مىسرانىم باش بېتى | مودا MP3 | مىسرانىم MTV | تىما بېزەش رەسىمى | يۇمشاق دىتال | مۇھەببەت لىرىكىسى | تور ئويۇنلىرى | ئاۋازلىق ئەسەرلەر| يانفۇن مۇزىكىسى

ئالدىنقى تېماكىيىنكى تېما
مەزكۇر يازما 537 قېتىم كۆرۈلدى
تېما: ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى قاتماللىق ئامېرىكىنى قىينىماقتا
تارىم
گۈزەللىك بار دىسە،ئۇ _ ئەخلاقتۇر...
دەرىجە: ئالىي ئەزا

ئەزا ئۇچۇرى

تىزىم نۇمۇرى: 155
  جىنسى: ئەپەندىم
نادىر تېما: 0
ئومومىي يازما: 4639
ئۇنۋان:مىڭ بېشى ھازىرغىچە4639دانە
ياخشى باھا: 1766 نۇمۇر
مۇنبەر پۇلى: 16097 سوم
تۆھپىسى: 30964 كىشى
تور دەرىجىسى:
توردىكى ۋاقتى: 8329(سائەت)
توردىكى ھالىتى:
تىزىملاتقان ۋاقتى:2010-05-20
ئاخىرقى كىرىشى: 2011-05-28  

0 - قەۋەت   |يوللانغان ۋاقت: 2011-05-17 07:50 PM

0 ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى قاتماللىق ئامېرىكىنى قىينىماقتا

ئەسكەرتىش: بۇ يازما moghal تەرىپىدىن قۇلۇبلاندى (2011-05-17)
مۇشۇ ھەپتە ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرى تەرىپىدىن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرا شەرق دىپلوماتىيەسىدىكى مۇھىم ھەپتىلىك دەپ ئاتالدى. 17-ماي ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما ئاق سارايدا ئىيوردانىيەنىڭ پادىشاھى ئابدۇللا ئىككىنچى بىلەن كۆرىشىدۇ، 19-ماي ئوباما غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتى شۇنىڭدەك ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق سىياسىتى ھەققىدە نۇتۇق سۆزلەيدۇ، 20-ماي ئوباما زىيارەتكە كېلىدىغان ئىسرائىلىيە زۇڭلىسى نىتانىياخۇ بىلەن كۆرىشىدۇ. مۇشۇنداق ھەلقىلغۇچ مەزگىلدە ئوباما 13-ماي ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىسى مىچىلنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىك خەۋىرىنى جاكارلىدى.  
 
مىچىلنىڭ ئىستىپا بېرىشى شەك-شۈبھىسىزكى ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ پۈتۈنلەي توختاپ قالغانلىقىدەك رېئاللىقنى شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ مۇشۇ مەسىلىدىكى مەغلۇبىيىتىنى كۆرسىتىپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىچكى قىسمىنىڭ ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىنىڭ ئىسىتىقبالىغا بولغان ئازراق ئىختىلاپىنى نامايان قىلدى.  
 
بۇ يىل 77 ياشلىق مىچىل ئۆزىنىڭ ئىستىپا بېرىشتىكى ئاساسلىق مەقسىتىنى ئېنىق ئوتتۇرىغا قويمىدى. ئوباما باياناتىدا: ئۇ ئىككى يېرىم يىلدىن بۇيان، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى ئۈچۈن ھېرىپ چارچاشقا قارىماي خىزمەت قىلدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ئويلاپ يەتكىلى بولىدىغان جاپالىق خىزمەت-دېدى. ئەينى ۋاقىتتا ئوباما زۇڭتۇڭ بولۇپ ئىككى كۈندىن كېيىنلا مىچىلنى ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە ئالاھىدە ئەلچىلىككە تەيىنلەپ، ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىقى ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكىدىكى ئالدىنقى ۋەزىپە-دېگەن ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسىدا مۇھىم ئىلگىرلەش بولۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ئەكسىچە، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مۇناسىۋىتى تېخىمۇ جىددىيلىشىپ كەتتى، مىچىل ئەينى ۋاقىتتا بەرگەن ۋەدەم بويىچە ئىككى يىل مۇلازىمەت قىلىش ۋاقتىم ئۆتۈپ كەتتى دېگەن سەۋەب بىلەن ئىستىپا بەردى. دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى ھىلارى كىلىنتون ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسى بويىچە مۇئاۋىن ئالاھىدە ئەلچى خېلنى مۇۋەققەت ئالاھىدە ئەلچى قىلىپ تەيىنلىدى، ئوباما ئامېرىكا يەنىلا ئوتتۇرا شەرقنىڭ تىنچلىق مۇساپىسىنى كۈچ چىقىرىپ ئىلگىرى سۈرىدۇ دەپ تەكىتلىدى.  
 
