ئىسلام دىنى ئىنسان پىترىتىگە مۇۋاپىق دىن .يات جىنىسقا بولغان ئىنتىلىش ئىنسان تەبىئىتىدە بار.لىكىن ئىسلام دىنى بۇئىنتىلىشنى ھايۋانغا ئوخشاش خالىغانچە ئېلىپ بېرىلىدىغان قىلمىدى.ۋەياكى ئۇنى پۈتۈنلەي چەكلىۋەتمىدى ئۇنى قانۇنلۇق قىلدى ئۇنىڭغا مەلۇم قائىدە-نىزام چەك-چىگرا بىكىتتى.ئىسلام دىنى ياشلارنى توي قىلىشقا رىغبەتلەندۈردى. نىكاھنى ئىماننىڭ پۈتۈنلىشىشنىڭ شەرتى قىلدى بىرھەدىستە مۇنداق دىيىلگەن:
dmP*2 ئەنەس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن رىۋايەت قىلىنىدۇكى، ئۈچ كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئاياللىرىنىڭ ئۆيلىرىگە كېلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىبادىتى توغرۇلۇق سورىدى. ئۇلار رەسۇلۇللاھنىڭ ئىبادىتىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، ئۇنى ئاز ساناپ: «ئاللاھ تائالا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۆتكەنكى ۋە كېيىنكى گۇناھىنى كەچۈرگەن تۇرسا، بىز قانداقمۇ ئۇنىڭغا يېتىشەلەيتتۇق»، دېيىشتى. ئۇلارنىڭ بىرى: «مەن ھەمىشە كېچىچە ئۇخلىماي ناماز ئوقۇپ چىقىمەن»، دېدى. يەنە بىرسى: «مەن ھەمىشە روزا تۇتىمەن، ھەرگىزمۇ ئېغىزىم ئوچۇق يۈرمەيمەن»، دېدى. يەنە بىرسى: «مەن ئاياللاردىن يىراق بولىمەن، ھەرگىز ئۆيلەنمەيمەن»، دېدى. رەسۇلۇللاھ كېلىپ ئۇلارغا: «سىلەر مۇنداق-مۇنداق دەپسىلەر. ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمەنكى، مەن سىلەرگە قارىغاندا ئاللاھتىن بەكرەك قورقىمەن ۋە ئەڭ تەقۋادارمەن. مەن بەزىدە روزا تۇتىمەن، بەزىدە تۇتمايمەن، كېچىسى ھەم ناماز ئوقۇيمەن، ھەم ئۇخلايمەن. خوتۇنمۇ ئالىمەن. كىمكى مېنىڭ سۈننىتىمنى تەرك ئېتىدىكەن، ئۇ مېنىڭ سۈننىتىمگە مەنسۇپ ئەمەس»، دېدى. (بۇخارى ۋە مۇسلىم رىۋايەت قىلغان.)دىمەك بىر ئۈمۈرتوي قىلماسلىقنى چەكلەپ مىنىڭ ئۈممىتىم ئەمەس دىگەن.
4dMwJ"V مۇسۇلمان ئاممىسىغىمۇياشلارنى ئۆيلىۋىتىشكە ئەگەرئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىسا ياردەم قىلىشقابۇيرۇپ مۇنداق دىگەن:ئاراڭلاردىكى بويتاق ئەر، ئاياللارنىڭ ۋە ياخشى قۇل ۋە ياخشى چۆرىلىرىڭلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇڭلار؛ ئەگەر ئۇلار يوقسۇز بولىدىغان بولسا (ئۇلارنىڭ يوقسۇزلۇقى سىلەرنىڭ ئۇلارنىڭ بېشىنى ئوڭلاپ قويۇشۇڭلارغا توسۇق بولمىسۇن)، اﷲ ئۇلارنى ئۆز كەرىمى بىلەن باي قىلىدۇ، اﷲ نىڭ (كەرىمى) كەڭدۇر، اﷲ بەندىلەرنىڭ مەنپەئىتىنى بىلگۈچىدۇر.24 - سۈرە نۇر 32 - ئايەت.
PHDKx+$ ھەرقانچە نامرات بولسىمۇ مەھرى بىرىش كېرەك اللە بۇيەردە مەھىرى بىرىش توغۇرلۇق مۇنداق دەيدۇ:ماللىرىڭلارنى سەرپ قىلىپ (يەنى مەھرىنى بېرىپ) نىكاھلاپ ئېلىشىڭلار ھالال قىلىندى. قايسىكى ئاياللارنى (نىكاھلاپ ئېلىپ) پايدىلانساڭلار، ئۇلارغا (نىكاھ ۋاقتىدا) بېكىتىلگەن مەھرىلىرىنى بېرىڭلار، مەھرى بېكىتىلگەندىن كېيىن، ئۆزئارا پۈتۈشكەن نەرسەڭلار توغرىسىدا (يەنى ئايالنىڭ رازىلىقى بىلەن ساقىت قىلىنغان مەھرى ئۈچۈن) سىلەرگە ھېچ گۇناھ بولمايدۇ. اﷲ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر.4 - سۈرە نىسا 24 - ئايەت.
