ۋۇسۇڭنىڭ مۈشۈك ئۆلتۈرۈشى
5G(3vR
X|1 O~!T3APGU ۋۇسۇڭ جىڭياڭ داۋىنىدا بىر يىرتقۇچ يولۋاسنى ئۆلتۈرۈپ خىزمەت كۆرسەتكەچكە، ئامبال قائىدىنى بۇزۇپلا ئۇنىڭغا «تۆمۈر تاۋاق»تىن بىرنى بېرىپ سەركەردە قىلدى. ۋۇسۇڭ گەرچە ئۆزىنىڭ ھېچقانداق مەدەنىيەت سەۋىيىسى بولمىسىمۇ، پۇقرالار ھەۋەس قىلىدىغان بۇ تاماق قاچىسىغا ئېرىشكەنلىكىنىڭ كاتتا ئىش ئىكەنلىكىنى بىلەتتى.
K=dR%c( بىر كۈنى ۋۇسۇڭ دىجۇرنىلىك قىلىۋاتقاندا، قول ئاستىدىكى بىرى ئېلىپ كەلگەن «ناھىيە بويىچە يامۇل ئورگان خىزمەتچىلىرىنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈش بويىچە تەربىيىلەش كۇرسىغا قاتنىشىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»نى كۆردى. ئۇقتۇرۇشتا: بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى ئۆستۈرۈش، ئاپەتنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق توكيودىن ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يۇقىرى ماھارەتلىك چامباشچى تەكلىپ قىلىنغانلىقى؛ پۈتكۈل خادىملار بويىچە تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى يېزىلغان. شۇنىڭدەك «بىر ئادەم تەربىيىلەش ھەققىگە ھەر قاراردا 20 سەر كۈمۈش تاپشۇرىدۇ، ئەگەر قاتناشمىغۇچىلار بولسا ئىش ھەققى ئۆستۈرۈش، ئىلغار سايلىنىش لاياقىتى ئېلىپ تاشلىنىدۇ، ھەتتا ئىشتىن ھەيدىلىدۇ» دېيىلگەنىدى.
.Da'pOe ۋۇسۇڭنىڭ بۇ جەھەتتىكى ماھارىتى يۇقىرى، قورقماس، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان بولغاچقا، تەربىيىلىنىشىنىڭ ھاجىتى يوق ئىدى. بىراق ئۇقتۇرۇشتا ھەممەيلەننىڭ جەزمەن قاتنىشىدىغانلىقى ئېيتلغانىدى. بۇ قانداق بولغىنى؟ ۋۇسۇڭ يامۇلدىكى تەربىيىلەش ئورنىنىڭ ئالدىغا ئەمدى كېلىپ تۇرۇشىغا، ئىچكىرىدىن دەتالاش قىلىشىۋاتقان ئاۋازئاڭلاندى. بىرى «ياق، سىلەر تەشكىللەپ قويۇپلا 14 سەر كۈمۈش ئالساڭلار كۆپ بولۇپ كېتەرمىكىن» دېسە، يەنە بىرى: «ئەگەر بىز ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەشكىللىمىسەك، سەن بۇنچىۋالا ئادەمنى قانداق يىغالايتتىڭ»دەۋاتاتتى. ۋۇسۇڭ ئىچكىرىگە كىرىپ قارىسا، ئەسلىدە تەكلىپ قىلىنغان چامباشچى ئۇستام بىلەن ئامبال ھېلىقىدەك تالاش-تارتىش قىلىشىۋاتقانىكەن.
