بۇ ئەسەردە دىيىلگىنى ھەقىقەتەنمۇ بىزنىڭ ئالى مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ھازىرقى ھالىتى، بىزمۇ ئالى مەكتەپتە ئوقۇغان، ئۇ چاغلاردا ھۆكۇمەت خىزمەتكە تەقسىملەيتى، خىزمەتتىن غەم قىلمىساقمۇ بولاتتى، لېكىن بىز بىر - بىرىمىز بىلەن بەسلىشىپ ئۈگۈنەتتۇق، مەۋسۇم ئاخىردا بىرەر ئىمتىھاندا لاياقەتسىز بوپ قالساق يۇزۇمىزنى قويغىلى جاي تاپالمايتۇق.
I(S`j[U لېكىن ھازىرچۇ، خىزمەتنى ئۆزىمىز تاپىمىز، ھەتتا ئىچكىردىكى داڭلىق مەكتەپلەرنى پۇتتەرسەكمۇ يەنىلام دۆلەت مەمۇرلىقى دىگەندەك ئىمتىھانلاردىن ئۆتمىسەك خىزمەت يوق، كارخانا - شىركەتلەرنى ياراتمايمىز (ئەمەليەتتە ئۇلار بىزدەك بولۇمسىزلارنى ياراتمايدۇ ) ، ئوقۇش پۇتتەرگەندىن كېيىن ئاتا- ئانىمىزغا خىزمەت تېپىپ بىرىش توغرىسىدا بېسىم قىلىمىز،ئانچە باياشات بولمىغان ئاتا- ئانىمىز لېۋىنى چىشلىگىنىچە بىزنىڭ تۇرلۇك چىقىملىرىمىزغا چىداپ بىزنى ئوقۇتتى، ئەمدى يەنە خىزمەت تېپىپ بەرمىسە بولمايدۇ.
Fu!RhsW5j مەكتەپتىكى كۇنلىرىمىز ھورۇنلىقتا ئۆتۇدۇ، دەرسلەر دۆلەت تىلىدا ئۆتۇلىدىغان بولغاچقا ، تىل ئۆتكىلىدىن ياخشى ئۆتمىگەچكە دەرسلەرنى چۇشەنمەيمىز، نىمىشقا چۇشەنمەيمەن دىيىشنىڭ ئورنىغا چۇشەنمىسەم دەپ ئەتىگەنلىك دەرستىلا ئۇخلاشنى باشلايمىز، تۆت - بەش يىلىمىز مانا شۇنداق ئۆتۇدۇ، ئۆدەككە سۇ يۇقمىغاندەك ئالى مەكتەپ ھاياتىمىزنى مەنىسىز ئۆتكۇزىمىز، باشقىلار ئوقۇش پۇتتەرگىچە ئىنگىلىز تىلى، خەنسۇ تىلى، كومپىيۇتور، كەسىپ سالاھىيەتنامىسى دىگەنلەردىن كىنىشكا ئالسا بىز بىرلا شۇ دىپلومنى ئاران ئالىمىز.
/p8d
Z+X ئەخلاقىمىز بۇزۇلغان، چوڭلارنى، ئۇستازلارنى ھۆرمەتلەش دىگەننى ئۇنتۇپ قالىمىز، باشقا مىللەت ئوقۇغۇچىلىرى مۇئەللىملەرگە ئۇچرۇشۇپ قالسا " ياخشىمۇسىز مۇئەللىم " دەيدۇ، لېكىن بىزگە دوقۇرۇپ قالغىنى باشقا پاكولتىتنىڭ ياكى بىزنىڭ كەسپىمىز بىلەن مۇناسىۋەتسىز مۇئەللىم بولسا دولىمىز بىلەن سوقۇپ ئۆتۇپ كىتىشتىن يانمايمىز.
0u\GO; مۇئەللىملەرمۇ كىيەلمىگەن كىيىملەر بىزنىڭ ئۇچىمىزدا، ئەر مۇئەللىملەر چىكەلمىگەن تاماكىلارنى بىز چىكىمىز، مۇئەللىملەر كىرەلمىگەن ئاشخانىلارغا بىز كىرەلەيمىز.
tH-C8Qxy دۆلەت ھەر يىلى " دۆلەت ئوقۇش مۇكاپاتى " " شىنجاڭ ئوقۇش مۇكاپاتى" "دۆلەت رىغبەتلەندۇرۇش مۇكاپاتى " دىگەندەكلەرنى بىزدەك ئازسانلىق مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىغا ئىتىبار قىلىپ كۆپلەپ بىرىدۇ، لېكىن پۇلنى ئالغان كۇندىن باشلاپ مېھماندارچىلىق باشلىنىپ كىتىدۇ، ئوقۇش پۇلىنى ۋاقتىدا تۆلىيەلمىسەكمۇ لېكىن تاماقتىن، كىيىمدىن ئۆزىمىزنى ئېسىپ قويمايمىز.
w.[ "p9tc مەكتەپتە بىزدەك نوچى ئادەم يوق، نەدە جىدەل بولسا بىز شۇ يەرگە ئۈنىمىز، شەنبە - يەكشەنبە كۇنلىرى ئىچىش - چىكىش بىلەن مەكتەپلەر قىزىپ كىتىدۇ، بىز مانا مۇشۇنداق نوچى.
