مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       406 
  •    ئىنكاس 
       0 

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشكە...

قەۋەت ئاتلاش
تارىم
دەرىجە:ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.155

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   4739 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   31737 (سوم)
 ياخشى باھا:   1789 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   30993  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 8913
 سائەت
دەرىجىسى:
8913 سائەت 107 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-05-20
ئاخــىرقىسى:2011-06-22
— بۇ يازما Nazar. تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-06-19) —

پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرىشكە ئىزدىنىشتىكى سەۋەبى نېمە؟
#.p^ S0\pw  
:$d3}TjsA+  
2%0z PflT  
لەستىن ھازىر بۇ يىل 9-ئايدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇشنى پىلانلىماقتا، دۇنيادىكى نۇرغۇن دۆلەتلەر يېقىندىن بۇيان بۇنى قوللايدىغانلىقى ياكى قارشى تۇرىدىغانلىقىنى ئارقا-ئارقىدىن بىلدۈرۈشتى، ئىسرائىلىيە قويۇق دىپلوماتىيە پائالىيىتى ئارقىلىق، پۈتۈن كۈچى بىلەن پەلەستىننىڭ بۇ نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى توسماقتا. |33pf7o  
تەھلىلچىلەر مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېقىن كەلگۈسىدە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتىنى قايتا باشلاش ۋە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلىش يەنىلا تەس، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىسرائىلىيەنىڭ توسقۇنلۇقىغا ئۇچرىماقتا. شۇڭا پەلەستىن ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى رامكىسىدا پاسسىپ ھالغا چۈشۈپ قېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدەنمەكتە. P\;lH"9  
`*e',j2}UU  
پەلەستىن 1988-يىلى دۆلەت قۇرۇغانلىقىنى جاكارلىغان ھەم بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا 192 دۆلەت ئىچىدىكى 110 دۆلەتنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا ئېرىشكەن، لېكىن ئۇ ھازىرغىچە بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ رەسمىي ئەزاسىغا ئايلىنالمىدى، نۆۋەتتە، پەقەت ئاۋاز بېرىش ھوقۇقى بولمىغان كۆزەتكۈچىلا ئورنىلا بار. ھازىر پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولۇش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، بۇنىڭ سەۋەبى نېمە؟ ~Kda#=  
h4H~;Wl0  
ھەممەيلەنگە ئايانكى، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق سۆھبىتى ئۇزۇن مۇساپىنى بېسىپ ئۆتتى. 2010-يىلى 9-ئايدا تىنچلىق سۆھبىتى ۋاشىنگتوندا قايتا باشلىنىپ، ئىككى نۆۋەت سۆھبەتلىشىپلا يەنە قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالدى، بۇنىڭ سەۋەبى ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئېيتقاندەك، ئىسرائىلىيە ئىئوردان دەرياسىنىڭ غەربى قىرغىقىدا داۋاملىق مەھەللە سالغاچقا، پەلەستىنلىكلەر تىنچلىق سۆھبىتىدىن چېكىنىپ چىقتى. مۇشۇنداق ئەھۋالدا، پەلەستىن بۇ يىل 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنى مەزگىلىدە بۇ تەشكىلاتقا كىرىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، بۇنى پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنىڭ ئورنىنى ئالىدىغان يول پىلانى قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ. I_.(&hMn  
+B^ / =3P  
