ئەگەر سىز كىتىۋېتىپ يولدىن ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك تېپىۋالسىڭىز ھەمدە بۇ ئۈزۈكنى ساختا دەپ قارىسىڭىز ئۇنى قانداق قىلىسىز؟ بەلكىم بەزىڭلار تاشلىۋىتىمەن ، بەزىڭلار ساختا بولسىمۇ ساقلاپ قويىمەن ، يەنە بەزىڭلار باھالىتىپ بېقىپ ئاندىن بىر تەرەپ قىلىمەن دىيىشىڭلار مۇمكىن .
So'.QWzX بۈگۈن مەن مەركىزى تىلىۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ 1 - يۈرۈش قانىلىدا مۇشۇنىڭغا ئائىت بىر پىروگىراممىنى كۈرۈپ قالدىم ۋە تورداشلىرىم بىلەن ئورتاقلىشىش مەقسىدىدە بۇيەرگە سۇندۇم .
`+"(GaZ جاۋ خانقىز يىگىتى ئۇنىڭغا توي قىلىش تەكلىپىنى قۇيۇپ ئۇنىڭغا 46 مىڭ يۈۋەن قىممىتىدىكى بىر دانە ئالماس كۆزلۈك ئۈزۈك ئېلىپ بىرىدۇ. بىراق ئۇلار مەلۇم بىر كۈنى بازارغا چىقىپ جاۋ خانقىز بىر پەردازخانىغا كىرىپ ئۇ يەردە ئۈزۈكنى قولىدىن ئېلىپ يانچۇقىغا سېلىپ قۇيىدۇ . ئۇلار پەردازخانىدىن چىقىپ ئاشخانىغا تاماق يىيىش ئۈچۈن كىلىپ ئۇيەر دە ئۈزىكىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ دە ، دەرھال ساقچىغا مەلۇم قلىدۇ ، ساقچىلار پەردازخانا بىلەن ھېلىقى ئاشخانا ئارلىقىدىكى يول تىلكامىراسى ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ھېلىقى ئاشخانا ئەتىراپىدىكى بىر ماشىنا توختىتىش مەيدانىغا ماشىنىسىنى توختاتقانلىقى ۋە ئارقىدىنلا بىر يىگىتنىڭ بىر قىز بىلەن ئۇلارنىڭ ماشىنا قويغان يەردىن بىر نەرسىنى ئېلىپ يانچۇقىغا سېلىپ كەتكەنلىكىنى بايقايدۇ . لىكىن تىلكامىرا يىراق بولغاچقا ئۇلارنىڭ چىرايىنى ئېنىق كۆرگىلى بولمىغان ۋە يەردىن تېپىۋالغان نەرسىنىڭ ھېلىقى ئۈزۈك ئىكەنلىكىگە ھۆكۈم قىلغىلى بولمىغان شۇنىڭ بىلەن ئۇلار ئۇ يىگىتنىڭ ماڭغان يۈنىلىشى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ ماشىنا توختىتىش مەيدانى يېنىدىكى مەلۇم بانكىنىڭ تىلكامىراسىدىن شۇ يىگىتنىڭ تەقى تۇرقىغا ئوخشايدىغان بىرىنىڭ پۇل مۇئامىلىسى قىلىپ چىقىقانلىقىنى بايقاپ دەرھال ئۇنىڭ بىلەن ئالاقىلاشقان ۋە ئالاقىلىشىش ئارقىلىق بۇ يىگىتنىڭ قىز دوستى بىلەن ماشىنا توختىتىش مەيدانىدىن ئۈتۈپ كىتىۋاتقاچ بىر ماشىنىنىڭ يېنىدىن بىر دانە ئۈزۈك تېپىۋالغانلىقىنى ۋە بانكىغا كىرىدىغان مۇھىم ئىشى بولغاچقا ئۈزۈكنى سومكىسغا سېلىپ قۇيۇپ بانكىغا كىرىپ چىققانلىقىنى، بانكىدىن چىقىپ يول بۇيىغا كەلگەندە قىز دوستىنىڭ ئۈزۈكنى كۈرۈپ بېقىشنى ئېيتقاندا ئۇلار ئۈزۈكنى كۈرۈپ يىگىت ئۇنى ساختىكەن دەپ ئۇنى تاشلىۋاتكەنلىكىنى ئېيتىدۇ. ئۈزۈكىنىڭ تېپىلغانلىقىدىن خوش بولغان جاۋا خانقىز يەنە ئۈزۈكنى تاشلىۋاتكەننى ئاڭلاپ بۇ يىگىتنىڭ ئۈستىدىن ئەرىز قىلغان . سوت مەھكىمىسى قاراپ چىقىش ئارقىلىق ھېلىقى يىگىتكە ئۈزۈكنىڭ ئەسلى باھاسى بۇيىنچە 46 مىڭ يۈەننى تۈلەشنى بۇيرىغان .
d6YXITL)\> بۇنىڭدىن كۈرۈۋېلىشقا بۇلۇدىكى سز ئۈچۈن مۇھىم ئەمەس ۋە ساختا دەپ قارالغان نەرسىلەر باشقىلار ئۈچۈن ۋە شۇ نەرسىنىڭ ئىگىسى ئۈچۈن ئۇ بىر بىباھا ياكى ناھايتى ئەھمىيەتكە ئىگە قىممەتلىك نەرسە دەپ قارىلىدۇ. مەيلى ئۇ نەرسە ساختا بولسۇن ياكى ئەرزىمەس بىر نەرسە بولسۇن قانۇنداق تېپىۋالغان نەرسىنى ساقلاپ قۇيۇش ماددىسى باركەن ئەگەر ئۇنداق بولمىسا ھېلىقى يىگىتتەك ئۇرۇنسىزلا 46 مىڭ يۈەننىڭ بېشىغا سۇ قۇيىدىغان گەپكەن .
[ بۇ يازما Tughrul تەرپىدىن 2010-08-14 06:04 PM دە ق ]
 |