g:7,~}_}^ ۋۇسۇڭ ئۆزىنىڭ يولۋاس ئۆلتۈرۈش تەجرىبىسى بارلىقىنى، كۇرسقا قاتناشمىسىمۇ بولىدىغانلىقىنى ئېيتىۋېدى، ئامبال جىددىي تەرىزدە سۆزلەپ كەتتى: «ياق، ياق، گەرچە سەندە تەجرىبە بولسىمۇ، نەزەرىيىۋى ئاساس يوق. ھازىرقى جەمئىيەت ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلىۋاتسا، يېتەرلىك نەزەرىيىۋى بىلىمىڭ بولمىسا زامانغا قانداق يېتىشىپ ماڭالايسەن؟ يەنە كېلىپ بۇ ئىلغار سايلاش ، ئىش ھەققىنى ئۆستۈرۈش بىلەن چېتىلىدىغان ئىش. تاماق قاچاڭ ئۈچۈن بولسىمۇ يەنىلا قاتناش. ھازىرقى جەمئىيەتتە ئىشسىزلارنىڭ ساماندەك ئىكەنلىكىنى بىلىشىڭ كېرەك». ۋۇسۇڭ ئامبالنىڭ ئۆزى ئۈچۈن غەم يەۋاتقانلىقىنى ئويلاپ، چىشىنى چىشلەپ بىئىختىيار تىزىمغا ئالدۇرۇپ كۇرسىغا قاتناشتى.
}lP;U$ كۇرستا ئوقۇش باشلاندى، ۋۇسۇڭ بىر يەردە ئولتۇرۇپ ئوقۇتقۇچىنىڭ يولۋاسنىڭ تەدرىجىي تەرەققىياتىدىن ھازىرقى ھالىتىگىچە، ئادىتىدىن يېتىلىشىگىچە، تېرە تۈكىدىن ساغرىسىغىچە سۆزلىگەن بىر تالاي نەزەرىيىلىرىنى ئاڭلاپ بېشى قاتتى. ئاخىرىدا چامباشچى ئۇستام ئاددىي بىرقانچە ماھارەتلەرنى كۆرسىتىپ قويۇپ «يولۋاسقا يولۇققاندا جەزمەن ئەسقاتىدۇ» دېدى. ئەڭ ئاخىرىدا ئۇ ساۋاقداشلارنىڭ ئۆگىنىش نەتىجىسىنى كۆرۈپ بېقىش ئۈچۈن ھەربىر ئوقۇغۇچىدىن بىردىن يولۋاس ئۆلتۈرۈشنى تەلەپ قىلدى.
FdzNE ۋۇسۇڭ بۇنى ئاڭلاپ چۆچۈپ كەتتى، ئۇ ئىچىدە: «بۇنچىۋالا جىق يولۋاسنى نەدىن تۇتۇپ كەلگىلى بولىدۇ؟» دەپ ئويلىدى. بىراق چامباشچى ئۇستام بىرمۇنچە مۈشۈكنى كۆتۈرۈپ كېلىپ ھېجايغان ھالدا كۆپچىلىككە: «ساۋاقداشلار، بۇ مۈشۈك. يولۋاس بىلەن ئوخشاش، ھەممىسى مۈشۈك ئائىلىسىگە تەۋە، مۈشۈكنى ئۆلتۈرگەنلىك يولۋاسنىڭ ئەجدادىنى ئۆلتۈرگەنلىك، كېلىڭلار ھەربىرىڭلار بىردىن ئۆلتۈرۈڭلار» دېدى. ۋۇسۇڭ ئىچىدە: «شۇنداقلا تۈگىدىما؟ بۇ پۇلىمىزنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىق ئەمەسمۇ؟» دېدى. نۆۋەت ئۇنىڭغا كەلگەندە بىكارلا «قۇدۇققا چۈشۈپ كەتكەن» 20 سەر كۈمۈشنىڭ ئاچچىقىدا مۈشۈكنى بىر تېپىۋېدى، بىچارە مۈشۈك مىياڭلىغانچە قان قۇسۇپ تام تۈۋىگە پوككىدە چۈشتى.
1TS0X:TCn ۋۇسۇڭ ئۆزىنىڭ جاھان كەزدى پالۋان ئىكەنلىكىنى، مەيلى خاراكتېر ياكى مىجەز جەھەتتىن بولسۇن ئەمەلدارلىق سورۇنىغا مۇناسىپ كەلمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ يېتىپ، بىرقانچە كۈندىن كېيىن تۆمۈر تاۋاقتىن ۋاز كېچىپ دېڭىزغا چۈشۈپ سودىگەر بولۇپ كەتتى.
`Out(Hn zce`\ /: مەنبە ؛ شىنجاڭ مەدەنىيىتى
 |