پەلەستىن مۇتەخەسسىسلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى ئورۇننى قولغا كەلتۈرۈشى-پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ۋەزىيىتىدە ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش ھاسىل قىلالمىسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ مۇستەقىل دۆلەتلىك ئورنىنى كۈچەيتەلەيدۇ. پەلەستىننىڭ سىياسىي تەھلىلچىسى ھانى ھەبىب مۇنداق دېدى: بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى قانۇنىغا ئاساسەن، مۇستەقىل دۆلەتلا بۇ تەشكىلاتقا كىرەلەيدۇ، پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئەزاسى بولغان ھامان، ئىسرائىلىيەنىڭ پەلەستىن زىمىنىدىكى ئىشغالىيىتى باشقا بىر دۆلەتنى ئىشغال قىلغان بىلەن باراۋەر بولۇپ قالىدۇ، بۇ-بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرىكەت قوللىنىپ،  ئۆزىگە ئەزا دۆلەتنىڭ ئىشغال قىلىنىش ئەھۋالىغا خاتىمە بېرىشىگە تۈرتكە بولىدۇ. %lz\w{  
 Y2vzK;  
پەلەستىننىڭ بۇ ئىشتا مۇۋەققىيەت قازىنىشى قانچىلىك؟ «بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسى»گە ئاساسەن، ھەر قانداق دۆلەت بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا كىرمەكچى بولسا، خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە ئەزا دۆلەتلەر ئىچىدىكى توققۇز دۆلەت قۇۋۋەتلىشى شەرت، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەش دائىمىي ئەزا دۆلەتنىڭ بىرىمۇ قارشى تۇرۇش ئاۋاز بەرمەسلىكى كېرەك. دائىمىي ئەزا دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولغان ئامېرىكىنىڭ ئىسرائىلىيە بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى يېقىن، قارشى ئاۋاز بېرىش مۇمكىنچىلىكى بىر قەدەر چوڭ. ئامېرىكا ئاۋاز بېرىشتىن ۋاز كەچكەن تەقدىردىمۇ، پەلەستىننىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش-قازىنالماسلىقىغا بىر نېمە دېمەك تەس، چۈنكى فرانسىيە، ئىتالىيە قاتارلىق غەرب دۆلەتلىرى يېقىندا پەلەستىننىڭ پىلانىغا قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. iaXNf ])?  
 Z_F:H@-&  
ئەمما بىر قىسىم ئەرەب ئەللىرىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدىكى دائىمىي ۋەكىللىرى ئامېرىكا قارشى ئاۋاز بەرگەن ئەھۋالدا، پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدىكى «تىنچلىقنى بىرلىكتە كېڭىشىش» قارارىغا تايىنىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىدە ئاۋازغا قويۇشتىن ئايلىنىپ ئۆتۈپ كەتسە بولىدۇ دەپ تەكلىپ بەردى. گەرچە پەلەستىن ئەمەلدارلىرى يېقىندا پەلەستىن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېرىپ، مۇستەقىل دۆلەت قۇرۇشنى جاكارلاش ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى بۇ تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىق سالاھىيىتىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئىزدىنىدۇ دەپ كۆپ قېتىم تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئىسرائىلىيە پەلەستىننىڭ بۇ ھەرىكىتى ئۆز ئالدىغان دۆلەت قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئۈچۈن دەپ قارىدى. نۆۋەتتە، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى پەلەستىننىڭ ئالاقىدار تېرىشچانلىقلىرىغا توسقۇنلۇق قىلىشنى ئۆزىنىڭ دىپلوماتىيە خىزمىتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئىش قاتارىغا قويماقتا، نۇرغۇن ئالىي ئەمەلدارلىرىنى غەربتىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرگە ئەۋەتمەكتە، ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ھەر قايسى دۆلەت ئەلچىلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرمەكتە. :gDIGBK,  
8lI# D)}  
ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ 14-ئىيۇن ياۋروپا پارلامېنتىنىڭ رەئىسى بۇزېك بىلەن كۆرۈشكەندە مۇنداق دېدى: پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئۆزىنىڭ ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرۇشىنى ئېتراپ قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىشى-پەلەستىن-ئىسرائىلىيە تىنچلىق مۇساپىسىنى داۋاملاشتۇرۇشقا زىيان يەتكۈزىدۇ. ئىسرائىلىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى كۆپ بايانات ئېلان قىلىپ، پەلەستىننىڭ بەك بالدۇر ئۆز ئالدىغا دۆلەت قۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەرىكىتى-پۈتكۈل ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىغا خىرىس قىلغانلىق، بۇ ئىش-خەلقئارا جەمئىيەت ئېتراپ قىلغان تىنچلىق رامكىسىغا زىيان يەتكۈزىدۇ دەپ ئەيپىلىدى. .g D Wv  
