مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       267 
  •    ئىنكاس 
       8 

خۇش پۇراق گۈللەر مۇنداق ئېچىلىدۇ

قەۋەت ئاتلاش
BiLiHchi

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3629

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   1135 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   19796 (سوم)
 ياخشى باھا:   411 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   572  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1166
 سائەت
دەرىجىسى:
1166 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-09
ئاخــىرقىسى:2011-06-22

pP .   
ناھايتى شەپقەتلىك ۋە مىھرىبان ئاللاھنىڭ ئىسمى بىلەن باشلايمەن. 5HB4B <2  
جىمى ھەمدۇ سانا ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر. m$kmoY/  
پەيغەمبىرىمىز مۇھەممەت ئەلەيھىسالامغا ، ئۇنىڭ ئائىلىسى ۋە ساھابىلەرگە دۇرۇت، سالاملار بولسۇن.
uzS57 O%  
wZ\0 
ئادەم ئاتا تۇپىراقتىن يارتىلىپ ئۇزۇن ئۆتمەي ئۇنىڭ تەبىئىتى ۋە سېغىنىشىنىڭ تەقەززاسى تۈپەيلىدىن ئۇنىڭ يىتىم قوۋرغىسىدىن ئىنسانلارنىڭ تۇنجى ئانسى ھەۋۋا ئانا يارتىلغان. ئۇلارنىڭ ئەۋلاد قالدۇرشى بىلەن ئۇلارنىڭ ئەۋلادلىرى بۈگۈنگىچە داۋاملىشىپ كەلمەكتە . مىلادىيە 932- يىلى بارىز ئارسلان خاننىڭ ئوغلى ئابدۇلكېرىم ساتۇق بۇغراخان (ئىسلامىيەتنى قۇبۇل قىلغاندىن كىيىن ئابدۇلكېرىم دەپ ئاتالغان) قاراخانيلاردا پاناھلانغان سامالى شاھزادىسى بىلەن تۇنۇشۇپ ، ئىسلام دىنىنى تۇنجى بۇلۇپ قۇبۇل قىلغان. شۇنىڭدىن ئىتىبارەن تا بۈگۈنگىچە ئىسلام دىنى ئۇلۇغ دىن سۈپىتى بىلەن1500 يىلدىن ئارتۇق داۋاملىشىپ كەلمەكتە. مۇسۇلمانلار 16- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ ، ھەر خىل قالاق پىكىرلەر ۋە خۇراپى ئېقىملارغا ئەگىشىپ كىتىپ، ئىشلام دىنىنىڭ روھىدىن ئۇزاقلاشقاندىن كىيىن، ئۇلارنىڭ ئەمەلىيتى ئىسلامنىڭ كۆرسەتمىللىرىگە ۋە ئىسلامنىڭ بۇرۇنقى پارلاق دەۋىرلىرىدە ياشاپ ، ھاكىمىييتىنى ئۈچ قىتئەدە سۈردۈرگەن ھەقىقى مۇسۇلمانلارنىڭ ئەمىلىيتىگە ئوخشىمايدىغان بۇلۇپ قالغانلىقتىن، ئۇلارداچەكتىن ئاشقان ناشۈكۈرلۈك ، ئىلىم پەنگە يۈرۈش قىلىشتىنىمۇ ئۆز ئارسىدىكى كىرەركسىز تالاش- تارتىشلارنى ئەۋزەل كۆرۈش قاتارلىق ئىللەتلەر قانات يايغان. جەمىيتىمىزگە نەزەر سالىدىغان بولساق، جەمىيەتنىڭ بۇزۇلىشى، قىزلارنىڭ ، ئاياللارنىڭ دىندىن چەتنىگەن ھالدا يۈرشى، ئەرلەرنىڭ ھارام نەرسىلەرگە بىرىلىپ كىتىشى ئېغىرلىشىپ، جەمىيەت بۇزۇلۇشتەك ئېغىر كىرزىس ئۈستىدە تۇرماقتىمىز. پەرزەنتلىرىمىز بىلەن كارىمىز بولماسلىقى ئۇلارنى بۇ جەمىيەتتە قايمىقتۇرۇپ قويماقتا. بۇنىڭ تۈپكى سەۋەبى نىمە؟ ]2 
