مىسرانىم باش بېتى | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | يانفۇن مۇزىكىسى |سۈرەتلىك ناخشا |ئاۋازلىق ئەسەرلەر | سۈرەتسىز ناخشا | يۇمشاق دىتال | تېما بېزەش رەسىمى

  •    ئاۋاتلىقى
       323 
  •    ئىنكاس 
       16 

دادامغا دىيەلمىگەن سۆزلەر

قەۋەت ئاتلاش
yalghuz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14417

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   174 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6602 (سوم)
 ياخشى باھا:   198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   313  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1811
 سائەت
دەرىجىسى:
1811 سائەت 79 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-06-21

كىچىك ۋاقتىمدا دادامغا كارامەت ھەۋەس قىلاتتىم.چۈنكى دادام قەلبىمدىكى ئاجايىپ كۈچلۈك،كارامەت چىداملىق ھەم دۇنيادىكى ئەڭ باتۇر ئادەم ھېسابلىناتتى. P7.'kX9  
بالىلار كۆپ ھەم كىچىك،مائاش تۆۋەن بولغاچقا تۇرمۇشىمىز ئانچە ياخشى ئەمەس ئىدى. شۇنداقتىمۇ دادام شۇ زاماندىكى تىرىكچىلىك غېمىدە دادام – ھەممە ئادەم ھۆرمەتلەيدىغان «مۇئەللىم»دادام تۇرمۇش ھەلەكچىلىكدە يازىچە دەرەخ كەسكەن يەرگە بېرىپ كۆتەك كولاپ قىشلىق ئوتۇننىڭ غېمىنى قىلاتتى.كۈزدە بولسا بىر قىش يەتكىدەك كۆمۈر ئەكىلىپ،ئۆزى يالغۇز نەچچە توننا كۆمۈرنى كېسەك قىلىپ قۇياتتى. قىشتا بولسا يازدا كولاپ چىقىرىلغان،قۇرۇپ تەييار بولغان يوغان-يوغان كۆتەكلەرنى پالتا بىلەن يېرىپ ئوتۇن تەييارلايتتى.دادام ھەر قېتىم كۆتەكلەردىن ئوتۇن يارغاندا ئېنىم بىلەن ئىككىمىز پالتا زەربىسىدىن چاچراپ كەتكەن ئوتۇنلارنى يىغىپ ئەكلەتتۇق.دادامنىڭ پالتا بىلەن يوغان كۆتەكنى ئىككى ياكى ئۈچ قېتىم ئۇرۇپلا پارچە-پارچە قىلىۋەتكىنى كۆرسەك چاۋاك چېلىپ خوشال بوپ كېتەتتۇق.ئىش قىلىپ دادام نەزىرىمدە دۇنيادىكى تەڭداشسىز كۈچ قۇۋەت ئىگىسى ئىدى. O|kOI?f  
مەكتەپكە كىردىم. ئوقۇدۇم، دۇنيانى ئۆزەمنىڭ قارىشىم بويىچە مۆلچەرلەيدىغان بولدۇم،بارا-بارا دادامنىڭمۇ مەن ئويلىغاندەك ئۇنچە كۈچلۈك ئەمەسلىكىنى ھېس قىلىدىغان بولدۇم.چۈنكى،ئىككى موچەن پۇلغا مەكتەپنىڭ ئالدىدا بىر قاچا لەڭپۇڭ بېرەتتى،خېلى كۆپ بېرەتتى.ئەمما دادام كۈندە مەكتەپتە ئوقۇيدىغان بەش بالىغا شۇ ئىككى موچەندىن پۇلنى بېرىپ بولالمايتى.بازاردا ئىستىمال شىركىتىنىڭ ئاشخانىسىدا بىر كويغا ئون سامسا بېرەتتى.لىكىن دادام ئىككى كويغا سامسا ئەكىلىپ بەش بالىغا ھەركۈنى سامسا ئېپ بېرەلمەيتى.شۇڭا داداممۇ تايىنلىقكەن دەپ قارايدىغان بولدۇم.ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ ئوتتۇرا تەخنىكوم مەكتەپتە ئوقۇدۇم. مەكتەپتە ياتاق تامىقىمىز ھەقسىز ئىدى،ھەم ھەر ئايدا 3يۇەن تۇرمۇش پۇلى بېرەتتى. لىكىن دادام ھەپتىسى پارچە خراجىتىمگە پەقەت 5يۇەنلا بېرەتتى.