84)$ CA+NX  
لېكىن نۇرغۇن ئىسرائىلىيە ئەمەلدارلىرى يەنە پەلەستىننىڭ ھەرىكىتىنى ئۈزۈل-كېسىل توسۇش-مۇمكىن بولمايدىغان ۋەزىپە، تەكلىپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا ماقۇللىنىش مۇمكىنچىلىكى چوڭراق دەپ ئېتراپ قىلدى. ئەگەر بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدا بۇ تەكلىپ ھەقىقەتەن ماقۇللانسا، ئىسرائىلىيە پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدە يېڭى بىر نۆۋەتلىك دىپلوماتىيە كىرىزىسىگە چۈشۈپ قېلىپ، تېخىمۇ زور دائىرىدە يېتىم قېلىشى مۇمكىن. ~\4l*$3(^  
)u]J`.OA  
گەرچە پەلەستىن داغدۇغا بىلەن بۇنىڭغا تەييارلىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ رەئىسى ئابباسنى ئۆز ئىچىگە ئالغان پەلەستىننىڭ ئالىي ئەمەلدارلىرى نۇرغۇن سورۇنلاردا، سۆھبەت يەنىلا پەلەستىننىڭ ئەڭ مۇھىم تاللىشى دەپ تەكىتلىدى. ئابباس 25-ماي مۇنداق دېدى؛ ئەگەر بۇ يىل 9-ئايدا سۆھبەتتە يەنىلا ئىلگىرىلەش بولمىسا، بىز 9-ئايدا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېرىشنى تاللايمىز. پەلەستىن 2009-يىلى 8-ئايدا، ئىككى يىللىق دۆلەت قۇرۇش پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويغان، نىشانىنىڭ مۆھلىتى بۇ يىل 9-ئاي ئىدى. .Br2^F  
7}-.U=tnP  
تەھلىلچىلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، پەلەستىن مىللىي ھوقۇقلۇق ئورگىنىنىڭ بىر تەرەپتىن ھەرىكەت قىلىپ، بىر تەرەپتىن ئەھۋالغا قاراپ بېقىشى ياكى سۆھبەت مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش ھاسىل قىلغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا بېرىش پىلانىدىن تۇيۇقسىز ۋاز كېچىشى مۇمكىن ئىكەن. ئىسرائىلىيە ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: ھەر قانداق تاشقى كۈچ-تىنچلىقنى بۇ رايونغا زورلاپ تاڭالمايدۇ، سۆھبەت-پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىنى تىنچ ھەل قىلىشنىڭ بىردىنبىر ۋاسىتىسى. ھالبۇكى، ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتى سۆھبەت ئۈچۈن، پەلەستىنگە قوبۇل قىلىش تەس بولغان ئالدىنقى شەرتنى قويدى. نىتانىياخۇ 5-ئايدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە نۇتۇق سۆزلىگەندە، ئىسرائىلىيە ئىرۇسالىمنى بۆلۈۋېتىشكە بولمايدۇ، كەلگۈسى پەلەستىن دۆلىتى ھەربىيسىزلەشتۈرۈلۈشى ھەم ئىسرائىلىيە ئىئوردان دەريا جىلغىسىدا قوشۇن تۇرغۇزۇشى كېرەك دېگەن شەرتلەردە چىڭ تۇرىدۇ دەپ تەكىتلىدى شۇنداقلا پەلەستىننىڭ مۇشۇ ئاساستا سۆھبەتنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشىنى مۇراجىئەت قىلدى. jVL<7@_*  
TYWajcch  
ئىسرائىلىيەنىڭ سىياسىي ئوبزورچىسى خارىفا مۇنداق دېدى: ئىسرائىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ قاتتىق مەيدانى-پەلەستىننى تىنچلىق سۆھبىتىگە بولغان ئىشەنچتىن ئۈزۈل-كېسىل مەھرۇم قىلىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت قۇرۇشنى قوللىشى ئۈسىتدە ئىزدىنىش ئىرادىسىنى يەنىمۇ چىڭىتتى. iN+Dmq5  
i0{pm q  
ئىسرائىلىيە پەلەستىن تەتقىقات ۋە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ مۇدىرى باسكىن مۇنداق دېدى: نۆۋەتتىكى ئەھۋالدىن قارىغاندا، سۆھبەت ئارقلىىق، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ماجىراسىنى ھەل قىلىش مۇمكىنچىلىكى ئىنتايىن كىچىك، ئەگەر كۈچلۈك تاشقى تۈرتكىلىك كۈچ بولمىسا، قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلىماق تەس. مېنىڭچە، پەلەستىننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ دۆلەت قۇرۇشنى ئېتراپ قىلىشى ئۈستىدە ئىزدىنىشى بىر پۇرسەت، بۇ تاشقى كۈچكە تايانغاندا، قاتمال ھالەتكە چۈشۈپ قالغان تىنچلىق مۇساپىسىدە يېڭى سەھىپە ئېچىش مۇمكىن.
\lCr~D5  
I? dh"*Js&  
_X;^'mqf~  

تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-19, 10:06
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...