ئىسلام دىنى كىلىشتىن بۇرۇن، ئاياللارنىڭ ھالى خاراپ ، قىممىتى يوق ئىدى. ھىندىلارنىڭ دىنىدا: ۋابا، زەھەر ، دۇزاخ ئايال كىشىدىن ياخشىراق دەپ قەيىت قىلىدۇ. فىرانسىيدە مىلادىنىڭ 6- ئەسىرىدە فىرانسوز ئالىملىرى ئايال كىشى ئىنسانمۇ ياكى ئىنسان ئەمەسمۇ؟ دىگەن ماۋزۇدا تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ نەتىجىدە ‹‹ئايال كىشىمۇ ئىنسان، بىراق ئۇلار ئەرلەرنىڭ خىزمىتىنى قىلىش ئۈچۈنلا يارالغان مەخلۇقاتلار››دىگەن قارارنى چىقارغان. بىراق ئىسلام دىنى دۇنياغا كىلىشى بىلەن ئاياللارنىڭ قەددى كۆتۈرۈلدى. ئۇلارنىڭ ھەق- ھوقۇقلىرى ئىتىراپ قىلىنىپ، ئۇلارنىڭ ئىنسانىيەت نەسلىنىڭ داۋام قىلىشىدىكى ئىككى ئۇنسىۈرنىڭ بىرى ۋە ھەر قانداق بىر جەمىيەتنىڭ ئاساسىدىكى ئىككى چوڭ تەركىپنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى ئىسلام دىنى بىرنجى بۇلۇپ ئىلان قىلدى. ئاللاھ بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ:‹‹ ئى ئىنسانلار سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسالامدىن)ياراتقان ، شۇ ئىنساندىن (يەنى ئۆز جىنسىدىن) ئۇنىڭ جۈپتى ھالالى (يەنى ھەۋۋانى) ياراتقان ۋە ئۇلاردىن نۇرغۇنلىغان ئەر-ئاياللارنى ياراتقان. پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار›› ‹نىسا سۈرىسى 1- ئايەت› چىن مەنىدىن ئېيتقاندا بۇ دۇنيانىڭ ، ھاياتلىقنىڭ ھەقىقى جۇلاسى گۈل يۈزلۇك قىز - ئاياللاردۇر. ئۇلار جەمىيەتنىڭ خۇش پۇراق گۈللىرىدۇر. ئەمسە قانداق ئاياللارنىڭ ھەقىقى خۇش پۇراق گۈللەر دەيمىز؟ Y=5hm  
ئاياللار ئۆزلىرىنىڭ تەقۋادارلىقى، دىيانىتى، ئەخلاقى، ئىپپىتى بىلەن خۇش پۇراق سانىلىدۇ. تەقۋادار ھەقىقى دىندار ئايال بولىدىكەن كىيىنكىسى ئۆزى تەبىئى شەكىللىنىدۇ. ھەقىقى تەقۋادار ، دىندار ئاياللاردىن بۇلۇش ئۈچۈن قانداق قىلىش كىرەك؟ سىز ھەقىقى دىندار ئايالمۇسىز؟ It4F;Ah  
دىندار مۇسۇلمانلار مەيلى ئايال بولسۇن ئەر بولسۇن ، بىرىنجى بۇلۇپ ئاللاھنىڭ ئەمىرىگە ۋە رەسۇلۇللاھنىڭ سۆزلىرىگە ئەمەل قىلىشى، ۋە دىننى چۈشەنچىگە ئىگە بۇلىشى كىرەك. ھەقىقى توغىرا بولغان دىننى ئەخلاق يولىدا مېڭىشى كىرەك. مىللەتنى قوغداشتا ، ئەخلاقنى ئىسلاھ قىلىشتا ، مىللەتنىڭ ئانىسى بولغان ئاياللار مۇھىم ئۇرۇن تۇتىدۇ. ئۇلارنى ئىسلاھ قىلالىغاندىلا ئاندىن مىللەت تۈزلىدۇ. بىراق ئۇلارنى قانداق ئىسلاھ قىلىمىز؟ بۇنىڭدا ئەرلەر مۇھىم ئۇرۇندا تۇرىدۇ. ئاللاھ تائاللا مۇنداق دىگەن‹‹ئەرلەر ئاياللارنىڭ ھامىيلىرىدۇر››‹نىسا سۈرىسى 34- ئايەت›، ‹‹ئەرلەر ئاياللاردىن بىر دەرىجە ئارتۇقلىققا ئىگە››‹ بەقەر سۈرسى 228- ئايەت› دىمەك ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا نىسبەتەن بىر دەرىجە ئارتۇق ئىكەنلىكى ۋە ئائىلىسىنى ھىمايە قىلىپ ، ئىدارە قىلىشتىكى مەسئۇلىيتىنى ھىچ كىشى