بەش يۇەنگە نىمە كېلىدۇ دەپ ئويلاپ قالماڭ.80 - يىللاردىكى بەش يۇەنگە قىز ساۋاقداشتىن بىرىنى مىھمان قىلىپ كەلتۈرۋالغىلى بولاتتى.قاراڭ ماۋۇ ئەرزانچىلقققا: يېرىم لەغمەن 3مو بەشپۇڭ،بىر زىق كاۋاپ بىرمو،بىر قاچا قىيمىلىق ئۈگرە 2مو بەشپۇڭ.تۇخۇم قۇيدۇرسىڭىز3مو. قىزلارنىڭ يۈزىگە سۈرىدىغان مۇدەن ماركىلىق يۈزمېيى5مو،خوڭمېي يۈز مېيى4مو ئىككى پۇڭ..... ئىشقىلىپ قىزلارنى كەلتۈرگىلى بولاتتى.(يۈزۈم قېلىنمىكەن)،بۇندىن باشقا ئىككى ئاغىينىمىزنى مىھمان قىلىپ مەس قىلىۋەتكىلى بولاتتى.كوئىنلۇن داچۈ بىركوي،ئون زىق كاۋاپ بىركوي،بىر قاپ داچەنمىن تاماكا ئۈچمو ئىككى پۇڭ ، بىركويلۇق خاسىڭ دادۇر....2موغا بىر بوتۇلكا بېرىدىغان شۇ چاغدىكى گازلىق سۇ دىن ئىككى بوتۇلكا.... لىكىن ھەپتىدە بۇ بەش كوي خېلى تېجىسەممۇ يەتمەيتى.بەزى ساۋاقداشلىرىمنىڭ يانچۇقىدا ئون كويلۇق پۇللار شۇنداق كۆپ ئىدىكى بىر ھەپتىدە نەچچە قېتىم مېھمان چاقىرسىمۇ يېتەتتى.بۇنىڭغا قاراپ دادامنىڭ ماڭا جىق-جىق پۇل بەرمەيدىغانلىقىدىن خاپا بولاتتىم. bBc[bc>R  
مەكتەپ پۈتتۈرۈپ خىزمەتكە چىقتىم. دادام ھەركۈنى ئەتتىگەندىلا مېنى ئۇخلاتماي ئويغىتىۋىتەتتى. z (?=Iv3  
ـ تۇرە-تۇرە مۇئەللىم دىگەنمۇ مۇش چاققىچە ئۇخلامدۇ؟ تەييارلىق قىلىدىغان دەرسىڭ يوقما؟ 2c5-)Dt)T  
ـ دەرسنى تەييارلاپ بولغان. 8s{?v &p  
ـ قاچان تەييارلاپ بولغان؟تەييارلاپ بولغان بولساڭ،تەكشۈردىغان تاپشۇرۇقىڭ يوقما،ماڭا قارا ،تۇرە ئورنۇڭدىن ياش ئادەم دىگەنچۇ ئىشقا بالدۇر بېرىپ ئانچە مۇنچە ئىشخانىلارنى تازىلاپ قويىدىغان.... kM8{C w  
ـ ۋاي دادا دىجۇرنى بار تازىلايدۇ،مەنمۇ دىجۇرنى بولغاندا تازىلايمەن... kF"@Ngv.  
ـ بىرەر قېتىم ساۋاپلىق ئىش قىپ قويساڭ بىر يېرىڭ ئۈزۈلۈپ كېتەمدۇ؟ پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىلارغا دىجۇرنىلىك كەلگەن بولسا سەن ياش بولغاندىكىن.... vw,rF`LjZ  
ـ ۋاي ئەجەپ كۈندە دەۋىردىكەنسەن مانا تۇردۇم ھازىر ماڭاي بولدىمۇ ؟ بۇ سېنىڭ دەۋرىڭ ئەمەس لېي فىڭدىن ئۈگۈنىپ نەمۇنچى بولىدىغان.... ZyrI R  
ـ ماڭامسەن يوق ! ھېلى بكارجۇمۇ..... kE9esC 3  
ـ ھە ماڭدىم ،ماڭدىم مانا-ئەبجەق ۋېلسىپىتىمنى ئالىمەن-دە دەرۋازىغا ئۆزەمنى ئاتىمەن.دادامنىڭ ئادەمنى بىزار قىلىدىغان بۇ كوتۇلداشلىرى تاكى توي قىلىپ ئۆ ئايرىپ چىققۇچە داۋاملاشقان ئىدى. F8:vDv  
ئۆيلەندىم ، بالىلىق بولدۇم. خىزمەتتە تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىسسىق سوغۇقلار بېشىمدىن ئۆتتى. خىزمەتتە ھەم كۈنسىرى مۇرەككەپلىشىپ كېتىۋاتقان كىشىلىك مۇناسىبەتتە كۆپ قېتىم بۇرنۇمغا يىدىم، نۇرغۇن مەسىلىلەردە بىرسىگە دەردىمنى ئېيتقۇم كەلدى. مەسلىھەت قىلغۇم كەلدى. ئويلاپ باقسام دادامدىن باشقا ئادەم ماڭا ئەڭ ياخشى مەسلىھەتچى بولالمايدىغاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم.دادامدىن ئادەم بولۇشنىڭ يوللىرىنى ئۈگەندىم،خىزمەت مۇناسىبىتىنى بىرتەرەپ قىلىشنى،ئائىلە باشقۇرۇشنى ئۈگەندىم. ئەمما دادام بالدۇرلا مېنى بۇ تۇرمۇشنىڭ قاتتىق،قىستاڭ،ئەگرى توقاي كوچىسىدا يالغۇز قالدۇرۇپ كېتىپ قالدى. مەن بىزار بولغان دادام ماڭا قەدرلىك بىلىنىشكە باشلىغاندا ئۇ بۇ ئالەمدىن  كەتتى. ?']5dD  
