ھازىر جەمئىيتىمىزدە ،بولۇپمۇ، بىز ئۇيغۇرلاردا ئولتۇرۇش ، قاتار چايلار بارغانسېرى كۆپىيىپ بېرىۋاتىدۇ .مەيلى ھەر-خىل خىزمەت بېسىمىنى يەڭگىللىتىش ۋەياكى ھاردۇق چىقىرىش ،دوستلار بىلەن كۆپرەك ئەسرالىشىش مەقسىتىىدە چوڭ-كىچىك سورۇنلارنى ھازىرلاپ ئاتالمىش"قاتارچاي"تۇرمۇشىمىزغا تېخىمۇ چوڭقۇرلىغان ھالدا سىڭىپ كىرىۋاتىدۇ.
+u:8#!X$RD يىقىندا يۇز بەرگەن مۇنداق بىر ئىشنى تورداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىتىدە يوللاپ ئولتۇرۇپتىمەن .
i8+kc_8#d كىچىكىمىزدىن باشلاپ بىللە ئويناپ چوڭ بولغان بىر قانچە دوستلۇرۇم بولىدىغان ، بىز تېخىمۇ يىقىن ئىزدىشىپ تۇرىشىمىز ئۈچۈن دوستلار ئارا يىغىلىش قىلماقچى بولدۇق .شۇنداق قىلىپ 15 دوستلار بىر يەرگە جەم بولدۇق .ھەممىمىز ئىشتىن چۇشۇپ بالىلىرىمىزنى ياخشى ئۇرۇنلاشتۇرۇپ بۇلۇپ دېيىشكەن ئورۇنغا يىغىلدۇق . بىز ئولتۇرغان ئورۇن ئالى دەرىجىلىك تاماقخانىنىڭ ئايرىمخانىسى ئىدى.سايىپخان دوستىمىزيىغىلىشىمىزنىڭ مەقسىتىنى بىر قۇر تونۇشتۇرۇپ ئۆتتى.ھەممەيلەن بۇ دوستىمىزنىڭ بۇ سورۇننى ھازىرلغىنىغا رەخمەت ئېيتىشتۇق.سورۇن كەيپىياتى ئنتايىن كۆتۈرەڭگۈ ئىدى.گەپكە خېلى ئۇستا بىر دوستىمىز قىزىقارلىق يۇمۇر چاقچاقلىرى بىلەن ھەممىمىزنى كۈلدۈرۈپ سورۇننى قىززىتىۋەتتى.ھەممىمىز تاماقلارنى ئېھتىياجىمىزغا چۇشلۇق بۇيرۇشنى تەلەپ كىلدۇق.تاماقلارمۇ تارتىلدى.ھەممىمىز بىر قۇردىن بۇرۇن ئۆتكەن كۈنلىرىمىزنى ئەسلەشتۇق،ۋە بەكمۇ خۇشال بولۇشتۇق.بىراق.....
fw'$HV76 بىراق،ئارىدا بىر قانچە دوستلۇرۇمنىڭ پىچىرلاشقانلىقىنى ئاڭلاپ قالدىم.ئۇلارنىڭ نېمىلەرنى دېيىشكەنلىكى نامەلۇم بولسىمۇ ئۇلارنىڭ چىرايىدىنلا بۇ سورۇندىن ئانچە رازى ئەمەسلىكى بىلىنىپلا تۇراتتى. شۇنداق قىلىپ قىزىقارلىق پاراڭلار بىلەن قايتىدىغان ۋاقتىمىزنىڭمۇ بولۇپ قالغانلىقىنى ئۇقمايلا قاپتۇق.
Ilsh
Jo ھەممىمىز بۇ سورۇننى ئورۇنلاشتۇرغان دوستىمىزغا رەھمىتىمىزنى ئېيتىپ خوشلاشتۇق.
w[UPoG #Uh ئەتىسى يەنەھەممە ئىش تەرتىپلىك ھالدا نورمال خىزمەتكە چىقتىم.بىر چاغدا يان تىلىفۇنۇمغا ئاخشام بىللە ئولتۇرغان دوستۇم تىلىفۇن قىپتۇ.دىيشىچەئاخشامقى سورۇن ئۇنىڭغا پەقەتلا ياقماپتۇمىش،:-ۋاي ،نېمە ئۇ؟ بۇنداق سورۇننى پەقەت كۆرۈپ باقماپتىكەنمەن،چۈپەيلىكىنى قارا؟!بۇيرۇتقان تاماقلىرىدىن ئۆرگلەي،مەن شۇنداق خىجىل بوپ كەتتىم،داستىخانغا تۈززۈكرەك قىلالمىغان ئادەم مىېھمان چاقىرمىسىلا بولمىدىمۇ! ؟توۋا ،مەن ئەزەلدىن بۇنداق قاتار چاينى كۆرمەپتىكەنمەن،ئويلىساملا ....گېپىنى بۆلۇپلادېدىم ،-نىمىلەرنى دەپ كەتتىڭ،ئاداش،ھەممىمىز ئۆز ئادەملەرغۇ،ئۇنىڭ ئۈستىگە تاماقنى ئازراق بۇيرۇتىشنى ئۆزىمىز تەلەپ قىلغان تۇرساق،ئۇنچە خاپا بولغۇدەك ئىشمۇ بولمىدىغۇ؟ھەممىمىزشۇنداق خۇشال كەيپىياتتا ئولتۇردۇققۇ؟كۆڭۈل دىگەن يا يەپ-ئىچىشتا بولمىىغاندىكىن...بۇ گەپلىرىڭ سەل قاملاشماي قالدى ،ئاداش...،-مەن تېخى گىپىمنى تۈگەتمەيلا : -ھە،شۇنداق بولسىمۇ مىھمان دېگەننى تۈززۈكرەك ئۇزاتمامدۇ؟! تازىمۇ بىر ....-دەپلا تېلىفۇننى قويۇۋەتتى. بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۆڭلۈم بىر قىسمىلا بولۇپ قالدى. ھەي !!!..ئەمىلىيەتتە،مىنىڭچە ،خارەكتىرى ساغلام بولسىلا،"قاتار چاي" نى بەك يامان ئېلىپ كەتكىلى بولمايتتى.ئەمما،بىز دوستلارئۆز-ئاراپات-پات كۆرۈشۇپ تۇرۇش،ھال-مۇڭ ئېيتشىش مەقسىتىدە ئۇيۇشتۇرغان "چاي"ئەمدىلىكتەبەزى دوستلىرىمىزنىڭ مەنمەنچىلىكىنى كۆز-كۆز قىلىدىغان سورۇنغا ئايلىنىپ قېلىۋاتقانلىقىغا قاراپ كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولدى.
?7YX@x قەدىرلىك تورداشلىرىم،"قاتار چاي" نى زادى قانداق مەنىدە چۇشىنىش كىرەك؟ بۇ راستنلا "خاتا چاي"مۇ؟؟
;M>0, (بۇ مېنىڭ تۇنجى قېتىم تىما ئەۋەتىشىم ،شۇڭا تىل ئىشلىتىش جەھەتتە ئۇستازلىرىمنىڭ تەنقىدى پىكىرلىرنىمۇ قوبۇل قىلىمەن)
lKxv
SyD مەنبە:ئۆزۈم
[ بۇ يازما Eltekin تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]