ئىنكار قىلالمايدۇ. ھەقىقەتەن شۇنداق ئىكەن ئاياللارنىڭ ئاللاھ تائاللاغا ئاسىيلىق بولمايدىغان پۈتۈن ئىشلاردا ئەرلەرنىڭ خاھىشىغا ھۆرمەت قىلىش ئىنتايىن مۇھىمدۇر. ئەپسۇسكى ، ھازىرقى كۈنىمىزدە خۇتۇن قىزلىرىمىزنى باشقىلارنىڭ يامان نىيەتلىك كۆزلىرىدىن مۇھاپىزەت قىلىدىغان ۋە ئۇلارنى يات ئەرلەرگە ئارلاشتۇرمايدىغان ، ئائىلىسىنىڭ ئابىرويىنى ۋە نۇمۇسىنى ساقلاشقا تىرشىدىغان ، غورورلۇق كىشىلەر ‹‹مۇتەسسىپ››‹‹قىزغانچۇق›› دەپ ئاتىلىپ قالماقتا. چۈنكى زامانىمىزدىكى كۆپ قىسىم كىشىلەر شەرمى- ھايا، ئەدەپ ۋە نۇمۇس دىگەنلەرنى لوغىتىدىن ئاللىقاچان ئۆچۈرۈپ تاشلاپ، ياۋرۇپالىقلارنىڭ ئادەتلىرىگە ۋە ئەدەپسىز مەدىنىيەتلىرىگە ئەسىر بۇلۇپ قالغاچقا ياۋرۇپا جەمىيتىنى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈچۈن ئۈلگە قىلىۋالغان. دىننى تەلىماتلاردىن ئۇزاقلىشىپ ، ناتۇنۇش بۇلۇپ كەتكەن. بۇ سەۋەپتىن ئۇلار ئۆزلىرى مۇسۇلمان بولسىمۇ، دىنمىزدىكى گۈزەل ئەخلاقلارنى كەمسىتىدىغان، يامان ئىشلارغا كۆز يۇمىدىغان بۇلۇپ قالغان. ئەتىراپىمىزغا نەزەر سالىدىغان بولساق، ئاياللار يېرىم يالىڭاچ ،چاچلىرىنى ھەر خىل بوياپ ، يالاڭباش ، كوچىلاردا يۈرگىنىنى كۆرىمىز ، ئۇلارنىڭ ئاشۇ ئېچىۋالغان يەرلىرىنىڭ ئەۋرەت ئىكەنلىكىنى بەلكىم ئۆزلىرىمۇ بىلىشمىسە كىرەك. [=iq4F'7  
ئەۋرەت_ ئىنساننىڭ ئېچىلىپ قالسا، ئەيىپ سانىلىدىغان ۋە ئۇنىڭغا  قاراشتىن ھايا قلىنىدىغان ئورگاندۇر. ئايال كىشىنىڭ ئەۋرەت ئەزالىرى_ ئۇنىڭ يۈزى ، ئىككى قولى ۋە ئىككى پۇتى(ئوشۇقنىڭ ئاستى) دىنى باشقا چايلىرى ئەۋرەتتۇر. ھەزىرىتى ئائىشە رەزىيەللەھۇ ئەنھانىڭ رىۋايەت قلىشىچە: ئۇنىڭ قىز بىر تۇغقىنى ئەسما، جىسمى كۆرنىپ تۇردىغان نىپىز بىر  كىيىم كىيگەن ھالدا پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ قېشىغا كىرگەندى. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام دەرھال يۈزىنى باشقا تەرەپكە ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭغا ‹‹ئى ئەسما ، ئايال كىشى بالاغەتكە يەتسە ، جىسمىدىن ماۋۇ-ماۋۇ يەردىن باشقىسى كۆرۈنسە بولمايدۇ›› دىدى - دە، يۈزىگە ۋە قولىغا ئىشارە قىلدى. (ئىمام ئەبۇ داۋۋد رىۋايەت قىلغان) Fax73vl|^a  
ئاللاھ تائاللا پۈتۈن مۇسۇلمان ئاياللارغا خىتاپ قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:‹‹ ئىلگىرى جاھىيلىيەت دەۋىردىكى ئاياللارنىڭ ياسىنىپ چىققىنىدەك ياسىنىپ سىرىتقا چىقماڭلار، ناماز ئوقۇڭلار، زاكات بىرىڭلار، ئاللاھقا ۋە ئۇنىڭ پەيغەمبىرىگە ئىتائەت قىلىڭلار››‹ئەھزاپ سۈرىسى 33- ئەيەت.