دادام بىز يەتتە بالىنى بېقىپ قاتارغا قوشقىچە نۇرغۇن جاپا چەكسىمۇ ھەرگىز ۋايسىمايتى.ئەزەلدىن بىزنى ئۇرمايتتى.ئانام ئاچچىقى يامانراق ئايال،ئۇ بىزنى ئۇرۇپ قويسا دادام ئانامنى ئەيپلەيتتى.شۇنداقتىمۇ ئانامدىن قىلچە ھېيىقمايتتۇق لىكىن دادامدىن كارامەت قورقاتتۇق. {8)zg 
ئايالىم بىلەن ئىككىمىزنىمۇ چوڭلار تونۇشتۇرۇپ تويىمىزنى قىپ قويغان، شۇنداق ئېسىمدە ئەتە تويۇم بولىدۇ دىگەن كۈنى كېچىدە ئۇخلاۋاتسام بىرى بېشىمنى سىلىغانلىقىنى بىلىپ كۆزۈمنى ئاچتىم. دادام بېشىمدا مۇلايىم كۈلۈپ ئولتۇرۇپتۇ. دەرھال ئورنۇمدىن تۇردۇم.لىكىن دادام يېتىۋەرگىن سېنى يوتقاننى ئېچىۋىتىپ زۇكام بوپ قالمىسۇن دەپ كىرگەن ئىدىم دىگەندەك شۇنداق بوپتۇ. دەپ يوتقىنىمنى ئوڭشاپ قويدى.قارىسام دادامنىڭ ماڭا نىمىنىدۇ دىەۈسى باردەك قىلاتتى.نەچچە تەمشىلىپ يەنىلا دىيەلمىدى بولغاي،ئاخىرى باشقا گەپلەرنى قىپ قويۇپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.ئەلۋەتتە دادامنىڭ نىمە دىگۈسى بالىقىنى بىلمىسەممۇ لىكىن دادامنىڭ ئەخلاق يۈزسىدىن نەچچە تەمشىلىپ دىيەلمىگەن گەپلىرىنى كۆڭلۈمدە سىزىپ تۇرغان ئىدىم. ھەرقانداق دادا ئۈچۈن ئۆز ئوغلىنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ چوڭ ئىش- بالاغەتكە يېتىش ھەم ئۆيلۇك ئوچاقلىق بولىشىنى كۆرۈشتىنمۇ ھاياجانلىق ئىش بولمىسا كېرەك. InXn%9]p]  
بۈگۈنكى كۈندە مەنمۇ22ياشلىق يىگىتنىڭ دادىسى بولۇپ قالدىم.يەنە بىرنەچچە يىلدىن كىيىن مەنمۇ باشقا بىر ئائىلىنىڭ ئارزۇلۇق قىزىنىڭ قېيىن ئاتىسى بولۇپ قالىمەن.(ئاللا نىسىپ قىلسا). - K9c@?  
دادام رەھمەتلىك ئەزەلدىن كېلىنلەرگە ئۆرە قارىمايتتى.كېلىنلەر تاماق ئېپكەلسە ئورنىدىن تۇرۇپ قولىدىن ئالاتتى.كېلىنلەرگە ئەزەلدىن ئېغىز ئېچىپ گەپ قىلمايتتى. ئۇلارغا دەيدىغان گەپلەرنى ئاناملا دەيتتى.شۇڭا ئىككى يىل بىللە ئولتۇرغان كەنجى كېلىن ھازىرغىچە رەھمەتلىك دادامنىڭ ئاۋازى قانداق چىقاتتىكىن پەقەت ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن دەپ قويىدۇ.دادامنىڭ تەرىپىنى ئېلىپ،ئوغۇللار پوخۇلۇق قىلىپ خوتۇنلىرىغا ئازار بەرسە ياكى ئائىلىدە ئۇششاق ئىشلا توغرىلىق جىدەللىشىپ قالسا پەقەت سورىمايلا گۇنانى بىزگە ئارتىپ بىزنى ئەيىپلەيتتى. NS%WeAf  
ـ ئوغۇل بالا تۇرۇپ شۇنچىلىك ئىشنى بىر تەرەپ قىلالماي، خوتۇنىڭنى ئۇردۇڭما ؟ ئېسىت-ئېسىت، نومۇس قىلساڭچۇ ؟ مەن ئەكىلىپ قويمايمەن ،قانداق ھايدىۋەتكەن بولساڭ شۇنداق قايتۇرۇپ كەل،كېلىنىمنى ئالماي بۇ ئۆيگە قەدەم باسقۇچى بولما !- دەيتى-يۇ بىر نەچچە كۈندىن كىيىن ئانام بىلەن بېرىپ ئۇلارنى قايتۇرۇپ كېلەتتى. بىر قېتىم شۇ گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بىزمۇ دادامدىن قورقۇپ ئاچچىقىمىزغا ھاي بېرەتتۇق.خوتۇنلارمۇ دادامدىن تەسىرلىنىپ يۇۋاشلاپ قالاتتى. pn.wud}R  