8 PXleAn ....ئۇلارغا مەھرىلىرىنى كېمەيتىۋەتمەستىن ۋە كېچىكتۈرمەستىن بېرىڭلار.....4 - سۈرە نىسا 25 - ئايەت.
2s-f?WetbP مەھرى بىرىش ئاياللارغا قىلىنغا ھۆرمەت.مەيلى ئازبولسۇن مەيلى كۆپ بولسۇن ھەر ئادەم ئۆزئەھۋالىغا يارىشا بىرىشى ھەم شۇئالماقچى بولغان قىز(يەنى قىزتەرەپ)نى رازى قىلىشى كېرەك.ھېچنىمە بەرمەستى ئېلىش بۇتوغرا ئەمەس بۇنداق نىكاھ دۇرۇس ئەمەس.
GuM-H$, ئىسلام دىنى ھەشەمەتچىلىكنى ئىسراپچىلىقنى دوست تۇتمايدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن مەھرىنى مۇۋاپىق قىلىشنى ئەگەر قولى قىسقا بولسا جىق دەپ قارشى تەرەپنى ىيىنچىلىقتا قويماسلىقنى تەشەببۇس قىلىدۇ.پەيغەمبەرسەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم مەھرى ئاز بولغان ئايال ئەڭ بەركەتلىك ئايالدۇر دىگەن.ھەققى مىھرى(تويلۇق)قا ماددى مەنىۋى نەرسە بولسىمۇ بولىدۇ.ساھابىلەرنىڭ ئارسىدا تۆمۈر ئۈزۈككە،مۇسۇلمان بۇلۇش بەدىلىگە،ئىلىم ئۈگۈتۈپ قۇيۇش بەدىلىگە نىكاھ (توي)قىلغانلارمۇ بولغان.اللەئىنساننى قادىر بولالمىغان ئىشقا بۇيرىمىغانلىقى ئۈچۈن ئەگەر زادى توي قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغنا مەيلى ماددى جەھەتتىن بولسۇن مەيلى مەنىۋى جەھەتتىن بولسۇن زادى توي قىلىش ئىمكانىيىتى بولمىغانلارغاپەيغەمبەر سەللەللاھۇ ئەلەيھىىسالام يول كۆرسۈتۈپ ئى ياشلار جامەسى ئۆيلىنىشكە قادىر بولالىغانلار ئۆيلەنسۇن ئۆيلىنىشكە قادىر بولالمىغانلار روزا تۇتسۇن چۈنكى روزا شەھۋەتنى كىسىدۇ دىگەن.
"uGJ\ دىنىمىزدا تويدامۇسۇلمانلارنى چاقىرىشنى ئۇلارنىڭ قىز-يىگىتلەرنىڭ بەختى ئۈچۈن اللەقا دۇئاقىلىپ بەخىت تىلەشنى ياخشى ئىشلار قاتارىدا سانايدۇ.
5
tP0dQYd پەيغەمبەر سەللەللاھۇئەلەيھىۋەسەللەم بىر ساھابىگە بىرەر قوي ئۆلتۈرۈپ بولسىمۇ توي زىياپىتى بەرگىن دىگەن.
4mshB دىمەك دىنىمىز بىزگە ئەڭ مۇۋاپىق بىزنىڭ قولىمىزدىن كىلىدىغان ئەڭ بايلارغىمۇ ئەڭ نامراتلارغىمۇ مۇۋاپىق كېلىدىغان يولنى كۆرسەتكەن.
p]!,BoZL مانامۇشۇنداق دىنىمىزنىڭ ئىسىل كۆرسەتمىللىرى تۇرسا بىر ئەمدى نەدىكى مۇسۇلمان بولمىغانلارنىڭ يالىڭاچ توي قىلىش دىگەن سەپ سەتىللىرىنى مۇزاكىرە قىلىپ بولامدۇ-بولمامدۇ قىلىمىزمۇ-قىلمايمىزمۇ دەپ يۈرسەك.بۇخۇددى ئالتۇن قاچا كۆتۈرەپ يۈرۈپ تىلەمچىلىك قىلغاندەك ئىش بولمامدۇ؟
[ بۇ يازما nur-luk تەرپىدىن 2011-06-26 19:36 دە قايت ]