› بۇنىڭدىن ئاياللارنىڭ يارشىملىق ، گۈزەل كىيىملەرنى كىيىپ ، ئىسىل يۈرشىدىن مەنئى قىلىش ئەمەس ، بەلكى ئىسلام دىنى كىلىشتىن بۇرۇنقى دەۋىرلەردىكى ئاياللار ۋە ھازىرقى دەۋىردىكى مەدەنىيەت دەۋاسى قىلىدىغان ئاياللارنىڭ كىينىشىدەك ، يات ئەرلەر بار يەردە نىپىزلىكتىن بەدەنلىرىنى كۆرسىتىپ تۇردىغان، قىسقىلىقتىن تىزدىن ئاشمايدىغان، تارلىقتىن پەدەنلىرى چاپلىشىپ تۇردىغان كىيىملەرنى كىيشتىن مەنئى قىلغان. سۈرە نۇر ، 60- ئايەتتە ، ئاللاھ تائاللاھ مۇنداق ئېيتقان:‹‹ ئى  پەيغەمبەر ئاياللىرىڭغا ، قىزلىرىڭغا ۋە مۆئىمىنلىرىڭنىڭ ئاياللىرىغا ئېيتقىنىكى، پۈركەنچىسى بىلەن بەدىنىنى ئورىۋالسۇن . بۇنداق قىلغاندا، ئۇلارنىڭ (ھۆر ئايال ئىكەنلىكى)ئەڭ ئوڭاي تونىلىدۇ - دە، باشقىلار ئۇلارغا چېقىلمايدۇ››دىيىلگەن. گۆھەر نەچچە قات تۈگۈنلەر ئىچىدە ساقلانغانلىقى ۋە ھەر كىشىنىڭ ئۇنى كۆرەلمىگەنلىكى ئۈچۈن شۇنچىلىك قىممەتكە سازاۋەر بولغان نەرسىدۇر. ئايال كىشىمۇ ئۇزۇن ۋە ئازادە، ئىسىل كىيىملەرنى كىيىپ يۈرسە، ئۇنىڭ ھۆرمىتى ۋە قىممىتى ئاشىدۇ. كىشىلەرمۇ ئۇنىڭدىن ھايا قىلىدۇ ۋە ئۇنى قەدىرلەيدۇ. b_B4  
ئىسلام دىنىنىڭ مۇسۇلمان ئاياللارغا ئاتا قىلغان ئەڭ كاتتا ھەدىيەلىرىدىن بىرى شۇكى، ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ كارامىتىنى ، ھۆرمەت ئىززىتىنى، قەدىر - قىممىتىنى ساقلايدىغان ئاياللىققا لايىق ، ئىسىل ، كۆركەملىك ئىسلامي رومالنى پەرىز قىلدى. مۇسۇلمان ئاياللىرىنىڭ رومال ئارتىشى ھەرگىزمۇ قالاقلىقنىڭ بەلگىسى ئەمەس. بەلكى ئەزىزلىقنىڭ ، ھۆرمەت ئىتىبارنىڭ نىشانىدۇر. ئىسلامى رومالنىڭ مەدەنىيەتلىك بۇلۇشقا ھىچقانداق توسقۇنلىقى يوقتۇر! qU}[( 9~Ru  
رومالنىڭ ئۆلچىمى _ ئۇنىڭ چاچنى ، ئىككى قولاق بىلەن بويۇننى ، زىننەت بويۇملىرى بىلەن قوشۇپ يۆگەپ تۇرىدىغان بەكىرەك ئىسىل بولغان ياغلىقتۇر. ئەگەر رومال يۇقۇردا سۈپەتلىگەندەك بۇنداق بولماستىن ، ئاياللارنىڭ بېشىنىڭ چوققىسىنىلا ياپىدىغان رومال بولسا، ئۇنى ئادەتتىكى ياغلىق دەيمىز. ئۇ شەرىئەت بەلگىلەپ بەرگەن ئىسلامى رومالغا كىرمەيدۇ. ئاللاھ تائاللاھ ئاياللارنىڭ رومال  ئارتىشىنى ھىجىرىيىنىڭ 5- يىلى پەرىز قىلىپ بۇيرىغان. قۇرئاننىڭ كۆپ ئايەتلىرى بۇ ھۆكۈمنى تەكىتلىمەكتە‹‹مۆئىمىن ئاياللارغا ئېيتقىنكى، نامەھرەملەرگە تىكىلىپ قارمىسۇن. ئەۋرەتلىرىنى ياپسۇن، كۆرۈنۈپ تۇرىدىغان قسمىدىن باشقا زىننەتلىرىنى ئاشكارلىمىسۇن. لىچەكلىرى بىلەن كۆكىرەكلىرىنى ياپسۇن›› ‹نۇر سۈرىسى 31- ئايەت› مەھرەم دىگىنىمىز_ مەيلى ئەر بولسۇن ، مەيلى ئايال بولسۇن ئۆزىنىڭ جورىسى ۋە بىرگە نىكاھلىنىشى دۇرۇس بولمايدىغان تۇغقانلىرى دىمەكتۇر. لىكىن  ھازىر بۇ پەرىزلەرنى ھازىر قانچىلىك مۇسۇلمان ئەر - ئاياللىرى ئۇرۇنداۋاتىدۇ؟ ياكى ئۇلار دىندىن چىقىپ مۇشىرىك ، مۇناپىقلاردىن بۇلۇپ كەتتىمۇ؟ ياق. ئۇلار دىنىمىزنى  تەلتۇكۈس چۈشەنمەيۋاتىدۇ. ئۇلارنى چۇشەندۇردىغان كىشىلىلىرىمىز ئازلاپ كىتىۋاتىدۇ. ياكى ئۇلار ئۆزلىرى ئۈگۈنۈشنى خالىمايۋاتىدۇ. پەيغەمبىرىمىز ‹‹ئى ئاياللار ، ماڭا دوزاخ ئەھلىنىڭ كۆپىنچىسى ئاياللاردىن قىلىپ كۆرسىتىلدى›› دىگەن. ئاياللار پەيغەمبىرىمىزدىن‹‹ئەي پەيغەمبەر، بىز ئاياللار شۇنچە جاپا تارتىپمۇ يەنە نىمىشقا دۇزاخ ئەھلى بۇلۇپ كىتىمىز؟››دەپ سورىغان. پەيغەمبىرىمىز ئېيتتىلەركى‹‹چۈنكى سىلەر ئاياللار پىتنىخور كىلىسىلەر. ئۆز ئۈستۈڭلاردىكى ھەقلەرنى ئادا قىلمايسىلەر. ئەرلىرىڭلارنىڭ گىپىنى ئاڭلىمايسىلەر››دىگەن. ئەگەر قايسى بىر ئايال ئىرىنى رازى قىلىپ ئۆلۈپ كىتىدىكەن ئۇ جەننەتنىڭ خالىغان ئىشكىدىن كىرىپ كىتىدۇ.  بىراق بىز  ئەرلىرىمىزنى رازى قىلالاۋاتامدۇق؟ ياكى شۇ ئەرلەر خوتۇنلىرىدىن رازىمۇ؟ بىزدە ئايال كىشى ئۈچۈن ئىككى ئۆتمۈش بار. بىرى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام ئەسىرى يەنى بىرىنجى مۇسۇلمان ئاياللار ئەسىردۇر. ساھابىلەر ۋە ئۇلارغا ئەگەشكۈچىلەر ئالتۇن ئەسىردۇر، بۇ ئەسىرلەردە ئاياللار ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيتىن ئادا قىلىش بىلەن ، ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ھەقلىرىنى تونۇغان ، ئۆزىنىڭ ئۈستىدىكى ئاللاھنىڭ مەسئۇلىيتىنى تونۇغان ۋە ئۇ مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلغان ، ئۆز پەرۋەردىگارىنى تۇلۇق تونىغان ، ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغان ، بەش ۋاخ نامىزىنى ئۆتىگەن ، روزىسىنى تۇتقان، ئىرىگە ئىتائەت قىلغان ، ئىپپىتىنى ساقلىغان پەرۋەردىگارنىڭ جەننىتىگە ھەقلىق بولغان ئەسىردۇر. يەنە بىرى يېقىنقى ئۆتمۈش قالاقلىق ئەسىرلىرىدۇر . بۇ ۋاقىتقا ئاياللار ئەلۋەتتە قايتىشنى خالىمايدۇ. چۈنكى بۇ ۋاقتلاردا قىز ئاياللىرىمىز نادانلىقتا قالدۇرۇلدى. ئۇلار تۆۋەن كۆرۈلدى. بىر مىللەتنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم ئۇرۇن تۇرىدىغان ئاياللار، قىزلار بىلىمسىزلىكتە قالدۇرۇلدى. ئاياللارنىڭ بىلىملىك بۇلىشى ئەرلەرنىڭكىدىنمۇ مۇھىم. چۈنكى ئائىلە بالىلارنىڭ ئىپتىدائى مەكتىپى بۇلۇپ ، بۇ مەكتەپتە ئاتىنىڭ رولىدىنمۇ ئانىنىڭ رولى ئەلۋەتتە چوڭ. بالىلارنىڭ كۆپىنچىسى ئانىلار بىلەن بىللە بۇلىدۇ. كۆپ نەرسىلەرنى ئانىدىن ئۈگىنىدۇ. بالىلار كيىن رەسمى مەكتەپكە بېرىپ، ئائىلىدە قۇبۇل قىلغىنىغا زىت كىلىدىغان، ھەر خىل پىكىرلەرنى قىسمەن قۇبۇل قىلغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدە دەسلەپ قۇبۇل قىلغانئەقىدىسى ، پىكىرى كۈچلۇك بۇلىدۇ. ئۇنىڭغا زىت پىكىرلەر ئۇنى ئازدۇرىۋىتەلمەيدۇ. ئۇنىڭ دەسلەپكى قەلبى ئاق قەغەزگە ئوخشاش ساپ  بولىدۇ. بۇ ئاق قەغەزلەرنىڭ تۇنجى بىتىگە ئانىلار توغىرا ئىلىملەرنى خاتىرلىشى كىرەك. ئاياللارنىڭ بىرنىجى ئۆتمۈشكە يەنى پەيغەمبەر زامانىسىغا قايتىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. p4/D%*G^`  