مىچىلنىڭ ئىستىپا بەرگەنلىكىگە قارىتا، پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيە قارشى تەرەپنى مىچىلنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىنى بىكار قىلدى دەپ ئەيىبلىدى. ئۆتكەن 9-ئايدا پەلەستىن-ئىسرائىلىيە ئىككى تەرەپ قايتىدىن بىۋاسىتە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن، ئەمما ئىسرائىلىيە ئىيوردان دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىدا يەھۇدىيلار مەھەللىسى قۇرۇشنى توختىتىش بۇيرۇقىنىڭ ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى رەت قىلغاچقا سۆھبەت ئۈزۈلۈپ قالغان. مىچىل ئىسرائىلىيەگە مەھەللە قۇرۇشنى توختىتىش ھەققىدە نەسىھەت قىلغان بىراق بۇنىڭ ھېچقانداق پايدىسى بولمىغان. پەلەستىن بۇ يىل 9-ئايدا ئېچىلىدىغان بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىنىڭ پەلەستىن دۆلىتىنى ئېتىراپ قىلىشقا ئالاھىدە كۈچ چىقارغان. مۇشۇ مەقسەتكە يېتىش ۋە ئوتتۇرا شەرقنىڭ جىددىي پەيتتىكى يېڭى ئۆزگىرىشىگە يېتىشىش ئۈچۈن، يېقىندا پاتاخ بىلەن خاماس يارىشىش كېلىشىمى تۈزۈپ، بىرلىشىپ بىرلەشمە ھۆكۈمەت قۇرۇپ چىققان. خاماس تىرۇرلۇق تەشكىلاتى تەشكىللىگەن ئامېرىكا ۋە ئىسرائىلىيەدىن قاتتىق ئەندىشە قىلغان، ئوتتۇرا شەرق تىنچلىق مۇساپىسى تېخىمۇ كەسكىنلىشىپ كەتكەن، مىچىل كۈنسېرى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغان.  
 
ئامېرىكا دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ ئالىي تەتقىقاتچىسى ئەلىيەت ئىبرامنىڭ ئاشكارىلىشىچە، مىچىلنىڭ ئىستىپا بېرىشىدىكى بىۋاسىتە سەۋەب، ئوبامانىڭ يېقىندا سۆزلەيدىغان نۇتقىدا ئوتتۇرىغا قويىدىغان ئىسرائىلىيە بىلەن پەلەستىننى قايتا سۆھبەت ئۈستىلىگە ئەكىلىش پىلانىنى يۈرگۈزۈشكە كۆزى يەتمەيدىغانلىقى ئىكەن. ئىبرامنىڭ ئېيتىشىچە، ئىسرائىلىيە ھەرگىزمۇ خاماس قاتنىشىدىغان پەلەستىن ھۆكۈمىتى بىلەن بولغان سۆھبەتكە قاتناشمايدىكەن. دىپلوماتىيە مۇناسىۋىتى كومىتېتىنىڭ باشقا بىر ئالىي تەتقىقاتچىسى روبىرت دانىڭنىڭ قارىشىچە، ئوباما ھۆكۈمىتى ئوتتۇرىغا قويغان بۇ يىل 9-ئايدىن بۇرۇن پەلەستىن بىلەن ئىسرائىلىيەنى بىرلىكتە تىنچلىق كېلىشىمى تۈزۈش نىشانىغا يېتەلمەيدىكەن، ئامېرىكا سۆزلىشىش تەس بولغان پەلەستىن ھۆكۈمىتىگە، 9-ئايدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يىغىنىدىكى دىپلوماتىيە كىرزىسىغا دۇچ كېلىدىكەن، ئوباما ئوتتۇرىغا قويۇش ئېھتىماللىقى بولغان يېڭى ئىستراتېگىيەگە قارىتا دانىڭ مۇنداق دېدى: ئوتتۇرا شەرق خەلقى ئامېرىكىنىڭ ئاساسلىقى ئامېرىكىنىڭ ئاغزىدىكى گېپىگە ئەمەس ئەمەلىي ھەرىكىتىگە قارايدۇ.  
 
