كىچىك ۋاقتىمدا دوستلىرىم بىلەن ئورمانلىقلاردا لاي توپىنى سىقىمداپ ، يۇمىلاپ يۇرۇپ، قايتىپ كىرىپ ئانامدىن تىل ئىشتىپ يىغلىغانلىرىم، بىرەر تال كەمپۈت چاغلىق نەرسە بەرسە ياكى بازارغا ئاپىرىمەن دىسە خوشلۇقۇمدا دەرھال يىغامنى توختۇتۇپ خوشاللىقىمدا ئانامغا ئېسىلىپ ئەركىلىگەنلىرىم ھىلىھەم ئىسىمدە.
BT_XqO كىچىك ۋاقىتلار ناھايىتىمۇ غەمسىز ۋاقىتلار ئىكەن. ئويناپ قورسىقىمىز ئاچسا ئۆيگە كىرسەك تەييار يەيدىغانغا نان ياكى تاماق تەييار، ئاتا-ئانا ئۇرۇق تۇغقانلار ئالدىدا بىزلەر شۇنداق ئەتىۋارلىق.
3(,m(+J[S ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە ئاتا-ئانىلار بۇرۇنقىدەك -سەن تېخى كىچىك - دىمەي - ئەمدى سەنمۇ چوڭ بولدۇڭ - دەيدىغان بولدى. راست، چوڭ بولدۇق. چوڭ بولۇپ ئىرىشكىنىمىز بىر تالاي غەم، باش ئاغرىقى بولدى.
CV\
y60n جاھان ئۆزگەردى، بىزمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆزگەردۇق. قۇۋلۇق،ھىيلىگەرلىكنى، ساختىپەزلىكنى ئۈگەندۇق. يۈزمۇ-يۈز تۇرۇپ يالغان سۆزلەشنى، كىچىككىنە نەپ ئۈچۈن يارۇ-بۇرادەر، دوست-يېقىنىلىرىمىزنى سېتىۋىتىشنى ئۈگەندۇق، سېتىۋەتتۇق. بىرەرىنىڭ بىزدىن ئازراق ئارتۇق تەرىپىنى كۆرسەك ئۇنى يىقىتىپ چوڭقۇر ھاڭغا چۈشۈرىۋەتمىگۈچە بولدى قىلمايدىغان بولدۇق. بىرەر ئىش باشلىغانلارنى قوللاپ مەدەت بەرمەكتە يوق مەنسىتمەي مازاق قىلدۇق. باشقىلارغا ئورا كورلاپلا يۈردۇق، ئۆزىمىزمۇ ھەم شۇ ئورەكلەردىن ساق قالمىدۇق. باشقىلارنىڭ بىر-بىرىنى يۆلەپ تىز ئالغا كىتىۋتقىنىنى كۆردۇقۇ ئازراق نەپ ، ئازراق زىددىيەتلەرنى باھانە قىلىپ بىر-بىرىمىزنى پۇتلاپ يۇردۇق. بىر-بىرىمىزنى ئالدىغا ئۆتكۈزمىدۇق. ياماننى كۆرسەك ئالدىدا چاپان كۆتىرىپ ھارمىدۇق، ئارقىدا تەمە چىشىمىزنى بىلەپ ھارمىدۇق. يۇۋاشنى كۆرسەك بوزەك قىلدۇق، بۇلىدۇق، تالىدۇق، نالە-پەريادىغا قۇلاق سالمىدۇق. بىرەرىدىن ئازراق ئۆتۈپ قالسا تىللاپ باش كۆتۇرگۈسىز قىلدۇق. يۈزتۇرانە تىللىيالمىساق ۋاستىلىك تىللىدۇق، ئۇمۇ بولمىسا توردا تىللىدۇق. ئىشقىلىپ تىللىدۇق، ئۇردۇق،بۇلىدۇق، تالىدۇق، قولدىن كىلىدىغانلىكى ئۇسۇل-چارىلەر بىلەن ئۆچ ئالدۇق، ئىچ پۇشۇقىمىزنى چىقاردۇق. ئاخىرىدا كىلىپ بىزمۇ شۇنداق چۇڭقۇر ھاڭلاردىن بىرىگە چۈشكىنىمىزدە، ياكى باشقىلارنىڭ قۇلى بوپ قالغان ۋاقىتتا قاقشىدۇق،زارلىدۇق، زار-زار يىغلىدۇق. ئەمما يىغىمىزنى ئاڭلاشقا كىشى يوق. ھەممە،ھەممە ئۆز غىمى بىلەن، ئۆز تىرىكچىلىگى بىلەن. ئۆز ۋاقتىدا چاپان كۆتۈرگەنلەر ئەمدى بىزنى كۆرسە قىېچىپ يراق ماڭىدىغان بولدى. پەرزەنتلىرىمىز ئۆز ۋاقتىدا «بەك چىرايلىق چوڭ بوپسىز، بەك ياخشى بالا بولۇپسىز» دەپ ماختىغانلاردىن دەشنام يەپ يىغلاپ كىرسە ئىچىمىز ئامبۇر بىلەن قسقاندەك قىسىلدى، يىڭنە سانجىغاندەك ئاغرىدى. ئەمما نە ئىلاج؟
#)twk`!^ شۇنداق كۈنلەر بېشىمىزغا كەلگەندە ئاندىن ئۆتكەن كۈنلەرنى ئەسلەپ مىڭ پۇشايمانلارنى قىلىدىكەنمىز، ئەمما كىچىكىدىكەنمىز . ياشتىن قىزارغان كۆزلىرىمىزنى يۇمۇپ شۇنداق دەيدىكەنمىز - ئھ مىھرىبان ئاللاھ، سىنىڭ ئالدىڭدا نىمە گۇناھ قىلغان بولغىيتتىم. مىنى نىمانچە كۈنلەرگە قويىدىغانسەن. ئەگەر گۇناھ قىلغان بولسام شۇ گۇناھلىرىم ئۈچۈن تۆۋە قىلدىم . مىڭلاپ قېتىم تۆۋە. ئاجىز بەندەڭنى شۇ گۇناھلىرىدىن مەغپىرەت قىلغايسەن!!!!!!!!!!!!
Vwh;QJxb ~9yKMUf مەنبە: ئۆز قەلىمىم.
S<cz2FlV ( تىمام پەقەت جەمىيەتتىكى بىر قىسىم ، ئاز بىر قىسىم ناچار ئىللەتلەرنى قامچىلاشنىلا مەقسەت قىلغان توغرا چۈشەنگەيسىزلەر)
eB1NM<V &0%Zb~ts ~ho,bwJM[T ھۆرمەتلىك باشقۇرغۇچى ، تىمىنى ئۇقۇشمايلا شئىرىيەت گۈلزارىغا يوللاپ قۇيۇپتىمەن . ئېغىر كۆرمەي ماس سالونغا يۆتكەپ قويغان بولسىڭىز.
k3@d
=k [ بۇ تېماMisranim2با2011-06-19 10:04قايتا تەھرىرلەش ]