ئايال كىشى ئۆتەلەيدىغان ئانىلىق ۋەزىپىسىنى ئەرلەردىن بىرەرسىمۇ ئۆتەلمەيدۇ.ھەتتا پۈتۈن ئەركەك جىنسى بىرلىشىپمۇ بۇ ۋەزىپىنى ئورۇندىيالمايدۇ. بورزەنتلەرنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ تەربىيسى ۋە پەرۋىشى ئاستىدا بولىشقا ئانىسىنىڭ تەبىئى تاتلىق سۈتىدىن ھوزۇرلىنىشقا بولغان ئىھتىياجى چوڭ بۇلىدۇ. بالىنىڭ ئۆز ئانىسىنىڭ تەربىيسىگە ۋە پەرۋىشىگە بولغان ئىھتىياجى ، ئۇنىڭ ئاق سۈتكە بولغان ھاجىتىدىن چوڭدۇر ئەلۋەتتە. لىكىن ھازىرقى بىلىملىك سانىلىۋاتقان ئاياللار سىز پەرزەنتىڭىزنى ‹‹تەربىيلەۋەتامسىز ››ياكى ئۇلارنى‹‹ بېقىۋاتامسىز››؟! ئۇلارغا ئولتۇرۇش، خىزمەت، قاتار چايلارغا باردىغان قىممەتلىك ۋاقتىڭىزدىن قانچىلىكنى ئاجىرتىپ بىرۋاتىسىز؟ ئاياللار ئالدىراشلىق سەۋەبىدىن ، ئەمدىلا بىر ياشقا توشمىغان بالىلىرىدىن تارتىپ يەسلىگە ئاپىرىپ بىرىۋاتىدۇ. يەسلىلەر بالىلارنى ، باشقا جانلىقلارنى باققاندەك بېقىپ كىتەلەيدۇ. لىكىن ئۇلارنى ئىنسانى خىسلەتتە، ئىنسانى ئەخلاقتا يىتىشتۇرۈپ چىقىشقا ئاجىزدۇر. ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىسى ، ئۇلارنىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى بولغان بالىلىرىنى ئۆزلىرى ھەر ۋاقىت باغرىغا باشالماي ، باشقا بىرىنىڭ تەربىيسىگە تاپشۇرۇپ قويۇش ئەپسۇسلىنارلىق ئىش. ئاياللار ئۈچۈن بۇتۇن دۇنيادىكى بارىلىق ئىشلاردىن ۋە بايلىقلاردىن ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئەۋزەلدۇر. توغىرا، ئائىلىنىڭ بەزى قىيىنچىلىقلىرى سەۋەبىدىن بەزى ئاياللار سىرىتتا ئىشلەشكە مەجبۇر بولىدۇ . لىكىن ئاتا بولغان ئادەمنىڭ قانداقلا شارائىتتا بولمىسۇن، ئائىلىنىڭ يۈكىنى ئۆزى يالغۇز كۆتۈرۈش بۇرچى باردۇر. شۇڭا ئەرلەر جىسمانى جەھەتتە ئاياللاردىن كۈچلۈك يارتىلغان. ئائىلە ئىھتىياجىنى ئاتىلار جايىدا تۇلۇقلىسا، ئانىلارمۇ ئۆز ئۆيىدە ئولتۇرۇپ كەلگۈسى ئەۋلادلىرىمىزنى ، مىللىتىمىزنىڭ داۋامىنى ئۆزلىرى تەربىيلەپ يىتىشتۈرۈپ چىققان بۇلاتتى. vnKUD|  
ھازىرقى ۋەزىيەتكە نەزەر سالىدىغان بولساق، مىللەتنىڭ مەۋجۇت بۇلۇپ تۇرۇشى ۋە ئۆزىنىڭ خاسلىقىنى ساقلاپ قېلىشى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىمىزنى تەربىيلەشنىڭ قانچىلىك مۇھىم ئۇرۇن تۇتىۋاتقانلىقىن ئەلۋەتتە ھەممىمىز تۇنۇپ يىتىمىز. ئۇلارنى توغىرا بولغان دۇنيا قارىشى ۋە مىللەت قارىشىغا ئىگە قىلىشقا سەل قارماسلىقىمىز كىرەك. ئاياللار پەرزەنتلىرىنى ھەقىقى ياخشى تەربىيەلىگىنىدىلا ئاندىن خۇش پۇراق گۈللەر مەڭگۈ ھىد چاچقۇسى. ئۇلارنى ياخشى تەربىيگە ئىگە قلىش ئۈچۈن ئاۋال ئۆزىڭىزدە خۇش پۇراق بولسۇن.  
H6L`239u  
a{y ;Ub  
قەلەم تەۋرەتكۈچى مەنبە: بىلىقچى . DCHU =r  