ئوغلۇم ھەر ھەپتە مەكتەپتىن قايتىپ غولۇمنى ئۇۋىلاپ،پۇتلىرىمنى تۇتۇپ قويىدۇ.گەرچە مەن ئۇ دەرىجىدە قېرىپ كەتمىگەن بولساممۇ ئەمما ئۇ پەقەت ئۇنىمايدۇ. &e 6CJ  
ـ ھېرىپ كەتتىڭىز دادا ،تۇتۇپ قوياي، ئۇۋىلاپ قوياي - دەپ تۇرىۋالىدۇ.مۇشۇنداق چاغدا دادامنى ئويلاپ قالىمەن. Tq]Sn]CSP  
ـ دادام كۆتەك كولاپ ھېرىپ كەتكەندە كىچىك بولساممۇ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ بىلەكلىرىنى تۇتۇپ قويمىغاندىمەن؟ كۆتەك يارغاندا قاپىرىپ كەتكەن قوللىرىنى نىمىشقا سىلاپ قويمىغان بولغىيدىم؟ جاھاننىڭ قاتتىقچىلىقدا پونكىتتىن بەرگەن سېرىق قوناقنىڭ ئۇنىنى سېتىپ بۇغداي ئۇنىغا تېگىشىپ كېلىمەن دەپ قەھرىتان قىشتا ۋېلسىپىت بىلەن 30نەچچە كىلومېتىر يولنى بېسىپ، بىزنى بېقىش ئۈچۈن ھاردىم دىمەي 2يۈز جىڭلىق تاغارنى يۈدۈپ كىرسە نىمىشقا كىچىك قوللىرىم بىلەن تاغارنىڭ بىر بۇرجىكىنى تۇتۇشۇپ بەرمىگەندىمەن؟ نىمىشقا غولىنى ئۇۋىلاپ پۇت قوللىرىنى يۇيۇپ قويمىغاندىمەن؟ھەر يىلى بالىلىرىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىمەن،بالىلار چوڭ بولغاندىن كىيىن ئانىسى ئىككىمىزنىڭ تۇغۇلغان كۈنىمىزمۇ بالىلارنىڭ زورى بىلەن ئۆتكۈزلىدىغان بولدى.لىكىن دادامنىڭ تۇەۇلغان كۈنىنى نىمىشقا ئۆلۈپ كەتكىچە سوراپ باقمىغاندىمەن؟...... ]E\n9X-{  
ئويلاپ باقسام دادامغا : 8!Vl   
ـ دادا مەن ساڭا ئامراق دەپ باقماپتىمەن ! ئەمما رەھمەتلىك دادام يەتتە بالىسىنىڭ ھەممىسىگە شۇنداق ئامراق ئىدى. Ty vtmx M  
ئويلاپ باقسام دادامغا : \,u_7y2 c  
ـ ھېرىپ كەتتىڭ بىردەم ئولتۇرۋال ، مەن قىلاي دەپ باقماپتىمەن، ئەمما دادام ئۆمۈر بويى بالىلىرى ئۈچۈن ھاردىم دىمەي خىزمەت قىلدى. }ZYv~E'  
ئويلاپ باقسام دادامغا كۆپ قەرزداركەنمەن. لىكىن دادام ئەزەلدىن مەن بەرگەن پۇلنى ئالغان ئەمەس. ئويلاپ باقسام دادامنى پەقەت كۆتۈرۈپ باقماپتىمەن ئەمما دادام يەتتە بالىنىڭ ھەممسىنىڭ ئېغىرىنى يەتكىچە كۆتۈرۈپتىكەن. J ]nohICe  
ئويلاپ باقسام ..... UK 
ئويلاپ باقسام .... ;W>k@L  
ئويلاپ باقسام ..... 6 J{k(H$3  
ئەمدى بولسىمۇ دەۋالاي ! 6@rMtQfI  
ــ دادا مەن سېنى ياخشى كۆرىمەن !  مەن ساڭا ئامراق !  دادا مەن سېنى سېغىندىم، سېنى بەك سېغىندىم............... dBz/7&Q   
["h5!vj  
مەنبە: ئۆزەم (يالغۇز)
تېما تەستىقلىغۇچى : Misranim2
تەستىقلانغان ۋاقىت : 2011-06-19, 10:02
مەزكۇر تېمىنىڭ مىسرانىمدىكى باھالىنىش ئەھۋالى: جەمئىي 3 پارچە مۇنبەر پۇلى +620
مەخرۇزە مۇنبەر پۇلى +20 06-19 -
begana مۇنبەر پۇلى +100 06-19 يۈرەكتىكى گەپ
YuqunAdam مۇنبەر پۇلى +500 06-19 دەر ھەقىقەتنى يېزىپسىز. دادامدەكلا ھ..
مىسرانىمدا كۆرىۋاتقان چاپلانمادىكى ھېسياتىڭىز قانداق بولدى؟

