بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئافغانىستاندا تۇرۇشلۇق ياردەم بېرىش ئۆمىكى مۇشۇ ئاينىڭ 10–كۈنى ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلدى : بۇ يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ، ئاففانىستاندا ئۇرۇش سەۋەبىدىن يارىلانغان ، ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا ، %31 ئېشىپ ، 3268 ئادەمگە يەتتى ، بۇنىڭ ئىچىدە ئۆلگەنلەر 1271 ئادەم ، بالىلار ۋە ئاياللار ئارىسىدىكى يارىلىنىش ، ئۆلۈش نىسبىتىمۇ %55 ۋە %6 كۆپەيدى .
جايلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا ، بۇ يىل ئاففانىستاننىڭ جەنۇبىي بىلەن شىمالىي قىسمىدىكى رايونلاردا ئاھالىلەرنىڭ يارىلىنىش–ئۆلۈش سانىدا ئېشىش كۆرۈلگەن . بۇ يىلنىڭ بېشىدىن باشلاپ ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا قوشۇنلىرى جەنۇبىي قىسمىدىكى جايلارغا قارىتا ، بىر مەزگىل ھەربىي ھەرىكىتىنى كۈچەيتكەن . شىالىي قىسمىدىكى جايلار ئۆتكەن يىلى نىسبەتەن ئىزچىل تىنچ تۇرغان بولسىمۇ ، ئەمما ھەرقايسى قوراللىق كۈچلەرنىڭ تارقىلىشىغا ئەگىشىپ ، بۇ جايلاردىكى ئاھالىلەرنىڭ يارىلىنىش–ئۆلۈش سانىمۇ ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە قارىغاندا %36 ئاشقان .
دوكلاتتا يەنە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى : تالىبان قاتارلىق قوراللىق تەشكىلاتلار ‹‹ ھۆكۆمەتكە ۋە تۇرۇشلۇق ئاففانىستان بىرلەشمە ئارمىيەگە مائىل بولغان›› ئاممىغا مۇئامىلە قىلىش جەھەتتە ۋەھىمە سېلىش ۋە يوشۇرۇن ئۆتۈرۈش ۋاستىلىرىنى تېخىمۇ كۆپ قوللاندى . ئۆتكەن يىلى يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش قېتىم سانى ھەر ھەپتىدە 3.6 ئادەمگە يەتكەن بولسا ، بۇ يىل 5–،6–ئايلاردا ھەر ھەپتىدە 18 ئادەمگە يەتتى .
دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، بۇ يىل ئالدىنقى يېرىم يىلدا ، ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيە كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاھالىلەر ئارىسىدىكى يارىلىنىش–ئۆلۈش ، ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا %30 ئازايغان . بولۇپمۇ ھاۋادىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىشتا جېنىدىن ئايرىلىدىغان ئاھالىلەرنىڭ سانى ئىلگىرىكىگە قارىغاندا %64 ئازايغان . شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق سابىق ئالىي قوماندانى بۇ يىل 7–ئايدا ، ھەربىي ھەرىكەت ئېلىپ بېرىش جەريانىدا ھاۋادىن تۇيۇقسىز ھۇجۇم قىلىش قېتىم سانىنى ئازايتىشنى تەلەپ قىلغان . ئەمما ، ئاففانىستاندىكى يەرلىك تەھلىلچىلەرنىڭ دېيىشىچە ، گەرچە بىرلەشمە ئارمىيە قوشۇنلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاھالىلەرنىڭ يارىلىنىش–ئۆلۈش سانى ئازايغان بولسىمۇ ، ئەمما يارىلانغان–ئۆلگەنلەر سانىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىلىك ئۆرلەپ بېرىشى ، نۆۋەتتىكى ئاففانىستان جەك مەيدانىدا ۋەزىيەتنىڭ كەسكىنلىكىنى ، تالىبان قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنىڭ ھۇجۇمىنىڭ ئازايتمىغانلىقىنى ئوچۇق كۆرسىتىپ بېرىدىكەن . شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى قوشۇنىدىكىلەر مۇنداق دەيدۇ : تالىباننىڭ ئالىي رەھبىرى ئۆمەر 6–ئايدا ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى قوشۇنلىرى بىلەن ئاففانىستان ھۆكۈمىتىنى قوللايدىغان ئاھالىلەرگە ھۇجۇم قىلىش سالمىقىنى ئاشۇرۇش توغرىسىدا قول ئاستىدىكىلەرگە بۇيرۇق چۈشۈردى . ئاھالىلەرنىڭ يارىلىنىش–ئۆلۈش كۆپ بولۇشى تۈپەيلىدىن ، كۆپلىگەن ئاففانسىتانلىقلارنىڭ نۆۋەتتىكى بۇ ئۇرۇشقا نىسبەتەن ئىپادە بىلدۈرۈشى تەسكە توختىدى .دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە ، تالىبان قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر يارىلىنىش ، ئۆلۈشنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاساسلىق سەۋەب ئىكەن ، ئاففانسىتاندىكى يەرلىك تەھلىلچىلەرنىڭ قارىشىچە ، ئاھالىلەر ئارىسىدىكى ئۆلۈم–يېتىم سانىننىڭ ئېشىپ بېرىشى ، ئاففانسىتاندا تۇرۇشلۇق بىرلەشمە ئارمىيە بىلەن تالىبان قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر ئوتتۇرىسىدىكى ھەربىي توقۇنۇشنىڭ بارغانسېرى كۈچىيۋاتقانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدىكەن . بۇ يىلدىن بۇيان ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكىنىڭ ئاففانىستاندىكى جەڭ قىلىش دائىرىسى ئىلگىركىدىن كېڭەيگەن . بۇ ، ئاھالىلەر ئارىسىدىكى يارىلانغان . ئۆلگەن ئادەملەر ئومۇمىي سانىنىڭ ئۆرلەپ بېرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئامىللارنىڭ بىرى ئىكەن . دوكلاتتا يەنە ، تالىبان قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر بۇ يىل تېخىمۇ كۆپ ئادەم پارتلىتىش قۇرۇلمىلىرىنى ئىشلەتتى . ئاددىي پارتلىتىش قۇرۇلمىلىرى ئاساسەن ، ئۆزلىرى ياسىۋالغان بومبا ۋە ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش بومبىسىدىن ئىبارەت ئىككى خىلنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ ، كۆپىنچە باغچا ۋە بازار قاتارلىق ئادەملەر يىغىلىدىغان سورۇنلاردا ئىشلىتىلگەچكە ، تېخىمۇ كۆپ ئاھالىلەرنىڭ يارىلىنىش–ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى . شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى بىلەن ئامېرىكا قوشۇنلىرىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى يارىلىنىش–ئۆلۈش ئەھۋالىنىڭ ئېشىپ بېرىشىمۇ ئاساسەن مۇشۇنىڭ بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىلىدا ، ئاددىي پارتلىتىش قۇرۇلمىلىرى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاھالىلەر ئارىسىدىكى يارىلانغان–ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 57 كىشىگە يېتىپ ، ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىغا يېقىنلاشتى . بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاففانىستاندا تۇرۇشلۇق ياردەم بېرىش ئۆمىكىنىڭ ئەمەلدارى مۇنداق دېدى : بۇ رەقەملەر ھەرقايسى تەرەپلەرنى ئۆزىنى سەگەك تۇتۇشقا ئۈندەيدۇ . 2007–يىلى ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەر كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاھالىلەر ئارىسىدىكى يارىلانغان–ئۆلگەنلەرنىڭ سانى ئۇرۇش كەلتۈرۈپ چىقارغان ئاھالىلەر ئارىسىدىكى يارىلانغا ئۆلگەنلەر ئومۇمىي سانىنىڭ يېرىمىغا تەڭلەشتى.
ئۇرۇش داۋاملىشىۋاتقان ئەھۋالدا ، نۇرغۇنلىغان ئاففانىستانلىقلار نارازى بولغان ھالدا : نۆۋەتتە ، تىلغا ئېلىنىۋاتقان بىخەتەر ۋەزىيەت ، تېخى تالىبان ھاكىمىيەت يۈگۈزۈۋاتقان چاغدىكىگە يەتمەيدۇ دېيىشمەكتە . بۇ ، ئامېرىكا ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ھەمدە ئاففانستان ھۆكۈمىتىگە نىسبەتەن ئوخشاشلا بىر خىل بېسىم ھېسابلىنىدۇ . تالىبان قاتارلىق ھۆكۈمەتكە قارشى قوراللىق كۈچلەرنى ئەيىبلەش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، بىرلەشمە ئارمىيەنىڭ ئاففانىستاندىكى ئالىي ھەربىي ئەمەلدارى شۇنى ئېتىراپ قىلماي تۇرالمىدىكى ، ھەر بىر ئاففانىستانلىقنىڭ ئۆلۈش–يارىلىنىش بىرلەشمە ئارمىيەگە نىسبەتەن بىر خىل زىيان بولۇپ ، پەقەت ئاھالىلەرنىڭ بىخەتەرلىكى كاپالەتكە ئېرىشكەن ئالدىنقى شەرت ئاستىدىلا بۇ بىر مەيدان ئۇرۇش ‹‹ ھەققانىيلىقىدىن›› ئايرىلىپ قالمايدۇ .مەنبە:تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى
[ بۇ يازما ئۇيغۇرۇم007 تەرپىدىن 2010-08-14 05:09 PM ]
 |