تېما تەستىقلىغۇچى : Nazar.
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-20, 10:31
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 1 پارچە مۇنبەر پۇلى +200
musilina مۇنبەر پۇلى +200 تۈنۈگۈن 23:59 -
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
قىلىچنىڭ دەستىسى سېپىنى جاللات دەپ ئەيىپلەپتۇ.
darwix007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44622

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   15 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   52 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   4  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 39
 سائەت
دەرىجىسى:
39 سائەت 11 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-16
ئاخــىرقىسى:2011-06-22
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 11:03

ئېسىل گەپلەركەن!  
سەن ئولتـۇرارسەن خۇش كەيىپ ئول رەسىـتىدە ،
دۈشمىنىڭ ئۇ جان__پېنىڭنىڭ قەسـىتىدە.
سىنىڭ قۇلۇڭ ھاراق__شاراپ رومكىدا،
دۇشمەن قولى زۇلپىقارنىڭ دەستىدە.
kaxkarim
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.41071

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17 (سوم)
 ياخشى باھا:   0 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 35
 سائەت
دەرىجىسى:
35 سائەت 15 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-05-17
ئاخــىرقىسى:2011-06-20
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:15

ئاللاھ رەھمەت قىلسۇن قېرىندىشىم ، بۇ دۇنيانىڭ ئازغىنە راھىتنى دەپ شەيتان لەئىننىڭ يولغا كىرىپ كىتىۋاتقان بارلىق قېرىنداشلىرىمىزنى ،ئاللاھ توغرا يولغا باشلىسۇن ،مۇشۇنىڭغا ئوخشاش پايدىلىق تىمىلارنى يۇللاپ تۇرۇشىڭىزنى ئۇمىد قىلىمەن
قۇياش يىگىلى بولمايدىغان نان،
ۋەتەن بەرگىلى بولمايدىغان جان.
marguba
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.38771