ئېسىل

بىپەرۋا

تەسىرلىك

كۈلكىلىك

خوشال

غەزەپ

تېتىقسىز

قايمۇقۇش

تەشەككۇر

ھەيران
maytag
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.31213

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   33 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1132 (سوم)
 ياخشى باھا:   100 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   101  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 400
 سائەت
دەرىجىسى:
400 سائەت 40 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-02-21
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 1- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

شۇنداق تەسىرلىك يىزىپسز!!!!!!!!! مەنمۇ دادامنى بەك سېغىندىم.......  

sabinur
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.20758

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   581 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   5662 (سوم)
 ياخشى باھا:   166 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   217  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2827
 سائەت
دەرىجىسى:
2827 سائەت 163 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-12-04
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 2- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

شۇنداق تەسىرلىك يېزىپسىز. كۆزلىرىمدىن ياشلار قۇيۇلۇپ كەتتى.....
تىرىشىڭ،ئىزدىنىڭ،ئۆگىنىڭ.........شۇندىلا غەلبە سىزنىڭ
YuqunAdam
دەرىجە:ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.11678

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   2181 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   818 (سوم)
 ياخشى باھا:   423 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   606  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 5222
 سائەت
دەرىجىسى:
5222 سائەت 48 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-26
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 3- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

مەن ياشىغان دەۋىرلەرگە ماس كەلگىدەك. ئەمما يەنە سەل بۇرۇنراقمۇ قانداق؟ كۆپ تەقدىرىمىز ئوخشاشكەن. ئۇ چاغدىكىلەردە ئاساسەن تۇرمۇش پىسخىكىسى ئوخشاش ئىدى. چوڭلار باتۇر، كىچىكلەر تولىمۇ چىداملىق ئىدى. ھەممەيلەن بارغانچە ھورۇنلۇشۇپ كەتتۈق. توۋا! &J]K3w1p  
ئەمما مېنىڭ دادام ھايات! دادام ماڭا ئامىراق بولغاندەكلا، مەنمۇ دادامغا ئامىراق. دادام ئۆزىچە مېنى ئىزلەپ سېغىنىپ تېلفۇن قىلىپ تۇرىدۇ. مەن ھەر ۋاقىت كېچىكىمەن. دادامنى يېڭىپ باققان يىرىم يوق. ھازىرغىچە تەربىيسۋىنى ئاڭلايمەن. z|J_b"u4  
ھەممە ئاتىلارنىڭ بۈگۈنكى ‹ئاتىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!›
بىر كۈن كۈلسە ئېغىزىڭ تېلىقىپ،
ياشلىرىڭمۇ ئاقار بىر كۈنى.
پەرۋىش قىلغان كوزىچى غۇجام،
نەپسىز قالسا چاقار بىر كۈنى.

يۇلتۇزلارمۇ ساقىيدۇ بىر كۈن،
گاھ! پارقىراپ كۆز قىسقان بىلەن.
ياشلىغىڭمۇ تۈگەيدۇ بىلمەي،
گاھ! شاۋايلاپ گۈل قىسقان بىلەن.
Bidar-Qutlan
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.36134

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   106 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   343 (سوم)
 ياخشى باھا:   -1 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   2  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 934
 سائەت
دەرىجىسى:
934 سائەت 106 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-04-02
ئاخــىرقىسى:2011-06-22
ئاپتورنىڭلا 4- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

ئاتام مەندەك ۋاقتىدا، مەن بالامدەك ۋاقتىمدا، بالام مەندەك بولغاندا، نەۋرەم بالامدەك بولغاندا ھەممىمىز شۇنداق دەپ قالىدىكەنمىز.
بىرىمىز بىرىمىزگە ئەينەك.  
تۇرايىم: [url=http://hi.baidu.com/Qutlan]قۇت تۇرا[/url]
yalghuz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14417

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   174 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6602 (سوم)
 ياخشى باھا:   198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   313  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1811
 سائەت
دەرىجىسى:
1811 سائەت 79 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 5- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

ئىشلىتىش
ئىشلىتىدىغان قەۋەت3قەۋەتYuqunAdamبىلەن2011-06-19 11:39يوللانغان : "_NN3lD)X  
مەن ياشىغان دەۋىرلەرگە ماس كەلگىدەك. ئەمما يەنە سەل بۇرۇنراقمۇ قانداق؟ كۆپ تەقدىرىمىز ئوخشاشكەن. ئۇ چاغدىكىلەردە ئاساسەن تۇرمۇش پىسخىكىسى ئوخشاش ئىدى. چوڭلار باتۇر، كىچىكلەر تولىمۇ چىداملىق ئىدى. ھەممەيلەن بارغانچە ھورۇنلۇشۇپ كەتتۈق. توۋا! A[{yCn`tM  
ئەمما مېنىڭ دادام ھايات! دادام ماڭا ئامىراق بولغاندەكلا، مەنمۇ دادامغا ئامىراق. دادام ئۆزىچە مېنى ئىزلەپ سېغىنىپ تېلفۇن قىلىپ تۇرىدۇ. مەن ھەر ۋاقىت كېچىكىمەن. دادامنى يېڭىپ باققان يىرىم يوق. ھازىرغىچە تەربىيسۋىنى ئاڭلايمەن. <^jQo 
ھەممە ئاتىلارنىڭ بۈگۈنكى ‹ئاتىلار بايرىمىغا مۇبارەك بولسۇن!› `e&Suyf4B  
 SRDp*  
بەلكىم دىمەتلىكتۇرمىز ئەمما شۇ چاغدىكى تۇرمۇش ھەقىقەتەن شۇنداق ئىدى. ھازىرقى ياش بالىلار بۇنى بەلكىم بىلمەسلىكى مۈمكىن. #r\4sVg  
Moza".fiN  
مۇنبەردىكى بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىنى تەبرىكلەيمەن !
cayyara
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.32274

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   336 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   1693 (سوم)
 ياخشى باھا:   107 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   113  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2095
 سائەت
دەرىجىسى:
2095 سائەت 205 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-03-01
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 6- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

بەك ياخشى يېزىپسىز ، قارىغاندا مېنىڭ دادام بىلەن دىمەتلىككەنسىز ، ئوغلىڭىزدىن ئىككى ياش كىچىككەنمەن ، مەنمۇ ئاتا-ئانامنى قەدىرلىشىم كېرەكلىكىنى يەنە بىر قەۋەت ھېس قىلىپ يەتتىم ، تېنىڭىزگە سالامەتلىك ،ئائىلىڭىزگە بەخىت-خاتىرجەملىك يار بولسۇن ، بارلىق ئەزىز ئاتا-ئانىلىرىمىزنىڭ ئۆمرىنى ئۇزۇن ،ئالتۇن تەنلىرىنى ئامان ئېسەن قىلسۇن ئاللاھىم .
ئۇستاز ئۈگىتەلمىگەننى مۇھتاجلىق ئۈگىتىدۇ.
gulbaxikar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.7639