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئوباما 19-مايدىكى نۇتقىدا بىن لادىننىڭ ئۆلىشىدەك ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشىنى چوڭ ئارقا كۆرىنىش قىلىپ تۇرۇپ، مەقسەتلىك ھالدا بىن لادىن دېگەن ئۆتمۈش، ئوتتۇرا شەرقتە يۈز بەرمەكچى بولغان ئىشلار كەلگۈسى دېگەن خەۋەرنى تارقاتماقچى ئىكەن، ئامېرىكىدىكى بىر قىسىم تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە، بىن لادىننىڭ ئۆلۈشى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرگە بولغان ئېكسترىمىزم ئەندىشىسىنى ئازايتىشىغا تۈرتكە بولغان، شۇ سەۋەبتىن ئوتتۇرا شەرقنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتىنى قوللاشقا بەكرەك مايىل ئىكەن. ئەمما ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى مۇنداق دەپ كۆرسەتكەن: بىن لادىننىڭ ئۆلۈشى تىرۇرلۇق تەھدىتىنىڭ يوقالغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ، ئوتتۇرا شەرقتىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ ۋەزىيىتىدىكى قالايمىقانچىلىق تېررورىزم بىلەن مۇناسىۋەتسىز، ئامېرىكا بۇنى پەرقلەندۈرۈشى كېرەك.  
 
يېقىنقى نەچچە ئايدىن بۇيان، غەربىي ئاسىيا، شىمالىي ئافرىقا ۋەزىيىتىدىكى داۋالغۇچ ئوباما ھۆكۈمىتىنىڭ بېشىنى قاتۇردى، مۇستەقىل سىياسەت يۈرگۈزۈش ۋە غايىچىلىك نىشانى ئوتتۇرىسىدا بىرلىككە كېلەلمەسلىك مەۋجۇت، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىدىن ئىبارەت بۇ ئوتتۇرا شەرقتىكى ئاساسلىق مەسىلىمۇ بۇنىڭدىن ھالقىپ كېتەلمىدى. ئوباما نۇتقىدا ئوتتۇرا شەرق ۋەزىيىتىدىكى ئۆزگىرىشنى قانداق قىلىپ يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا چۈشەندۈرىدۇ، بۇنىڭ سىياسىي تەسىرىنى قانداق قىلىپ ئىزچىللاشتۇرىدۇ، پەلەستىن-ئىسرائىلىيە مەسىلىسىگە قانداق قىلىپ كىرىدۇ، بۇ كىشىنىڭ دىققەت ئېتىبارىنى قوزغىماقتا، ئەمما نۇتۇق نېمىلا دېگەن بىلەن يەنىلا نۇتۇق، پەقەتلا كېيىنكى مەنپەئەت ۋە قارارلار ئويلىنىشقا تېگىشلىك مۇھىم ئامىلدۇر.
   
 
 
تېما تەستىقلىغۇچى : moghal
تەستىقلانغان ۋاقىت :
2011-05-17, 13:09

تېمىنى تەۋسىيە قىلىڭ:   

-سىز كۆرۋاتقان تىما ئوتتۇرا شەرق مەسىلىسىدىكى قاتماللىق ئامېرىكىنى قىينىماقتا,دوستىڭىزغا يوللىسىڭىز بىر تۆھپە قوشۇلۇپ ،دەرىجىڭىز تېز ئۆسىدۇ
تېما ئادىرسى:

←★ئەزىز قېرىندىشىم،سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتماڭ دەپتىكەن.
‹‹مىسرانىم››دا كۆرۈنگەن خەنزۇچە(ئىنگلىزچە)خەتلىك ئېلانلارنى كۈندە بىر قېتىم چىكىپ قويۇشنى ئۇنتۇپ قالمايلى!
ئەلدىن ئەلگە نەپ! بۇ بىزنىڭ‹‹مىسرانىم››نى قوللىغانلىقىمىزنىڭ كىچىككىنە ئىپادىسى...