@Y1s$,=xB سىنىپىمىزدا گەنسۇدىن كەلگەن بىر ساۋاقدىشىمىز بار، ئۇنىڭ دادىسى ئوقۇش پۇلىنى تۆلەپ بولغاندىن كىيىن ئاشقان يۇز سوم پۇلنى ئۇنىڭغا بىرىپ " بۇ بىر مەۋسۇملىك تۇرمۇش پۇلىڭ، مەكتىپىڭدە ھور ناننىڭ بىرى ئۈچ موچەنكەن، كۇنىگە ئۇچ تالدىن ھور نان يىسەڭ بۇ پۇل بىر مەۋسۇم يىتىدۇ " دىگىنىدە بىز ئۇنى قەلەندەر دەپ شۇنچە مەسخىرە قىلغان، لېكىن ئۇ ئۇچۇنچى يىلغا كەلگەندىن باشلاپ سىرىتلاردا ئىشلەپ بىزدىن باي بولۇپ كەتتى،
6Vz9?puD نىمە قىلىدۇ ئۇنىڭدەك ئىشەكتەك ئىشلەپ، جان كۇندە چىچەكلەمتى، ئۇنىڭدەك ئىشلەپ يۇرسەك يۇزىمىزگە سەت ئەمەسمۇ ؟لېكىن بىر قىسىملار بىزنىڭ يۇزىمىزنى تۆكۇپ ئۇ يەر بۇ يەرلەردە ئىشلەۋاتىدۇ، قەلەندەر بولمىسا ئىشلەمتى، ئاتا-ئانامنىڭ مۇئاشى بار، ياكى مانچە مو يېرى بار، بولمىسا ئۇ مېنى ئوقۇتامتى.....
)
jt #=9ZQ @nux9MX<9 3\XU_Xs(] %44leINx [PDNwh0g5 مانا بۇلار بىزنىڭ بىر قىسىم سىتودىنىتلىرىمىزنىڭ ھەزىرقى ھالىتى،بۇنداقلارنى مەكتەپتە قەدەمدە بىر ئۇچرىتىسىز، ئورۇق ئىنەكنىڭ پوقى چوڭ دەپ ئۇلارنىڭ گىپىنىڭ يوغانلىقى، ئۇلار ئۇچۇن مىڭ تەستە پىراكتىكا ئورنى تېپىپ بەرسە ئۇلار ياراتمايدۇ، شۇنىڭ بىلەن ئادەم ئىشلەتكۇچىلەرگە بۇ تېخىمۇ بولۇپ بىرىدۇ، مانا بىزنىڭ ھالىمىز.
#w' kV# T\D}kQM سىتودىنىتلىرىمىزنىڭ ئوبدان ئويلىنشنى ئۈمىت قىلىمىز، بىز بىلەن تولۇق ئوتتۇرنى تەڭ پۇتتەرگەن ، نەتىجىسى بىزدىن ياخشى، لېكىن پۇلى بولمىغاچقا ئالى مەكتەپكە كىرەلمىگەن ئاشۇ ساۋاقداشلىرىڭلارنى ئويلاپ قويۇڭلا، ئات- ئاناڭلا نوچىكەن، پۇلى باركەن ، سىلەرنى ئوقۇتۇپتۇ، لېكىن شۇ پۇلغا چۇشلۇق ئىش قىلىڭلا، ئەقلى جايىدا ئادەم مەكتەپكە پالانچى پۇلدىن ئوقۇش پۇلۇ، ياتاق پۇلى ، تۇرمۇش خىراجىتى تۆلەپ قويۇپ ، كۇنىنى بىكار ئۆتكۇزمەيدۇ، بۇ خۇددى ئاشپەزگە ئون سوم تۆلەپ قيۇپ بىر تال نان بەرسىمۇ "ماقۇل " دەيدىغان گالۋاڭنىڭ قىلىقى ئەمەسمۇ، پۇل تۆلىگەن ئىكەنسىز شۇنىڭغا چۇشلۇق چەق (بىلىم ) ئېلىشىڭىز كىرەك، بولمىسا سىزنىڭ گالۋاڭدىن نىمە پەرقىڭىز، بىزنىڭ سىتودىنىتلىرىمىزنىڭ بەزىلىرى مۇشۇنداق بولسا بىزدىن يەنە قانچىلىك ئۇمىت كۇتكىلى بولىدۇ ؟
%^ !,t:d 9 مىليۇن نۇپۇسقا ئىگە خەلىقتىن ھەر يىلى ئالى مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدىغانلار قانچىلىك، ئالى مەكتەپتە ئوقۇيدىغىنى قانچىلىك، ئوقۇغانلىرى ئىچىدە ياراملىقى قانچىلىك ؟
[ بۇ يازما moghall تەرىپىدىن قايتا تەھرىرلەندى ]