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   86 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   835 (سوم)
 ياخشى باھا:   12 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   13  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 756
 سائەت
دەرىجىسى:
756 سائەت 14 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-26
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 13:21

ئاللاھ كۆڭلىمىزگە ئىنساپ بەرسۇن !
مەن ئۆتمۈشتىكى بىر تامچە سۇ ، كەلگۈسىدىكى بىر ئۇچۇم تۇپراق .
Donn
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.25248

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   336 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   10275 (سوم)
 ياخشى باھا:   247 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   373  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2607
 سائەت
دەرىجىسى:
2607 سائەت 143 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-06
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: ئۈلۈشكۈن 14:00

ئېسىل .....ھەممە خىيالىمىزنى بالىلارغا يۈكلىمەي ئۆزىمىز قانچىلىك قىلالىدۇق دەپ تەپەككۈر قىلىپ باقايلى سۈيۈملۈك ئاتا-ئانىلار.....
merdan
0997zumar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44953

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3 (سوم)
 ياخشى باھا:   0 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 47
 سائەت
دەرىجىسى:
47 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-19
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 18:09

ئاللاھ رەھمەت قلسۇن
0997zumar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44953

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3 (سوم)
 ياخشى باھا:   0 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   0  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 47
 سائەت
دەرىجىسى:
47 سائەت 3 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-19
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 18:10


hakkaniyat
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.4378

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   104 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5564 (سوم)
 ياخشى باھا:   192 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   257  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1010
 سائەت
دەرىجىسى:
1010 سائەت 30 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 20:00

ھازىر جەمىيىتىمىزدە كۆرىل؛ىۋاتقان ھادىسىلەرنى ئىينەن يىزىپسىز قېرىندىشىم . نۇرغۇن ئاياللار ئىسلام دىنىمىزنى خاتا چۈشىنىۋىلىۋاتىدۇ  ۋە بەزى دىنغا ئورنىۋالغان يالغان زورۇلار نۇرغۇن ئاياللارنىڭ  ياغلىق ئارتىشىغا تۇسقۇنلۇق قىلىۋاتماقتا  ۋە دىنىمىزنى خۇنۇكلەشتۈرمەكتە . wKoar  

qakmak007
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.44770

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   53 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   314 (سوم)
 ياخشى باھا:   4 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   14  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 33
 سائەت
دەرىجىسى:
33 سائەت 17 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-06-18
ئاخــىرقىسى:2011-06-22
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: تۈنۈگۈن 23:24

ئاللاھ يولىڭىزنى ئوچۇق قىلغاي...
كىتىمەن بىر كۈنى مەڭگۈ يىراقلاپ،
مەردانە ياشىغان بوۋام قېشىغا.
ياد ئېتىپ ئەۋلادىم ياش تۆكۈپ يىغلاپ،
كىلەمدۇ ھەسرەتلىك قەبرەم بېشىغا.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى