ئۇيغۇرنىڭ تىجارەتكە ئېپىنىڭ بارلىقىنى ھەممە بىلىدۇ ، لېكىن ئىلىم بىلەن بىرلەشتۈرۈپ سودا قىلىپ كەلگەن ئۇيغۇر كۆپ بولمىغان . ئەمەلىيەتتە ئاددىي ھالدىكى سودا - سېتىق تەركىۋىدىمۇ ئىلىم خۇرۇچلىرى بولغان بولۇدۇ . ئىلىم خۇرۇچلىرىنىڭ ئۈزلۈكسىز بېيىپ بېرىشى ، ناتورال شەكىلدىكى سودا يولىنى تەدرىجى ئىلغارلىققا قاراپ يۈزلەندۈرەتتى . بۇنداق يۈزلىنىشنىڭ نورمال ھالدا دەۋر تەرىپىدىن قوبۇل قىلىىنىپ مېڭىشى ، شۇ دەۋرگە ماسلاشقان ، مۈكەممەلەشكەن سودا ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ ماڭاتتى . شۇنداق بىر چاقناپ ئۆتكەن ئاكا ئۇكا مۇسا بايىفلار جەمەتى ، ئۇيغۇر يېڭىچە سانائەت دەۋرىنىڭ بايراقدارى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، ئۇيغۇر يېقىنقى زامان سانائىتى سەھىپىسىدە ئالاھىدە ئورۇنغا ئىگە بولۇپ كەلدى . ئەنە شۇ مۇسابايىفلار جەمەتى ئىگىلىكى تەرەقىياتى بىز دەل تېمىمىزدا ئالغا سۈرمەكچى بولغان ئىلىم بىلەن سودىنىڭ باغلىنىشلىق مۇناسىۋىتى بويىچە بولغان . ئۇلار ئىلىم بىلەن تىجارەتنى شۇنداق ماھىرلىق بىلەن كىرۈشتۈرۈپ شانلىق نەتىجىلەرنىڭ ئىگىسىگە ئايلىنىپ ، ئەينى دەۋر سودا ساھەسىدە چاقنىغان . شۆھرىتى چېگىرا ھالقىپ دۇنيا مىقياسىدا ئۇيغۇر كارخانىچىلىرىنىڭ بۈيۈك ئوبرازىنى نامايەن قىلغان .
بىر مىليوندىن 1000 ھازىرلانغاندا مىليون بىرلىكى مىلياردقا ئۆزگۈرىدۇ . مۇشۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ مىليارد بىرلىكىنىڭ بەكمۇ زور ھەجىمگە ئىگە سانلىق مەلۇمات ئىكەنلىكى مەلۇم بولۇدۇ . ھازىرقى دەۋر ئىقتىسادنىڭ جۇغلىنىش سۈرئىتى ئىلگىرى ھەرقانداق چاغدىكىدىن تېز بولماقتا . ئىقتىساد ئالىملىرى بىل گايتسنىڭ مەبلەغ ئاشۇرۇش جەريانىنى تەتقىق قىلغان ، ئۇنۇڭ بايلىقىنىڭ قىسقا مەزگىل ئىچىدە شۇنچە ئېشىپ بېرىشى ھەرقانداق دەۋرنىڭدىن كۆپ بولغان .ئۇنداقتا ئۇيغۇردا مىليارد بىرلىكىدىكى بايلىققا ئىگە ئادەملەر بارمىدۇ ؟ مېنىڭچە بولغاندا ئۇيغۇردا ھازىرچە ئۇنچە كۆپ ئىقتىسادقا ئىگە كىشىلەر يوق . بۇنداق بولۇشى نۇرغۇن ئامىللار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسىمۇ ، بۇنۇڭ ئىچىدە ئەڭ موھىمى يەنىلا - ئۇيغۇردا پاي چېكى تۈزۈمىدىكى كارخانىلارنىڭ يوق بولۇشى ئاساسى ئورۇندا تۇرىدۇ . پېيى بازارغا سېلىنمىغان كارخانىلار ھەرقانچە قۇدرەت تاپسىمۇ ، ئاخىرقى ھېساپتا يەنىلا زور كۆلەمدىكى كاخانا گۇرۇھلىرىغا ئايلىنالمايدۇ . بىل گايتىسمۇ مىكرو سوفىتنىڭ پېيىنى ناۋادا بازارغا سالمىغان بولسا ئۇنۇڭ بۈگۈنى ھالىتى بولمىغان بولاتتى . كارخانىلاشقان سودا ئەندىزىسى نۆۋەتتە دۇنيادىكى ئەڭ ئۈنۈملۈك پۇل تېپىش يوللىرىنىڭ بىرى بولۇپ تۇرماقتا . ئۇيغۇرنىڭ ساپا ۋە كۈچ تەلەپ قىلىدىغان بۇنداق سودا يولىغا كىرگىنىگە ئۇزۇن بولمىدى ، لېكىن بۇ قەدەم بېسىلدى ، مۇشۇنۇڭ ئۆزىمۇ زور ئۇتۇق ، مول نەتىجە . پاي چېكى تۈزۈمىدىكى كارخانىلار ئۇيغۇر سودا ساھەسىدە ھامان بارلىققا كېلىدۇ ، مانا شۇ چاغدا مىليارد ئىقتىسادقا ئىگە كارخانىچىلار بارلىققا كېلىپ ، ئۇيغۇردا مىليادىر يوق بولغان بوشلۇقنى تولدۇرىدۇ .
مەنبە : ئۆزۈم