جىنسى:    خانىم

 يوللانغان يازمىسى:   1133 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   17701 (سوم)
 ياخشى باھا:   322 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   361  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 2276
 سائەت
دەرىجىسى:
2276 سائەت 24 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-08-24
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 7- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

ھەجەپ ئىچىم ئاچچىق بولىۋاتىدۇ، يۈرۈكۈم ئىچىشىپ كىتىۋاتىدۇ، يىغلاي دىسەم كۆزۈمدىن ياش ئاققۇزماسلىققا ، قەيسەر ياشاشقا ئۆز ئۆزەمنى ھەر ۋاقىت ئاگاھلاندۇرۇپ كەلگەن، شۇنداقتىمۇ كۆزلىرىم  نەملەشتى،ئاچچىقتىن بۇغۇزۇم ئاغرىپ كەتتى. ئاتىڭىز ھەقىقەتەن ئاددى ئەمما ئۇلۇغ ئادەمكەن، ھەر ۋاقىت ئەسلەشكە، مەدھىيلەشكە، كىچىكىپ بولسىمۇ مەن سىنى ياخشى كۆرىمەن دىيىشكە لايىقكەن، بۇنۇڭدىن پەخىرلەنسىڭىز بولغۇدەك. ئەمما مەن مەڭگۈ ئۇنداق دىيەلمەيمەن.......پەقەت قەغەز يۈزىدىلا دىيەلىشىم مۇمكىن .
[ بۇ تېماgulbaxikarبا2011-06-19 16:31قايتا تەھرىرلەش ]

مۇھەببەت ئۆز ئارا ئىشەنىچ، ئۆز ئارا ياردەم، ئۆز ئارا ئورتاق غايە، ئورتاق نىشان ئۈستىگە قۇرۇلىشى لازىم!
.tuz.
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.3246

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   1749 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   50416 (سوم)
 ياخشى باھا:   529 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   500  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 9038
 سائەت
دەرىجىسى:
9038 سائەت 412 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-07-03
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 8- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

ئۆز تەزكىرىسىنى يېزىپ قالدۇرۇش ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇلغان ئەڭ ياىشى نەسىھەت !!! تولىمۇ ئەپسۇس دادىڭىز قىلمىغان ئىشنى سىز باللىرىڭىزغا قىلىشنى ئۈگۈتىپسىز !! {E|$8)58i  
تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا بىر دىمەتلىك كىلىدىكەنمىز ، قېنى سىزدىن سوراپ باقاي ؟ دادىڭىز سىزنىڭ تۇغۇلغان كۇنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنمىتى ؟ سىزگە باللىرىڭنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى ئۆتكۈزۈپ بەر دەپ ۋەسىيەت قىلغانمىتى ؟ ! قېنى جاۋاپ بىرىڭ ؟!
سۈكۈت قىلىشنى بىل ،ئەممە رەزىللەرنىڭ ئالدىدا ئەمەس !
yalghuz
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.14417

جىنسى:    تولدۇرمىغان

 يوللانغان يازمىسى:   174 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   6602 (سوم)
 ياخشى باھا:   198 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   313  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 1811
 سائەت
دەرىجىسى:
1811 سائەت 79 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-10-18
ئاخــىرقىسى:2011-06-21
ئاپتورنىڭلا 9- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

ئىشلىتىش
ئىشلىتىدىغان قەۋەت8قەۋەت.tuz.بىلەن2011-06-19 13:09يوللانغان : S.94 edQ  
ئۆز تەزكىرىسىنى يېزىپ قالدۇرۇش ، كېيىنكى ئەۋلاتلارغا قالدۇرۇلغان ئەڭ ياىشى نەسىھەت !!! تولىمۇ ئەپسۇس دادىڭىز قىلمىغان ئىشنى سىز باللىرىڭىزغا قىلىشنى ئۈگۈتىپسىز !! SpLzm A  
تېمىڭىزنىڭ مەزمۇنىغا قارىغاندا بىر دىمەتلىك كىلىدىكەنمىز ، قېنى سىزدىن سوراپ باقاي ؟ دادىڭىز سىزنىڭ تۇغۇلغان كۇنىڭىزنى ئۆتكۈزۈپ بەرگەنمىتى ؟ سىزگە باللىرىڭنىڭ تۇغۇلغان كۇنىنى ئۆتكۈزۈپ بەر دەپ ۋەسىيەت قىلغانمىتى ؟ ! قېنى جاۋاپ بىرىڭ ؟!   ~"&|W'he[  
Vl /+;6_  
تولىمۇ قىزىق نۇقتىلىق مەسىلىدىن بىرنى سوراپسىز قېرىندىشىم. %Ycy{`  
rJT^H5!o"  
تۇغۇلغان كۈننى تەبرىكلەش دىگەن بۇ ئۇقۇم مېنىڭ تۇرمۇشۇمغا پەيدا بولغىلى بەك ئۇزاق بولمىدى.مەن ئوغلۇم ئىككى ياشقا كىرگەندىن باشلاپ ئۇنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى تەبرىكلەشكە باشلىغان. بۇ ئىش جەمىيەتنىڭ تەسىرىدىن پەيدا بولغان يېڭى بىرخىل مەدەنىيەت بولۇش سۈپىتى بىلەن تۇرمۇشىمىزغا سىڭىپ كىرگەن. بۇ خىل مەدەنىيلىكنى مەن باشقىلاردىن خېلى كىيىن قوبۇل قىلغان ئىدىم. چۈنكى مەن چوڭ بولغان زامانلاردا ھەم ئائىلىدە ئەزەلدىن ھېچكىمنىڭ تۇغۇلغان كۈنى ئۆتكۈزۈلۈپ باققان ئەمەس. ھەم ئۇنداق ئادەت يوق ئىدى. T@:Wp4>69  
تولىمۇ ئەپسۇسلىنىدىغىنىم: :I j{s  
بالامنىڭ تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈشكە باشلىغاندا دادام تېخى ھايات ئىدى. لىكىن سوراپ باقماپتىكەنمەن.تۇغۇلغان كۈنىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىشنى ئويلاپ باقماپتىكەنمەن. ئەمما بالىلار چوڭ بولۇپ كىملىكنى كۆرۈپ دادامنىڭ تۇغۇلغان كۈنى مۇنداق ۋاقىتتىكەن دىگەننى بىلگەندە مەن ئاللىقاچان 35ياشقا كىرىپ قالغان ئىدىم.تۇنجى قېتىم تۇغۇلغان كۈنۈمىنى تەبرىكلىگەن چاغدا دادام ئۆلۈپ كەتكىلى 6يىل بولغان ئىدى. ug!s7fo^  
:0j?oY~e  
تىمىنى ياقتۇرۇپ ئوقۇش بىلەن بىللە شىرىن ئەمما ئاچچىق ھېسلىرىمنى قوزغاپ بايرىمىنى تەبرىكلىگەنلىكىڭىزدىن تولىمۇ خۇرسەنمەن.شۇتاپتا ئۆپكەم ئۆرۈلۈپ ئاران تۇرغان بولساممۇ ئاتا- ئانىنى ئەسلەشنىڭ ئۆزى مېنىڭچە تېتىپ بېقىشقا ئەرزىيىدىغان ھەم شىرىن ھەم ئاچچىق ھېسسىيات دەپ قارايمەن. ?wiC Q6*$  
رەخمەت سىزگە.
niranxa
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.24675

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   3036 (سوم)
 ياخشى باھا:   160 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   210  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 121
 سائەت
دەرىجىسى:
121 سائەت 19 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2011-01-01
ئاخــىرقىسى:2011-06-19
ئاپتورنىڭلا 10- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

دادا،بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن
كۆرەش قېلىدىكەنسىز،ھامان خاتالىق سادىر قىلىشتىن خالىي بولالمايسىز
akilyar
ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى:  No.9441

جىنسى:    ئەپەندىم

 يوللانغان يازمىسى:   138 

 نادىرلانغان تېمىسى:   

 مۇنبەر پۇلى:   120 (سوم)
 ياخشى باھا:   238 (نۇمۇر)
 تۆھپە:   349  [ئۆرلىتىش]
 توردىكى ۋاقتى: 115
 سائەت
دەرىجىسى:
115 سائەت 25 سائەت
تور ھالىتى:
تىزىملاتقىنى:2010-09-07
ئاخــىرقىسى:2011-06-20
ئاپتورنىڭلا 11- قەۋەت يوللانغان ۋاقتى: 06-19

ئىنسانىيەتنىڭ تۈۋرۈكى بولغا بارلىق ئاتىلارنىڭ بايرىمىغا مۇبارەك!!1
ھاياتلىق يولۇمدىكى توسالغۇلار قاچان تۈگەر دىمەيمەن. چۈنكى مەن بۇ يوللارغا كۈنۈپ كەتتىم ھەم كۆنىۋاتىمەن.
تېز سۈرئەتتە -جاۋاپ بىرىش

چەكلىك500 بايىت
 

ئالدىنقىسى كىيىنكىسى