماڭا ئىخلاس نىسىپ بولدى، دەپ ئېتقاد قىلماقلىقىمىز كېرەك. ﷲ بىزلەرگە ئىخلاس نئېمىتىنى نىسىپ قىلسۇن دەرسىمىزنى داۋاملاشتۇرۇشقانىسىپ قىلسۇن. ئەگەر بىزشۇسۈپەتنى ئۆزىمىزدە بەرپاقىلساق باشقا نەرسىلەر بىزگە زىيان قىلمايدۇ . ﷲ سبحانە وتعالا بىزلەرنىڭ ئەمەللىرىمىزگە مۇھتاج ئەمەس بىز قۇللىقىمىزنى پۈتۈن ۋۇجۇدىمىز بىلەن ئىخلاسنى كۆرسىتىشكە بۇيرۇلغانمىز .مانا مۇشۇ بۇيرۇلغان نەرسىنى كۆرسىتەلىسەك ﷲ تەرىپىدىن بولغان مۇكاپاتقا ئىرىشىمىز [ﷲ نىڭ بېرىدىغان مۇكاپاتى قىممەتدۇر ئۇئەرزان ئەمەس ﷲ نىڭ بېرىدىغان مۇكاپاتى جەننەتدۇر] بۇ جەننەت پەقەت ئىخلاس سۈپىتىگە ئېگە بولغان كىشىلەرنىڭكىدۇر . ئەگەر ئەھلى جەننەتنىڭ زىكرىنى كۆرسىڭىز مىنىڭ ئەمىلىم قەيەردە ئەھلى جەننەتنىڭ ئەمىلى قەيەردەپ ئويلايسىز ئەھلى دەۋزەقنىڭ ئەمىلىنى كۆرسىڭىز مەن بۇنچىلىك رەسۋا بولمىدىمغۇ دەيسىز دېمەك مۆمىن كىشى دائىم ﷲ نىڭ ئازابىدىن قورقۇپ رەھمىتىدىن ئۈمۈت قىلىپ ياشىشى كېرەك.[ بۇ يازما سەھرا ئوغلى تەرپىدىن 2011-07-15 02:19 PM ]